مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim

ئۈمـىد غېنى ئامىنە خانىم بىلەن مـىسرانىمدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دۇنيادىن كىتىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36097
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4391
تۆھپە نۇمۇرى: 96
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:57:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈمۈد غەنىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن مىسرانىمنىڭ ‹‹سىرداشلار كۆزنىكى ››پىروگىراممىسى  ئالاھىدە جانلىنىپ كەتكۈسى!

پاكىزلىق ـ ئىماننىڭ جۈملىىسىدىندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 962
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5204
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 12:12:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىز ئىچىدە تۇنجى بولۇپ قۇۋۋەت تالقىنىنى روياپقا چىقارغان ئامىنە ھەدىمىزنىڭ جۈرئىتى ۋە شىجائىتىگە ناھايىتى قول قويغان ئىدىم...مىسرانىمنىڭ ئەجىر بىلەن داۋاملاشتۇرۋاتقان بۇ ئەھمىيەتلىك سۆھبەت خاتىرىسىگە كۆپ رەھمەت !!! ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي...

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

مېنى يىغلىغىلى ق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64949
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3840
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 791 سائەت
تىزىم: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2013-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 12:14:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(ئامىنە)نىڭ  تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.

ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلنىپ بولغان، ئىجرا قىلنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 933
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11094
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1006 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 12:43:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا زور ئۇتۇق تىلەيمەن !!!

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 8214
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 34143
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3594 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 01:19:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تالانتلىق  رىياسەتچى ئۈمىد غەنىنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئامىنە خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان ئەھمىيەتلىك سۆھبىتىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم....
سۆھبەت مەزمۇنىنى تولۇق ئاڭلاپ چىقتىم، ئامىنە  خانىمنىڭ سىركىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى، ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ  راۋاج تېپىشىنى ،ئائىلسىنىڭ مەڭگۈ خاتىرجەم، ئىناق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن....

ئابابەكرى مۇختەر ۋە ‹‹سىرداشلار كۆزنىكى››دىكى باشقا جاپاكەشلەرگە كۆپ تەشەككۈر،مىسرانىم مۇنبىر تېخىمۇ گۈللەپ -ياشنىسۇن...

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 49091
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9416 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 03:13:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرىدە بارلىق جاپالارنى تارتىپ،ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى ئۈچۈن تەر ئاققۇزۋاتقان،نەچچە مىڭ كىشىنىڭ بىلىم ئۆگىنىش،مەنىۋى بايلىقىنى ئاشۇرۇش،تور دۇنياسى ئارقىلىق بارچە دىللارنى سۆيۈندۈرگەن،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاتتا مۇنازىرە سۇرۇنى ھازىرلاشقا ئەجىر-تەرىنى سىڭدۈرگەن،مىسرانىم ئىشخانىسىدىكى ئابابەكرى مۇختارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت،ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق،ماڭغان قەدىمىدىن گۈللەر پورەكلىشىنى تىلەيمەن!
‹‹سىرداشلار كۆزنىكى››پىروگراممىسىنىڭ 8-ساننى  بۈگۈن كۆرۈپ،تولىمۇ خوشال بولدۇم،روھىيىتىمدە كىشەنلەنگەن،مەن ئۈچۈن چىگىش بوپ قالغان داۋانلار بۇ پىروگراممىنى كۆرۈپ،يېشىلگەندەك بولدى،ئۆزۈم دېھقان بولغاچقا،بازار ئىگىلىكى،ئىقتىساد،سودا-ئۇچۇر دېگەن مۇھىم ۋاستە مېنىڭ تاللاش ئوبىكتىم بۇلۇشتىن يىراق ئەمەس.ئۈمىد غەنى ئاكىمىزنىڭ ئۆتكۈر سوئال سورىشى،ئامىنە ھەدىمىزنىڭ قايىل قىلارلىق،سەمىمىي جاۋاب بېرىشى،تەتقىقات ھاياتدىكى بېسىپ ئۆتكەن ھەرەجلىرى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ،بۇ سۆھبەت خاتىرسى تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ،ئەلۋەتتە،‹‹سىرداشلار كۆزنىكى››پىروگراممىسى يولغا قۇيۇلۇپ،مىللىتىمىزدىن چىققان ئالىم،شائىر،يازغۇچى،سەنئەتچىلەرنى بۇ سۆھبەت خاتىرسىگە چىللاش،ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىنى،باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلەر،تەتقىقات ھاياتىدىكى مۇۋەپىقىيەتلەرنى ئاڭلاش ئادەمنى تولىمۇ سۆيۈندۈردىغان ئىشلارنىڭ بىرى.
ئۈمىد غەنى ئاكامنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىگە كەلگەن قەدىمىگە مەرھابا!سىزگە مۇۋەپىقىيەت،ئۇتۇقلار يار-يۆلەك بولسۇن!سىزنىڭ رىياسەتچىلىك ھاياتىڭىز مېنى بەكلا قايىل قىلغان،ھەر قېتىمقى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ‹‹كۆڭۈلدىكى سۆز››پىروگراممىسىدىكى سۆھبەتلەرنى تەكرار كۆرۈپ تۇرىمەن،سىزنىڭ يېقىنقى ئۇقۇشىڭىزنى تاماملاپ،يەنە بۇرۇنقى خىزمەت ئورنىڭىزغا كەلگىنىڭىزنى كۆرۈپ،تولىمۇ خوش بولدۇق!
سىزنىڭ بۇندىن كېيىن،مىسرانىم مۇنبىرىدە داۋاملىق رىياسەتچىلىك قىلىپ بېرىشىڭىزنى،مەشھۇرلىرىمىز،بىز نامىنى ئاڭلاشقا تېگىشلىك،تارىخىنى ئۇقۇش.ئۇلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرى سىز بىلەن سۆھبەتتە بولسا،بۇ كۆزنەكنىڭ ئۇنۋىرىساللىقى تولىمۇ ياخشى بولىدىكەن.
ئۈمىد ئاكامنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىنى قوللاپ،ئۇيغۇر توربەتچىلىكى ئۈچۈن شۇنچە ئالدىراش خىزمەت ئورنىدىن،ئالتۇندەك قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ،بۇ سۆھبەتكە باش رىياسەتچى بولغىنىغا كۆپ تەشەككۈرىمنى ئېيتىمەن!
بۇ سۆھبەت خاتىرسىدىكى ئامىنە ھەدىمىزنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھايات مۇساپىسى،يىراق مۇساپىلىك داۋانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ،كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بۇلۇپ،نۇقۇت تەتقىقاتى توغۇرلۇق مەملىكىتىمىزدە چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرغان،ھەركۈنى ئىلىم ئۆگىنىش،تەتقىقات،چەت يېزا-بازارلارغا چۈشۈپ،ئەمەلىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش،ئىزدىنىشنىڭ ھوسۇلىنى كۆرگەن،ئەمما،ئۇ بارلىق ۋاقتىنى شۇ تەتقىقاتقا ئاتىۋەتكەچكە،تالقان توغۇرسىدىكى ‹‹پاتىنىت ھوقۇقى››نى ئالالماسلىقى شۇ چاغدىكى بېرىلىپ تەتقىق قىلىش،بازار ئۇچۇرىدىن تۇلۇق خەۋەردار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئۇنىڭ نۇقۇت توغۇرلۇق تالالىق يېمەكلىلەر تەتقىقاتى يېمەكلىك،ئۇزۇقشۇناسلىق تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپتۇ،ئۇنىڭ يۇقۇرى پەن-تەتقىقات ئورگىنى بولغان ئاكادىمىيەدە ئىشلەپ،يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى پۈتكۈل مىللەت ياشلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە،مەدھىيلەشكە ئەرزىيدىغان كاتتا ئىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ياۋۇرپا دۇنياسىدىن باشلانغان سانائەت ئىنقىلابى پارتىلغىلى ئۈچ يېرىم ئەسىر بوپتۇ،بىز شۇ نۇقتىنى ئېنىق ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز،ئۇيغۇلارنىڭ سانائىتى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئاكا-ئۇكا موسابايۇف،تاشاخۇنۇم تەرىپىدىن باشلانغان،كېيىنكى ۋاقىتىنى ھېسابلاب كەلسەك،ھەقىقىي سانائەتكە قەدەم قويغان ۋاقتىمىز 1995-يىللارنىڭ كەينىدىن باشلاندى،ئۇيغۇر كارخانىلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا،كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا،ئەنئەنىۋىلىكتىن زامانىۋىلىققا قاراپ يۈزلەندى،قىسقىغىنا 20يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە،نۇرغۇن ئۇيغۇر كارخانىلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقتى،مىللىي يېمەكلىك،تۇرمۇش بۇيۇملىرى،زامانىۋى ئائىلە ئېلىكتۇرۇن سايمانلىرى بارلىققا كەلدى،ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى مەدەنىيەت،يېڭى ئويغىنىش ھەركىتىدىن قورقۇپ،ئىشىكنى چىڭ تاقاپ يېتىۋىلىش،سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلماسلىق ئىشلىرىغا خاتىمە بېرىلدى.
ئامىنە ھەدىمىزدەك ياش ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ سانائىتىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن!
بىز تەرەقىي قىلىشىمىز،ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى يۈكسەلدۈرىشىمىز كېرەك.
پۇتقا تاشنى باغلاپ قۇيۇپ،قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك چىقماي،يۈگۈرەشنىڭ ئەھمىيتى يوق!چوقۇم مۇشۇنداق پىروگراممىلارنى كۆرگەندە،ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش،پۇت-قولىمىزغا قارماق بوپ ئېلىنغان رەزگىلەرنى تاشلاپ،زامانىۋى مۇھىتتا ئالغا ئىنتىلىش،ئىرادىنى تاۋلاش مۇھىم ۋاستە.
بىز ئەڭ ئالدى بىلەن يۈكسىلىمەن دەيدىكەنمىز،ئۆز مىللىي-مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە سادىق بۇلۇشىمىز كېرەك.ئاندىن روھىيىتىمىزدە يېشىلمىگەن تۈگۈنلەرنى ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى ئاجىزلىقىدىن ئىزدىشىمىز،بارلىق پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئاكىتىپ ئامىللارنى قۇبۇل قىلىپ تەرەقىي قىلىشىمىز كېرەك![
‹‹سودىگەرنىڭ يولى بىر،رىسقى باشقا››
دېمەك،يولنى قانداق تۇتۇش،قانداق تەرىقىدە ئېپ بېرىشنى بىلسە،ئاندىن ئۇ ئۆز رىزقىنى،نېسىۋىسىنى،ئۆز خاھىشىنى،غايىسىنى چوقۇم ياخشى ئېپ بارالايدۇ.
بىز ئۇيغۇرلار %80-%90گىچە يەرگە باغلانغان،ناتۇرال تەبىئىي ئىگىلىك ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلى يەنىلا ئاساسىي ھالەت بۇلۇپ كەلگەن دېھقان مىللىتى.
ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ساقىلىغان ئاساستا،زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈش،سانائەتكە يۈرۈش قىلىش بەكمۇ زۆرۈر،بىز بۇ مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈشتىن مۇستەسنا ئەمەس،ئەلۋەتتە!
بىز ئىزدەنسەك،تەتقىق قىلساق،ئەمەلىي پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگەنسەك،ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ئىلىم-مەرىپەت بېغىدا بىلىم ئېلىۋاتقان سېتۇدىنت ياشلارنىڭ گۈزەل مەكتەپتىكى ئۇقۇش ھاياتىنى قەدىرلەپ،كەلگۈسى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ساپالىق،ئامىنە ھەدىمىزدەك تىرىشچان،ئىزدىنىش روھىغا باي،ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن قوقمايدىغان،كەسىپتە مۇۋەپىقىيەت قازىنىپ،ئۆزىنى مىللەتنىڭ،دۆلەتنىڭ تەرەقىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قۇشۇۋاتقان،ساپالىق،بىلىملىك ئالىملارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
21-ئەسىر ئۇچۇر ۋە بىئولوگىيە دەۋرى،بىز بۇ دەۋرگە دادىل قەدەم تاشلىشىمىز ئۈچۈن،قاچەنغىچە قىممەتلىك ۋاقىتلىرىمىزنى بىھۇدە ئۆتكۈزگىمىز كېلەر!
بىز زارلانماسلىقىمىز كېرەك،چوقۇم ئالغا ئىنتىلدىغان غايىبابە بىر روھ بۇلۇش بەكمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن!ئىشەنچ،ئۈمىد،پولاتتەك تاۋلانغان ئىرادە بولسىلا،كەسكىن رىقابەت تۇرمۇشىدا بىز چوقۇم غەلىبە قىلغىنى قىلغان!

ئىنسان دۇنياغا باي بۇلۇش ئۈچۈن تۇغۇلمايدۇ،بەختلىك بۇلۇش ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ.  ــــــ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
بۇ قېتىملىق سىرداشلار كۆزنىكىدىن ئالغان تەسىراتىم مېنى ياخشى بىر تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى،مىسرانىم مۇنبىرىگە كۆپ رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28343
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14994
تۆھپە نۇمۇرى: 1840
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 03:43:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئالاھ مۇنۇئىش بەك بەلەن بوپتۇ،بەك سۈيۈندۈم ،بولسا تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنىڭ بۇلىشنى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا تور بەتلەرگە ئوخشاش نەق مەيداندىن ئۇچۇر تارقىتالايدىغان سەۋىيەگە يېتىشىنى چىندىلىمدىن ئۈمۈت قېلمەن!!!

ئۇيغۇر،ئۇيغۇر،يەنە سۈيدىغىنىم سەن ئۇيغۇر!!! http://weibo.com/2109745207/profile/ شىنلاڭ مىكرو بىلوگ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7451
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9106
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 4286 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 06:33:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوقوت تالقىنىنىڭ ھەقىقى ئىگىسىنى 11يىلدىن كىيىن بىلىپتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 7130
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63497
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7948 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 09:01:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، مەن ئامىنە خانىمنى تېخىمۇ بەك چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان ئابابەكرى ئەپەندىگە تەشەككۈرۈم بولسۇن . ئۈمۈد غەنىنىڭ سۆھبىتىنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن ،ئۇنىڭ ناتىقلىقمۇ شۇنچە تەبىئى ،  تەمكىن . تولىمۇ قىززىقارلىق ھەم تېتىملىق سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ . بۇلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەش بىلەن بىرگە ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن . ۋاي ئېسىت.....ئامىنە، بازارنى تۇتۇپ قالىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغىنىنى .نوقۇت- تالالىق يىمەكلىك ئىچىدە شۇنچە ئېسىلكەن .   نىمانچە بەختىيارلىق كەيپىياتىدا بۇ ئايال . ئائىلىسىگە بەخىت تىلەش بىلەن بىرگە ئىنكاسىم تامام.

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 813
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11693
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8255 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 09:01:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىنە خانىم ھەقىقەتەن جاپالىق تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللىنىپتۇ . بىز مىللى كارخانىچىلىرىمىزنى ، تەتقىقاتچىلىرىمىزنى قوللىشىمىز كېرەك . ئەتراپىمىزدىكى ھالال ھەم ھارام مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدىن ھەقىقى ھالال مەھسۇلاتلىرىمىزنى تېپىۋېلىشىمىز كېرەك .
  ئۈمىد غەنى «كۆڭۈلدىكى سۆز» گە قايتا كىرگەندىن باشلاپ ھەممە قىسمىنى دىگۈدەك كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن . ئۈمىد غەنى بۇ پروگراممىغا قان تەرىنى بەك سىڭدۈرۈپ كىلىۋاتىدۇ . ئاشۇ تىما ئۈچۈن نۇرغۇن ماتىرىيال توپلاۋاتىدۇ . يېنىدىكى سۆھبەتداشلىرىنىڭ گىپىگە ھە ، ياق دەپ قويسىمۇ پروگرامما ئىشلىنىۋىرەتتى . لېكىن ئۈمىد غەنىنىڭ ئەتراپلىق ئىزدىنىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ . ھەپتىدە بىر يېڭى سان ئىشلىنىدىغان شۇ پروگراممىدىن ئېشىنىپ «مىسرانىم» دىمۇ پروگرامما ئىشلىشىگە ھېلىمۇ ۋاقتى يىتىشىپتۇ . شۇنداقتىمۇ ھەممە قسىىملىرىدا ئۈمىد غەنىنى كۆرۈشكە ئىنتىزارمىز ....مۇشۇ باھانىدا ئۈمىد غەنىنىڭ ئايالىغا رەھمەت ئېيتمىساق بولمايدۇ . چۇنكى ئۇ ئايال بالا ھەم ئۆينىڭ ھۆددىسىسدىن چىقمىسا ، ئۈمىد غەنى خىزمەتكە بۇنداق كىرىشىپ كىتەلمەيتتى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش