ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 22قەۋەت قان. كە 2011-12-16 08:34 PMئەۋەتىلدى 20قەۋەتتىكى(esyankar75) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
ئەسسالام ئاداش ، بەزى گەپلەرنى قىلىۋەرمەيلى ،كىم ياسىنجان سادىق چوغلانىنى بۇ ئەسەرنى پۈتۈنلەي ئۆزى يازدى دىدى؟ ئەسەرنىڭ كىلىش مەنبەسى توغرۇلۇق نىمىلەرنى بىلىسىز؟مۇنداق قارىسىغا گەپ قىلماڭ ! ئەسەردە مۇبالىغە بولمامتى ئەمسە؟ بار ، ئەمما ئۇ تارىخى كىتاپ ئەمەس ، تارىخى رومان ، كاللىنى ئۇچۇقراق تۇتۇپ باھا بىرىڭ !
ۋەئەلەيكوم ئەسسالام ئاداش ، ھېلىقىنىڭ ئاخىرىنى يازماي بۇ يەردە يۈرۈپسىزغۇ لاۋدا نەچچىسىنى يولىڭىزغا تەلمۈرتۈپ قويۇپ.
چوغلان ئەپەندى بۇ ئەسەرنى ئەجىبا پۈتۈنلەي ئۆزى يازمىدىمۇ؟ ئسەرنىڭ كېلىش مەنبەسى توغۇرلۇق بەكمۇ كۆپ مەلۇماتىم يوق چۈنكى مەن چوغلان ئەپەندى بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغان ، لېكىن ئۇنىڭ خېلى كۆپ جاپا چېكىپ نۇرغۇن يېزا قىشلاقلارنى ئارىلاپ ، مەلۇمات توپلىغىنىنى ، ھەم پايدىلانغان تارىخىي ماتىرىياللرىنى......... خېلى بىلىمەن ، بىر تارىخىي رومان يېزىش راس ئاسان ئىش ئەمەس ، ئاددىسى بىر قېتىملىق جەڭنى تەسۋېرلەش ئۈچۈن ئاپتۇر قارسىغا يازمايدۇ ،چوقۇم شۇ يەرگە بېرىپ شۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھېدىلىكلىرىنى خاتېرىلەيدۇ، ئاندىن ئۇنى يۇغۇرۇپ چېقىدۇ... مەن ئەسەردە مۇبالىغە بولمايدۇ دېمىدىمغۇ ؟ لېكىن تارىخي روماندىكى تارىخىي رېئال شەخسلەرنى تەسۋېرلىگەندە چوقۇم تارىخىي چىنلىقنى ئاساس قېلىش كېرەك ، ئۇنى مۇبالىغە قېلىشقا ئاشۇرۇپ كۆپتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەدەبىيات كېتابىدىلا بارغۇ ، سىزچە كىچىككىنە بىر ئۆسمۈر قىزنىڭ شۇنچىلىك چوڭ جەڭدە قارشى تەرەپنىڭ نۇرغۇن جەڭدە پېشىپ يېتىلگەن چوپچوڭ بىر سەردازىنى كەينىگە يېتىپ ئوقنى نەق ئۇنىڭ كۆزىگە تەككۈزىشى مۇبالىغە ئەمەسمە؟ مىنىڭچە ئاپتۇر گەرچە شۇنچە چوڭ ھەجىملىك روماننىڭ ماۋزۇسىنى ‹‹جاللات خېنىم ›› دەپ قويغان بولسىمۇ ، جاللات خېنىم توغۇرلۇق تولۇق مەلۇمات بەرمىگەن ، ئۇنىڭدا ئۇ مەلىكە نۇقسانسىز ، شۇنچىلىك قابىل ،ئەلەم ۋە قەلەمدە ناھايتتى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ تەسۋېرلەيدۇ... ئەجىبا باشقىلار يازغان جالات خېنىم توغۇرلۇق ‹‹بەزەن مەلۇماتلار›› ئۇنىڭدا بىر قېتىممۇ كۆرۈنمەيدۇ....بۇ توغۇرلۇق كۆپ سۆزلىمەي چۈنكى مەن بۇ شاھ ئەسەرنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا خالاس ، بۇ پەقەت مېنىڭ ئويلىغانلىرىم،...
ئاخىرىدا سىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن سوراي مېنىڭ ئىنكاسىمدا قايسى يەرلەرنى قارسىغا سۆزلەپتىمەن ، قېنى كۆرسىتىپ قويۇڭ ، مېنى ئەسەرنىڭ كېلىش مەنبەسى توغۇۇرلۇق نىمىلەرنى بېلىسىز دەپسىز ، مەن سىزنىڭ نىمىلەرنى بېلىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم بار. يەنە بىرى سىز ناھايتتى كەسكىن ھالدا ‹‹ ،كىم ياسىنجان سادىق چوغلانىنى بۇ ئەسەرنى پۈتۈنلەي ئۆزى يازدى دىدى؟ ›› دەپسىز ، قېنى ئېنىق جاۋاب بېرىڭە كىم يازدى ، ئۇ تارىخي مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ ئۆزى يازماي بىرەسى يېزىشىپ بېرىپتۇما؟ بەك بىمەنە گەپلەرنى قېلىپسىز ... مېنىڭ كاللام سەل يېپىقكەن ئەمدى سىزنىڭ كاللىڭىزنى ئوچۇق تۇتۇپ بەرگەن باھايىڭىزنى ئاڭلاپ باقاي!