مەنمۇ بىرنى دەي لېكىن بۇ قەشقەردە ئەمەس ئۈرۈمچىدە بولغىنى...
مېنىڭ ئىدارەم ئىلگىرىكى 2-يولنىڭ ئاخىرقى بېكىتى يەنى ماشىنىسازلىق زاۋۇتى دېگەن يەردە بەلكىم ھەممىڭلارغا تونۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن 2-يول ئابتۇبۇسى ئۈرۈمچى شۇنداقلا جوڭگو بويىچە سودىسى ياخشى يولمىكىن دەپ قالىمەن. باش بېكەتتىن چىقسىمۇ ئورۇن تۇگۈل پۇت قويغۇدەك يەر چىقماي قالىدۇ...
كۈنلەرنىڭ بىرىدە تازا ئىسسىق كۈنلەردە يەنە قىستىلىشىپ بۇ يولغا چىقتىم. يەنە شۇ ئورۇن يوق.
مەن بىلەن تەڭ ياشانغان بىر بوۋايمۇ چىقتى لېكىن ھېچكىم ئورۇن بوشاتمىدى... بوۋاي بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ تۇردى لېكىن ئۇ قىز خىيالىدا يوق ئولتۇرىۋەردى. بوۋايمۇ قاراپ قويدى. ماشىنا دوستلۇق يولىغا كېلىشىگە ئۇ قىز ئالدىراپ-تېنەپ ئۇ بوۋاينى ئۇرۇپ سوقۇپ دېگىدەك قىلىپ ماشىنىدىن چۈشمەكچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بوۋاي: ھۇي، خېنىم ماڭ قايلىسىلا، دېسە ئۇ قىز تېخى نېمە دەپ ئارقىغا قارىشىغا : ئىككى موچەنلىك يېرى قالدى ئولتۇرۋالسىلا دېگەنتى ئۇ قىز قىزىرىپ تاتىرىپ چۈشۈپ كەتتى مەن بولسام بىر خەنزۇ خىزمەتدىشىم بىلەن بىللە ئىدىم مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم. ئۇ مەندىن نېمىگە كۈلىسەن دېگەنىدى مەن ئۇ گەپنى خەنزۇچىغا ئۆرۈپ بەرسەم ئۇمۇ قوشۇلۇپ كۈلۈپ كەتتى.....