مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mosajan0997

نىكاھتىن ئاجىرىشىش قىسمەتلىرى ۋە دەيدىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 1017
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13165
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7438 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 03:39:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر -ئاياللىق تۇرمۇشتا ئۆز-ئارا چۈشۈنىش ھاسىل بولسا ئاجىرشىش نىسبىتى تۆۋەنلەمدىكىن دەيمەنغۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8616
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9416
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 3007 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 05:20:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئېيتقانلىرىڭىزنى پۈتۈنلەي ھەقىقەت دەپ ئىتراپ قىلىشقا ئاجىزمەن.چۈنكى،ئۆز مەيدانىڭىزدا تۇرۇپ بەكلا بىرتەرەپلىمە پىكىر قىلىپسىز.خۇددى،قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئارتىسلىرى ئورۇندىغان‹‹ئەركەك قاقىر،چىشى قاقىر››دېگەن ئىپىزۇتىنى كۆرگەندىكىدەك ھېسسىياتتا كۈلۈپ ساپتىمەن.مەن ئويلىسام،بەكلا شەخسىيەتچىكەنسىز.تۇرمۇش دېگەن ئۈزلۈكسىز قۇربان بېرىش،چەكسىز شەخسىيەتسىزلىك ھېسابىغا سىزگە بەختنى،ئاشۇ كىچىككىنە خاتىرجەملىكنى ھەدىيە قىلىپ بىرىدىغان تۇرسا،بارچە سەۋەنلىكنى قارشى تەرەپكە ئىتتىرىپ قويۇپ،ئۆزىڭىزگە تىرناقچىلىكنىمۇ ئالمىسىڭىز تۇرمۇشنىڭ تەڭشىگى قولىڭىزدىن چىقىپ كېتىپ مۇئەللەقتىن موللاق ئىتىپ چۈشمەي ئامال يوقتە.شۇڭا بۇنداق ئاخىرى چىقمايدىغان‹‹ئەڭ ئالدىدىكى ئەركەك قاقىر،ئۇنداق ئەمەسقۇ،چىشى قاقىر››دەپ تالىشىپ ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق.‹‹ئاياقنىڭ قىستىغان-قىستىمىغانلىقىنى پەقەت شۇ ئاياقنى كىيگۈچى بىلىدۇ››دېگەندەك،ھەركىم ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ماس كەلگۈدەك رىتسىپنى ئۆزى يېزىپ چىقسۇن!ئەقىللىق ئەرلەر ئايالىنى ئۇرۇپ-تىللىمايمۇ ئائىلىدە ئۆز نۇپۇزىنى تىكلەپ،ئايالىنى ئۆزى ئۈچۈن ھەتتا ھاياتىنىمۇ قوش قوللاپ سۇنالايدىغان قىلىۋىتەلەيدۇ،ئەقىللىق ئاياللارمۇ ھەم يولدىشىنى ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرالايدۇ.بىراق،بۇنىڭ ئۈچۈن ھېلىقى تەڭشەكنى گورزىنتال ھالەتتە ياخشى ساقلاش كىرەك.چۈنكى بىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساق،باشقىلاردىنمۇ شۇ خىل مۇئامىلىنى تەلەپ قىلغان بولىمىز.بولمىسا ئەينەككە قاراپ نىمە قىلارىدۇق؟(كەچۈرۈڭلار،كۆپ سۆزلەپ قويدۇم،بۇ ئون يىللىق ئىناق تۇرمۇشۇمنڭ تەجىربە يەكۈنى بولغاچقا كۆپچىلىكنى پايدىلانسۇن دىدىم شۇ.)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2866
يازما سانى: 655
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12142
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 12911 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2013-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 07:16:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىزگە خاتىرجەملىك يار بولسۇن.....

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4643 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 08:31:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىلىيەتكە  ئۇيغۇن تىما بوپتۇ ،

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما،شىرە چۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65380
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4442
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 689 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 08:57:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بولغاندا مۇشۇ ئاجىرىشىش قورساقنىڭ توقلۇقىدىن، كىيىمنىڭ پۈتۈنلۈكىدىن، پۇلنىڭ جىقلىقىدىن، ئەرگە نىسبەتەن خوتوننىڭ جىقلىقىدىن، خوتونغا نىسبەتەن ئەرنىڭ جىقلىقىدىن كىلىپ چىقىۋاتسا كېرەك دەيمەن! چۈنكى، بۇرۇنقى چاغلاردا بەلكىم بىزلەر ئەمدى تۇغۇلغان چاغلاردا بولسا كېرەك، ئاتا بوۋىلىرىمىز ھەتتا يىگىدەك ھەم كىيگىدەكلىرى تۇلۇق بولمىغان شارائىتتىمۇ بەرداشلىق بىرىپ ئۆينى ئۆي قىلىپ كەپتىكەن، ئۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئاجىرىشىش دىگەندەك ئىشلارمۇ بوپ تۇرغان بولغىيتى لىكىن ھازىرقىدەك بولمىغان بولۇشى مۇمكىن! يەنە قىستۇرۇپ قۇيۇشقا بولۇدۇكى، ئاجىرىشىشىمۇ مودا بولۇپ قالغاندەكمۇ قىلىدۇ! ئەمما قانداقلا بولمىسۇن ، ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دىللىرىغا ئىنساب ئىمان ئاتا قىلغاي! ئاتا بوۋىلىرىمىز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى ئۇنتۇپ قالمايلى بۇرادەرلەر!

تەڭ ئىدۇق تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن نەتىجىلىرىڭدىن،
تەڭ بولارمىز ئاخىر بىركۈن قەبرە ئالدىدا.

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14455
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5442 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 09:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىغا ئەڭ ياخشىسى تۇرمۇش قۇرۇپ ، ئاچچىق - چۈچۈكنى تېتىغان تورداشلار ئىنكاس يېزىڭلار . قالغانلار ئويلىنىپ بېقىڭلار .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66399
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3724
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 614 سائەت
تىزىم: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 10:58:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىكاھتىن ئاجرىشىشنى پەقەتلا قوللىمايمەن،لىكىن ئاجراشقان ئاياللارنى توغرا چۈشىنىمەن.(بەزىبىر ....ئاياللار بۇنىڭ سىرتىدا)مىنىڭچە كۆپ ساندىكى ئاجراشقان ئاياللار شۇ ئائىلىسى ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلارنى بېرىدۇ،لىكىن ئاخىرىدا چىداپ بولالماي ،شۇ ئۇماق بالىلارنى تىرىك يىتىم قىلىپ ئاجرىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ.چۇنكى دۇنيادا چەكسىز چىدامچانلىق ۋە چەكسىز سەۋرى-تاقەت بولمايدۇ!رەھمەتلىك دادام ماڭا: ‹ئۆي دىگەن بىر زەمبىلگە ئوخشايدۇ،ئىككى ئادەم زەمبىلنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئوخشاش ئېغىرلىقتا كۆتۈرسە، بۇ زەمبىلنى ئۇزۇن يەرگە كۆتـۈرۈپ ئاپارغىلى بولىدۇ.ئەگەر بىر ئادەم ئېغىرراق كۆتـۈرۈپ قالسا ،ئېغىر  تەرەپنى كۆتۈرگەن ئادەم ھېرىپ قىلىپ كۆتۈرۈشتىن ۋاز كىچىدۇ.شۇنىڭ بىلەن زەمبىلنى جىق ئۇزۇنغا ئاپارغىلى بولمايدۇ› دىگەن!ئۇ چاغدا ئۇ گەپنى چۈشەنمەپتىكەنمەن.كىيىن نۇرغۇن تەجرىبە ساۋاقلاردىن كىيىن ئاندىن چۈشەندىم.شۇڭا نۇرغۇن ئېغىرچىلىقنى ئاياللار كۈتۈرسۇن دىگەن گەپنى ياقتۇرمايمەن.

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5627
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 12:26:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈتۈرەلمەيدىغانلارمۇ باركەندە!

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 768
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11428
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8190 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 08:20:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئەر كىشى ئۈيىدە ئايالىنىڭ ئەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى سەزگەندە تالاغا قارايدۇ» دىگەندەك بىر گىپى بارلىقى ئىسىمدە . ئەر كىشىمۇ ئەرلىكىنى يوقىتىپ ئايالغا ئايلىنىپ قالغاندا ئايال كىشى تالاغا قارىشى مۇمكىن .
   يەنە بىر سەۋەب ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قېيىن ئانا ، قېيىن ئاتا ، قۇدا باجا ، قېرىنداشلارمۇ سەۋەب بۇلۇپ قالىدۇ . ھازىر ئەر ئايال تەڭ خىزمەت قىلىپ ئۆي باقىدىغان ئادەتكە ئايلاندى . بەزى قېيىن ئانىلار كىلىنلىرىنىڭ ئالدىراشلىقىدىن قېيىن ئانىسىغا قارىيالمىغانلىقىنى توغرا چۈشەنمەي ، بۇرۇنقى ئەنئەنە بۇيىچە ئويلىشىپ كىلىنىنى يوققا چىقىرىپ ، ئوغلىغا داتلاپ بېرىپمۇ ئاجراشتۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭا بۇ جەھەتتە ئەر كىشى ئوتتۇرىدا تۇرۇپ بېرىشى كېرەك .

ئاياللار كيۇ كيۇ توپى:216013264
جىگەر كېسەللىكلىرى توپى:219711309
http://www.uqur.cn/html/754649.shtml
سەككىز ئات كەشتىسى سېتىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10191
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10271
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 4030 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2012-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 06:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر جەمىيتىمىزدە ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۆتىرۋاتقان ئاياللىرمىز نۇرغۇنغۇ،سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنىلام يازدىڭىزمۇ قانداق؟مەن ئەرلىرمىزدىما مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولسىكەن دەيمەن.سىز كەچتەرادىئۇدىن‹‹ تۈن تىۋىشلىرى››نى ئاڭلاڭ.ئاندىن نۇرغۇن ياخشى ئاياللارنى،مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەرنىڭ نۇرغۇن ئىكەنلىگنى ئۇقۇپ قالىسىز،قارىسام زىيالىدەك قىلىسىز،بىراق ھەقىقەتەن سىز دىگەندەك ئاياللارمۇ نۇرغۇن،بىراق ئەرلەرچۇ؟خۇددى سىزدە ھىچقاندەك گۇناھ يوقتەك.مەن چۈشتىلام يولدىشىم بىلەن مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق مۇنازىرلەشتىم.مەنمۇ بىر مەمۇر خىزمىتىم شۇنچە ئالدىراش،مەن يولدۇشۇمغا كەچتە بالىلار تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولغىچە تورغا چىقماڭ، ناماز ئوقۇڭ دىدىم  .شۇنچە ئاددى......ئارتۇق سۆزلىگىم كەلمىدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش