ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 35قەۋەت hazniqi كە 2011-12-11 12:35 PMئەۋەتىلدى 34قەۋەتتىكى(uzumtal) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
ئەگەر جەمئىيىتىمىزدىكى دىنسزلار مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنى قانۇن ،ئابروي مەسىلىسسى سەۋەپلىك«ئىنساپلىق »دېسىڭىز ئەلۋەتتە قارشى پىكىردە ئەمەسمەن ،لېكىن دۇنيا مىقياسدىن ئېلىپ ئېيتسىڭىز بۇ يەكۈنگە قوشۇلالمايمەن ،چۈنكى چەتئەللەردىكى دىمۇكراتىك قانۇن مېنىڭچە كىشىلىك ھوقۇققا تاقىشىدىغان بۇ ساھەلەرگە ئارىلاشمايدۇ ،بېلگەيتستەك بايلىقىنى بالىللىرىغىمۇ مىراس قالدۇرماي خەير ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قلىش قارارىغان كەلگەنلەر،سۇمالىدەك دۆلەتلەرگە تۈكۈم تۈركۈملەپ ئىنسانىي ياردەملەرنى بەرگۈچىلەرنى تەشكىل قىلغۇچىلارنىڭ شەكىللىنىشدە مېنىڭچە يەنىلا ئەخلاق ،ئىنسانىي پەزىلەت ئامىللىرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان
ئىنكاسىڭزىدا بايان قىلىنغان تالانىتلىق ئاياللار دەرھەقىقەت ناھايتىمۇ كۆپ .سىز ئوتتۇرغا قويغان بۇ نۇقتا پەقەت شۇ ئاياللارنىڭ ئەقىلقلىغى خالاس مىنىڭ نەزەردە تۇتىۋاتقىنىم خەزىنچى قىز
.....شۇڭا ھەر قانداق قىز-ئايال ھەر زامان، ھەر ۋاقىت ئەقلى سەزگۇرلۈك بىلەن تۇراقسىز ھىسيات قۇتىبى ئوتتۇرسىدا تەۋىرنىپ ياشايدۇ ، دىگەن جۇملىدىكى تۇراقسىز ھىسيات كۆزدى تۇتۇلغان سىزمۇ بىلىسىز .ئەقىل دىگەن زور تىرىشچانىق ۋە ئىجاتچانلىق بىلەن روياپقا چىقىدىغان ئوقۇم ،بىراق ئىنساننىڭ تۇغما يارىتىلىشدا،ئاللا پۇتىۋەتكەن تەبئىي ئاجىزلىق .سىز تىلغا ئالغان شۇ خانىملار قانچە زور نەتىجە يارىتىپ كەتسۇن، ئەلمىساقتا ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرۋەتكەن تەبئىي قانۇنىيەت يەنى ئەر-ئاياللىق مىھرى-مۇھاببەت سۆيگۈسىدىن ئايىرىلپ قالسا ،دۇنيادا ئۆزىنى ئەڭ ئاجىز ھىسابلايدۇ ،بىز كۆپۇنچە يالغان سۆزلەشكە ئالىقاچان ئاداتلىنىپ كەتكەن بولغاچ ،تولا ھاللاردا ۋاي بىرەسىنىڭ بۇ كەمگۇچە خوتۇنسىزلىققا ئۆلگىنى يوق ،ياكى بىرەر ئايالنىڭ ئەرسىزلىككە ئۆلگىنى يوق دىگەندەك ئاتالمىش باھانىلەر بىلەن،ئۆزىمزىنىڭ يىرىڭداپ كەتكەن قەلبىمزىنى باشقىلارغا خۇرۇستال كۆرسىىتپ كىلىۋاتىمز. تۆۋەندە يولدىشى بىلەن نامراتلىق سەۋەبىدىن ئاجىشىپ كىتىپ .زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بەدىلىگە ئىقدىساتتا بەلگۇلۇك نەتىجە قازانغان بىر خانىمنىڭ يۇرەك سۆزىنى قالدۇرۇپ قوياي .بىر قىسىم قىز-ئاياللارنىڭ قەلبىگە ئازىراقمۇ بولسا ئىجابى تەسىر بىىرپ قالسا ھىچگەپ ئەمەس .
.....شۇ يولدۇشۇمدىن ئاجىرشىدىغان ۋاقىتتا، مەن چىڭ تۇرۇپ پەرزەنتىمنى ئۆزۇم ئىلۋالغان ...دوسلىرىمنىڭ مەسلىھەتلىرى قوللىشى ئاللاھنىڭ بىرىش بىلەن بۇرۇن كۆزۇم تويمىغان شۇ پۇلنىمۇ تاپتىم خەجلىدىم .......ئىشقىلىپ پۇلنىڭ قىپىنى ياردىم دىسەممۇ بولىدۇ ...... ئۆيۇم بىنانىڭ تۆتىنجى قەۋىتدە بولۇپ ،مەن ئولتۇرۋاتقان ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن ئالدىمزىدىكى كوچا مەنزىرلىرى كەڭ تاشا كۆرىنىدۇ .كوچىنىڭ ئۇ تەرىپىدە بىر مەسجىت بار ،ھەر قىتىم شۇ مەسجىتتىن جامائەت نامازدىن يىنىپ توپ-توپ بولۇپ چىققاندا ،مىنىڭ كۆزۇم شۇ جامائەت ئارىسىدىن ئۆزۇمنىڭ غەمگۇزارىمنى ئىزدەيدۇ ،بىلىمەن مىنىڭ يولدۇشۇم يوق بۇ ئويلىغىنىم خاتا بىراق نىمىشقىدۇر كۆڭلۇم بۇ خاتالىقنى ئىتىراپ قىلمايدۇ،ھەر جۇمە كۇنلىرى ئۆزۇمچە يولدىشىم شۇ جامائەت قاتارىدا بولسا ،نامازدىن يىنىپ ئۆيگە كىرسە ئالدىغا بىر چىرايىلق داستىخىان سىلىپ بىر پىيالە چاي تۇتۇدىغان شۇنداق كۇنلەرمۇ كىلەرمۇ دەپ تۈن-تۈن خىياللار بىلەن قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ..... بىز ھەر قانچە ئەقىللىق بولساقمۇ،بىراق ئۆزىمزىنىڭ شەخسى ھاياتىمزىنى لاھىيلەشتە ھامان ئاجىزلىق قىلىدىكەنمىز ....ھەممۇ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ 5 ۋاقىت ناماز ،ۋە روزا ئىبادەتلەردە نىرۋا چىچىلىپ كۆڭۇل جايىدا بولمايدىكەن....توي تۆكۇن ئۇ پالىيەت بۇ پالىيەت دىگەندەك سورۇنلارغا بىرىپ قىلىش بولغادندا ،يولدىشى بار دوسلىرىمنىڭ ئالدىدا خۇددى بىر يىرىم ئىچىلىپ قالغاندەك، بىر خىل روھى تەڭلىكتە قىلىپ ئىچ-ئىچىمدىن كىلىۋاتقان ياشلىرىمنى كۆزۇمگە چىقارماسلىققا شۇنداق تىرشىمەن،ئەسلى بىلسەم مىنىڭ بۇرۇن قىلغانلىرىم پۇتۇنلەي بىر خىل ئەركىن تۇرمۇش ئۇسۇلى ئىكەن ، ئاياللار ئۆمۇرىدە ئىككى قىتىم يىتىم بولىدىكەن ،بىرسى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندا ،ئىككىنجىسى لاياقەتلىك بىر ئەرنىڭ قەدىرنى بىلمەي ،ئۇنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى ۋاقىتلىق جىڭغا چۇشمەيدىغان يىتەرسىزلىگى كۆزىمىزگە تۆگە كورنۇپ ئۆزىمىزنى دانا چاغلاپ تۇرمۇش ھاياتىمىزنى قايتا بىر گۇزەل مۇكەممەل لاھىيلەپ ياشىغىمىز كىلىپ ئاجىراشقان ۋاقتىمزكەن.... ئىدارە ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا پۇت قولۇمنى راۋۋۇس سىلىپ ماڭغان بىلەن بىراق قەلبىمدە پەرۋاز قىلىۋاتقان ئۈمۈت قۇغلىرىمنىڭ پۇت قوللىرى بولسا ئاللاقاچان ماغدۇردىن قىلىپ بولدى ......دىگەن ئىدى .مانا بۇ مەن دەۋاتقان قىز-ئايالاردىكى ئومۇمى ئاجىزلىق مەسىلى بۇنداق دىمەكچى ،دىمەك ئۇ خانىم ئەقىللىق ئىكەن ،زىھنى باركەن ،تىرىشچانكەن بىراق روھى دۇنياسى يىتىم ئىكەن ،نىمە يەنىلا شۇ توغما ئاجىزلىق مەسىلىسى ،بەلكىم بۇ خانىمنىڭ ئەكسىچە نۇرغۇن ئەرلىرىمزمۇ خۇددى سىز ئوتترۇغا قويۇۋاتقاندەك ئۇچۇنجى شەخس سەۋەبلىك ئائىلىسىنىڭ مىھرى-مۇھاببەت باغچىسىنى دەپسەندە قىلىپ پۇشايماننى ئالغىلى قاچا يوق يۇرىۋاتقانلىرى نۇرغۇن .
مىنىڭ ئىنكاسىمدا تىلغا ئىلۋاتقان بارلىق دىنسىزلار ناچار دىگەن مەنانى چورىدەپ يازغىنىم ۋە بارلىق مۇسۇلمان كىرپە بالام يۇمشاق .قاغا بالام ئاپپاق دىگەن مەنانى چورىدەپ يازغان ئىنكاسمۇ ئەمەس، پەقەت بۇ ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرسىدىكى بىر-بىرنىڭ تۇرمۇش شەكلىدىن ئالغان خاتا چۇشەنچىنى ئاشۇرما پاراڭ بىلەن يورۇتۇپ بەردىم خالاس ، ئەگەر مىنىڭ ئىنكاسىمدا نۇقۇل دىنسىزنى سۆككەن بولسام ،ئىنكاسىمنىڭ بىر يىرىدە قۇمۇل ۋاڭنىڭ ھەر كۇنى 5 ۋاقىت نامىزنى باشقلار ئەسكىلىكىمدىن قىلغان ئىشلارنىڭ ئۆچى ئۇۇچن مىنى ئۆلتۇرۋەتمىسۇن دەپ ئوردا ئىچىگە سىلىۋالغان مەسجىتتە ئوقۇپ نامازدىن پارىغ بولغادنىن كىيىن قولى بلىەن قۇمۇللۇقلارنى قىرغىن قىلغاننى ،ئاپاق غوجىدەك ھەر كۇنى تاھارەت بىلەن يۇرىمەن دەپ قويۇپ ،جۇمە نامىزى ئوقۇۋاتقان جائائەتنى مىنىڭ سۈلۈكىمنى ( تەرقەتنىڭ بىر ئۆزىگە خاس بىر خىل تۇتۇپ ماڭغان يولى ) قوبۇل قىلمىدى دەپ ، مەسجىتكە ئوت قويۇپ نەچچە يۇز جامائەتنى ۋە كۇچا ،قەشقەر...لەردە مىڭلىغان ئەر-ئاياللارنى ئۆلتۇرگەن ئىشلىرىنى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلامنىڭ ئۇستىدە تۇرۇپ قولىنى خەلقىنىڭ قىنى بلىەن بوياۋاتقانلارنى بىر قۇر يورۇتپ قوياتتىم .....
نوھ پەيغەمبەر دەۋرىدىكى توپان بالاسى
..... ئىمپىراتۇر ئالىسكەندىر ( ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ).
.... ئەمىر تۆمۇر گورگان ( رەسۇللاھ قازا قىلىپ خەلىپە ھاكىمىيتىدىن تەخمىنەن 460 يىلدىن كىيىن دىن-ئىسلامنىڭ يەر-شارىدىكى ئورنى ئىچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇراپ ئەمىر تۆمۇر گورگان رەھبەرلىكىدىكى قوشۇنلارنىڭ دىن-ئىسلامنىنىڭ يەر يۇزىدە پۇت دەسسەپ تۇرىشىغا چوڭ سەۋەبچى بولغان كىشى ).
.....ئەھلى سەلىب ئۇرۇشى
....1- دۇنيا ئۇرۇشىدا نەچچە مىلىيون كى بىھىسابسىز ئۆلۇپ كەتكەن كىشلەرنىڭ ۋە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن كىشلەرنىڭ ئۇستىدىن ئومۇمى نەتىجە چىقىرىلغاندا ،دۇنيادا ياخشى ئىنساندىن يامان ئىنسان كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن بولمىسا ئاللاھ مەن يۇقۇردا تىلغا ئىلىپ ئۆتۇپ كەتكەن دۇنياۋى تەسىرى بار بىر قانچە چوڭ ئۇرۇشلار ئارقىلىق زىمىننى پاكلاپ تۇرمايىتتى دىگەن قاراشتىمەن .......ئىنساننى قانۇن بىلەن تىزگىلىمەي ،ئىنساننىڭ ئۆزىدىكى ئىنسانى ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن ياشاشقا قويۇپ بەرسە، مەنچە سىز دىگەندەك بارماق بلىەن سانىۋالغۇدەك خىزىر سۇپەت ئىنسانلاردىن باشقىللىرى ،باشقا بىر نىمىگە ئوخشاپ كىتىدۇ .بەلكىم مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇم مۇمكىن ...دىمەك قانۇن چىققان ئىكەن شۇ قانۇننىڭ چىقىشى يامان كىشلەرنىڭ كۆپلىگىدىن دىرەك بىرىدۇ، ئەگەر ياخشى كىشلەر كۆپ بولۇپ، يامان كىشىلەر ئاز بولسا ئىدى ،بارماق بلىەن سانالغۇدەك مۇنچىكى ئادەملەر ئۇچۇن، قانۇن تۇزەشنىڭ ئورنى يوق بەلكىم ،جامائەت بىسىمى ئارقىلىق ھەل قىلۋەتكەن بولاتتى .....
...سىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغان بايانلىرىڭىز ھەقىقەتەن تولا ،بۇ توغۇرسدا كالىنى ھۆكۇرەتكەن .....دىگەن ھىكىمەت بىلەن سىزنىڭ ئىچىمىزنى ئاچچىقى قىلىدىغان ئۈچۇنجى شەخىس مەسىللەرىگە بىرلگەن جاۋاپ بولۇش بىلەن بىرگە سىزنىڭ قايسىدۇر بىر تىمىغا يازغان ‹‹ داشقال›› ئىنكاسىڭزنى باھالاپ قويغان شۇ بىر جۇملە سۆزۇم بىلەن سۇكۇت قىلىمەن توردىشىم ...........