ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 37قەۋەت munchaq كە 2011-11-18 10:42 AMئەۋەتىلدى :
بىر چاغدا مەن كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ يانفون گېزىتىنى ئاچقۇزۇپ قويۇپ توختىتالماي بەك ئاۋارە بولغانتىم . سىز ئاچقۇزۇپ قويدىڭىزما بولدى ، بىر يىل ئاپتوماتىكلا توختاملىق بولۇپ كېتىسىز ، بۇلار ھىچقاچان ئىشلەتكۈچى خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ باققان ئەمەس . پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئويلايدۇ . توختىتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز مۆمكىن ئەمەسلا دەيدۇ .
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يانفون گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرى تىلىۋىزوردىكى ھەممىنى ماختايدىغان خەۋەرلەردىن پەرقى يوق . قانداقتۇر دېھقانلارنىڭ باي بولۇپ ئېسل ماشىنىلارنى ھايداپ كەتكىنى دىگەندەك.
مۇنچاق ئىسىملىك تورداشنىڭ يۇقارقى ئىنكاسىدىن بىزدىكى بەزىبىر ئومۇمىيلىق خاراكتىرىنى ئالغان كەمچىللىكلەرنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدىكەن.
munchaq نىڭ ئىنكاسى : بىر چاغدا مەن كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ يانفون گېزىتىنى ئاچقۇزۇپ قويۇپ توختىتالماي بەك ئاۋارە بولغانتىم . سىز ئاچقۇزۇپ قويدىڭىزما بولدى ، بىر يىل ئاپتوماتىكلا توختاملىق بولۇپ كېتىسىز ، بۇلار ھىچقاچان ئىشلەتكۈچى خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ باققان ئەمەس . پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئويلايدۇ . توختىتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز مۆمكىن ئەمەسلا دەيدۇ .
باشقىلاردىن قاقشاش ، زاماندىن زارلىنىش ، قارىسىغا ھۆكۈم چىقىرىش . كۆرەلمەسلىك. |
بۇ خىل خاراكتىرنىڭ بىزدە ئەنئەنىگە ئايلانغىنىغا خىلى ئۇزۇن بولدى. ئۆزىمىز بىر ئىش قىلمايمىز ، باشقىلار بىز قىلمىغان بىر يېڭى ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرسە ئۇنىڭدىن قۇسۇر تېپىشقا،تىگىنى كولاشقا ئارانلا تۇرىمىز . خۇددى ئۇلار بىزنى قاقتى - سوقتى قىلىدىغاندەك ئۇلاردىن خەۋپسىرەيمىز . ئامال بار ئۇلارنى بۆشىكىدىلا ئۇجۇقتىرىۋىتىشكە ئالدىراپ، ساراسىمگە چۈشىمىز . ئەمما ، ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك پەسكەش ئورۇنغا چۈشۈپ قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ قويمايمىز.
munchaqنىڭ ئىنكاسى:ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يانفون گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرى تىلىۋىزوردىكى ھەممىنى ماختايدىغان خەۋەرلەردىن پەرقى يوق . قانداقتۇر دېھقانلارنىڭ باي بولۇپ ئېسل ماشىنىلارنى ھايداپ كەتكىنى دىگەندەك |
|
.
بۇ ئىنكاستىنمۇ ،ئۆيىنىڭ سىرتىغا چىقىپ باقماي تۇرۇپ،ئىشلارغا كونا ئەندىزە بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان تولىمۇ قالاق ،پاسسىپ ئىددىيەنىڭ سېسىق پۇرىقىنى ھىس قىلالايمىز . ھازىر كۆپ سالماقنى ئىگىلىمىسىمۇ ئەمما ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە زامانغا ماس ئىددىيەسى بىلەن بېيىغان دېھقانلىرىمىز ۋە كارخانىچى بايلىرىمىز بارلىققا كېلىۋاتىدۇ . بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ مۈشۈكتەك كۆزىمىزنى يۇمىۋالساق بولمايدۇدە ئەلۋەتتە. باي بولۇپ ماشىنا ھەيدىسە بىزگە نېمە يامىنى . ئۆزىمىز ھەيدىيەلمەي ،زەيلەپ كەتكەن تامدەك قوپماي ئولتۇرىۋىلىپ،كىملەرنىڭدۇر باي بولۇپ كەتكىنىنى كۆرەلمەي،ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلىپ ئولتۇرىۋەرمەي ئازراق مىدىرلاپ باقايلى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى پاسسىپ ئىددىيەرىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ،پۇل تاپايلى،يول تاپايلى، يېڭىلىق يارىتىشقا ئۇرۇنۇپ باقايلى.ئۇنداق قىلالمىساقمۇ ، باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قوللاپ ، مەدەت بېرىپ قويايلى.