ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
ماشائاللاھ، بىزنىڭ يۇرت شىنجاڭنىڭ بۇ قەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى بۈگۈن يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھىس قىلۋاتىمەن. ئىچكىردە تۇرغان تۆت يىلدىن بىرى مەركىزى شەھەر قاتارلىق نۇرغۇن نامى بار شەھەرلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ كەلگەن بولساممۇ ئاخىرىدا يەنىلا ھىس قىلغىنىمىز ‹بىزنىڭ شىنجاڭ، ياخشى جاي، بىزنىڭ شىنجاڭ بەكمۇ گۈزەل!!!› دىگەن خۇلاسىگە كەلگەن ئىدىم.
ئادەم ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئۆزگە يۇرتدا ياشاپ باقسا ھەقىقەتەنمۇ يۇرتنىڭ، قېرىنداشلارنىڭ قەدرىگە بەكمۇ يىتىدىكەن. بۇرۇن يۇرتتىن ئايرىلمىغان ۋاقتىمدا چەتئەلدىكى ئاچىللىرىم ۋە دوسلىرىمدىن ‹ۋاي ۋەتەن، جېنىم ۋەتەن، ۋەتەننى بەك سېغىندۇق.....› دىگەن گەپلەرنى قىلسا ياكى كۆزلىرىگە ياش ئالسا شۇنچە تەرەققى قىلغان، باشقىلار ئاسانلىقچە بارالمايدىغان جايدا تۇرۇپ نىمانچىۋالا قىلىپ كىتىدىغاندۇ؟ دەپمۇ كىتەتتىم. ئۆزۈم يۇرتتىن ئايرىلىپ چەتئەل ئەمەس، مۇشۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئىچكىركى ئۆلكىدە ياشاپ ئۇلارنىڭ دەردىنى چۈشەنگەندەكمۇ بولدۇم. بەزىدە تېخى ئۇلارغا ماسلىشىپ مەنمۇ كۆز يېشى قىلىپ كىتىمەن. شۇتاپمۇ يۇرت سىغىنىشىدا مىنى يىغا تۇتىۋاتىدۇ........
ئۇلۇغ ئاللاھ گۈزەل يۇرتىمىز شىنجاڭنى ئامان-ئىسەن قىلسۇن شۇنداقلا يۇرتتىن ئايرىلغان بارلىق مۇساپىر قېرىنداشلارنى تىنچ-ئامان ۋەتەنلىرىگە قايتىپ يۇرت باغرىغا تىزراق ئۇچراشتۇرسۇن ئامىن!!!