ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 51قەۋەت esma0999 كە 2011-12-17 12:02 AMئەۋەتىلدى :
بۇ ئىچكىردىكى جىنايەت قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن بىر ئاددى دېلۇ. نىمىشقا ئۆلۈم جازاسى بەرگۈدەك ؟ئادەم دىگەن جۈسەي ئەمەس. ئورىۋەتسە، كېلەريىلى قايتا ئۆسۈپ چىقىدىغان.ئىچكىردىكى نې نې دېلۇلارنى ئوقىمىدىڭلارما؟ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ،جەسەتنى تازلىق ئۆيىگە ئېلىپ كېرىپ، چەيدۇ ، قايچا بىلەن پارچىلاپ ، قارا رەڭلىك سۇلياۋ خالىتىكلارغا قاچىلاپ، ھويلىدىكى ئەخلەت تۇڭلىرىغا تاشلاپ، بىخەرامان ھارىقى ئىچىپ ئولتۇرغان ئادەملەرنى قانداق قىلىش كېرەك؟ 50. 60مىليۇن پارە ئالغان پارخورلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟
نوشېرۋان تورداش سىزنىڭ بىر قانۇن خادىمى تۇرۇپ بۇنچىلىك ئىشلارغا ھاياجانلىنىپ كېتىشىڭىزنى ئويلىماپتىمەن.تەرجىمىدە خېلى ساۋادىڭىز بار ئىكەن. بولمىسا نۇر تورىدا مەن بىلەن بىللە قانۇن خەۋەرلىرىنى تەرجىمەقىلىپ باقامسىز -يا؟ شۇ چاغدا ئۇنچە ھەيران قالمايدىغان بولىسىز؟
esma0999 خانىم، ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت. نۇر تورىغا خەۋەر تەرجىمە قىلىشقا تەكلىپ قىلىشقا توغرا كەلسە، شۇ تورنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ماقۇل بولۇشۇم ناتايىن.
ئەمدى ئاۋۇ خەۋەردە دېيىلگەن دېلوغا كەلسەك، «سىزنىڭ بىر قانۇن خادىمى تۇرۇپ بۇنچىلىك ئىشلارغا ھاياجانلىنىپ كېتىشىڭىزنى ئويلىماپتىمەن» دەپ قاپسىز. ئالدى بىلەن مۇنبەردە ئىنكاس يازغۇچىنىڭ سالاھىيىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئارتۇقچە ئىشمىكىن دەيمەن. ئىككىنچىدىن، بۇ دېلو سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە «بۇنچىلىك ئىشلار» دەپ قارالغان بولسا، ئۇ سىزنىڭ كۆز-قارىشىڭىز. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇشى ناتايىن. مەنمۇ بۇ دېلونى «بۇنچىلىك ئىشلار » دەپ قارىمايمەن. ئاشۇ جىنايەتكارلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ «بۇنچىلىك ئىشلار» ئەمەس. ئۈچىنچىدىن ، بۇنچىلىك ئىشلارغا ھاياجانلىنىپ كېتىشىڭىزنى ئويلىماپتىمەن دەپ قاپسىز. مەن بۇ يەردە ھاياجانلىنىپ كەتكىنىم يوق، مەن ئىنكاسىمدا جاۋابكارلارغا جازا يېنىك بولۇپ قالغانلىقىنى دېدىم، جاۋابكارلارنىڭ قىلمىشى چېتىلىدىغان قانۇن ماددىلىرىنى بىلمىگەنلەر بىلىپ قالسۇن ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. يەنە بىر ئاخبارات ئوبزورىنى يوللاپ قويدۇم. بۇنى ھاياجانلىنىش دەپ كەتكىلى بولماس. ئەگەر ھاياجانلىنىپ كېتىپ ئوڭ-تەتۈر گەپلەرنى دەپ تاشلىغان بولسام، مەن ناماقۇل .
توۋا دەيمەن. ئىلگىرى ئىشلىگەن ئىدارىدە پاتەم جاۋۇلداق دەيدىغان بىر خىزمەتدىشىمىز بولىدىغان. كىم گەپ قىلسا، شۇنىڭ گېپىگە ئارىلىشىپ، ئوڭ گەپ قىلسىمۇ، تەتۈر گەپ قىلسىمۇ شۇنىڭغا ئېسىلىۋېىلىپ بىر ھازا جاۋۇلدايتتى. ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك-مۇناسىۋەتسىز ئىش بولسۇن، باشقىلار دېگەن گەپنىڭ تەتۈرىچىلا سۆزلەپ جاۋۇلداپ كېتەتتى. قېنى قىزىقراق بەزى ئىشداشلار تەگىشىپمۇ قالاتتى. پاتەمخاننىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىدىغانلار مىيىغىدا كۈلۈپ، ئۇنى-بۇنى دەپ قويۇپ، يەنە بىر مۇنچە جاۋۇلدىتاتتى. بەزىدە، پاتەم جاۋۇلداقنىڭ خۇيى مۇنبەردىكى مەن ۋە باشقىلارغا يۇقۇپ قالغانمىدۇ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.