بۇ توغۇرلۇق مەن بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي...
ئەھمەتشاھ بىگىمنىڭ «نەزەر مۇپتىمغا خەت» (يەنى ئات ھەققىدە مۇخەممەس) نى يېزىشىدا سەۋەپ بار...
ئەمەلىيەتتە ئەھمەتشاھ بىگىم بىلەن نەزەر مۇپتىم بىر مەدرىستە ئوقۇغان يېقىن ساۋاقداشلاردىن ...كېيىن ئەھمەتشاھ بىگىم يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، نەزەر مۇپتىمنىڭ يۇرتىدىن چىقىدىغان ئاتنىڭ ناھايىتى ئېسىل ئەكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ، نەزەر مۇپتىمغا ئېسىل ئاتنىڭ نەرقىدە پۇل ئەۋەتكەن، نەزەر مۇپتىم بۇنى تاپشۇرۋېلىپ قول ئاستىدىكىلەرگە ئات ئەۋەتىپ بىېرىشنى تاپىلىغان، بىراق قول ئاستىدىكىلەر بۇ پۇلغا خىيانەت قىلىپ ناھايىتى «قوتۇر» ئاتنى ئەۋەتكەن، ئەھمەتشاھ بىگىم ئاتنى تاپشۇرۋېلىپ ناھايىتى ئەپسۇسلىنىپ بىر ساتىرا يېزىپ نەزەر مۇپتىمغا ئەۋەتكەن، خەت كەلگەن كۈنى نەزەر مۇپتىم يۇرت چوڭلىرى بىلەن ئويىدە زىياپەتكە داخىل بولۇپ ئولتۇرغان چاغقا ئۇدۇل كەلگەن، چاپارمەن نەزەر مۇپتىمغا شاھ بىگىمدىن خەت كەلگەنلىكىنى دېگەندە .نەزەر مۇپتىم مۇشۇ جايدىغا ئۈنلۈك ئوقۇشقا بۇيرۇق بەرگەن (چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدا،ئەھمەتشاھ بىگىم ناھايىتى چۈرۈك ،تاتلىق تىللار بىلەن نەزەر مۇپتىمغا خەت يازىدىكەن) بۇ قېتىممۇ شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ شۇ يەردىلا ماختىنىۋېلىش ئۈچۈن ئوقۇتقان ...
كىم بىلسۇن بۇ نەزەر مۇپتىمغا ھاقارەت كېلىدىغان ساتىرا ئىكەن، ئوقۇپ ئوتتۇرغا كەلگەندە نەزەر مۇپتىم ئوقۇشنى توختىتىشنى بۇيرۇغان، بىراق بايىنىڭ يانى كۈلۈپ ئۈچەيلىرى ئۈزلەي دېگەن يۇرت چوڭلىرى ،داۋاملىق ئوقۇشقا بۇيرۇق بەرگەن ... شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ساتىرانى شۇ جايدىلا ئوقۇغان ...ئاھانەتكە چىدىمىغان نەزەر مۇپتىم شۇ جايدىلا ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان ....
بۇ راسمۇ يالغانمۇ بىلمىدىم ، بىراق مەن بىر كىتاپتا شۇنداق ئوقۇغان ...خېلى داۋلىسى بار ئىشكەن شۇڭا تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم ...
كىچىك موللا-زەيدىن يوللانمىسى