بۇ ماقالىنىڭ ئەمەلىي قايىل قىلىش كۈچى بار ئىكەن، كەتكەن ئېنېرگىيە بىلەن ئېرىشكەن ئېنېرگىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بولسا بۇ ئەلۋەتتە ئۈنۈمسىز ئىش بولماي نېمە ؟؟؟
يوق نەرسىلەرنى ئىنسانلار ھېس قىلغاندىن كېيىن قول سېلىپ ئىجاد قىلىدۇ، ئالىمجان ئاكىمىزمۇ دەل مۇشۇنداق قىلالىدى، ئەمدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى بۇنى ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى بار قىلىپ بازارغا يۈزلەندۈرۈش مەسىلىسى، بۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، توختىماي ئىزدىنىشكە، سىناق قىلىشقا ھەم بىر دۆۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ سان - سىفىرلىق دوكلات نەتىجىسىگە ئىگە بولۇپ، باشقىلارنى تولۇق قايىل قىلالىغاندىلا ئاندىن بازار توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشقا بولىدۇ ..... بۇنىڭغا مۇئەييەن جەريان شۇنداقلا ۋاقىت كېرەك .....
ئالىمجان ئاكىمىز كەلگۈسىدە باش قاتۇرۇپ، ئېرىشكەن ئېنېرگىيەنى سەرپ بولغان ئېنېرگىيە زور دەرىجىدە چوڭ قىلىپ ماتور ياسىيالىسا بۇ ھەممىمىزگە تولىمۇ خوش بولارلىق سوۋغات بولغان بولىدۇ ھەم ئالىمجان ئاكىمىزنىڭ شۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .... ئۈمىد غەلبىنىڭ ئاساسى ....
ئەنە شۇنداق كۈنلەر كېلىپ قالسا مەن بىرىنچى بولۇپ، قىسىلغان ھاۋا قاچىلايدىغان ھاۋا ئىسكىلاتىدىن بىرنى ئاچىمەن .... خۇددى گاز قاچىلاش پونكىتلىرىغا ئوخشاش ...
سىىز ماشىنىڭىزنى ھەيدەپ ھاۋا ئىسكىلاتىمغا كەلسىڭىز مەن خۇشخۇيلۇق بىلەن ئالدىڭىزغا چىقىپ ماشىنىڭىزنىڭ كەينىدىكى ھاۋا قاچىلايدىغان باكقا يۇقىرى بېسىم بىلەن سىقىلغان ھاۋادىن 10 يۈەنلىك قاچىلاپ بەرسەم سىز چاتاق يوق 100 كىلومېتىر يول يۈرەلەيسىز..