مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توخار

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىتتىپاقلىقنىڭ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67527
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2011-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:41:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمزا قويۇپ قوياي، ۋاقىت چىقىرىپ تەپسىلى ئوقامەن

ئېشەك جېنىدا بىر پاتقاققا ئىككىنجى دەسسىمەيدۇ ... ئەمما بەزى نادان مىللەت ھەرقېتىم دەسسەپ ئۆتىدۇ ...

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29074
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:43:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەھمەدشاھ قاراقاشى
مەشھۇر ساترىك شائىر ئەھمەد شاھ قاراقاشى < مىلادىيە1740-1828يىللار > ئۆزىنىڭ <نەزەر مۇپتىغا خەت> ،(ئات ھەققىدە مۇخەممەس ) ،(يامان ئات قىسسىسى)قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى شۆھرەتلىك سېيماغا ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ھەجۋىيات (ساتىرا ) ژانىرىنىڭ ئاتىسىغا ئايلاندى . ئۇ ، بەزىدە نەچچە مىڭ پارچە ئەسەر يېزىپ خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ھەقىقى ئورۇن ئالغىلى بولمىسىمۇ ،ئەڭ ياخشى ئەسەردىن بىرنى يېزىپ تىللاردا داستان بولغىلى بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى يازغۇچى -شائىرلىرىمىزغا تونۇتتى ، بىزگە بىرقەدەرتولۇقى بىلەن يېتىپ كەلگەن ئەسىرى <نەزەر مۇپتىغا خەت > ئارقىلىق خەلق قەلبىدە ئۆزىنىڭ مەنىۋى ھەيكىلىنى تىكلىدى . ئۇنىڭ ساتىرا ژانىرىغا سېلىپ بەرگەن ئۇرۇقى كۈنسېرى مول ھوسۇل بەردى ...


دۇئايى بىئەدەد، خاجە، نەزەر مۇفتىمغە ئەلبەتتە،
تەھىيياتۇ سەلامىم ئانچۇنان ئاھۇ نەدامەتتا،
ۋىسال ئولغاي دۇئا بىرلەن سەلامىم ياخشى سائەتتە،
سېنى ياد ئەيلەگۈم ھەركۈن سەھەرلەردە ئىبادەتتە،

كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە.

ساڭا نامە يازدىم، نا مۇناسىپ لەفزدىن ، ئەي يار،
بىھەمدۇللا، تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلەدىم ئىزھار،
بىلىشنى ئىستەسەڭ، مۇندا شۈكۈركىم، بىز ئەمەس بىمار،
تېنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ، ئاندا نەھالىڭ بار،
مۇشەققەتلىكمۇ سەن، يا ئۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ فەراغەتتە.

قارىيلىق ھالىدىن سورىسام، يېتىشتى نەچچىگە ياشىڭ،
سېنىڭ ھالا بۇ كۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ،

ئايال، ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ، يەنە قەۋمۇ-قېرىنداشىڭ،
نېچۈكدۇر ئىشتىھايىڭ ھەم، سىڭەمدۇر ئابىيۇ ئاشىڭ،

مىزاجىڭ خوب، چىرايىڭ تازەمۇ ھۆسنۇ مالاھەتتە؟

ئىشىتكىل، ئەي رەفىقا، سۆزنى ئەھمەدشاھ قاراقاشتىن،
بايان ئەيلەيكى ھالىمنى ساڭا ئەمدى يېڭىۋاشتىن،

ئەقىدەم بار ئىدى شۇنچە يەقىن تۇغقان قېرىنداشتىن،
سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قارا تاشتىن،
كۆرۈپمەن، بىلگەنىم يوق مەن ئۇنى ئەينى زەرۇرەتتە.

سېنى مەن دوستۇ يارىم دەپ ، كۆڭلۈمدە ئىئتىقات ئەتكەچ،
مۇھەببەت رىشتەسىدىن ھەر زەمان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ، ,
سىفاتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىغە ، ياد ئەتكەچ،

ئىبەردىم ساڭا ئاتمىش تەڭگەنى، كۆپ ئىئتىماد ئەتكەچ،
ئىبەرگەيمۇ دەبان بىر ياخشى ئات، ئۆتتۈم خىيالەتتە.  

پۇلۇمنى توختاتىپ بىر يىل، ئىبەرىبسەن ماڭا بىر ئات،
ئېشەكچە يوقتۇر رەفتارى، بۇ ئاتنىڭ ھەر نەفىئلى يات،
كى يولدا توختىۋالدى قامچە بىرلەن ئۇرماسام پات-پات،
كۇلا، ئارغامچەنى ئۈزدى، قوزۇققا باغلاسام قات-قات،
ئۇلاپ ئارغامچەنى ھاردىم ، كۈنى قالدىم ھالاكەتتە.

بايان ئەيلەي يەنە بىر-بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيىبىنى ، ئاڭقا،
قىڭغىر قۇيرۇق، سىڭا سۆڭگەچ، پۇتى مايماق، بويى لاڭقا،
بىر تەپكەك، بىرى مۆڭگەك، بۇ ئەيىبلەر ئۈستىگە ماڭقا،

ساماندەك بەش كۆشۈك يەپ، ھەر قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،
تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەت ئىچرە بىر ئات بۇ قىيافەتتە.

مىنىپ چىقسام ئالىپ ئۇردى، يىقىلدىم، نەچچە كۈن ياتتىم،
قويۇپ بەرسەم، بۇزۇپ باغنى، ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم،

سۇغارغاندا قاچىپ سۆدرەپ، ئاران ھارغاندا توختاتتىم،
تىگىشتىم ئۇي بىلەن بەش-ئالتە نەۋبەت، ئون قاتىم ساتتىم،

قىلىپ دەئۋا كېلىۋەردى، ماڭا ياندى شەرىئەتتە.

ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام، تۈزۈك يۈگرۈپ چاپمايدۇ،
ۋەيا ئۇ ھارۋىسى بىلەن بارابەرمۇ ماڭالمايدۇ،
مۇبادا توختاپ ئالغاندا ئۇرۇپ قويسا چىچاڭلايدۇ،
مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بېرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ،

خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كاسافەتتە.


ئۇرۇپ مىڭ تەستە چاپتۇرسام، سوكۇلدايدۇ ئېشەك ئوخشاش،

قوساق سانجىق بىلەن ئاغرىپ، كېتەر گويا زىڭىلداپ باش،
يەنە بىر ئەيىبى شولدۇر، چىرقىراپ سەت، يولدا تاپتوختاش،
زېرىكمەي مىنسە ، بىر سائەت بېرەلمەس ھېچ كىشى بەرداش،

شەھەر-يېزا ئارا قىلغان سەفەر، سەيلە-ساياھەتتە.

زەرۇرەتتىن مىنىپ، دوستلار بىلەن بارسامكى بىر سارى،
بولالماي چۈشكەچە، ئاش ۋاقتىلىق يەرگە بارىب ھاردى،

كېيىن قالسدى ئېشەكتىن، ناگاھان ئۇي بىرلە تەڭ باردى،
پاتىققە بى پاتىپ ئالسا، كۆتەرسە قوپماغاي زادى،
قايان بارسام بۇ ئات بىرلەن قالىپدۇرمەن فەلاكەتتە.


ئارىقنى كۆرسە ياندى ئارقاسىغە، ئۆتمەدى ئاتلاپ،
ئەگەر يولغە كىرىپ ئالسا مەگەركىم، ھارمادى قاتراپ،
غۇلاپ بوينىغە تۈشتۈم، قاتارغاننىڭ زەبتىدىن ساچراپ،

ئىچىم سانجىق بىلەن تولدى، قوۋۇرغام بەنتىدىن ئاجراپ،
ساقايدىم ھەر زامان پارپى بىلەن مەئجۇنى شەربەتتە.

بوغۇز يېسە باسىب يېدى تولا ئىخلاس بىلەن چايناپ،
خورازدىن قىزغانىپ پۇرقۇپ، تېپىشلەپ پۇتلىرى ئويناپ،
ساۋۇتقاندا تۇرار مۈگدەپ، كۆزىدىن ھەم چافاق قايناپ،

كى باشى ساڭگىلار يەرگە ، چىۋىنلەر بەستىنى قاپلاپ،
قايۇ بىر جانغە خۇش كەلگەي سىياقى بۇ لاياقەتتە؟


بۇ ئاتقا ئىستەسە، ئالەمدە بىر ئوخشاشنى تاپماسلار،
يىقىلسا نەگەھان سۇدرەپ، تېپىپ-ئۇرماسا قوپماسلار،
زورىدىن بىر يۈگۈرسۇن دەپمۇ ھەر نە قىلسا، چاپماسلار،
سەلاملاشسام، تۇرۇپ ئالىپ، تاياقسىز زادى ماڭماسلار،
دەرىخا، قالماسۇنلار يولدا ھېچكىم ئۇشبۇ ھالەتتە.

تېپىپ قاشىغە كەلتۈرمەس كىشىلەرنى ، يەقىن بارسا،
تۇيۇقسىزلا مۆڭۈپ قاچقاي، بىرەر شەپە تۇيۇپ قالسا،
ساچىپ رەسۋا قىلار ئوت-چۆپ، ساماننى ئالدىغا سالسا،
ئوقۇر ئۆرۈيدۇ ھەر كۈندە ئېغىل ئىچرە ئورۇن ئالسا،
بۇ ئاتتىن بەك زېرىكتىم مەن باقىپ بىچاغ بىتاقەتتە.

ئېغىلنى توختىماي بۇزدى، ئىشىكنى كۆپ قاتىم چاقتى،
بوغۇپ تەخەينى ئۆلتۈردى، موزاينىڭ ھەم خۇنى ئاقتى،

قاچىپ كەتسە تۇتۇق بەرمەي، تالاي كۈن باشقىلار باقتى،
تۆلەپ ھەق ھارمادىم مەنمۇ، ھايات ھەركىمگە خۇش ياقتى،
تالافەتتىن بۆلەكنى كۆرمەدىم، قايغۇ-نەدامەتتە.

بوشاپ چىقسام تالاغا، توختاماي سەكرەپ چىچاڭلايدۇ،
كىرەر بولسا چەمەننى چەيلەبان، بوستاننى چاڭلايدۇ،
كىشىنى كۆرسە كىشنەپ، كەلسە چىشلەپ، تېخى قوغلايدۇ،
قاپاقۇ كۆزىنى چەيلەپ، چۆگۈننى ئۆرە قويمايدۇ،
بالا-ئۇششاقلىرىم بۇ ئات بىلەن ھەردەم ئاداۋەتتە.

بۇزۇپ ئەلفازىنى بىر كۈن قاچىپ بىر مەلىگە يەتتى،
كى قوغۇنلۇققا كىردى، ئىشتىھا بىرلە غاجاپ كەتتى،
جامائەت ئاۋلاشىپ شۇدەم ئاغىز-بۇرنۇمنى قان ئەتتى،
بەدەل بەردىم تاغار ئاشلىق، قورساقنى دەرد-ئەلەم ئەستى،
بۇ ئات بىرلەن قالىبدۇرمەن ھەمىشە كۆپ مالامەتتە.

مېنى زاڭلىق ئېتىشتى خەلق، بۇ ئات ئەھۋالى كۆپ تارقاپ،
ئالىپ چىقماسقا بەند قىلدىم، ئۇنى تۈۋرۈككە باغلاپ،
قوماردى - يۇلدى تۈۋرۈكنى، كېچە كىرسەم مۆڭۈپ قۇتراپ،
كەسافەتنى ئېغىل باسقاچ توكۇر بولدى پۇتى ئاقساپ،
دېدىم مەن: ئۆلسەمۇ ئۆلسۇن، خۇدا قىلغان ئىرادەتتە.

ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىم قانچە قاشىمغە ئات سوراپ كەلدى،
بۇ ئاتنىڭ ئەسلى خۇي-پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى،
باھانە ئەيلىسەم نەچچە، ئۇلار يامان قاراپ كەلدى،
ئىلاجىم يوق بېرىپ ئەردىم، مىنەلمەي ياندۇرۇپ كەلدى،
بۇ جانىم چىققالى تۇردى كۈنى يۈزمىڭ خىجالەتتە.

ئىبەرگەن بۇ ئاتىڭغە ھېچ كىشى بىر يول قاراپ باقماس،

قەلەندەر بىرلە ھابدالدىن بۆلەكلەرگە غولى ياقماس،
كۆتەرىپ گەز بويى ھېچ ئات ساغىرنى ئۇشبۇ رەڭ چاقماس،
كىشكىم ئات بەلاسىدىن بۇ يەڭلىغ بىھىساب قورقماس،

ئالىشتىم، غەم بىلەن قايغۇ باسىپ تائەت-ئىبادەتتە.

تولا ھەيدەۋېتىپ باقتىم، سوراپ-ئىستەپ ئېلىپ كەلدى،

يېدى ئات ئاشلىقىمنى دەپ نەچە نەۋبەت زىيان سالدى،
زىياننى بەرمەسەم، ھەيدەپ كېتىپ ، ئۈچ كۈن سولاپ سالدى،

يىغىپ يۇرت خەلقىنى، ئالدى زىياننى، ئات ماڭا قالدى،
خالايىق ئىچرە قالمىشتۇر باشىم ئانداغ شىكايەتتە.

قۇتۇلسام ئۇشبۇ ئاتتىن دەپ خەرىدارىنى ئاختاردىم،
بېدىكنى ھەرقاچان كۆرسەم، سۈچۈك تىل بىرلە يالباردىم،
قارى ھالىم بىلەن قاتراپ ئۆيىگە كۆپ مېڭىپ ھاردىم،
يېيىشلىك ھەم كۈچى بار دەپ ئانى مەن ئانچە ماختادىم،
بازاردا يەتمەدى ئالغان پۇلۇمغا بۇ سەلاھەتتە.


ساتالمايىن بۇ ئاتنى مەن، سالىپ ھەر ھەفتە بازارى،
بۇ ئاتنىڭ ئەپتىدىن قورقۇپ يەقىن كەلمەس خەرىدارى،
يامانلىق شۆھرەتى بولدى خوتەن بازارىدا جارى،
بىراۋ كۆرسە ئانى، قاچتى، ئالىب بارغىل دەبان نارى،
نېتەيكىم، مەن بۇ كۈن دوست-يار ئارا چەندان مالامەتتە.

بىزار بولغاچ تولا، كۈن-كۈن يەنە بازارغا ئەپ چىقتىم،

تىلەگەنگە ساتايىن دەپ، بۇ سۆزنى ئۆيدە دەپ چىقتىم،
ياپىپ جۇل ھەم يەنە ئوبدان ئىگەر ئۈستىگە سەپ چىقتىم،
ساتىلماي قالماغىيدى دەپ تۈمەنمىڭ غەمنى يەپ چىقتىم،
نەدامەت ئەيلەبان، قالدىم ئەجەپ بىچاغ زەلالەتتە.

كى ئاندىن ئىككى ئاي باقتىم پىچانغە روزۇ شەب باغلاپ،
سىلاپ جىسمىنى مەن ھەركۈندە كۈنجۈت ياغىدا ياغلاپ،
بوغۇزنى قايناتىپ بەردىم، يېدى ھەر چاغ ئۆزى چاغلاپ،
بېدىكلەر ئولىشىپ يالغاننى ئايتىپ، ئانچۇنان داملاپ،
ئەخىر ساتتىم نېسىغە، بىر قەلەندەر ئالدى مۆھلەتتە.

شىكايەتكە ئاغىز ئاچسام ئارام ئالماي قىلارمەن داد،
قۇتۇلدۇم ئۇشبۇ ئاتتىن، بولدى كۆڭلۈم قايغۇدىن ئازاد،

سۇنۇپ پۇت-قولىنى ياتقۇم ئەمدى راست رۇھى رەۋانىم شاد،
نەزەرلەردىن ھەزەرلەر ئەيلەمەككە مىڭ قەسەملەر ياد،

كى ئۆمرۈم ئۆتكۈسى دوستۇ يارانلارغە ساداقەتتە.

تۈشۈبدۇر ئاسماندى ئون تۇلۇمدا لاف بىلەن يالغان،

جەمئىي ئالەمغە بىر ھەسسە، دۇلانغا توققۇزى قالغان،
سەھىھ يالغان ئەمەسمۇ ئاتنى ئاتمىش تەڭگىگە ئالغان،
بۇ ئاتمىش تەڭگەدىن تەھقىقكى ئوتتۇز تەڭگەنى سالغان،
غەنى بولغان ئىكەنسەن ئەسلىدىن شۇنداغ خىيانەتتە.

ئۆزۈڭ موللا ، بىرادەر، بىنەھايەت نەفىسىڭ غالىپ،
چىرايىڭ خوپ سەلافەتلىك ، بىلۇرمەنكىم دىلىڭ قالىب،

بولۇپدۇرسەن بارىپ ئاندا كىشىنىڭ ھەققىگە تالىب،
كۈنۈڭ ئوبدانمىدۇر، ئەي يار، مېنىڭ ھەققىمنى ئەپ قالىپ،
كەچۈرۈپ روزىغارىڭنى يۈرۈپسەنمۇ ھەلاۋەتتە؟

سېنى مۇپتى دېگەن بىرلەن، تۈزۈك ئانچە ساۋادىڭ يوق،
سېنىڭ ھەق بىرلە ناھەقنى بىلىش چاغلىق ئىمانىڭ يوق،
ساداقەت يارۇ دوستلارغە ئۇمىدۇ ئىئتىقادىڭ يوق،
قارىنداش، ئەلگە، تۇغقانغە تارىغچە ئىئتىمادىڭ يوق، .
ئىشەنگەي كىم ساڭا ئەمدى، بەرادەر، ئۇشبۇ ھالەتتە؟

نامۇس قىل خەلق-ئالەمدىنكى، سالىمسەن، ئەمەس بىمار،
خىيانەتلىك قىلىپ شۇنچە، خىجىللىق ئەيلەمەك دەركار،

مېنىڭ ھەققىمنى يەپسەن، خەير، يېمەگەىل ئۆزگەنىڭ زىنھار،

كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ ، مىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭ بىكار،
سەئىي بىرلە تۈنۇ كۈن ئۇخلاماي تۇرساڭمۇ تائەتتە.

ماڭا ئول ئات ئۈچۈن دائىم ئۆيۈمدە كۆپ مەلامەتتۇر،

يېمەك بىر ئاتتا ئوتتۇز تەڭگەنى خىيانەتتۇر،
يەقىنلاشقاچ قىيامەت، بەد نىيەتلىك ئەلامەتتۇر، ,
مېنىڭ قالغان پۇلۇم بىر نەچچە كۈن سەندە ئامانەتتۇر،
بېرەدۇرسەن ئۇنى تاڭلا روزى قىيامەتتە.

تاشاخۇنۇم ئۆز زامانىسىنىڭ دىنىي ئالىمى بۇلۇپلا قالماستىن،بەلكى خېلى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەننىي بىلىمگە ئىگە ئاسترونومىيە تەتقىقاتچىسى ئىدى.
تاشاخۇنۇم باشتىن-ئاخىر دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ،ئەڭ يۇقىرى دىنىي بىلىم يۇرتىغىچە ئوقۇغان كىشى ئىدى.ئۇ پارس،ئەرەب،ئوردۇ تىل يېزىقى،چاغىتاي تىل يېزىقى،كونا تۈرك يېزىقى ۋە قازان(تاتار)تىلى يېزىقىنى پىششىق ئۆگەنگەنىدى.ئۇ دىننىي بىلىم يۇرتى -خانلىق مەدرىسىدە ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا،ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە)گە قىزىققان.بىر مەزگىل ئىلمىي نۇجۇم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا سودا قىلغان مەزگىلىدە ئىلمىي نۇجۇمغا ئائىت كۆپ خىل كىتاب-ماتىرىياللارنى سېتىۋىلىپ ئوقۇغان.ئاشۇ چاغلاردا بەزى رەسەتخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.شۇ كۈنلەردە تاتار تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئاسترونومىيە ئالىمى گالىلىينىڭ ئاسترونومىيە تەلىماتىنى ئوقۇغان.شۇنىڭ بىلەن پارس ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان ئاسترونومىيە ئىلمى بىلەن گالىلىي تەلىماتىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان.
ئۇنىڭ تەتقىقات ئورنى ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان كونا كىتابخانا بۇلۇپ،كىتابخانا ئۆيىنىڭ 36تەكچىسىگە كىتاب تىزىلغانىكەن.بۇنىڭ كۆپ ساندىكىسى دىنىي كىتاب بولغاندىن سىرت،يەنە دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭى ئىلىم پەن-تېخنىكىسىغا ئائىت پەننىي كىتاب ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۇقىرىدىكى تىللاردا چىقىدىغان ھەرخىل پەننىي كىتاب ۋە گېزىت -ژۇرناللارمۇ بار ئىكەن.كېيىن تاشاخۇنۇم قەشقەر شەھىرىدىكى ئۆيىدە زامانىۋى بىر كىتابخانا سالغان.ئۇمۇ ئاتۇشنىڭكىگە ئوخشاش بۇلۇپ،كىتابخانا ئۆيىنىڭ تۆت تېمى توققۇزدىن 36تەكچە پۈتكەن.بۇ كىتابخانىمۇ ھەرخىل كىتابلار،ئوخشاش بىلىم ئۈستىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە ھەرخىل تەتقىقاتلار بايان قىلىنغان ھەرخىل مەجمۇئەلەر بىلەن تولغان ئىكەن.تاشاخۇنۇم كۈندۈزى تىجارەت ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسا،كېچىسى كىتاب ئوقۇش ۋە ئاسترونومىيە تەتقىقاتى قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان.كېچىسى يۇلتۇزلارنى كۆزىتىپ تاڭ ئاتقۇزغان.تاشاخۇنۇمنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئاياللىرى تاشاخۇنۇمنى ئىلىم كۆتۈرۈپ كېتىپتۇ.*(كۆپ ئۆگىنىپ مېڭىسىدىن ئاجراپتۇ،دېمەكچى)كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرىدۇ،دېيىشكەن.بۇ گەپنى ئاڭلىغان كىشىلەردىن،تاشاخۇنۇم ساراڭ بۇلۇپتۇ،كېچىسى چىرايلىق خۇتۇنلىرىنىڭ يېنىدا ياتماي ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇز سانايدىكەن،دېيىشىپ كېچىسى تاشاخۇنۇمنى ماراپ تاماشا قىلدىغانلارمۇ بۇلۇپتۇ،ئەمەلىيەتتە كۈندۈزلىرى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ساراڭلارغا خاس ئالامەت كۆرۈلمەيدىكەن.
ئۇزاق ئۆتمەي تاشاخۇنۇم تەبىئەت ئۆزگىرىشىدىن مەلۇمات بېرىپ،قار-يامغۇر،بوران،ئاي-كۈن تۇتۇلۇش،قۇرغاقچىلىق قاتارلىق توغۇرسىدا سۆزلەپ،جامائەتكە :يامغۇر تىلەپ زاراخەتمە ئۆتكۈزمىسەڭلارمۇ بولىدۇ.*(مۇسۇلمانلار قۇرغاقچىلىق بولغاندا،پۈتۈن يۇرت خەلقى بىر يەرگە توپلىشىپ نەزىر قىلىپ يامغۇر تىلەيدۇ)...ئاينىڭ ...كۈنى،ئەڭ كېيىن قالغاندىمۇ...كۈنى يامغۇر ياغىدۇ.ئېرىق ئۆستەڭلارنى تازىلاپ سۇ تۇتۇشقا تەييارلىق كۆرۈڭلار،دەيدۇ.نەتىجىدە دەل تاشاخۇنۇم دېگەن كۈنى يۇرتتا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن خەلق تاشاخۇنۇم يادىچى*ئىكەن دېيىشىدۇ.(يادىچى-ئايەت ئوقۇپ يامغۇر ياغدۇرغىچى)ئەمەلىيەتتە:تاشاخۇنۇم يەرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى پىششىق ئۆگەنگەندىن كېيىن،يەتتە يىللىق كۈندىلىك ھاۋا ئۆزگىرىشى،يامغۇر،بوران،ئاي-كۈن تۇتۇلۇش قاتارلىق ئىشلارنى خاتىرلەپ ماڭغان.ئۇنىڭ خاتىرلىشىچە،يەتتە يىللىق خاتىرە ھېسابىدا ھەربىر يىلنىڭ ئاي-كۈن،سائەت،مىنۇتىغىچە يۈز بەرگەن يامغۇر،قار ۋە باشقا ئۆزگىرىشلەر 7،6،5،4،3،2-يىلىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بەرگەن.ئىلگىرى -كېيىن بۇلۇپ قېلىشى ۋاقىتنى خاتا ھېسابلاشتىن بولغان.(يوقۇردا بايان قىلىنغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگۈچى ئاتۇش قاپراغلىق ئابدۇغۇپۇر داموللام).
ئېيتىشلارغا قارىغاندا،تاشاخۇنۇم يەتتە چەمبىرەك سىزىپ ھەربىر چەمبىرەككە 360(365)كۈننى چۈشۈرۈپ ھەبىر كۈنلۈك ۋەقەنى بىر-بىرىگە ئۇدۇل قىلغان(توغرا چىقمىغان چەمبىرەكلەر ھېساباتى ئايرىم بۇلۇپ،قايتا ھېساب قىلغانىكەن).
تاشاخۇنۇم1927-يىلى قەشقەردىن غۇلجىغا چىقىپ كېتىش ۋاقتىدا ئاتۇش ۋاقۋاق ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى كۇتۇپخانا،رەسەتخانا،تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشىگىگە تام ئىشكابى ئورنىتىپ ئېتىۋەتكەن،1934-يىلى شىڭ شىسەينىڭ تەكشۈرۈپ،مۇسادىرە قىلىشى ۋاقتىدا بۇ ئۆي ئاشكارلىنىپ،قەشقەر ساقچى ئىدارىسى بۇ ئۆيدىكى ماتىرياللار ۋە باشقا مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلغانىكەن. hWy@?r.
ئىگىلىنىشىمىزچە تاشاخۇنۇم ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى سۇ ئىلمىنى ياخشى بىلدىكەن.بۇ ئىلىم چوڭ دادىسى ئابدۇرىشىت مىراب ئاخۇندىن قالغان مىراس ئىكەن
ئابدۇرېشىت ئاخۇن ئۇزۇن يىل ئاتۇشقا مىراب،دوپ بېگى بولغان بۇلۇپ،تاغلىق رايۇن ياكى ئېگىز -پەس ئېتىزلارغا سۇ چىقىرىش بىلىمىنى كىتاب قىپ يازغان،ئابدۇرىشىت مىراب ئۈستۈن ئاتۇش،ئاستىن ئاتۇش ۋە بەشكېرەم قاتارلىق ئۈچ يېزىنڭ سۇ دەۋاسىنى ھەل قىلغان ۋە سۇ ئىشلىرىنى ئادىل باشقۇرغانىكەن.ئۆزى باشقۇرغان سۇ تەقسىماتى،ئۆستەڭ قۇرۇلىشى قاتارلىقلار ئۈستىدىن خاتىرە قالدۇرغانىكەن. {'M<dI$
ئارىدىن 60يىللار ئۆتكەندە بۇ ئۈچ يېزا*ئوتتۇرسىدا سۇ دەۋاسى باشلىنىدۇ.(40-يىلىدىن ئىلگىرى ئۈستۈن ئاتۇش ۋە بەشكېرەم قەشقەرگە قاراشلىق يېزا،ئاستىن ئاتۇش پەيزىۋاتقا قاراشلىق يېزا ئىدى.1938-يىلى ئاخىر ئاتۇش يېرىم ناھىيە ۋە 1940-يىلى رەسمىي ناھىيە بۇلۇپ ئاستىن ئاتۇش بىلەن ئۈستۈن ئاتۇش بۇ ناھىيىگە تەۋە بولغان)ئەسلىدە بۇ ئۈچ يېزىنىڭ سۈيى چاقماق دەرياسىدىن كېلىدىغان بۇلۇپ،سۇ يولى تەبىي ساي ئېقىنى ئىكەن.تارىختا بۇ يەرلەردە ئادەم ۋە تېرىلغۇ يەر ئاز،سۇ مول بولغان،كېيىنكى ۋاقىتتا نۇپۇس ۋە تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن يېزا-كەنتلەر ۋە يېزا بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدا سۇ تالىشىش ھادىسىلىرى پەيدا بۇلۇپ،يىلدا بىر قېتىم ياكى بىر نەچچە قېتىم تۇقۇنۇش يۈز بەرگەن.بەزى يىللاردا بىر قانچە ئادەم ئۆلۈش،يارىلىنىشتەك ئەھۋاللارمۇ بولغان.ئىلگىرى بۇ ئىشلارنى تاشاخۇنۇمنىڭ چوڭ دادىسى ئابدۇرىشىت مىراب ھەل قىلغان.ئابدۇرىشىت مىراب ۋاپات بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل يەنە سۇ ماجىراسى يەنە ئەۋج ئالغان.تاشاخۇنۇم جەمىيەتكە ئارلاشقاندىن كېيىن ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش ۋاقتى،بۇلۇپمۇ سۇ ئىشلىتىش مەزگىلىدە چوڭ دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ،خەلقنىڭ سۇ مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلغان.ھەر ئىككى يېزىنىڭ نۇپۇسى ،تېزىلغۇ يېرىنى سېلىشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ،سۇنى43،37ۋە20پىرسەنتكە بۆلۈپ ئۈچ يېزىغا تەقسىم قىلغان.ئۆزى باش بۇلۇپ چاقماق دەرياسىدىن ئاستىن ئاتۇشقا كەلگۈچە27كېلومېتىر(54چاقىرىم)،چاقماق دەرياسىدىن بەشكېرەم خانۇيگىچە 39كېلومېتىر(78چاقىرىم)،چاقماق دەرياسىدىن ئۈستۈن ئاتۇشقىچە 20كېلومېتىر(40چاقىرىم)لىقتىن ئۈچ ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ بۇ ئۈچ يەردىكى دېھقانلارنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغانىكەن.تاشاخۇنۇمدىن كېيىن بۇ سۇ دەۋاسى يەنىلا ئەسلىگە كېلىپ،ھەر يىلى دەۋا-دەستۇرلار بۇلۇپ،ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى يۈز بېرىپ تۇرغان.(بۇ ئىشلار 1980-يىللاردىمۇ داۋا قىلغان)شۇڭا،ھەر يىلى سۇ مەسىلىسى ماجراسى يۈز بەرگەندە،ئاتۇش بەشكېرەم خەلقى تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ چوڭ دادىسى ئابدۇرىشىت مىرابنىڭ سۇ باشقۇرۇش ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرىدۇ.

تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ نەسەبلىرىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كەلسە، گەپنى قۇمۇلنىڭ ھازىرقى بوغاز يېزىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يېزا قەدىمدە " تار بوغاز" دەپ ئاتالغانىكەن. بوغاز يېزىسىنىڭ يېرى قۇملۇق ۋە قىزىل تۇپراقلىق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولغاچقا، ھاۋاسى قۇرغاق ئىسسىق كېلىدۇ. تېرېقچىلىقىمۇ باشقا يېزىلارغا نىسبەتەن بالدۇر باشلىنىدۇ. بۇيېزا قۇمۇلنىڭ جەنۇبىغا 25 كىلو مېتىر كېلىدۇ.
1870ـ يىلى ياقۇپبەگ بەدۆلەت كورلىنى مەركەز قىلىپ تۇرپان، پىچانلارغا مالىمانچىلىق سالغاندا، كۆپلىگەن كىشىلەر پانالىق ئىزدىشىپ قۇمۇلغا كەلگەن بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە سۇۋۇر دېگەن كىشى قورايغا، ئورۇق سۇۋۇر دېگەن كىشى يۇقۇرىن ئاقيەرگە، تالىپ، بۆكى يامان راشىدىن ھاجى ۋە بۆكى يامان قۇربان ھاجىلار بوغازغا ئورۇنلاشقان. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن قورايدىكى سۈۋۈر يالغۇز ئوغلى يۈسۈپنى بوغازدىكى تالىپنىڭ چوڭ قىزى راھىلەگە ئۆيلىگەن. تالىپ 2- قىزى رابىخاننى يۇقۇرى ئاقيەردىكى ئورۇق سۇۋۇرگە ياتلىق قىلغان، ئۇلار بىر ئوغۇللۇق بولغان. ئۇنىڭ ئىسمى ئىبراھىم بولۇپ، ھازىر 80 ياشتىن ھالقىغان بولسىمۇ. يېنى ساغلام تۇرماقتا. تالىپ ئىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن، بوغازنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە بېنەم ئېچىپ كۆكەرتكەن. شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلى قازا قىلغان. شۇندىن كېيىن تالىپ قورۇ-جايلىرىنى قىزلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ، يۇقۇرى ئاقيەرگە كۆچۈپ كەتكەن.

سۈۋۈرنىڭ يالغۇز ئوغلى يۈسۈپنىڭ مىجەزىگە قاراپ كىشىلەر " يۈسۈپ تۇڭگان" دەپ لەقەم قويۇۋالغان. يۈسۈپ راھىلەدىن ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. چوڭىنى تۆمۈر، كىچىكىنى شاكىر، دەپ ئاتىغان. ئۇلار 15- 16 ياشلارغا كىرگەندە يۈسۈپ ئەر-ئايال تەڭلا قازا قىلىدۇ. شۇ چاغلار دەل تورپاقلار قوزغىلىڭى دەۋرى بولۇپ، قۇمۇل ۋاڭى تۆمۈرنى چوڭ گۇنا ئۆتكۈزدى، دەپ بوغازغا پالايدۇ. تۆمۈر شۇندىن كېيىن بۇ يېزىدا ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، شۇنىڭ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ھەم دىنىي ئوقۇشىنىمۇ تاشلىمايدۇ. ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە زىكرى-سۆھبەتچىلەرگە خەلىپە بولۇپ قالغان. ئۇ بوۋىسى تالىپتىن قالغان يەرگە بىر يۈرۈش سۇ تۈگمىنى ياساپ بوغازلىقلارنى ئۇن بىلەن تەمىنلىگەن.
تۆمۈر ئۆيلىنىپ ئىككى قىز تاپقان، چوڭ قىزى نىيازخان 4 ياش، كىچىك قىزى رابىيە 2 ياشقا كىرگەندە ئايالى قازا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بوغازدىكى زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى بۆكى يامان راشىدىن ھاجى ۋە بۆكى يامان قۇربان ھاجىغا 30 قوشقارغا تېگىشىپ، كىچىك قىزى رابىيەنى چوڭگۇباتلىق سۇۋۇر قۇرمالغا بېرىپ، چوڭ قىزى نىيازخاننى ئېلىپ قورايغا كۆچۈپ كەتكەن.
تۆمۈر قورايدا قايتا ئۆيلىنىپ، باسىىت ئىسىملىك بىر ئوغۇللۇق بولغان. باسىت 12 ياشقا كىرگەندە ئىلىدىكى مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ياڭ زەيشۈي باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ يۈز بېرىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى باش مۇپەتتىش يۈەن داخۇا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كۆزى يەتمەي، شىنجاڭدىكى فېئودال ۋاڭلاردىن ھەربىي ياردەم سورايدۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدىن 500 ئاتلىق قوشۇن تەييارلاپ ئالدى بىلەن 300 كىشىنى يولغا سالىدۇ. 1- تۈركۈمدىكى ئەسكەركلەر بەششار ۋە قۇمۇلدىن ئېلىنغان بولۇپ، 2- تۈركۈمى قۇمۇل 12 تاغدىن كەلتۈرۈلگەننىدى. بۇ ئەسكەرلەر تۆمۈر خەلىپە، ئامانقۇل، جامال ۋە سالمانلار باشچىلىقىدا تەشكىللىنىپ يولغا چىقىپ، لودۇڭغا يېقىنلاشقاندا كەينىگە قاراپ نەيزە ئۇرىدۇ. لودۇڭدىن يانغان بۇ ئوت كۆشۈتىگە يېتىپ كەلگۈچە چوڭ يالقۇنغا ئايلىنىدۇ.
«تۇترۇقسىز ئوت بولماس، نۇقسانسىز يىگىت» دېگەندەك، تۆمۈر خەلىپە تەقۋادار دىنىي زات بولغانلىقى ئۈچۈن لى شۇفۇ ئىسىملىك خۇيزۇ ھەربىنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە ئىشىنىپ ئالدىنىپ قېلىپ، سەۋەنلىكى ئۆز بېشىغا چىققان. جۈملىدىن شۇ چاغنىڭ ئۇيغۇر، تۇڭگان ئاخۇنلىرى بىلەن ھەسەن ھاجى قاتارلىق يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن قوزغىلاڭ تىنچلاندۇرۇلغان ھەمدە تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچى لومەنچىڭدىكى 3- ئاتلىق باتالىيونغا كوماندېر بولىدۇ. 1913- يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى قولغا ئېلىنىپ قەتلى قىلىنىدۇ، بېشى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقى ( نەنمىن) غا ئېسىلىپ، سازايى قىلىنغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا ئاپىرىپ، قۇمۇل كوناشەھەر دەرۋازىسىغىمۇ ئېسىپ قويۇلغان. تۆمۈرگە ئەگىشىپ چىققان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ئامان قالمىغان. ئۇلارنى يۇرتىغا قايتۇرىمىز دېگەن باھانىدا قورالسىزلاندۇرۇپ، گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ تاش دائىرىسىدىكى تاغ ئىچىگە يېتىپ كەلگەندە، ياڭ زېڭشىننىڭ پىستۇرمىسىغا چۈشۈپ قىرىپ تاشلانغان. تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، قۇمۇلدا قالغان بىر قىسىم كىشىلەر " قاراقچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش" دېگەن باھانە بىلەن ئەنشىگە يۆتكەلگەن، ئۇلار شىڭشىڭشاغا يېتىپ كەلگەندە گەنسۇ چېرىكلىرى تەرىپىدىن تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن. شاكىر، ئىمىن، جامال، ئەمەت سېيىت، ئابدۇللا قاتارلىقلار تۇرپانغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
شامەخسۇت ۋاڭ«تۆمۈرنىڭ جەمەتىدىن بىرنىمۇ قالدۇرماسلىق كېرەك» دەپ جار سالغان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان راھەتباغ يېزا چاڭغۇ مەھەللىلىك ساقال ئەزىمەت دېگەن كىشى باشقىلارغا تۇيدۇرماستىن قورايغا چىقىپ، باسىتنى ئېلىپ كېتىپ 7 - 8 يىل تەربىيىلىگەن، بۇ ئىشنى ئىرغايتىلىق ئاۋۇت دورغا سېزىپ قېلىپ ئوردىغا مەلۈم قىلغان. بۇ خەۋەرنى ئالدىن بىلىۋالغان ئەزىمەت بوۋاي باسىتنى بىر ئات بىلەن ئۇنىڭغا يېتەرلىك پۇل ۋە ئوزۇق-يۈلۈك بېرىپ قاچۇرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن باسىت جىمىسار ۋە گۇچۇڭلاردا پانالانغاچ دىنىي بىلىم ئالغان ۋە شامەىسۇت ۋاڭنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا قايتىپ، پالۋانتۇر يېزا كونا ئائىلىلىكلەر مەھەللىسىدىكى مەسچىتكە ئىمام بولىدۇ. ئۇ 1980- يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئايۇپ، ئابلەت، ئىمىن قاتارلىق ئوغۇللىرى ۋە بىرنەچچە قىزلىرى بار. بوغاز يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى قۇم داۋاندىن چۈشۈپ مەھەللىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ كەتكەن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يەرلەر "ساي پارچا" دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ يەردىكى تېرىلغۇ تەرلەر، ئۈجمە دەرىخى ۋە ۋەيران بولۇپ كەتكەن سۇ تۈگمىنىنى كىشىلەر ھازىرمۇ يەنىلا << تۆمۈر خەلىپە>> نامى بىلەن ئاتىشىپ كەلمەكتە.
قۇمۇل خەلقى مەشرەپ، توي-تۆكۈن، نەغمە-ناۋالىرىدا تۆمۈر خەلىپە ھەققىدىكى بىر قىسىم قوشاقلارنى ھازىرمۇ تەكرارلاپ كەلمەكتە.

مەسىلەن:
قوراي يولى ھەيۋەتلىك، جىڭتەي ئەسكىرى سەپتۇ، ,
ئۇنىڭ ئىچى زەرەتلىك. ئاقچۇق يولىدا ئوقۇر،
مۇرادىغا يەتمىگەن، تۆمۈر خەلىپىنى ئۆلتۈرگەن،
تۆمۈر خەلىپە رەھمەتلىك. چەندارىن دېگەن چوقۇر.

تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئايۇپ، ئابلەت قاتارلىق ئەۋلادلىرى پالۋانتۇر يېزىسىدا ھازىرمۇ ھايات.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49694
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:44:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا مۇشۇ مەشھۇر شەخىسلىرىمنىڭ تارىخى ماتىرياللىرىنى بىر-بىرلەپ يوللىغان بوساڭلا . .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65421
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3554
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1102 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:46:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !     ساخلىۋالدىم....

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29074
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:47:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق يوللاپ دېسەم ، بەك بىشىم پىرىلداپ كەتتى.ئاز-ئازدىن يوللاي ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 06:52:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىسەم ئەيىپلىمەڭلار   ھاياتنۇپۇس دىگەن ھەدىمىز نىمىش بىلەن شۇغۇللانغان؟قانداق تۆھپىسى بار؟  راستىنلا ئۇقمايدىكەنمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34079
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8623
تۆھپە نۇمۇرى: 867
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2014-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 07:01:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرورەن گۈزىلنى بىزگە شىنجاڭ تارىخى ئۆتىدىغان مىنكاۋخەن 欧罗巴人种دەپ سۆزلەۋاتتى ،ئۇ欧罗巴人种نىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋتى بامۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 07:16:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت ساقلىۋالدىم

ئاجايىپ سەزگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9235
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12336
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 5947 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 07:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بۇ خاتا بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟
بۇ مېنىڭچە مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم (جاللات خېنىم)
بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم ،...
يەنە تۆمۈر خەلپىنىڭ يىلتارىخى بىلەن رەسىمى تازا مەس كەلمەپتۇ، بىراق رەسىمنىڭ كۆزىگە قارىغاندا بىرخىل باشلامچىلىق،سۈرلۈك قىياپەت تەسۋىرلىنىدىكەن...بىراق 30-31 ياشلار چامىسىدىكى كىشىدەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدىكەن،بىراق تۆمۈر خەلپىنى ئاران 22 ياش دەپتۇ ،... بۇ توغۇرلۇق بىلىدىغانلار بولسا ئىنكاس قايتۇرساڭلار ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلى خاتا بوپ قالدىمىكىن دەيمەن ...


كىچىك موللا-زەيدىن

يوق ئشىىم ھاكىم،ئەمەلدار،شاھى-سۇلتانلار بىلەن،بىرگە بولسام دەيمەن دائىم باغرى سۇنغانلار بىلەن.

تېخى ئوماق بالىمەن!!!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9646
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14073
تۆھپە نۇمۇرى: 2147
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-9 07:25:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

تېخى ئوماق بالىمەن!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش