ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر نۇرشات نۇرمۇھەممەد (شەرارى*)
كۆز ياش
سەپەر قىلدۇق ياد بىر دۆلەتكە ، كۆنمەك بولدۇق يىڭى سەھەرگە . يازدىم دەرتنى مۇشۇ ئەسەرگە ، ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
ئېگىز _ئېگىز بىنا ئالدىمدا ، كېسەك ئۆيۈم دائىم يادىمدا . كۆنمىكىم تەس مۇشۇ ھالىمدا ، ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
ياد دۆلەتتە بىزگە ياش ھەمراھ ، ياتاق ئىچى بولۇر قىبلىگاھ . كۆرۈپ تۇرار ھەممىنى ئاللاھ . ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
ئانام ئەتكەن لەغمەنلەر قېنى ؟ جان بالام دەپ كەلگەنلەر قېنى ؟ شۇ مېھىرنى بەرگەنلەر قېنى ؟ ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
سىرتقا چىقساق قالىمىز ئىزىپ ، شۇنداقتىمۇ توختىماي كىزىپ . يۇرتىمىزغا كەتكىمىز كېلىپ ، ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
شۇ پىغاندا يۈردۇق كۈلەلمەي ، يۇرتتىكىدەك ئەركىن يۈرەلمەي . چارە يوقمۇ زادى بىلەلمەي ، ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
ئۆتەر كۈنلەر تەتۈر ساناقتا ، تەييار تۇرار ياشلار چاناقتا . تۇرغاندەكلا گويا قاماقتا ، ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
يىراقلاردا قالدى يۇرتىمىز ، كىتىشكە ھېچ يەتمەس قۇربىمىز ، ئۆزگىرىپمۇ كەتتى تۇرقىمىز ، ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
مەنبە:نۇرشات نۇرمۇھەممەد شەرارى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-6 12:14 AM
|