مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: maymah

تەخت جىدىلى (مايماق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۈللەرنىڭ توزۇپ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12717
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7244
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 12:14:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا ئاللا مايماق ئەپەندى .....سىز مۇ ما چۆچەك دىگەننى تىتىيدىكەنسىز -ھە ......ھە داۋاملىق داۋامىغا تەشنامىز ..........داۋامىنى بىراقلا ئوقۇپ تۈگۈتۈپ ئاندىن مەنمۇ ئىنكاس دىگەننى تولۇقى بىلەن  قاتۇرۋېىتەي ھە ما تىمىغا ،..........

ئۅزىنى تۇتۇشنى بىلگەن ۅالال ئادەم ،ساحتىپەزلەرنىڭ پۉتۉن نەيرەڭلىرىنى كۅپۉنچە روشەن كۅرۉپ تۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 919
توردا: 1306 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 04:11:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(4)شاھسىز كېڭەش

-توختىسىلا تاغا ،موللاق تاغامدىن سورايدىغان
ئىشلار كۆپ،-دەپ موللاق ئەييارغا قارىدى.
موللاق ئەييار ئاغزىنى ئۆمەللىدىيۇ،ئاغىزىدىن گەپ چىقماي بېشى بىر ياققا قىيسايدى.
بۇنى كۆرگەن شاھزادە ھودۇقماستىن :
-ئۇ ھوشىدىن كەتتى،ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ بارايلى.بەرىبىرى تىمەن ئاتام ئۆزى سوراق قىلسمىسا بولمايدۇ.،ئالدىرىماي ئۈچىمىز بىللە ماڭايلى.موللاق تاغامنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ -دىدى ھەييارنى باغلاپ دۈمبىسىگە ئالغاچ .
ئۇلار شەھەر مەركىزىدىن چىقىپ ئاندىن سەپەرگە چىقىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ شەھەر سىرتىغا قاراپ ماڭدى.
ئۇلار ئابايتىن بېرى موللاقنى تۇتۇش غېمىدە يۈرەتتى.
مانا ئەمدى ئۇلار موللاقنى تۇتۇۋالغاندىن كىيىن،مۇسىبەت ئىسىگە كىلىپ ئۇلارنى يىغا باستى.ئۇلار كۆز يېشى قىلغاچ مېڭىپ تەڭ كەچ بولغاندا ئوردىغا يىتىپ كەلدى.ھەممەيلەن تىت –تىت بولۇپ ئۇلارنى ساقلاپ تۇراتتى.ئۇلارنىڭ ئەييارنى تېزلا تۇتۇپ كەلگەنلىنى كۆرگەن قاۋۇل سۈباشى كۆز يېشىنى سۈرتۈپ ئۇلارغا قاراپ:
-يارايسىلەر !!دەپ ئۇلارنى بىردىن قۇچاقلاپ قويدى.
ئەتراپتىكىلەر يىغا-زارىنى توختۇتۇپ دېھقىتىنى تىرىك قولغا چۈشكەن موللاق ئەييارغا دېھقىتىنى ئاغدۇردى.
ئۇ يەنىلا ھوشسىز ئىدى.ئاۋۋال ئۇنىڭ يېنىنى ئاختۇرىۋىدى،قوينىدىن شاھنى قەستلىگەن ‹‹سىرمەل››دىگەن ئۆسۈملۈك چىقىپ قالدى.ئاندىن يۇلغۇن تىۋىپ ئۇنى يەكشۈرۈشكە باشلىدى.تەكشۈرگەچ غەزەپتىن قوللىرى تىترەيتتى.
-ئانار شەربىتى ئەكىلىڭلار،-دىدى ئۇ يېنىدىكى ئىككى شاگىرتىغا.
-ئۇنىڭغا نىمە بوپتۇ؟،-دەپ سورىدى تېمەن ھاجىپ
ئاۋۋال ئېغىز ئېچىپ.
-باشقا ئالامەت يوقكەن....،-ئاۋۋال شەربەت ئىچىپ باقسۇن،-دىدى يۇلغۇن تىۋىپ ئورنىدىن تۇرغاچ.
ھايال ئۆتمەي ئىككى تىۋىپ ئانار شەربىتىنى ئېلىپ  كەلدى.يۇلغۇن تىۋىپ شەربەتنى موللاق ئەييارغا ئىچكۈزگەندىن كىيىن.موللاق ئەييار كۆزىنى ئېچىپ ئەتراپتىكىلەرگە قارىۋەتكەندىن كىيىن ،ئاندىن ئۆزىگە بىر قۇر سەپسېلىۋىتىپ:
-شاھىم قانداق بولدى؟مىنى نىمىشقا باغلاپ قويدۇڭلار؟،-دەپ سورىدى ئۇتىمەن ھاجىپتىن.
ھاجىپ ئاۋۋال ئۇنىڭ يېنىدىن چىققان سىرمەلنى ۋە
سالىھ ھەزرەتنىڭ كۆكسىگە قادالغان خەنجىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ موللاقنىڭ بىر نەرسە دىيىشىنى
كۈتۈپ تۇردى.موللاق بۇلارغا قاراپ، بولۇپمۇ خەنجىرىگە قاراپ:
-بۇ نىمە؟مىنىڭ خەنجىرىم بۇ يەردە نىمە قىلىدۇ؟،-دەپ سورىدى ھەيرانلىق بىلەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تاقىتى تۈگىگەن ئۆزەل ئەييارنى تىللاشقا باشلىدى:
-موللاق،سەن بىر ئوغرى ئىدىڭ ،شاھىم سىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ،سىنى نام شۆھرەتكە ئىگە قىلدى .ساڭا پەرىلەرنىڭ مەلىكىسىنى ئېلىپ بېرىمەن دەپ،دۆلەت ئانىسى،ئۆمۈرلۈك جۈپتى رەنا خانىشتىن ئايرىلدى.شاھىمغۇ مەيلى سالىھ ھەزرەت قولىدا قەلەمدىن ئۆزگە نەرسە تۇرمايدىغان،مۇلايىم زاد.ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرىپ ئۆزى ئۆلگىلىمۇ جىق قالمىغان ئادەمگە خەنجەر ئۇرۇشقا يۈرىكىڭ قانداق چىدىدى؟
ئۆزەلنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان موللاق ئەييار تىمەن ھاجىپقا قارىۋىدى،ئۇمۇ ئۆزەلنىڭ سۆزىنى تەستىقلىغاندەك قاراپ تۇراتتى.موللاق بۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن
كىيىن نىمە دىيەرىنى بىلەلمەي قالدى.دۆلەت ئۇستازىنىڭ ئۆزىنىڭ خەنجىرىدە ئۆلگەنلكىنى ئويلاپ قاتتىق ئازاپلاندى.ئۇنىڭ جىمجىت تۇرىۋالغانلىقىنى كۆرگەن قاۋۇل سۈباشى موللاقتىن كۆزىنى ئۈزمەي:
-موللاق شاھ مۇھاپىزەتچىسى بولۇشتىن سىرت قوشۇنننىڭ ئايغاق بېگى ،پارىغ زىندان بېگى ئۇنى ئۆزىڭىز
ئىقرار قىلدۇرۇڭ.،-دىدى رەھىمسىز ئاھاڭدا.
پارىغ زىندان بىگى لەشكەرى ئىشلار زىندانىنىڭ زىندان بېگى بولۇپ ،ئىنتايىن رەھىمسىز ئادەم ئىدى.ئەينى چاغدا سۈباشىنىڭ بۇيرۇقىسىز جىنلار قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىپ قوشۇننى تالاپەتكە ئۇچراتقاندا،چوڭ شاھزادە ئۇنىڭ سورىقىنىڭ تەمىنى ئوبدانلا تېتىغان ئىدى.
-ھۆرمەتلىك ئۇستاز،پارىغ زىندان بىگى تەڭداشسىز
جازالىرى بىلەن تامدىن سۆز ئېلىشقا قابىل بولسىمۇ،
ئەمما موللاق ئەييارمۇ جازادىن قورقۇپ قالىدىغانلاردىن ئەمەس.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئوردا زىندىنىدا كەنجى شاھزادىنىڭ سوراق قىلغىنى لايىقمىكىن؟،-دىدى شاھزادە تۆۋەنچىلىك بىلەن.
كەنجى شاھزادە ئوردا زىندىنىنىڭ زىندان بېگى بولۇپ ،ئىنتايىن مۇلايىم ئىدى.لىكىن ئۇنىڭمۇ بىر تۈركۈم ئۆزىگە خاس ئاماللىرى بولۇپ،ئەپسۇن،سەراپ،كىيماگەرلىك ئىلىملىرى بىلەن خېلى-خېلى جىنايەتچىلەرنى ئېغىز ئاچقۇزالايتتى.
-مەنچە پارىغ زىندان بېگى سوراق قىلىۋەرسۇن.كەنجى شاھزادىنىڭ باغرى يۇمشاق.ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسىبەتتىن كىيىن ئۇ شاھىمىز بىلەن دۆلەت ئۇستازىنىڭ مىيىتى ئالدىدا ياش تۆكۈپلا تۇرىدۇ.ئۇنى سوراق قىلىشقا زېھنى يار بەرمەسمىكىن؟،-دىدى قاۋۇل سۈباشى چوڭ شاھزادىنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالماي.
سۈباشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان شاھزادە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ قويدى.
مەسلەھەتنىڭ پۈتكىنىنى كۆرگەن پارىغ زىندان بېگى ئەييارنى ئىشكەللەپ زىندانغا ئېلىپ ماڭدى.
ئەييار سوراققا ئېلىپ كىتىلگەندىن كىيىن گۈزەن مەلىكە مۇسىبەت يادىغا كىلىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدى.تىمەن ھاجىپ ئالدىرىماي يانچۇقىدىن كەشتە گۈللۈك ياغلىقىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتىۋەتكەندىن كىيىن:
-يىغلىماڭ قىزىم.ھازىر سىز يىغلايدىغان ۋاقىت ئەمەس. سىزنىڭ  ئەلگە باش بولۇپ ،بۇ سۈيقەستنى پاش قىلىپ ئاتىڭىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتىڭىز بار.،-دەپ بەزلىۋىدى.ئۇنىڭ گېپى قاۋۇل سۈباشىغا ياقمىدى.ئۇ ئالدىرىماي ئورنىدىن تۇرۇپ:
-شاھىم ۋەسىيەتنامىنى ئۆزلىرىگە يەتكۈزگەنمىدى ھاجىپ؟،-دەپ سورىدى تىمەن ھاجىپتىن.
-يوقسۇ..تېخى شاھىم ۋەسىيەتنامىنى پېقىرغا يەتكۈزمەيلا قازا قىلدى.،-دىدى تىمەن ھاجىپ  ۋەزمىن ئاھاڭدا.
-ئۇنداق بولسا مەلىكىنى ئەلگە باش بولۇڭ دەيدىغانغا ئۆزلىرىنىڭ ھوقوقلىرى يەتمەسمىكىن؟ئۇنىڭ ئۈستىگە موللاقنى ھىممەت شاھزادە تۇتۇپ كەلدى.ھەممە ئىشنى كېڭەش بىلەن قىلساق بولۇرمىكىن؟،-دىدى قاۋۇل سۈباشى ئالدىرىماي ،ئىنىق قىلىپ.
بۇ ئىككى ئوردا مۆتىۋىرىنىڭ سۆزىگە ئارلىشالمىغان ئوردا ئەھلى ئىختىيارسىز ئۈستىدىكى ئىككى تەختكە قارىدى.ئەمما ئىككى تەخىت ئىگىسىز ئىدى.ئىككى مۆتىۋەرمۇ ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويغىنىنى تۇيۇپ خىجىل بولۇپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن ئوردا تىمتاسىلىققا چۆمدى.بىردەمدىن كىيىن ئۆزەل جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تاشلىدى.
-ئەمىسە....ئاقىللار گەپ قىلىشمىغاندىن كىيىن مەن ئازراق گەپ قىلاي....،-دىيىشىگىلا بىر چەتتە
تۇرغان ئادىل مىرزا ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپلا ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى..
-پېقىرنىڭ قارىشىچە يېڭى شاھنى تېزدىن بىكىتىپ
ئەتە ئەتىگەن يېڭى زامان شاھىغا تاج كىيدۈرۈپ،ئاۋامنى خاتىرجەم قىلىپ ،چۈشكە شاھمىمىز بىلەن دۆلەت ئۇستازىنىڭ جەسىدىنى دەپنە قىلىپ ئۇلارنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزايلى.،-دەپ جايىغا كىلىپ ئولتۇردى.
ئوردا ئەھلى بىر-بىرىگە قارىشىۋەتكەندىن كىيىن،
بۇ پىكىرنى ھەممەيلەن ماقۇل كۆرۈپ قاۋۇل سۈباشىغا قاراشتى.چۈنكى ئۇ مەيلى ياش ياكى تۆھپە جەھەتتە ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
-مەن چوڭ شاھزادىنى كۆرسىتىمەن،سەۋەبىنى مەرھۇم شاھىمىزغا مەلۇم قىلغان.،-دىدى سۈباشى قىسقا قىلىپ.
ھەممەيلەن تىمەن ھاجىپنىڭ ئاغزىغا قارىشىۋىدى،
ئۇ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كىيىن :
-مەن سۈباشىنىڭ پىكىرىغا قوشۇلدۇم.،-دىدى دە گەپ قىلماي تۇردى.بۇگۈننىڭ تۈنۆگۈنگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلەتتى.ئەمدى ھەممەيلەن يەنە ئۆزەل تۈمەنبېشىغا قاراشتى.ئۆزەل ئادىل مىرزىغا بىر قارىۋېتىپ ،ئالدىرىماي ئورنىدىن تۇرۇپ:
-مەنمۇ تۈنۆگۈن چوڭ شاھزادىنىڭ بۇ تەخىتكە خۇددى....،-دەپ تۇرىۋىدى ئادىل مىرزا ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى.
-مەن ئۈچىنچى شاھزادىنى كۆرسىتىمەن.سالىھ ئۇستازنىڭ تەلىمى،ھەر كىشىگە شىپادۇر،-دەپ جايىغا كىلىپ ئولتۇردى ئادىل مىرزا.ئۇنىڭ نەسەبى تۆۋەن بولغان بىلەن بۇ سۆزى خېلىلا ۋەزىنلىك ئىدى.
ئاندىن ئوردىدىكى باشقا ئەلەمدا قەلەمدار تۇغدارلار ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئېيتتى.ئەلەمدار تۇغدارلار توپىدىن 4 تۇغدار مەلىكىنى(ئاساسلىقى سەپباشى تۇغدارلار)12تۇغدار چوڭ شاھزادىنى (پۈتكۈل قوشۇن تۇغدارلىرى)2تۇغدار كەەنجى شا            
ھزادىنى(ئوردا شەھىرىنىڭ مۇھاپىزىتىگە مەسئۇل
ئىككى تۇغدار)قوللدى.
قەلەمدارلار توپىدىن مەلىكىنى بىرسىمۇ قوللىمىغانىدى.چوڭ شاھزادىنى 4تۇغدار(قوشۇن ئارقا سەپ ئىشلىرىغا مەسئۇل تۇغدارلار)كەنجى شاھزادىنى 17 تۇغدار(پۈتۈن قەلەمدارلار )
شۇنىڭ بىلەن كېڭەشتە مەلىكە 4ئاۋازغا چوڭ شاھزادە 19ئاۋازغا،كەنجى شاھزادە 19ئاۋازاغا ئېرىشىپ قالدى.گەرچە ئىككى ئوردا مۆتىۋىرى چوڭ شاھزادە تەرەپتە بولسىمۇ،مۇشۇنداق بولۇشىنى پەرەز قىلغان ئادىل مىرزا ئابايلا دۆلەت پىشۋاسىنىڭ گېپىنى ئەسكەرتكەنىدى.ئوردا قانداق قىلىشنى مەسلەھەتلىشىپ تۇرىۋىدى،يۈزلىرى كۆيۈك تاتۇقى بىلەن توشۇپ كەتكەن كەنجى شاھزادە كىرىپ كەلدى دە،ھەممەيلەننىڭ
ئەقلىنى ھەيران قالدۇرۇپ ،ئۇدۇل بېرىپ ئاتىسىنىڭ
تەختىدە ئولتۇرۇپ ،ئۇنىڭ تاجىنى بېشىغا كىيدى.
ئۇنىڭغا ئاۋاز بەرگەن تۇغدارلار دەرھال بىر تىزى بىلەن يۈكىنىپ قولىنى مەيدىسىگە ئېلىپ سالام بېرىپ
-زامان شاھىنىڭ قەدەملىرىگە مۇبارەك بولغاي.!!!!،-دىدى تەڭلا.
-تۈزۈت قىلىشمىغايلا،-دىدى شاھزادە ئۇلارغا ئورۇن كۆرسۈتۈپ.كەنجى شاھزادە:
-يارلىق !!!،-دەپ تۇرىۋىدى قاۋۇل سۈباشى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى.
-شاھزادەم!!!ئەركىلەۋاتمايدىغانلا؟؟ھېلىغۇ سىلىكەن ئاتىللىرىمۇ مىنىڭ ئالدىمدا بۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلمايدۇ.،-دىدى سۈباشى رەنجىپ.
-شاھ ئاتامنىڭ كىمنى كۆرسەتكىنى نامەلۇم.ئەمما دۆلەت ئۇستازى مىنى كۆرسەتكەن.ئۇنىڭ ھېكمتلىرىنى تۈمەن يىل ئۆلمەيدىغان ئەسەر دەپ تەرىپلەپ ھالا ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ ئەتىسى ئۇنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالمامسىلەر؟دۆلەت ئاتىسىنىڭ تەختىنىنڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشمىغايسىزلەر.ئەزىز ۋەزىرلەر.،دەپ سۆزىنى توختاتتى شاھزادە .
بۇنى ئاڭلاپ ھېچكىم گەپ قىلالماي تۇرىۋىدى.
سىرتتىن پارىغ زىندان بېگىنىڭ مەلۇماتچىسى چېپىپ كىردى.
-مەلۇمات!! موللاق ئەييار مەن چوڭ شاھزادىنىڭ خان بولۇشىنى قوللايمەن ...مەن گۇناھسىز بۇنى ئوردىدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ قويساڭلار ،-دىگەنىدى.
-ئۇ نىمە دەۋاتىدۇ؟،-دەپ سورىدى تىمەن ھاجىپ
مەھرەمدىن.
-مەن ئۆزەلنىڭ ماڭا مۇش ئاتقىنىنى بىلىمەن،كۆزۈمنى ئاچسام باغلاقلىقكەنمەن.سىرمەلنى كىمنىڭ يېنىمغا سەپ قويغىنىنىمۇ بىلمەيمەن دەيدۇ.....
-پارىغ زىندانبېگى نىم دەيدۇ؟
-سوراغ بىرەر ئاي داۋاملىشىشى مۇمكىن دەيدۇ...
-بوپتۇ .قايتىڭ....،-دىدى تىمەن ھاجىپ.
ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئادىل مىرزا ئورنىدىن تۇرۇپ:
-ھاجىپنى خاتالاشتىڭ دىيىشكە ئاجىزمەن.ئەمما مەلۇماتنى شاھىم بولغاندىن كىيىن ئۆزى بىر تەرەپ قىلسا ياخشى ئىدى.....
بۇ گەپ ئۆزەلنىڭ تومۇرىغا تەگدى...
-ئاڭلاپتۇر...موللاق گەرچە ئادەم قېپىدىن چىقىپ،شاھىمىز ۋە دۆلەت ئۇستازىمىزنى ئۆلتۈرىۋەتكەن بولسىمۇ ..تېخى ئۇنىڭغا جازا بېرىلمىدى.ئۇمۇ تۆت تۇغدارنىڭ بېشى،كەنجى شاھزادىنى شاھ..شاھ دىيىشكە تېخى بالدۇر.
ئوردىدا غۇلغۇلا داۋاملىشىۋاتاتتى پارىغ زىندان بېگى
ئوردىغا يۈگرەپ كىرىپلا ،تەخىتتىكى كەنجى شاھزادىنى كۆرۈپ بىر ھەيران بولغاندىن كىيىن ئۆرە تۇرۇپلا:
-مەلۇمات!!،موللاق ئەييار سوراق داۋامىدا قازا قىلدى،-دىگەندىن كىيىن بىر ياققا ئۆتۈپ بېشىنى سېلىپ تۇردى.
-يارلىق !!!!بۇندىن كىيىن ھەر قانداق مەھبۇسنى قىيناشقا ،تىللاشقا يول قويۇلمايدۇ،شۇنداق قىلغانلار بولسا ،دەررىگە بېسىلىپ،قاتتىق سازايى قىلىنىدۇ!!!
-پەرمان بەردارمىز ....،-دەپ سالام بېرىشتى ئۇنى قوللايدىغان تۇغدارلار.بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىشنى ئاڭقىرغان پارىغ زىندانبېگىگە يۈرە كىرىپ:
-ئۇنداق بولسا ،لەشكىرى تەمىناتنى كۆپەيتىڭلار،بىز جىنايەتچىلەرنى بەتتە پولۇغا بويان گۆشتىن بېسىپ بېرىپ يىگۈزۈپ سوتلايلى،-دىدى كىنايە قىلىپ.
تىمەن ھاجىپ ئاستا ئالدىغا چىقىپ:
-گەپدانلىق قىلماڭ زىندان بېگى!!!موللاقنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ،ئۇنى نىمىشقا ئۆلتۈرۈپ قويدىڭىز؟؟؟؟،-دىدى قاتتىق تەلەپپۇزدا.
-مەن ئۇنىڭ بېشىغا قوڭغۇراقنى كىيگۈزۈپ ،ئىككى تەرەپدىن بولقا بىلەن ئۇرغۇزىۋاتسام،ئۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى.،-دىدى زىندان بېگى ئاۋازى بارغانسىرى پەسلەپ.
موللاق ئەييارنى دىۋىلەر 40كۈن قىيناپ ھېچنىمە قىلالمىغان يەردە،بۇ جازا ھەقىقەتەن ھېچنىمە ئەمەس ئىدى.
ئۇنىڭ جەسىدىنى ئەكىرىپ تەكشۈرىۋىدى،پۈتۈن نېرىپىنىڭ مېڭىسىگە باغلانغان ئۇچلىرى ئۈزۈلۈپ كىتىپتۇ.كەنجى شاھزادە ئۇنىڭغا قارىغاندىن كىيىن:
-بۇ بىر خىل كۈچلۈك ئەپسۇن.لىكىن بۇ ئەپسۇننى بىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى مەخلۇقات،پەرىلەردىن تارام دىگەن كىشى ،ئۇنى بىلىشىمچە،موللاق ئەييار قەستلەپ ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كىيىن شاھ ئاتام ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى كۆيدۈرىۋەتكەن.ھازىر بۇ ئەپسۇننى بىلىدىغان كىشى يوق بولىشى كېرەك ئىدى.بىلسىمۇ موللاقتەك زېرەك ئادەمگە سېھرى كۈچى يەتمەيدۇ...قارىغاندا بىز ئېھتىيات  قىلساق بولغىدەك...يارلىق!!!غايىپ ئوردىدىكى ئابدۇرامان ئەييار چاقىرىلسۇن!،-دەپ سۆزدىن توختىدى ئۇ.
-شاھزادەم ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ،-دىدى تۈمەن ھاجىپ چىدىيالماي.تېخى قاراردىن ئۆتمىگەن ئىشنى غايىپ ئوردىغا مەلۇم قىلسا ئۇنۇڭچە قەتئىي بولمايتتى.
-قارىغاندا مىنى تېخى قۇبۇل قىلالمايۋاتىسىلەر.بوپتۇ ئەمىسە ئاكامنىڭ پىكىرنى بىر ئاڭلاپ باقايلى،قىلغۇسى بولسا مەيلى ئاكام شاھ بولسۇن،ئەگەر ئۇنداق بولمىسا قىلغۇسى يوق ئادەمنى زولىغاننىڭ پايدىسى يوق.،-
دىدى كەنجى شاھزادە دادىللىق بىلەن.
چوڭ شاھزادە چىقىپلا تىزلانماقچى بولىۋىدى. تىمەن ھاجىپ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ:
-ئوغلۇم سىزگە ئايرىم گېپىم بار يۈرۈڭ ،-ئوردىنىڭ ئىچىدىكى كىچىك ئىشىكتىن دالانغا چىقىپ توختىدى.ھاجىپ ئەمدى سۆز باشلاي ئاغزىنى ئېچىپ بىر دىنلا چەكچىيىپ:
-دېھقەت قىلىڭ شاھزادەم!!دەپ توۋلىۋىدى.
ساھزادە يالتلا قىلىپ ھاجىپنىڭ قېشىدا پەيدا بولدى،قېلىچى ئاللىبۇرۇنلا قىنىدىن چىقىرىپ بولۇنغان ئىدى.ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇرۇلغان قىلىچ ھاجىپنىڭ يۈزىنى سىپاپ دىگۈدەك ئۆتۈپ كەتكەنىدى.چوڭ شاھزادىنى قەستكىمەكچى بولغان بۇ قارا كىيىملىك ئالچاق قاچاي دەپ كەينىگە بۇرۇلىشى شاھزادە ‹‹جېنىڭنى قويۇپ ماڭ ››دەپ قېلىچنى ئۇنىڭ كەينىدىن كۈچەپ سانجىدى.قېلچنىڭ ‹‹غاس››قىلىپ سانچىلغان ئاۋازىدىن كىيىن ،چوڭ شاھزادە ھەيرانلا بولۇپ قالدى ،..چۈنكى تىمەن ھاجىپ ئۇنىڭ قېلىچىنى بەدىنى بىلەن توساپ ،قاتىلنى قۇتقۇزۇپ قالغانىدى.
ئۇ ھەتتا قېلىچنى سوغىرىشمۇ كاللىسىغا كەلمەي قېتىپ تۇراتتى.دالاندىكى شەپىنى ئاڭلىغان ئوردا ئەھلى يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىغىدەك بولسا شاھزادە قېلىچنى ھاجىپنىڭ مەيدىسىگە سانچىغان ھالەتتە ھاجىپقا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇراتتى.
داۋامى بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maymah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-18 04:24 PM  


تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2840
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8668
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 04:33:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەھشەت يېرىگە كەلگەندە ...........

تىرىشماسلىققا باھانەڭ يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72417
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 04:53:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بؤ دصلو هةجةپ مؤرةككةپلصشصپ كةتتا،:qiray18ظوقؤغانسصرص قصزصقصپ قصلصإاتصمةن،داإامصنص ساقلايمصز

ظادةمدة ظذمصد بولمصسا،ظأز ظصتصقادصنص ساقلصيالمايدؤ،روهص چذشكذنلصشصدؤ،قةلبصدصكص پاكلصقنص ساقلصيالمايدؤ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72881
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 05:01:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق  بىر مايماقجان ..قېنە  بۇنىڭ ئاخىرى ،،،، ئەستاغپۇرۇللا ..  بىر  سىرلىق ئوردىغىلا ئەكىرىپ ئادەمنى پىقىرتىپلا تاشلىدىڭىزغۇ ساقام ..
   ئاخىرى .... كۆزۈم چەكچىيىپلا قالدا ما چۆچەكنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ .. ،.... ئەمدى نىمە ئىشلار بولىدۇ ؟  ..

  ئامما  دەھشەت يېزىۋاتىسىز ھە  ساقام...  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .
بولۇڭ  بولۇڭ ...تېز  ھە تېز !!!

تورۇس پەس.ئېگىلمەي نە چارە؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 927
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4917 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 01:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمەن ھاجىپنىڭ ئۆز ئوغلى كامىلنى شاھ قىلغۇسى باركەن دەڭا مايماقجان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 919
توردا: 1306 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 04:39:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(5)ئابدىرامان ئەييار
دالاندىكى شەپىنى ئاڭلىغان ئوردا ئەھلى يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىغىدەك بولسا شاھزادە قېلىچنى ھاجىپنىڭ مەيدىسىگە سانچىغان ھالەتتە ھاجىپقا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇراتتى.
تۈن قوينىغا مۆكۈنگەن ئابدىرامان ئەييار چوڭ شاھزادىنى قەسلەش پىلانىدىن ۋاز كىچىپ ئۇدۇل موللاق ئەييارنىڭ قەسىرىگە قاراپ يول ئالدى.قەسىرگە ئاللا بۇرۇنلا كىرىش چەكلەنگەن بولۇپ قاراۋۇللار قەسىر ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرەتتى.ئابلا شاتۇر قەسىر دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدە ئەتراپقا قاراپ تۇراتتى.
بۇنى كۆرگەن ئىبراھىم ئەييار مىيىدا كۈلۈپ قويۇپ ،ئارغىمىقىنى ئۇدۇل موللاق ئەييارنىڭ خانىمى ئەنبەر پەرىنىڭ ھوجرا ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە توختىتىپ،
ئاندىن لەمپىدىكى يىچىقتىن ئۆيگە سېرىلىپ ئاقتى.ئۇ پەسكە چۈشۈپلا بېشىنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ سالام بەرگەچ سۆزلەشكە باشلىدى.
-مەلۇمات!!!، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ،‹‹مىسۇل پىلانى››مەغلۇپ بولدى.لىكىن زامان ئوردىسى ئېغىر زەخمە يىدى.مەلىكەمنىڭ ھازىرلا مەن بىلەن غايىپ ئوردىغا قايتىشلىرىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.بۇ يەر ھازىر سىلى ئۈچۈن بەك خەتەرلىك.
-كىم كۆزەتتىكەن؟،-دەپ سورىدى پەرى مۇھىم نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرغاچ.
-ئابلا شاتىر،ئۇ گەرچە زېرەك بولسىمۇ ،كىچىسى مىنى ھەرگىز بايقىيالمايدۇ.ئۇ تېخى ياش ،-دىگەچ ھوجرىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ:
-قېنى مەلىكەم ئارغىماققا مەرھەمەت.....،-دىدى ئەييار مەلكىنى ئارغىماققا باشلاپ.
پەرى رەڭگى كىچىگە سىڭىشىپ كەتكەن ،قورقۇنۇشلۇق قارا شەپەرەڭدىن بىززە شۈركەنگەن بولسىمۇ يەنىلا كۆزىنى يۇمۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقتى .ئىبراھىم ئەييار جايلىشىۋىلغاندىن كىيىن :
-مەلىكەم  بىردەم جاپا تارتىدىغان بولدىلا.،-دىدى دە يوغان قارا تونىنى شەپەرەڭنىڭ ئۈستىگىلا ياپتى.ئابدىرامان ئەييار قايتايلى دىۋىدى.شەپەرەڭ ئۆينىڭ قىرىدىن تۇتۇپ يامىشىپ ئۆگزىگە چىقتى دە ،ئۇدۇل پەلەككە كۆتۈرۈلۈپ جەنۇبقا تامان ئۇچتى.بىردەم دىن كىيىن ئەييار تونننى ئېلىۋېتىپ،-بىخەتەر بولدۇق مەلىكەم،-دەپ مەلىكىگە قارىۋىدى،مەلىكە يىغلاپ ئېقىپ كىتىپتۇ.ئەييار بۇنىڭغا  قاراپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى.بىر دەمدىن كىيىن ئاستا سۆز ئېچىپ:
-موللاق ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل ئەركەك ئىدى مەلىكەم.لىكىن بولغۇلۇق بولدى
سەۋر قىلسىلا،سىلىگىمۇ ھەقىقەتەن مۇشۇنىڭدىن باشقا يول قالمىدى.،-دىدى مەلىكىگە تەسەللى بېرىپ.
مەلىكە ياشلىرىنى سۈرتىۋەتكەندىن كىيىن:
-ئەييار ئەمدى پىلاننىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ باقسىڭىز،-دىدى باشقىدىن جىددى تۈستە.
ئىبراھىم ئەييار ئالدىرىماي دانە-دانە قىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى.
-پەرىنىڭ ياردەم قىلىپ ئەپسۇن سۈيىنى موللاققا ئۇدا 9كۈن ئىچۈرۈپ بېرىپ قىلغان مەدەتلىرىنىڭ سايىسدا تارام پەرىنىڭ ئەپسۇنى بىلەن موللاقنى كونتىرول قىلىپ ،ئاۋۋال زامان شاھىنى باقىغا ئۇزاتتىم.ئاندىن پىلان بويىچە ھىممەت شاھزادىنى يولغا سالاي دەپ تۇرسام،ئۆزەل دىگەن تەلۋە قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ ھىممەتنى قوزغاپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن ئوڭ كەلگىنى بويىچە دۆلەت ئۇستازىنى باقىغا ئۇزىتىپ ،قاچقاچ ھىممەتنى غايىپ ئوردا تەرەپكە باشلاپ مېڭىۋىدىم ،ئويلىمىغان يەردىن ئابلا شاتىرىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ موللاقنى تارتقۇزۇپ قويدۇم.بۇ ئەپسۇن بەك ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن موللاق مىڭىگە تۇتاش نېرىپلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈزۈلۈپ لەشكىرى زىنداندا سوراق ئۈستىدە باقىغا سەپەر قىلدى.پىلاندىن ئۈمۈد ئۈزۈپ ئوردىدىكىلەرنى كۈزۈتۈپ ئولتىراتتىم.ئويلىمىغان يەردىن يەنە بىر پۇرسەت چىقىپ قالدى.ئەپسۇس بۇ نۆۋەت ھىممەت يەنە چاققانلىق قىلىپ قۇتۇلۇپ قېلىپ مىنى باقىغا ئۇزاتقىلى تاسلا قالدى.تەلىيىمگە ھاجىپ كامىل تۈمەنبېشىنىڭ قېلىچىنى كۆرۈپ مىنى ئۇ دەپ قالدى بولغاي.ئۆز جېنى بەدىلىگە مىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.شۇنداق قىلىپ ھىممەتنىڭ قولى بىلەن تىمەن ھاجىپنىمۇ باقىغا ئۇزاتتىم.
پەرى بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋەتكەندىن كىيىن:
-گەرچە ھىممەت ساق قالغان بولسىمۇ،ئۇلار ھىممەتتىن مۇھىم ئادەملىرىدىن ئايرىلدى.مىنىڭچە بۇ ئۇلارغا خېلىلا زەربە بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلەمدار ۋەزىرلەر بىلەن قەلەمدار ۋەزىرلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆپ.ھازىرلا غايىپ ئوردىغا بېرىپ، كامىلنى ئۇجۇقتۇرۇپ ،ئوردىنى قولغا ئېلىپ ،دەرھال ئۇلارغا جازا يۈرۈش قىلايلى.،-دىدى مەلىكە روھلىنىپ.
ئابدىرامان ئەييار قۇلاق سېلىپ مەلىكىنىڭ سۆزىنى تىڭشىغاندىن كىيىن:
-لىكىن كامىلنى ئۆلتۈرمەك ئاسان ئەمەس.ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىنسانلار  تائىپەسىدىن تەڭداشسىز 4 تۇغدار بولغاندىن سىرىت،پەرى ،دىۋە تۇغدارلار ئىچىدىنمۇ ئۇنىڭ دېپىنى چالىدىغان بىرنەچچە ئاسىيمۇ يوق ئەمەس.،-دەپ جىم تۇرۇۋالدى ئۇ.
-ئەمىسە بۇ ياخشى پۇرسەتنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزىۋىتەمدۇق؟،-دىدى ئەنبەر پەرى تىتىلداپ.
-ئەندىشە قىلمىسلا مەلىكەم.پېقىرنىڭ بۇ ئىشقا ناھايىتى ياخشى ئامالى بار .لىكىن يەنە ئۆلىرىنىڭ ياردىمىگە ،تايىنىشىمغا توغرا كىلىدۇ،-دىدى ئابدىرامان مەلىكىنى خاتىرجەم قىلىپ.مەلىكىمۇ ئىشەنچ بىلەن:
-خاتىرجەم بولۇڭ ئەييار .،-دىگەندىن كىيىن ئۇلار بىردەم كىيىنكى ئىشلارنى مەسلىھەت قىلىشتى.مەسلىھەت پىشقاندىن كىيىن بۇ شەپەرەڭدىن زېرىككەن پەرى بېلىدىكى نەينى ئېلىپ چېلىۋىدى ئۇنىڭ ‹‹رەڭدار››ناملىق ئارغىمىقى بىر ئازدىن كىيىن يىتىپ كىلىپ،ئۇلارغا يانداپ ئۇچۇشقا باشلىدى.مەلىكى سەكرەپ ئارغىمىقىغا چىقىقاندىن كىيىن :
-ئەمىسە ،غايىپ ئوردىدا كۆرۈشەيلى.،-دىگەندىن كىيىن جەنۇپ تامان  يۈرۈپ كەتتى.
ئابدۇرامان ئەييار ئۇنىڭ كەينىدىن بىر ئاز قاراپ تۇرغاندىن كىين:
-پەرىلەرمۇ غەلىتە تائىپە...مىنىڭ شۇنداق ئىسىل ئارغىمىقىمنى ياراتماي،چىرايلىق دەپ كەينىگە رەڭلىك سۈپۈرگە ئېسىۋالغان توخوغا ئوخشايدىغان توزنى چىرايلىق دەپ ئويلايدۇ.جاھاندا نەدىمۇ قارىدىن چىرايلىق رەڭ بولسۇن دىدى دە ئارغىمىقىنىڭ بېشغىنى سىلىغاچ :
-تېزرەك ماڭايلى ،سەھەرگە ئاز قالدى.يولدا بىر كۈندۈز قونمايلى،يەنە،-دىۋىدى ئارغىماق تۇيۇقسىزلا ئاڭقىرغىسىز بىر سۈرئەت بىلەن غايىپ ئوردا تەرەپكە قاراپ ئۇچتى.

داۋامى بار.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maymah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-20 04:44 PM  


تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 919
توردا: 1306 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 09:44:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقىرىقى ئابزاستا ئىبراھىم ئەييار دەپ يېزىلىپ قاپتۇ.....ھەممىسى ئابدىرامان ئەييار ئىدى.ئەپۇ سورايمەن....ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپتۇ تەھرىرلىيەلمىدىم....كەچۈرىسىلەر.خىجىلمەن.لىكىن ئاخىرىنى يوللاۋېرىمەن......سەت ئىش بولدى.

تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68364
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3819
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 10:39:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توشىمىسا رەڭ قەلەم مەن بېرىپ تۇراي،
قىچىپ كەتسە ئىلھامجان مەن قوغلاپ تۇتاي.
ئاخىرىنى تېز يېزىڭ تەقەززا قىلماي،
مىڭبىر كىچە ئوقۇغاندەك زوقلىنىپ ئوقاي.

دوستۇڭنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتتىڭ بۈگۈن،
ئالارسەن كۆڭلىنى ئەتە،يا ئۆگۈن.
ئۈزۈلگەن يىپنى ئۇلاش بەك ئاسان،
ۋە لىكىن قالىدۇ ئۇنىڭدا تۈگۈن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 919
توردا: 1306 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 05:53:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(6)غايىپ ئوردا
ئەييار ئارغىمىقىنىڭ بېشغىنى سىلىغاچ :
-تېزرەك ماڭايلى ،سەھەرگە ئاز قالدى.يولدا بىر كۈندۈز قونمايلى،يەنە،-دىۋىدى ئارغىماق تۇيۇقسىزلا ئاڭقىرغىسىز بىر سۈرئەت بىلەن غايىپ ئوردا تەرەپكە قاراپ ئۇچتى.

ئابدۇرامان ئەييار تاڭ ئاتارغا يېقىن ئەنبەر پەرى بىلەن غايىپ شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئورمانلىقتا كۆرۈشتى.ئابدۇرامان   ئەييار پەرىنى كۆرگەندىن كىيىن ،ئۇنىڭ ياسىنىشى تەستىقىدىن ئۆتۈپ ،تەييار قىلىپ قويغان ئاددى مەپىگە پەرىنى  ياتقۇزغىنىچە،ئاتقا قامچا سېلىپ،قامچا سېىلپ ئوردا تامان ئالدىرىماي ماڭدى.ئوردىغا ئاز قالغانچە سۈرئەتنى ئىتتىكلىتىپ ،غايىپ ئوردىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ ئاتنى چاپتۇرغىنىچە ئوردا دەرۋازىسىدىن.قارا تومغا ئورۇنىۋالغان ئابدۇرامان ئەييارنى ئۇلار گەرچە كۆرەلمىگەن بولسىمۇ،قامچىنىڭ ئۇچىدىكى ئەييارلىق دەستىكىنى كۆرۈپ يول بوشاتتى.بۇ ئىشلارنى ئاللىبۇرۇن تۇيغان
ئوردا ئەھلى ئوردا ئىشىكى ئالدىغا چىقىپ تۇرىۋىدى،ئابدىرامان ئەييار مەپىنى چاپتۇرغىنىچە كىرىپ كەلدى.ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى سەزگەن كامىل تۈمەنبېشى بېرىپ ئۇنى يۆلىۋىدى ئابدىرامان ئەييار شۇنچىلىك پەس ئاۋازدا:
-بەگزادەم...ئۇرۇش....دىگىنىچە ھوشىدىن كەتتى.شاھزادە مەپىدىكى ئاتىسى سوۋغا قىلغان قېلىچقا قارىۋېىتىپ،بىر تىنىۋەتكەندىن كىيىن مەپىدىكى ئادەمگە قاراپ چۈچۈپ كەتتى.چۈنكى مەپىدە پەرىلەر شاھىنىڭ تىرىك بىردىنبىر پۇشتى،زامان شاھىنىڭ ئاتاق سىڭلىسى،موللاق ئەييارنىڭ خاتۇنى بولمىش ئەنبەر پەرى مەپىدە ھەممە  ياتاتتى،ھالى بەكمۇ خاراپ ئىدى.
پەرىنى كۆرگەن غايىپ ئوردىدىكى پەرىلەردىن بولغان تۇغدارلار شۇنچىلىك غۇلغۇلا قىلىشتىكى،بۇنى كۆرۈپ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلگەن كامىل تۈمەنبېشى.
-ئەييار بىلەن ئەنبەر پەرى گەرچە ھوشىدىن كەتكەن بولسىمۇ ،ئۆلۈم خەۋپى يوقكەن.ھەم شۇنداق ئىش بولسىمۇ تۇغدارلىرىم ھەددىلىرىدىن ئېشىپ ئوردىنى قالايمىقان قىلىشمىغايلا...
-بۇنى ئاڭلىغان پەرىلەر كامىل تۈمەنبېشىنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ،جىم بولۇشتى.غايىپ ئوردىدا مۇشنىڭ ئەڭ ئاقىدىغان پەلسەپە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان كامىل تۈمەنبېشى ھەرگىز ئېچىلىپ باقمايدىغان قاپىقىنى يەنە بۇرۇنقىدەك تۇرغىنىچە پەرىلەردىن كۆزىنى ئۈزمەي:
-يىگىتلىرىم...،-دىدى جاراڭلىق ئاۋازدا.
-بار...،-ئۇنىڭ كەينىدىن ئىككى خاس يىگىتى چىقىپ بىر تىزى بىلەن يۈكىنىپ قولىنى مەيدىسىگە ئېلىپ تۇردى.
-پەرى بىلەن ئەييارنى مىنىڭ قورۇقۇمغا ئاپارغايسىزلەر ،ئوردا تىۋىپلىرى سىلە بىلەن بىللە بارسۇن.
-خوپ!!!،-دىگەندىن كىيىن ئىككى يىگىت ئاللبۇرۇن تەييارلاپ قويۇلغان مېھمانلىق مەپىگە خانىشنى،شاھزادىنىڭ مەپىسىگە ئەييارنى سېىلىپ قورۇققا قاراپ ماڭدى.
-ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن كامىل تۈمەنبېشى تەختىگە چىقىپ بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كىيىن:
-بۈگۈن ئالاھىدە ۋەقە بولغانلىقتىن كېڭەش تارقىدى.نازىن پەرى:
-خوپ!...،دەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى قولىنى مەيدىسىگە ئېلىپ يەردىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇردى نازىن پەرى.ئۇ گەرچە ئەنبەر پەرىگە يەتمىسىمۇ ،شۇنچىلىك مۇلايىم ئىدىكى..كەڭ ئوردا سەھنىسىدە بىر تۈپ مودەنگۈل ئېچىلغاندەكلا كۆرۈنەتتى.....بولۇپمۇ بويلىرى ئىنسان ۋە پەرىلەردىن نەچچە ھەسسە ئىگىز بولغان ،گۈزەللەرنى كۆرسە قىنغا سىغماي قالىدىغان دىۋىلەر تائىپىسىدىن بولغان تۇغدارلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق ئىدى.ئۇلار ئەمدىلا ئىككى ئېغىز چاقچاق قىلاي دەپ ھىجىيىپ بېشىنى كۆتۈرۈشۈپ ،تەخىتتىكى ئۆزىگە مىختەك تىكىلگەن كامىل تۈمەنبېشىنىڭ قاپىقىنى كۆرۈپ تۈپرۈكىنى يۇتۇشقىنىچە جىم بولۇشتى.
-بارلىق تۇغدارلار سىزنىڭ باشچىلىقىڭىزدا قوشۇنلىرىنى يىغىپ ،لەشكىرى تەجىربە قىلغاي.،-دىدى كامىل تۈمەنبېشى پەرىگە نەزىرىنىمۇ سالماي.
شۇنچە تەقەززا بولغان بولسىمۇ تۈمەنبېشىنىڭ بىر قارىشىغا مۇيەسسەر بولالمىغان نازىن پەرى:
-خوپ ..،-دىدى دە سارغايغان يۈزىنى يەردىن ئۈزمەي جايىغا قايتىپ ئولتۇردى.
-ئەمىسە كېڭەش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.پەرى بىلەن ئەييارنىڭ ئىشىدىن خاتىرجەم بولۇپ تۇغدارلار لەشكىرى تەجىربىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلغاي...،-دىدى قاتتىق تەلەپپۇزدا.
-خوپ....،-دىيىشتى تۇغدارلار.پەرىلەر خوپ دىيىشكەن بىلەن كۆڭلى مەلىكىدە ئىدى چۈنكى بۇ مەلىكىنىڭ سەرگۈزەشتۈلىرى ئاجايىپ بولۇپ ئىنسانلار قەۋمى بىلەن پەرىلەر تائىپەسىنى باغلاپ تۇرغان بىردىنبىر ئارغامچا دىيىشكە بولاتتى.ئەينى زاماندا زامان شاھىنىڭ جاھانغا داڭقى بار ئەييارى موللاق ئەييار تاسادىبى پۇرسەتتە پەرىلەر مەلىكىسى ئەنبەر مەلىكىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ.ۋە بۇ تەلىۋىنى زامان شاھىغا ئېيتىدۇ.موللاق ئەييار شاھنىڭ جېنىنى توققۇزىنچى قېتىم قۇتقۇزغاندا شاھ ئۇنىڭغا بىر ئىشنى تەلەپ قىلىشقا ئىجازەت بەرگەن بولسىمۇ ئەييار ئۇ تەلەپنى كىيىنگە سۈرگەنىدى.بۇ تەلەپنى ئاڭلىغان زامان شاھى كۈلگىنىچە پەرىلەرگە ئەلچى ئەۋەرتتى.ئەلچىلەرنىڭ تەلىۋىنى ئاڭلىغان پەرىلەر ئوردىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا بولدى.چۈنكى پەرىلەر ئادەتتە ئىنسانلارنى پەس كۆرۈپ ئۇلار بىلەن تويلاشمايتتى.ياق دەي دىسە بۇ زامان شاھى ئاجايىپ شىجائەتلىك بولۇپ يېڭىلمەس قوشونى ئىشەنچىلىك ھەمراھلىرى بىلەن يېقىندا دىۋىلەر تائىپىسىنى تۇغى ئاستىغا جەم قىلغانىدى.شۇنىڭ بىلەن ئەگەر موللاق ئەييار مەلىكىنى بىزدىن ئۈچ قېتىم ئوغۇرلىيالىسا مەلىكىنى تويلۇقسىز ئەييارغا تەقدىم قىلايلى دىيىشتى.ئەپسۇسكى موللاق ئەييار شۇنچىلىك چىچەن ئىدىكى 9كۈندە مەلىكىنى ئەنبەر مەلىكىنى ئۆز قورۇقىدا ئۈچ قېتىم مىھمان قىلىپ جاھان ئەھلىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى.لىكىن پەرىلەر ۋەدىسىدىن يېنىۋىلىپ ،جىنلار تائىپىسى بىلەن بىرلىشىپ زامان شاھىغا قارشى چىقتى.ئەپسۇسكى ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزەل تۈمەنبېشى قوشۇننىڭ ئارىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ،قارمىقى بىلىپ بوينىدىن ئىلغىنىچە سۇمرۇغىغا مىنىپ ،ئۇنىڭ جەسىدىنى زامان شاھىغا ھەدىيە قىلدى.پەرىلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە تەختكە شاھنىڭ چوڭ ئوغلى ۋارىسلىق قىلدى.ئۇ جان تىكىپ جەڭ قىلغان بولسىمۇ،گۈزەن مەلىكە ئۇنى رەم-رەم سېپى بىلەن ئوردا شەھىرىگە بەنت قىلىپ ئاخىرى تىرىك قولغا چۈشۈردى.لىكىن ئۆزى شاھلىق قىلغان تۆت يىل داۋامىدا
مەغلۇپلا بولغان بۇ جاسارەتلىك پەرىلەر شاھى ياش تۇرۇپلا كۆشۈك ھارۋىدا
ئۆزىگە ئەپسۇن قىلىپ ئۆلۈپ كەتتى.بۇ چاغدا پەرىلەرنىڭ شاھلىق تەختى
ئادەت بويىچە ئەنبەر مەلىكىگە تەگدى.پەرىلەرگە باش بولۇپ ئەتىسىلا ئەنبەر مەلىكە ئىنسانلار قەۋمىگە ئەل بولدى ۋە موللاققا تىگىشكە رازىلىق بەردى.
شۇنىڭ بىلەن پەرىلەرمۇ زامان شاھىنىڭ تۇغىنىڭ ئاستىغا يىغىلدى.شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى پەرىلەر مەلىكىگە بويسۇنغاچقا زامان شاھىغا بويسۇناتتى.لىكىن نازىن پەرى ئۇنداق ئەمەس ئىدى.چۈنكى ئۇ كامىل تۈمەنبېشىغا ئاشىق ئىدى.دىمىسىمۇ كامىل تۈمەنبېشى شۇنچىلىك قاملاشقان يىگىت ئىدىكى ،ئىگىز بويلىرى،قانەتلىك گەۋدىسى،ھېلىلا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن ئەگمەچ قېلىچى،بۆرتۈپ چىققان موسكۇللىرى ئۇنىڭ ئەركەكلىك جاسارىتىنى نامايەن قىلسا،
بۈركۈتنىڭ كۆزلىرىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرى،ئاق يۈزىگە ئاجايىپ ياراشقان قاڭشىرى،شۇنچىلىك سىپتىلىق بىلەن ياسالغان،قويۇق قاپقارا ساقىلى ئەرلىك سالاپىىتىنى نامايەن قىلاتتى.ياخشى يېرى بۇ شاھزادىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىمۇ قاتتىق بولۇپ تىمەن ھاجىپنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەربىيىگە كۈچ چىقارغانلىقى ئۇنىڭ مىجەزىدىن كۆرىنىپ تۇراتتى.ئۇ نازىن پەرىنىڭ خىيالىدىكىنى بىلەتتى.ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى.لىكىن ئۇنىڭغا خاتا تەسىر بېرىپ قېلىشتىن ساقلىناتتى.
چۈنكى ئۇنىڭمۇ نازىن پەرى ئۆزىنى سېغىنغاندەك سېغىنىدىغان گۈزەن مەلىكىسى بار ئىدى.تۇغدارلارنىڭ ھەممىنى تارقىتىۋەتكەندىن كىيىن كامال تۈمەنبىشى ئېتىغا مىنىپ قورۇقىغا قاراپ ماڭغاچ خىيالغا چۆكتى.
-ئابدىرامان ئەييارنى شۇنچىلىك ئەھۋالغا چۈشۈرەلىگەن كىمدۇ؟....ئابدىرامان ئەييارنىڭ ھالسىزلىنىپ كەتكىنىدىن قارىغاندا ئۇنى ناھايىتى كارامەتلىك بىرى قوغلىغاندەك قىلىدۇ.بۇ ئۇرۇش دىگىنى نىمىسى؟ يات تائىپىلەرنىڭ ھەممىسى مىنىڭ تۇغۇم ئاستىدا ئامان ئىسەن تۇرسا نىمە ئۇرۇشتۇ؟ئىشقىلىپ ئىش ئاددى ئەمەس.ئەڭ ياخشىسى ئىككەيلەندىن ئايرىم سورىغىنىم ياخشى.جىنلار بىلەن پەرىلەرنىڭ قۇرغان توزۇقى بولمىسۇن يەنە....،-كامىل تۈمەنبېشى شۇ خىياللار بىلەن قورۇقىغا يىتىپ كەلدى.
داۋامى بار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maymah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-23 05:56 PM  


تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش