مىنڭچە بۇ روماندا جاللات خېنىمنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى جانبازلىق ماھارىتىنىى سەل مۇبالىغە قېلىۋېتىپتۇ ، بولۇپمۇ ھېلىقى جەڭگە چىققاندا قارشى تەرەپنىڭ بىر جانبازچىسى بىلەن يەكمۇ يەك ئېلىشقاندا مۆھتىرەم خېنىم ئېتنىڭ بېشىنى بۇراپ قاچقان بولۇۋېلىپ كەينىگە يېتىپ ئاتقان ئوقىنى نەق كۆزىگە تەككۈزۈپ يەر چېشلىگۈزىدۇ ، كىچىككىنە بىر قىزنىڭ بۇ ھەركەتلىرى مىنىڭچە خەنلەرنىڭ بەزەن فېلىملىرىدىكى كۆرىنىشلىرىگە ئوخشاش تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن... 4OaU1Y[
يەنە بۇ ئوبزۇردىكى ‹‹قارىماققا يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقىدىكى ئىشلار ۋە ئاپپاق خوجا توغىرسىدا سۆزلىگەندەك قىلىسمۇ بۇ روماننىڭ مەركىزىي ئىددىيسى،ئاپتۇرنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىنى ئىپادىلەپ بىرىدىغان مۇھىم ئوبراز يەنىلا مەلىكە مۆھتىرەم خىنىمدۇر.›› بۇ تەھلىلگە ئانچە قوشۇلۇپ كەتمىدىم ، مىنىڭچە مەركىزى ئېدىيى ئۇ ئەمەستۇ ؟ گەرچە ‹‹جاللات خېنىم ››دەپ ماۋزۇ قويۇلسىمۇ ئاپتۇر ئۇ تارىخىي شەخىسكە ئېنىق بىر باھا بەرمىگەن ، بەلكىم كۆز قاراشلارنىڭ بىرلىككە كەلمىگەنلىكى سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن... ‹‹.ئۇ ئۆزنىڭ ئاياللىق قىممىتى ،غورۇرى گۇزەل پەزىلىتى ئارقىلىق تونۇلىدۇ.ئەلەمدە ۋە قەلەمدە تەڭ يىتىشكەن .›› مىنىڭچە ئاپتۇر جاللات خېنىمغا ئۇنداق باھا بېرىشى ناتايىن ....
..........................................................................................
مۇبالىغە بۇ ئەسەردە خېلى كۆپ ،يازغۇچى ئۆز ھىسسىياتىنمۇ خېل ئوچۇق بايان قىلغان ،
خۇددى باشقا بىر مەخسەتتە يازغاندەك...............................