ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 59قەۋەت esma0999 كە 2011-12-12 09:55 PMئەۋەتىلدى :
ۋۇججۇن ئۈزۈمتال زايە كېتىپسىز جۇمۇ مۇنبەرگە، سىزدەك ناتىك ئادەمنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەتسە بولغۇدەك. ئىسمىنى قاغا پۇتىدەك يېزىپ ئولتۇردىغانلارنىڭمۇ كۈنى ئۆتىۋاتىدۇ.
بەزىدە سىزنىڭ ئاشۇ گەپكە ئۇستالىقىڭىزنى ئېلىكتاپ قىلىپ چۈشۈرۋېلىپ، تەرجىمىدە قىينالغان چېغىمدا پايدىلانسام دەپمۇ قالىمەن.
گەپكە ئۇستا دىگەن سۆزنى خوپ كۆرمىدىم جۇمۇ مەن. ھى ھى ھى
مەن پەقەت بىر ئىنساننىڭ ،ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى، شەيئىلەرنىڭ ۋە ياكى ئانداق-مۇنداق مەسىللەرنىڭ، مەلۇم بىر شەرت ئىھتىياجى سەۋەبلىك ئۆز-ئارا گۇللىنىش ،بىقىنىش،تولۇقلاش ..... جەيرانىدىكى يۇز بىرىۋاتقان ئۆزگىرىش ھادىسلەرنىڭ ئىچىدىن، پەقەت ھالىقىلق ئورۇنلاردا قاراتمىلىغى بار مەسىللەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ، تىل سەنئىتىدىكى قىزىقارلىق سۆز-بىرىكمىلەردىن پايدىلىنىپ ،سۈزپ چىقىرىپ قويغان يىرىملا بار خالاس ،بۇ تەرەپلەر بىلەن مەن قانداقمۇ گەپ-سۆزگە ناتىق بولۇپ كىتەي، ئەسلىدىنلا بۇ ھەر بىر ئىنساندا بولۇشقا تىگشلىك بىر روھ تۇرسا
ماڭا ئايلىق بىرىپ ئىشىلتەمسىز يا ؟ سىزگە بىر ئىشلەپ باقاي بولمىسا ،
بىراق مىنىڭ بىرلا شەرتىم بار ، ھەر كۇنى ناماز بامداتتىن بىر سائەت كىيىن ئىشقا چۇشسەم ،چۇشتە دەم ئىىلش بولمىسىمۇ مەيلى ، بىراق كەچ تەرەپتە شام نامىزىدىن يرىم سائەت بۇرۇن ئىشتىن چۇشۇش ، ئەگەر بىر ئايلىق ئىش ھەققىمگە 5000 يۈۋەن بىرىۋەتكەن ھالەتتىمۇ ،لىكىن يۇقارقى شەرت تىپىلمىسا ، كوچىدا ئايلىقى 800 يۈۋەنلىك تەرتىپى نورمال بولغان قارا ئىش قىلىشقا رازمەنكى، ئۇزنغا يىللارغىچە داۋام ئىتىدىغان ،تۈن سەھەردە ئىشقا چىقىپ ،ئاخشىمىى كۆز باغلانغۇنغۇچە ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتنى قەتئىي ئىشلىمەيمەن . چۇنكى مىنىڭ ھاياتلىق شۇئارىم
سەھەر بامداتتىن كىيىن بىر ئائىلە كىشىللىرى بىللە جەم بولۇپ سەھەرلىك ناشتىنى كۆڭۇللۇك ئولتۇرپ بىللە قىلش ،ئاندىن كىيىن ئائىلىگە لازىم بولىدىغان ئىقدىسات ئۇچۇن ،كەچ ئەسىرگىچە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ پۇل تىپىش ،ئاندىن كىيىن يەنەئائىلىگە جەم بولۇپ بىر ئائىلە كىشللىرى بىلەن ئائىلدىن ئىبارەت جەننەتنىڭ مىھرىدىن ھۆزۇر ئىلشتىن ئىبارەت ، مەن بۇ ئالەمگە بىرلا قىتىم كىلىمەن ،دىمەك ھاياتلىقمدا ئاللاھ بىرلا قىتىم بەرگەن چەكلىك ئىقدىدارىمدىن ،ئەڭ چوڭ دەرىجىدە پايدىلىنىپ،ھىچ بولمىغاندا ئۆزۇمنىڭ شەخسى ئىشلىرىمدا بىرلا قىتىم ئىنسانى قىممەت يارىتىش پۇرسىىتم بار ،شۇڭا ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن بۇ ۋاقىتلىق ھاياتنىڭ چىن مەناسىنى مىھرى-مۇھاببەت بۇلىغىدىن ئىزدەشنى ھەر تىلىكمدە تىلەپ كىلىۋاتىمەن ،بولسا جەمىيەت ئۇچۇنمۇ ھەسسە قوشقۇدەك قۇربىتىمىز يەتكىدەك بولسا ئىدى ،بۇ ئىش ئۇچۇن تۈن كىچىلەردە تىنىم تاپماي چۈمىلىدەك ئىشلىسەك تىخمۇ ياخشى بولاتتى .بىراق ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتمىغاندەك ئىش بولۇپ بۇ پۇرسەت بىر ‹‹ ئاق ›› كۆڭۇل دوستۇم تەرىپىدىن ئەجەللىك ۋەيران بولدى .
مۇنداق دىسەم ئادەمنىڭ ئويلىغىندەك بولىدىغان ئىش نەدە بار دەپ ئويلاپ قالماڭ ،لىكىن ئىشلەپ پۇل تاپىمەن دەپ ،ئۆزىنى زىيادە خورىتىپ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى پۇل بىلەن تونۇيدىغان ،ۋە پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان بىتەرپلىمە خاراكتىر بىلەن ياشاشنى خوپ كۆرمەيمەن. پۇل بەزىلەر ئىيتىقاندەك ئۇنچىۋالا يامان نەرسە ئەمەس ئەسلى ،بەلكى ئاقىللار ئۇچۇن ئەڭ ياخشى نەرسە،بىراق بۇنى تىىپش ئۇچۇن،ئىنسان ئىرىشىشكە ۋە بەھرى ئىلشقا تىگىشلىك بولغان ، ھاياتنىڭ چىن مەناسىنى يوقۇتۇش بەدىلىگە تاپقۇم يوق ........
ماڭا چاقچاق قىلىپ دەپ قويغان گىپىڭزغۇ ؟؟؟؟ يۇقاردىكى .
شۇنداقتىمۇ ،رىئال تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىستىيەگە قارىتا، ئۆزۇمنىڭ قەلبمدىكى سۆزنى قىلىپ قويدۇم .