مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئېھسان

ئالىمجاننىڭ ماتۇرى ھەققىدە ئىككى مەسىلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58220
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 988
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 11:44:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر دېھقاننىڭ مۇشۇنداق ئىشلارغا كاللا ئىشلىتىپ يۈرگەنلىكىدىن تەسىرلەندىم.
مەن بۇرۇنقى تېمىلارنى كۆرمەپتىكەنمەن .ئەمما تۇلۇقسىزدىن تارتىپ بەكلا قىزىقىمەن مۇشۇ ئېنىرگىيە ،ماتۇر دېگەنلەرگە.
ئەلۋەتتە ئېنىرگىيە سەرپ قىلماي تۇرۇپ ماتۇرنى ھەركەتلەندۇرگىلى بولمايدۇ .ئەمما بۈگۈنكىدەك نىفىت قىس چاغدا نىفىتتىن باشقا نەرسىلەرنى ئېنىرگىيە قىلىپ ماتۇرنى ھەركەتلەندۇرسەك،بۇمۇ چوڭ مۇۋەپپەققىيەت دەپ قارايمەن .
مەنچە بولسا ئەتراپىمىزدىكى پايدىسىز ئېنىرگىيەلەرنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ پايدىلىق ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇپ چىباڭغا ھاۋا  قاچىلاشقا ئىشلەتسەك ،چىباڭدىكى ھاۋادىن پايدىلىنىپ كۈندۈزى ماتۇرنى ھەركەتلەندۇرۇپ پايدىلانساق بولىدىكەنغۇ .
مەسىلەن :ئەتراپىمىزدىكى شاخ-شۇمبىلارنى يىغىپ ئوي قۇيۇپ ئېرىشكەن ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىىسىنى تۇڭغا ھاۋا قاچىلاشقا ئىشلەتسەك ،ئاندىن ماتۇرنى ھەركەتلەندۈرسەك (بىر تەرەپتىن ماشىنىنىڭ كۇزۇپىغا ئوت قالاپ يەنە بىر تەرەپتىن ماتۇرنى ھەركەتلەندۇرۇپ يۇرۇشنىڭ ئورنى يوق بولغاندىكىن دەيمىنا )...
زاڭلىق قىلماڭلار !ئىش قىلىپ ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن بىۋاستە ماتۇرنى ھەركەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىشكە بولمايدىغان .لېكىن ئۆزگەرتسەك ماتۇر ھەركەتلىنىدىغان ئېنىرگىيەلەر بار.
قانداقلا بولمىسۇن ،نىفىتتىن پايدىلانماي تۇرۇپ ماتۇرنى ھەركەتلەندۇرۈش بىر مۇۋەپپەققىيەت.
مەن بەك ئەنسىرەيمەن نىفىت تۈگەپكەتسە قانداق قىلارمىز دەپ .
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن تېما ئىگىسى دېگەندەك ماتۇر بىزگە تەمىنلەپ بېرىدىغان ئېنىرگىيە ئۈزى سەرپ قىلىدىغان ئېنىرگىيەدىن چوڭ بۇلىشى كېرەك ئەلۋەتتە.

ئزدىنىش كۈتۈشتى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 655
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8674
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 6236 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 12:12:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست گەپ قىلسام، ئالىمجاننىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل. لىكىن بۇ تىما دەل مەن دىمەكچى بولغان تىمىكەن.
ئەمىليەتتە بۇ ھاۋا ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان ماتور 2005 - يىللىرى ھىندىستاندا بىرسى تەرپىدىن بايقالغان. لىكىن يەل قاچىلاش قا كەتكەن چىقىم ئىشلەش ئۈنۈمىدىن ئېشىپ كەتكەن، ھەمدە يەل قاچىلاش ئۈچۈن يەل قاچىلاش پونكىتلىرى قۇرۇش ھەم ۋە مېڭىش سۈرىتى ۋە باشقا ئامىللارنىڭ قۇلايسىزلىق سەۋەبلىك ئۇ ھىندىستانلىق بايقۇخۇچىمۇ ئەمىلىي ئىش قىلالماپتىكەنتۇق. لىكىن ئالىمجان ئاكاشنىڭ بۇ مەىسلىلەرنى ھەل قىلىپ ئەمەلىي ئىش قىلالىشىنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن. ھە راست، ئىنگلىزتىلى بۈلدىغانلارئنگلىزچە گۇگۇلغا كىرىپ ھاۋا ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان ماتور ھىندىستاندا دەپ كىرگۈزسەڭلار تاپالايسىلەر..

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2593
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 2202 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 12:15:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگىچە گۇمانغا تايىنىپ بۇنداق تېما يازماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ! دېگىنىڭىزنى چۈشەندىم ، لېكىن مۇشۇنىڭ تەسىرىنى ئويلىشىپ ئىش قىلارسىز ....

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .

ئالدىراشلىق .....

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 158
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 01:14:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلىفە يوللىغان ۋاقتى  2012-1-14 10:09 AM
ماڭ قاراڭ خان بىز بۇ يەردە بۇنىڭ گۇمانلىرىغا چۈشەنچە  ...

گەرچە ئىنكاسىڭىزنى ئادەمگە ئۈسسۈيدىغاندەكلا يازغان بولسىڭىزمۇ سىزگە چىرايلىق چۈشەنچە بېرەي...
ئالىمجاننى مۇتلەق كۆپ قىسمىمىز قوللايمىز بۇنىڭ يالغىنى يوق، شوئار دەپمۇ قارىمايمەن ،چۈنكى ئۇ دېھقان ،قىيىن شارائىتتكى ئىزدىنش روھى ،تىرىشچانلىقى ئاپتور،سىز ،بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئاتلىقلارنى ئەلۋەتتە پەخىرلەندۈرىدۇ  ،مېنىڭچە ئۇيغۇر دېھقاندىن نۇرغۇن پاتنتقا ئېرىشكەن بىرەيلەن چىقتى بىلەن ئۇيغۇز زىياليدىن چىقىپتۇ دېگەن ئىككى ھالەتنى سېلىشتۇرساقمۇ يەنىلا ئالدىنقىسى بىزنى كۆپ خۇش قىلىدۇ ..شۇڭلاشقا بۇ خەۋەر ئىلگىرى  سەلكىنگە يوللاىغان ۋاقىتتا  خۇشلۇقتىن شۇ تېمىنى ئوندەك توپقا ئەۋەتىپ بولغانمەن  ...لېكىن كېيىنچە بۇ توغرىسدىكى ھەر خىل مۇلاھىزىلەر ،ھەتتا يەرمەنكىگە قاتنىشىپ ماشىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر ،فىزىكلار(سىز بىز فىزىك ئەمەس دەپسز ،«بىز »دېمەي«مەن »دەپ ئالارسىزبولسا ) نىڭ بايانلىرىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى سەل تۇتىۋالغان بولدۇم ..
ئالىمجان توغرىلىق ئەمەس ئالىمجاننىڭ ماشىنىسى توغرىلىق مۇلاھىزە قىلىشنىڭ نەرى خاتا؟ بۇ خىل ئارىمىزدىن چىققان كەشپىياتچى دېھقاننىڭ نەتىجىسگە بىۋاستە باغلىنىدىغانلىق سەۋەپلىك كۆپ قىسملارنىڭ  تەبىئىي پەن ،ئەھمىيەتلىك مۇلاھىزىلىرىگە  قىزىقىش قوزغايدىغان مەزمۇندىكى تېمىلارنى ئەيىپلەپ ،مۇلاھىزدىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچىمىز،ئەكسچە نەدە تېتقىسز خوتۇن توغرىلىق تېمىلاردا چاڭىلداپ سايرايمىز ھەيرانمەن....
ئەمدى بۇ تېمىنىڭ يوللنىشى ۋە ئالىمجان ئۈستىدىكى ھەرقانداق خاتا -توغرا مۇنازىرىسگە قاتناشمايمەن ،چۈنكى مەن ۋە كۆپچىلىكىنىڭ قىزىقىدىقىنى بۇ ئەمەس ،سەۋەبى  كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئالىمجانغا بولغان باھايىمىز ئۆزگەرمەس يەنى ئۇنىڭغا بولغان قايىللىق ،تېما ئۈستىدە بولسا تېمىدىكى سوئاللار ئورۇنلۇق قويۇلغان دەپ قارايمەن ،ئەمدى دىققىتمنى ئەھمىيەتسىز تالاش تارتىشقا ئەمەس ،نوقۇل شۇ ماشىنىڭ ئىش ئىشلەشتىكى ئۈنۈمدارلىقى ،قوللىنشچانلىقى زادى قانچىلىك دېگەن ئىلمىي پىكىر يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ھاياجاندىن خالىي مۇلاھىزىلىرىگە قارىتاي....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2743
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 03:17:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تەتىل بۇلۇپ قايتىپ كەلگەندە باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئالىمجاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ كەلگەن. ( ئۆيىمىز يېقىنلا ئىدى ) ئالىمجاننىڭ بۇ كەشپىيتىنى جۇڭگۇ ئىلم-پەن  ئادېمىكدىن ۋە  قەشقەر ئىلىم ھۇقۇق ئىشخانسىدىن ئادەم كىلىپ كۆرۈپ كىتىپتكەن، لېكىن ئۇلار بۇ نەرسنىڭ ھەققى ماھيتىنى بىلەلمەي كېتىپ قالدى دەپ ئالىمجان ئۆزى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن .

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 830
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 1333 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 04:18:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hazniqi يوللىغان ۋاقتى  2012-1-14 01:14 PM
گەرچە ئىنكاسىڭىزنى ئادەمگە ئۈسسۈيدىغاندەكلا يازغان  ...

مەن بىز دەپ سىزنى قىتىۋالمىدىم پەقەت مۇشۇ توردىكى فىزىكىدىن ئازىراق ساۋادى بار لىكىن قۇلىمىزدىن فىزىكىنى تەتقىق قىلمايدىغان ھەم فىزىكىلىق مەسىلىلەرنى شەرھىلەپ بىرەلمەيدىغان سەۋىيەدە بولغانلىرىمىز كۆپرەك بولغانلىىم ئۈچۈن بىز دەپ ئالدىم ،قارسام سىز فىزىكىدا خىلى بىلىمىڭىز بار ئوخشايدۇ ،بىزنى ئۆزىڭىز بىلەن پىكىىرلىشىكە مۇناسىپ كۆرمىگەنلىكتىن مىنى قىتىۋالماڭ دىگەندەك تۇرىسىز،مىنىڭ سىلەردىن ئۈتۈنىدىغىنىم بۇ ئىش پات ئارىدا ئىنىقلانماقچى ،مەنمۇ ئالىمجاننى ئالەم شۇمۇل كەشپىياتچى دەپ ماختاپ كەتمىدىم ،ئۆزى پانتىت ھۇقۇقىنى ئالدىم،پات ئارىدا چۈشەنچە بىرىمەن ،توردا مەن توغۇرلۇق تالاش تارتىش قىلماڭلار  ،بەزىلەر بەك چۈشۈرۈپ بەزىلەر ماختاپ ئۇچۇرىۋىتىپ روھى كەيپىياتىمىزغا تەسىرى بۇلىدىكەن مۇشۇنى تورداشلارغا يەتكۈزۈپ قويسىڭىز دىگەن شۇڭا سىلەرگە زەھرىمنى سانجىۋىلىش ئەمەس ئۈتۈنۈش يۇزسسىدىن تىما يوللىغان

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31565
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6573 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 06:29:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىم-پةن دېگةن ھىسياتنى ئةمةس ئةمةلى نةتىنجىنى ئاساس قىلىدۇ.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 313
تۆھپە نۇمۇرى: 220
توردا: 5959 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 10:41:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىليەتچان بولغانغا يەتمەيدۇ،  ئالىمىجاننىىڭ ئۆيگە بېرىپ  كۆرۈپ كەلگەنلەرمۇ بۇ ئىش توغۇرلۇق كۆپ نەرسىلەرنى دىمەپتۇ.بۇ نەرسىنىڭ ئىش ئىشلەش پىرنسىپى بىز گە ھازىرچە ناتونوش.شۇڭا ھازىرچە مەن خەپشۇك.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26555
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3356
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2011-1-17
ئاخىرقى: 2012-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 10:58:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ تېمىنى ئەسلى شۇ ماتۇرنىڭ قانۇنيىتى توغرىسىدا ياخشىراق بىر مۇلاھېزە بولسىكەن دەپ يوللىغان بولسا كېرەك تېما ئېگىسى. بەزەنلەر  نېمىلەرنى ئېنكاس قىلىپ يىزىپ توشتۇرىۋەتتى بۇنىڭغا ، ئەگەر گەپ تالاشقۇڭلار بولسا مۇنبەرنى قالايمىقان قىلماي تېمىغا مۇناسىۋەتسىز پىكىرىڭلار بىلەن ، QQ بولامدۇ ياكى تېلفۇندا بولامدۇ ئالدىرىماي دېيىشىۋالاسىلەر . ما ھاياجىنىنى باسالمايدىغانلار ئەڭ ياخشىسى تېمىنى ۋە تېما ئېگىسىنىڭ ئەسكەرتىشىنى ئۇبدان كۆرىۋىتىپ ئاندىن ئىنكاس يازاسىلەر .

پارلامېنت - ھوقۇقنىڭ بەلگىسى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58220
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 988
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 12:05:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلىفە ئاكىمىز بىلەن خەزىنىچى ئاچىمىز :
بولدى تالاشماڭلار ،مەن دىققەت قىلسام ھازىرغىچە بىر قانچە تېمىلاردا تالىشىپ قالدىڭلار،بۇنداق بۇلىۋەرسە ئوتتۇرىدا ئازارچىلىق يۈز بېرىپ قالمىسۇن ،ئەمەلىيەتتە مەن قارىسام ئىككىلىڭلار ياخشى ئادەمدەك قىلىسىلەر ،ئادەۋەت بۇلۇپ قالمىسۇن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش