«يەنە بىر بوتۇلكا كەلتۈرۈلسۇن » دىن ئويلار
دىلو ئەھۋالى :
نۇربىيە 2011 – يىلى 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مەلۇم بىر تاللا بازىرىدا بىر بوتۇلكا «كاڭ ئۇستام» ماركىلىق يىشىل چاي سېتىۋىلىپ ئۆيگە ئاپىرىپ بوتۇلكا ئېغىزىنى ئاچقاندىن كېيىن ، بوتۇلكا ئېغىزىدا : «يەنە بىر بوتۇلكا كەلتۈرۈلسۇن ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى 2011 – يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە » دېگەن خەتلەرنىڭ يىزىلغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئەتىسى بوتۇلكا ، بوتۇلكا ئېغىزى ۋە مال سېتىۋىلىش تالونىنى ئىلىپ شۇ تاللا بازىرىغا بىرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ . تاللا بازىرى خادىملىرى مەزكۇر تاللا بازىرىدا بۇ تۈردىكى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش كەسپىنىڭ يوقلىنى ئېيتىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى رەت قىلىدۇ .
مەزكۇر دىلوغا قارىتا ئىككى خىل قاراش شەكىللەندى :
بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر : تاللا بازىرى بىلەن نۇربىيە ئوتتۇرىسىدا ئىلىم – سېتىم توختام مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن بولۇپ ، تەرەپلەر توختامنى ئادا قىلىپ بولدى ، ( يەنى نۇربىيە تاللا بازىرىغا يىشىل چاينىڭ پۇلىنى تۆلەپ بولدى ، تاللا بازىرى نۇربىيەگە يىشىل چاينى تاپشۇرۇپ بولدى دەپ قاراپ ) تاللا بازىرىنىڭ نۇربىيەگە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش قانۇنى مەجبۇرىيىتى يوق ، دەپ قارىدى .
ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر : تاللا بازىرى نۇربىيەگە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىشى كېرەك ، چۈنكى بۇ تەرەپلەرنىڭ ئىلىم – سېتىم توختام قانۇن مۇناسىۋىتىدىكى قوشۇمچە مەجبۇرىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا تاللا بازىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن قوشۇمچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك ، دەپ قارىدى .
تەھلىل :
مەزكۇر دىلودا تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتقان نۇقتا تاللا بازىرىنىڭ نۇربىيەگە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ – يوق ؟ ئەگەر تاللا بازىرىنىڭ بۇ خىلدىكى مەجبۇرىيىتى بولسا بۇ خىل مەجبۇرىيەتنىڭ خارەكتىرىنى قانداق بىكىتىش كېرەك ؟ دېگەن نۇقتىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
1. دۆلىتىمىز «توختام قانۇنى» نىڭ 60 – ماددىسىدا : توختاملاشقۇچى تەرەپلەر ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنن پۈتۈم بويىچە تولۇق ئادا قىلىشى شەرت . توختاملاشقۇچىلار سەمىمى بولۇش – لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى ، توختامنىڭ خارەكتىرى ، توختامدىكى مۇددىئا ۋە سودا – سېتىق ئادىتىگە ئاساسەن ۋاقىپلاندۇرۇپ ، ھەمكارلىشىش ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى شەرت . دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ ، قانۇن چىقىرىش نۇقتىسىدىن توختامنىڭ قوشۇمچە مەجبۇرىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن . نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ، توختامنىڭ قوشۇمچە مەجبۇرىيىتى دېگىنىمىز توختامدىكى مەجبۇرىيەتنىڭ كىڭەيتىلىشى بولۇپ ، توختاملاشقۇچى تەرەپلەر پۈتۈم بويىچە ئۆزىنىڭ بىرىم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە ۋاقىپلاندۇرۇپ ، ھەمكارلىشىش ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق توختامغا ئالاقىدار مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك . توختامدىكى قوشۇمچە مەجبۇرىيەت دەل سەمىمى بولۇش – لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ ، توختامنىڭ خارەكتىرى ، توختامدىكى مۇددىئا ۋە سودا – سېتىق ئادىتىگە ئاساسەن ئادا قىلىنىدىغان مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدۇ . ئاساسى ھەقدارلىققا ئەگىشىدىغان قوشۇمچە مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدۇ . بۇ مەجبۇرىيەتلەر جەزمەن قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى تەۋە بولۇشى ، مەيلى توختامدا پۈتۈشكەن بولۇش – بولماسلىقىدىن قەتئىنەزەر ، بۇ مەجبۇرىيەتنىڭ ئادا بولۇشىغا چەكلىمە بولمايدۇ . توختاملاشقۇچى تەرەپلەر بۇ بەلگىلىمىگە خېلاپلىق قىلىپ قارشى تەرەپكە زىيان سالسا چوقۇم مۇناسىپ تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك . ئادەتتە ، توختامدىكى مەجبۇرىيەتلەر ئادا قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن ، توختاملاشقۇچى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى تاماملاندى ، دەپ قارىلىدۇ . بىراق توختامدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن ، سەمىمى بولۇش – لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپى، سودا – سېتىق ئادىتى ئاساسەن يەنىلا ۋاقىپلاندۇرۇپ ، ھەمكارلىشىش ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك . بۇ مەجبۇرىيەت دەل ئادا قىلىشتىن كېيىن قوشۇمچە مەجبۇرىيەتكە مەنسۇپ بولىدۇ . بۇ مەجبۇرىيەت ئادەتتە ئاساسلىق مەجبۇرىيەت ئادا بولۇپ بولغاندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ . ئاساسلىق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى قوشۇمچە مەجبۇرىيەت ھەم قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلىگەن بولغان بولىدۇ ھەم تەرەپلەر پۈتۈمىگە ئاساسەن بولغان بولىدۇ .
2. مەزكۇر دىلودا ، نۇربىيە بىلەن تاللا بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىم – سېتىم توختامى ئادا قىلىنىپ بولۇنغان بولسىمۇ ، نۇربىيەگە مۇكاپاتنىڭ چىقىشى بىلەن نۇربىيە بىلەن تاللا بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۈتۈنلەي تاماملانمىدى . تاللا بازىرى سەمىمى بولۇش – لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپى ياكى سودا – سېتىق ئادىتىگە ئاساسەن ئىستىمالچىلارغا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىش مەجبۇرىيىتى بار بولغان بولىدۇ . گەرچە بۇ خىل مەجبۇرىيەت تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسىمۇ ، بىراق تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىم – سېتىم توختامىنىڭ تۈزۈلىشىدىن باشلاپ ، بۇ خىل ئىلىم – سېتىم توختامىدىن پەيدا بولىدىغان مەجبۇرىيەت ئىلىم – سېتىم توختامىنىڭ تۈزۈلىشى بىلەنلا پەيدا بولۇپ بولغان . ئۇنىڭدىن باشقا ، تاللا بازىرى تاۋارنى ساتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاۋارنى ئىشلەپچىقارغۇچى ، تەمىنلەپ بەرگۈچىلەر بىلەن تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋىتى بار . بىراق نۇربىيە ئىستىمالچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇشۇ تاۋارنىڭ سېتىلىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھالقىسى بولۇپ ، مۇشۇ تاۋارنى ئىشلەپچىقارغۇچى ، تەمىنلەپ بەرگۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تاللا بازىرىغا سىلىشتۇرغاندا ئاجىز ئورۇندا دەپ قاراشقا بولىدۇ .
3. يۇقارقىلار يىغىنچاقلىغاندا ، تاللا بازىرىنىڭ نۇربىيەگە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىشى تاللا بازىرى بىلەن نۇربىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىم – سېتىم توختامىدىكى قوشۇمچە مەجبۇرىيەت بولۇپ ، تاللا بازىرى نۇربىيەگە چوقۇم مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىشى كېرەك .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-3 04:18 PM