مەنمۇ بىر نەچچىنى ئاڭلىغان ، قۇشۇپ قۇياي!
بىر نەچچە باللا ياتاققا كىرمەكچى بۇلۇپ ياتاق ئىشىكىنى چەكسە ئىچىدىكىلەر چاقچاق قىلىپ ‹ ئىچىدە ئادەم يوق !› دەپ ئىشىكنى ئىچىپ بەرمەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن سىرتتىكى بىر قەشقەرلىك بالا تۇرۇپ كىتىپ ‹ ئىشەك بولسىمۇ بولىدۇ !› دىگەنىكەن ئىچىدىكىلەر سىرتقا چىقىپ بەك سەت ئۇرۇشۇپ كىتىپتىكەن .
بىر ئوقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىغا سۇنىڭ فورمۇلاسىنى ياز دىسە H2Oدەپ يازماي ھىدروگىننىڭ ئاستىدىكى ئىككىنى ئۇنتۇپ قاپتىكەن ( خىمىيەدىكى ئەڭ ئاددى ئەڭ ئاساسسلىق ئۇقۇم ) ئۇقۇتقۇچىنىڭ ۋەھشى ئاچچىقى كىلىپ كىتىپ ‹ مەن ساڭا ژۇندىنىڭ فورمۇلاسىنى ياز دىدىمما › دەپ قاقشاپتۇ .
بىر ئادەم گىلەم ئالىمەن دەپ بېرىپ باھا تالىشىپتۇ :
-ما گىلەم قانچە پۇل ؟
-800 كوي!
-500 كويغا بەمەمسىز ؟
-كەچۈرۈڭ ،گىلەمنى مىتىرلاپ ساتمايمىز !
بىر ئەر بىر ئايال تاماق يىگىلى ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپتىكەن ئالدىراشچىلىقتا ھىچكىم كەلمەپتۇ ، بىر چاغدا ئايالى ۋاقىراپ يۈرۈپ بىر مۇلازىنى چاقىرىپ سومەن بۇيرۇتۇپتۇ . بىراق بەك ئۇزۇن ۋاقىتتىمۇ تاماق چىقماپتۇ ، بىر چاغدا ئايال پۇل يىغىۋاتقان خوجايىننى چاقىرىپ ئەكىلىپ سۆزلەپتۇ ،
- بىز بايا بۇيرۇتقان تاماقنى بۈگۈن يەيلى دىگەن ، - خوجايىن ئالىيىپ قويۇپ :
-نىمە يىگەن !-دىسە ئېرى ئاچچىقىدا :
ئۈزۈپ تاشلاپ گاڭپەن !-دەپتۇ ، خوجايىنمۇ سەل خۇيلىنىپ ،:
-بەك تەستە چىقىدىغان تاماق بۇيرۇشىۋاپلا، بولمىسا قورىماي پىشقان موما يىمەملا !- ئاچچىقى كەلگەن ئايال ئاخىرى :
- سومەن ! -دەپتۇ ، بىر دەمدىن كىيىن سومەن چىقپتۇ يۇ !لىكىن قۇشۇق ئەكىلىپ بەرمەي ئازراق ۋاقىت ئۆتۈپتۇ ، ئايال يەنە ئاچچىقىدا خوجايىننىڭ ئالدىغا ئۆزىلا بېرىپتۇ .
- ئاۋۇ ئۈستەلدىكى ئىككى سومەننى كۆدىلىما ؟
- ھە كۆدۈم نىم بولاپتۇ ؟
- خاپوماي شۇ بىزنىڭ تاماقتى قاراپ قويۇشسىلا ، بىز ئۆيگە بېرىپ قۇشۇق ئەكىلىۋالىلى !