ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
مىسرانىم مۇنبىرىدە ئىشلەۋەتقان ھەم مىسرانىم تور بىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسنى قوشۇۋاتقان ھۆرمەتلىك تورداشلار ھەممىڭلارگە ئوتلۇق سالام
مەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بۈگۈنكى سان پىروگىراممىسىدا ئۇيغۇر ئانىللىرىمىزنىڭ باشلامچىسى ،ھەم ئۇيغۇر كارخانچىلىرىنىڭ دەسلەپكى باشلامچىسى بولغان ئامىنە ئاپپاينىىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزەمدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ھەم كەمچىلىكلەرنى بايقاپ قالدىم
شۇنداقلا ئاھۇ بەدئىي توي سۈرەتىخانىسىنىڭ باش قۇرغۇچىسى مىنىڭ ئۇستازىم كىرەمجان ياقۇپ ئاكامنى كۆرۈپ بەكمۇ مەمنۇن بولدۇم چۈنكى كىرەمجان ئاكام مىنىڭ ھايات نىشانىمنى ياشاش مەقسىتىمنى ، قانداق ئادەم بولۇش لازىملىقىمنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەم كۆپ يول كۆرسەتكەن ، كىرەم ئاكا سىزنى رەسىمدە كۈلۈپ تۇرغان جانسىز سۈرىتىڭىزنى بولسىمۇ كۆرۈپ ئارلىق يىراق بولسىمۇ ھازىر كۆرۈشكەندەك تەسرات بىلەن بۇ يازمىنى يىزىۋاتىمەن مەن ھازىر بەكمۇ خۇشھال ............. سىزدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ مەن سىزنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇردۇم .
ئاخىردا مىسرانىم مۇنبىردىكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە ھەم مىسرانىم مۇنبىرنى يىقىندىن قوللاپ كەلگەن مىسرانىم ئەزالىرىغا تىنىڭ سالامەت ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشنى تىلەپ : ھۆرمەت بىلەن بۇ كىلياڭ مەشرىپىنى ھەممەيلەننىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمەن ھەم كىرەم ئاكامنىڭ بۇ مەشرەپنى ئائىلىسى بويچە كۆرۈشنى ئۈمۈد قىلىمەن مىنىڭ ئاددى كۆڭلۈم
http://makanim.cn/read.php?tid-22220.html
كامالىي ئېھتىرام بىلەن قەلەم تەۋرەتكۈچى : خوتەن ۋىلايىتى گۇما - ناھىيە كىلياڭ يىزا يۇلغۇنجان كەنتىدىكى سىزنىڭ ئىنىڭىز ھەم شاگىرتىڭىز ئىمىنجان ھىدايەت پاسىبانىدىن
ھىجىرىيە 1433 - يىل 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يەنى مۇھەررەم ئاينىڭ 22 -كۈنى مىلادىيە 2011 - يىل 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى شەنبە