يۇقۇرىدىكى پوسكامنىڭ رەسىملىرىدىن خۇددى ئېسىل بىر باغنى ئايلانغاندەك بولدۇم . ھەقىقەتەن ئېسىل ياساپتۇ ھە . ئاۋۇ راۋاقلار مىللى تۈستە بولۇپ كەتكەن بولسا ياقۇت كۆزلۈك ئېسىل ئۈزۈككىلا ئوخشاركەن .
تۆۋەندىكى رەسىملەردىن مىللىتىمنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەنگەن كۆرۈنۈشلەردىن خۇرسەن بولدۇم . ھى ھى پىچاق تۇتۇپ تۇرغان تاتلىقنىڭ ئولتۇرىشىدىن كىيىن خېلى نوچى بالا بولغىدەك دەپ ئويلۇدۇم . مەچىتنىڭ رەسىمىدىن ئەتراپىدا كىشىلەر يوق ھالەت مېنى ئەپسۇسلاندۇردى ، چۈنكى مەچىتلەرنىڭ ئەتراپى شۇنچە قايناق ئىدى ھە- بۇرۇن .
كىيىنكى رەسىملەردىكى سودا قىلىۋاتقان مىھىرداشلىرىمنىڭ سودىلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن . ھەر قېتىم ئېۋەتىۋاتقان رەسىملىرىڭىزدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايمەن. چەكسىزلىكتىكى تەشەككۈرلىرىم سىزگە بولسۇن .