مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: adil2052103

نارسىدە بالىلىرىمىزنى ئىچكىرىدە ئوغرىلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13016
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6373 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:24:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېرىلگەن جىنايى جازا ھەقىقەتەتەن بەك يېنىك بوپتۇ.
جاۋابكارنىڭ قىلمىشىدىن بىر قانچە جىنايەت شەكىللەنگەن دەپ تۇرۇپ يەنە شۇنچىلىك جازا بەرگەنگە قارىغاندا، قانۇن ئاشۇ سودىيەنىڭ قولىدىكى رېزىنكە قونچاق بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ.

خەۋەردە دېيىلگەن پاكىتلاردىن قارىغاندا، جاۋابكارلارنىڭ قىلمىشى ھېچ بولمىغاندا جىنايى ئىشلار قانۇندىكى تۆۋەندىكى ماددىلارغا چېتىلىدۇ:

262–ماددا 14 ياشقا توشمىغان بالىلارنى ئالداپ ئائىلىىسىدىن ياكى ۋەسىيسىدىن ئايرىۋەتكەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

262-ماددىدا بەلگىلەنگەن يەنە بىر جىنايەت نامى:

قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، تارتىۋېلىش، قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىق ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەركەتلەرنى قىلىشقا تەشكىللىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە جەرىمانە قويىلىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولسا ئۈچ يىلدىن يۇقۇرى يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىلىدۇ.


240–ماددا ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ ساتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال–مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال–مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:



(1) ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛



(2) ئۈچتىن ئارتۇق ئايال ۋە بالىنى ئالداپ ساتقانلار؛



(3) ئالداپ سېتىۋېتىلىدىغان ئايالنىڭ ئىپپەت–نومۇسىغا تەگكەنلەر؛



(4) ئالداپ سېتىۋېتىلىدىغان ئايالنى ئىپپەت–نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان ۋە زورلىغانلار ياكى ئالداپ سېتىۋېتىلىدىغان ئايالنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىش يولى بىلەن ئىپپەت–نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار؛



(5) سېتىش مەقسىتىدە، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى ھۇشسىزلاندۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى تۇتۇپ كەتكەنلەر؛



(6) سېتىش مەقسىتىدە، بۇۋاق ۋە گۆدەك بالىلارنى ئوغرىلىغانلار؛



(7) ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار، بالىلار ياكى ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلار؛



(8) ئاياللار ۋە بالىلارنى چېگرا سىرتىغا سېتىۋەتكەنلەر.

ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش–سېتىۋېتىش مەقسىتىدە، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداش، تۇتۇپ كېتىش، سېتىۋېلىش، سېتىش، تاپشۇرۇۋېلىش، ئەۋەتىپ بېرىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشلىرىنىڭ بىرەرسىنى سادىر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.



241–ماددا ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللارنى سېتىۋېلىپ، زورلۇق ئىشلىتىپ ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەر مۇشۇ قانۇننىڭ 236–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەپ قويغانلار ياكى ئۇلارنى زەخىملەندۈرۈش، ھاقارەتلەش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋالغان 2–، 3–تارماقتا بەلگىلەنگەن جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىپ، باشقىلارغا ساتقانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 240–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئايال ۋە بالىنى سېتىۋېلىپ، سېتىۋېلىنغان ئايالنىڭ ئەسلى تۇرۇشلۇق جايىغا قايتىپ كېتىش ئارزۇسىغا توسقۇنلۇق قىلمىغانلار، سېتىۋېلىنغان بالىنى خارلىمىغان، قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا توسقۇنلۇق قىلمىغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمىسا بولىدۇ.

قانۇن رېزىنكە قورچاققا ئايلىنىپ قالغاندا......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14417
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11224
تۆھپە نۇمۇرى: 654
توردا: 2474 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:24:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىسى يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ يىغا زارىغا قارىغاندا بۇ داشقالغا جازا يېنىك بوپقاپتۇ. 5يىلدىن يۇقۇرى جازالانسا بولاتتى. 3يىل دىگەن بىردەم ئۆتۈپ كېتىدۇ.يەنە چىقىپ قىلغۇلىقىنى قىلۋېردۇ يەنە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5214
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:26:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتقا سۆرەتسىمۇ ئازلىق قىلاتتى !!!ئوتتۇرىدا ئويۇن ئويناپتۇ بۇ خۇمسىلار...

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13016
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6373 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:26:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن سودىيەنىڭ رېزىنكە قورچىقى بولۇپ قالمىسۇن



شېنجېن شەھەرلىك يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇش گوروھىنىڭ سابىق باش مۇدىرى ساۋ ئەپەندى پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقتىن يەنتيەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى مۇددەتلىك ئۈچ يىل قاماق جازاسى بېرىپ، بەش يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلغان. تەپتىش مەھكىمىسى 1-سوت ھۆكۈمىدە قانۇن خاتا تەدبىقلانغان، جازا يەڭگىل بولۇپ قالغان، دېگەن ئاساس بىلەن ئېتىراز بىلدۈرگەندىن كېيىن، شېنجېن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ساۋ ئەپەندىگە مۇددەتلىك ئون يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. ساۋ ئەپەندى 420مىڭ يۈەن پارا ئالغان بولۇپ، قىلمىشلىرىنى تەپتىش مەھكىمىسى دەلىللەپ بولغاندا ئاندىن ئىقرار قىلغان ئىكەن. (داياڭ تورىنىڭ 2011-يىل 13-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرى)
ساۋ ئەپەندىگە 1-سوتتا ئۈچ يىل جازا بېرىپ، بەش يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلسا، 2-سوتتا ئون يىل جازا بېرىلىپتۇ. بۇنداق چوڭ پەرقنى كۆرۈپ، دۆلەتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى بەزى سودىيەلەرنىڭ خالىغانچە مىجىقلاپ ئوينايدىغان رېزىنكە قورچىقى بولۇپ قالدىمۇ نېمە دەپ دەرگۇماندا قالدىم.

جىنايى ئىشلار قانۇنىدا پارا ئالغانلارغا سوممىسى ۋە قىلمىشىغا قاراپ جازا بېرىلىدىغانلىقى، سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولسا، ئون يىلدىن يۇقۇرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئالىي جازا بېرىلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن تۇرسا، ھۆكۈم نىمىشقا ئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدۇ؟
سودىيەنىڭ ئەركىن كېسىم قىلىش ھوقۇقى مۇتلەق بولمايدۇ، جىنايەت بىلەن جازا ماس كېلىش پىرىنسىپىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. سودىيە دېلوغا ئادىل ھۆكۈم قىلىش ينزىسىدىن قانۇننى چۈشەندۈرگەندە قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىپ كەتسە بولمايدۇ. سودىيەنىڭ يەكۈنى قانۇن بەلگىلىمىسىدىن ھالقىپ كەتسە، «سودىيە قانۇن پەيدا قىلغان» بولۇپ قېلىپ، جىنايەت ۋە جازانى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىغا مۇخالىپ بولۇپ قالىدۇ.
ئەدلىيەنىڭ نوپۇزى قالمىسا، تولىمۇ قورقۇنچلىق. ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان قەيەر قالىدۇ؟ ھەق گېپىمىزنى نەدە دەيمىز؟ ئىككى دەرىجىلىك سوت ساۋ ئەپەندىنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتىگە چىقارغان ھۆكۈمدە نېمىشقا شۇنچە چوڭ پەرق بولىدۇ؟ ئادىمەتچىلىك ئامىللىرىنىڭ ئەدلىيىگە سىڭىپ كېتىشى مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا قانۇننى ئاختا قىلغانلىق بولۇپ، ئەدلىيە ئادىللىقى ئېغىزدىكى گەپ، ھەتتا كۆز بويامچىلىق بولۇپ قالىدۇ.
باكون: بىر ناھەق ھۆكۈم ئون قېتىملىق جىنايەتكە تەڭ. جىنايەت ئېقىننى بۇلغايدۇ، ناھەق ھۆكۈم مەنبەنى بۇلغايدۇ، دېگەن. قانۇن ئەنئەنىسى جەھەتتىن، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرى يازما قانۇنغا تەۋە بولۇپ، بۇنىڭ ھالقىلىق يېرى «چوقۇم قەغەزدىكى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىش»تۇر، قانۇن تەدبىقلىغاندا ئۈنۈم كۈچى دەرىجىسىگە قاراش، سىياسەت، يېتەكچى پىكىر دېگەنلەرنى قانۇننىڭ ئۈستىگە قويىۋالماسلىق كېرەك. دېمەك، سودىيەنىڭ «قانۇننى ئۆزگەرتىۋېتىش» ھوقۇقى بولمايدۇ.
ئېغىر جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، ئېغىر جازا بەرسە، يەڭگىل جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، يەڭگىل جازا بەرسە، ئېغىر جازالاش بىلەن كەڭچىلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى قانۇننى بىردەك، توغرا ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئۆلچەم بولۇش كېرەك. يەرلىك قورۇقچىلىق، ئادىمەتچىلىك قاتارلىقلار قانۇننى توغرا ئىجرا قىلىشقا دەخلى قىلسا بولمايدۇ. قانۇننىڭ ئىناۋىتى ۋە نوپۇزىنىڭ قايتىدىن تىكلىنىشىگە تەقەززامىز. قانۇن سودىيەنىڭ رېزىنكە قورچىقى بولۇپ قالمىسۇن، ئەسلا شۇنداق بولۇپ قالمىسۇن.




مەنبە: خەلق تورى. خەنزۇچە تەڭرىتاغ تورىغا 2011-يىلى 13-ئۆكتەبىر كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.

ئاپتورى: چيەن گۇيلىن

تەرجىمەقىلغۇچى:
ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان

http://elbehre.com/forum.php?mod ... ;amp;extra=page%3D2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:26:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىتىۋىتىش كىرەك

غەلبە ئۈچۈن چەكك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3227
يازما سانى: 2660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15690
تۆھپە نۇمۇرى: 542
توردا: 10248 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:34:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 10قەۋەت  Diwana كە 2011-12-16 09:55 PMئەۋەتىلدى  :
ئاران 3 يىل كەسكىنىگە قارىغان خېلى پۇل تاپقان گۇيلار ئوخشايدۇ بۇ
ماۋۇ راستىنلا ئىنكاستەك ئىنكاس بوپتۇ،ئىنكاس دىگەن مۇشۇنداق بولسا...............................

مايكول سىكوفيوت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13446
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5938 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:34:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋە ئاران 3يىلما؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟300يىل ئەمەسما؟قەدىردان قانۇن ئىجرا قىلغۇچىللىرىمىز ئاندا ئاسان يىنىك جازا بەرسەھەممە ئادەم ئوغرى بۇلۇپ كەتمەمدا!؟

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19971
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10615 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:36:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى بۇنداق گۇيلارنى ئەپ چىقىپلا ئېتىۋەتسى توغرا بولاتتى .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 613
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9147
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:40:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىنىك بولۇپ قاپتۇ..

ھۈسەنجان تۇرغۇن

مۇساپىرچىلىق يا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8219
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9941
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 6069 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:56:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق ئاز بوپقالدى بۇجازا؟ھېچ بولمىغاندا 10نەچچە يىل كىسىۋەتسە ياكى ئاتسا دەيمەن شۇنداق ھايۋانلارنى.

باشقىلاردىن ئەقىللىق بول  ، ئەمما بۇنى ئۇلارغا بىلدۈرمە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش