«گەدەنكەش» نامىدىكى توردىشىمىز يوللىغان سۈرەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ چىقتىم. ھەم بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ «تەرجىمىسىنى يوللاپ قويساڭلار» دېگەن تەلىپىگە ئاساسەن چۈشەنگىنىمنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەپ قويدۇم. فېڭ شياۋلۇڭ دېگەن كىشى يۇپىتىرنى يىغىپ ساقلايدىكەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە يۇپىتىر چىلانغان سۇ بىر يىلغىچە سېسىق پۇراپ قالمايدىكەن ھەم پاختىلىشىپ قالمايدىكەن، ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ پۇتى يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، يېرىق ئېغىزى ناھايىتى چوڭ ئىكەن، ئۇلار ھەر قانچە قىلىپمۇ ئانىسىنىڭ پۇتىدىكى يېرىقنى پۈتكۈزەلمىگەن، لېكىن فېڭ شياۋلۇڭنىڭ ئانىسى يۇپىتىر چىلانغان سۇدا ئون نەچچە كۈن پۇتىنى يۇيغاندىن كېيىن يارا ئېغىزى تۇتقان، يۇپىتىر چىلانغان سۇ تۇرۇبا سۈيىگە قارىغاندا سۈزۈك بولۇپ، تەمىمۇ تۇرۇبا سۈيىدىن ياخشى ئىكەن، ئۇنىڭ يەنە ئاشقازاننى ياخشىلاش ئىقتىدارى بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دىيابىت كېسىلىگىمۇ پايدىسى بار ئىكەن. ئۇ يۇپىتىرنى ئېلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئاپىرىپ ئىلغار ئەسۋابلاردا تەكشۈرتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدا ھاياتلىق ھۈجەيرىسى بارلىقى بايقالغان. ئۇ يۇپىتىرنى يىغىپ ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بىر قىسىم كىشىلەر يۇپىتىرنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن نىيىتىنى يامان قىلىپ، ئۇنى يېمەكچى بولغان، فېڭ شياۋلۇڭ بۇنى بىلگەندىن كېيىن تەرەپ-تەرەپتىن يۇپىتىر يىغىپ ئۇنى قوغدىماقچى بولغان، ئۇ بىر قىسىم يارىلانغان يۇپىتىرلارنى مەخسۇس دوختۇر دوستىنى تەكلىپ قىلىپ يارىسىنى داۋالىتىپ كۆپ ئەجىر قىلغان. ئۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: يۇپىتىرنىڭ كېسەل داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ باشقىچە پايدىلىق تەرەپلىرى بايقىلىپ قالسا كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز قانداق قىلىدۇ؟ يۇپىتىرنى باشقىلار شەخسىيەتچىلىك بىلەن يەۋەتسە كېيىنكىلەرگە نېمەم قالىدۇ؟ بىز كېيىنكىلەرگە مەسئۇل بولىشىمىز، يۇپىتىرنى قوغدىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەمىمىز ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىشىمىز لازىم. بۇ كىشىنىڭ بۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىقى مېنى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى. ئۇنىڭ چىرىشنىڭ، بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.ئۇ ئون نەچچە خىل شەكىلدىكى يۇپىتىرنى يىغقان بولۇپ، ھەر خىل رەڭدىكەن. ئۇ ئۆيىدە ھازىر 50 نەچچە يۇپىتىر ساقلىغان بولۇپ، يۇپىتىرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، بىر مىھمانخانا، ئۈچ ئېغىز لىق ياتاق ئۆيىنىڭ ئىككى ئېغىزنى مەخسۇس يۇپىتىرغا ئاجراتقان. ئۇنىڭ ئايالى ئۇنى ئالاھىدە قوللىغان. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بەك كۆپ ئىكەن. ئۇ يەنە يۇپىتىرنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىدىن پايدىلانماقچى بولغانلارغا يۇپىتىرنى «ئادەم بەدىنىگە زىيىنى يوق، چىرىمەيدۇ...» دېگەن بىر قاتار سۆزلەر يېزىلغان كاپالەتنامە بىلەن بىرگە بەرگەن. ئۇ يەنە ئالايىتەن مەخسۇس «يۇپىتىر تورى» تەسىس قىلىپ، باشقىلارنى يۇپىتىرغا ئائىت ساۋات بىلەن تەمىنلىگەن. مەن فىلىمنى كۆرۈپ بولۇپ يازغاچقا، ھەم ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم چەكلىك بولغاچقا بىر قىسىم مەزمۇنلار چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىزلەر.