مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: maymah

تەخت جىدىلى (مايماق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 919
توردا: 1306 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 08:15:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(7)ئەييارنىڭ مەلۇماتى
ئەڭ ياخشىسى ئىككەيلەندىن ئايرىم سورىغىنىم ياخشى.جىنلار بىلەن پەرىلەرنىڭ قۇرغان توزۇقى بولمىسۇن يەنە....،-كامىل تۈمەنبېشى شۇ خىياللار بىلەن قورۇقىغا يىتىپ كەلدى.

-ئابدىرامان ئەييارنى نەدە ئارام ئالغۇزدۇڭلار؟،-دەپ سورىدى تۈمەنبېشى غوجىدارىدىن.
-ئەييارنى چوڭ مىھمان قەسىرىگە،ئەنبەر پەرىنى چاھار باغدىكى قەسرگە ئورۇنلاشتۇردۇم،-دىدى غوجىدار دانە-دانە ،ئىنىق قىلىپ.
-ھىم.
كامىل تۈمەنبېشى شۇنداق دەپ قويۇپلا مىھمان قەسىرىگە قاراپ ماڭدى.ئۆيگە كىرىۋىدى ئوردا تىۋىپلىرى تۈمەنبېشىغا سالام بەردى.ئابدۇرامان ئەييار جىنلار تائىپەسىدىن بولغاچقا ئۆينىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ قىلىۋىتىلگەنىدى.
لىكىن تۈمەنبېشىنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ئابدىرامان ئەييارنىڭ تورۇسقا قاراپ ياتقىنىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگەنىدى.ئەمدى ئەيياردىن ئامانلىق سوراي دەپ تۇرىۋىدى.ئەييار پەس ئاۋازدا ئېغىز ئاچتى.
-كارۋاتتىن چۈشەلمىگەنلىكىمنى ئەپۇ قىلغايلا.
-ھېچقىسى يوق ئەييار.سىز خانلىق ئۈچۈن جاپا چەكتىڭىز.،-كامىل تۈمەنبېشى ئادەتتىكىدەك قاپىقىنى ئاچماي.
-غايىپ ئوردىنىڭ ئەييارى بولمىش ئابدۇراماندىن كامىل تۈمەنبېشىگە مەلۇم بولغاي.مەلۇماتىم مۇسىبەتلىك ھەم غەزەپلىكتۇر.تۈمەنبېشى سەۋر قىلىپ ئاڭلىغايلا.خاس قېلىچلىرى يۈتكەندىن كىيىن ئۇنى قوغلاپ ئوردا شەھىرىگە
كىلىپ قالدىم.ئۇنى زامان ئوردىدىسىدىكى ئابلا شاتۇر ئېلىپ قاچقانىكەن.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان كامىل تۈمەنبېشى ،ئاغزىنى ئۆمەللىدىيۇ،يەنە گەپنى بۆلمىدى.ئابدىرامان ئەييار يەنە پەس لىكىن ئېنىق ئاۋازدا گېپىنى داۋام قىلىشقا باشلىدى.
-شاتۇرغا ئەگىشىپ كىچىدە قول سالاي دەپ تۇرىۋىدىم.قېلىچنى شاتۇردىن ھىممەت شاھزادە ئېلىپ كەتتى.ھىممەت شاھزادىنى سىلىگە چاقچاق قىلىۋاتقان بولسا مەن ئارىغا چۈشۈپ بالادا قالماي دەپ شاھزادىنى كۈزەتتىم.قېلىچنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقلىرىنى بىلسە ھاجىپنى كايىپ كەتمىسۇن دەپ ئۆزەمنى ئاشكارا قىلماي شاھزادىگە ئەگىشىپ ئوردىغا كىردىم.
كېڭەشتە شاھ ئوردىدا ۋارىس ئىشىنى تىلغا ئېلىۋىدى ئوردىدا ھەرخىل پىكىرلەر بولدى.ئاخىرى شاھ ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە بىرەيلەننى پۈككىنىنى ۋەسىيەتنامىنى ھاجىپقا تاپشۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.قارىسام كېڭەش تارقىغاندىن كىيىن شاھزادە موللاققا تۇيدۇرماي بىر نەرسىنى تۇتقۇزدى.بۇنى پېقىردىن باشقا ھېچكىشى سەزمىدى.قارىسام موللاقنىڭ رەڭگى روھى غەلىتە.شۇنىڭ بىلەن ۋوڭ شاھزادىگە ئەگىشىپ ماڭدىم.قارىسام ئۇ لەشكىرى زىندانغا كىرىپ كەتتى.ئەگىشىپ كىرىپ قارىسام ئەنبەر پەرى زىنداندا يېتىپتۇ.ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقاي دىگەن بولساممۇ،پارىغ زىندانبېگى كامىرنى ساقلاپ تۇرغاچ،
پۇرسەت كۈتۈپ تۇردۇم.شاھزادە زىندانبېگىگە:
-ئۆلتۈرۈپ قويماڭلار،ئۇنىڭ ئۈچۈن موللاق ئەييار بىز نىمە قىل دىسەك قىلىپ بېرىدۇ،-دىۋىدى.پەرى شاھزادىنى تىللاپلا كەتتى.شاھزادە پەرىگە پىسەنت قىلماي زىندانبېگىگە كامىرنى قاتتىق نازارەت قىلىشنى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى.پارىغنىڭ ئالدىدا قول سېلىپ پەرىگنىڭ جېنىغا زەخمەت يەتمىسۇن دەپ ئويلاپ يەنە ھىممەت شاھزادىگە ئەگەشتىم.قارىغاندا شاھزادىنىڭ نىيىتى ياماندەك قىلاتتى.ئۇ زىنداندىن قايتىپ ئۇدۇل قورۇقىغا قايتتى.ئۇنىڭ ئەلەمدە تەڭدىشى بولمىغانلىقتىن ئونىڭ بىلەن بىۋاستە يۈز كۆرىشمىدىم.ئەتىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېڭەشكە چىقتىم.شاھ ئوردا ئەھلى خېلى ساقلىغان بولسىمۇكېڭەشكە چىقماي،ئۆزەل تۈمەنبېشى جىلە بولۇپ شاھنى ئويغاتقىلى كەتتى.بىردەمدىن كىيىن موللاق ئوردىغا كىلىپ شاھنىڭ ۋاپاتىنى خەۋەر قىلدى.
ئەزەلدىن سالماقلىقى بىلەن داڭ چىقارغان كامىل تۈمەنبېشى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ،تۇنجى قېتىم ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى:
-نىمە ؟؟؟؟؟شاھ ئاتام ۋاپات بولدىما؟؟؟،-دىدى ئۇ غەزەپلىك كۆزلىرىگە.
چۈنكى ئۇ ئاتىسىنىڭ قىيامەتلىك بۇرادىرى بولغان زامان شاھىغا قايىل ئىدى.شاھمۇ كامىلنى ناھايىتى ئەتىۋارلايتتى ۋە ئىشنەتتى.شۇڭا كامىل ياش بولسىمۇ ،ئۇنىڭغا تۈمەنباشىلىق مەنسىپىنى بېرىپ پەرى،دىۋە ،جىنلاردىن بولغان سەككىز يۈزمىڭ خىل قوشۇنغا باش قىلىپ تەيىنلەپ ،غايىپ ئوردىنىڭ سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزغانىدى.كامىل تۈمەنبېشى يەنە بىردەمدىلا
جىدىدلىكىنى زورىغا بېسىپ ئەييارغا:
-داۋاملىق سۆزلىسىلە،-دەپ ئىجازەت بەردى.
-شۇنىڭ ئوردا ئەھلىگە ئەگىشىپ شاھ  ھوجرىسىغا قاراپ ماڭدىم.يۇلغۇن تىۋىپ شاھنىڭ جەسىدىنى كۆرۈپ ‹‹سىرمەل››نى ھىدلاپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقاردى.ئۆزەل موللاقتىن گۇمانلىنىپ غوۋغا چىقىرىۋىدى،شاھزادە توسقان بولۇپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى بۇرىۋېتىپ،موللاققا ئىشارەت قىلىپ قويىۋىدى،موللاق ئەجەل خەنجىرىنى دۆلەت ئۇستازىنىڭ يۈرىكىگە سانجىپ قاچتى.
بۇ يەرگە كەلگەندە كامىل تۈمەنبېشىنىڭ كۆزىدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى.ئەمما ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ ئەييارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى.
-شاھزادە موللاقنى قوغلىۋىدى مەن كەينىدىن ئەگىشىپ چىقتىم.ھىممەتنى بىر قىلتاققا دەسسىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۆزەل بىلەن ئابلا شاتىر پەيدا بولۇپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ناكەس يەنە قۇتۇلۇپ قالدى.ئاخىرى موللاق ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى.
ئۆزەل تۈمەنبېشى قوپال بولغاچقا بۇنىڭغا دېھقەت قىلماي موللاقنى بوغۇپ ئۆلتۈرگىلى تاسلا قالدى.ئابلا شاتىرىمۇ  چوڭ شاھزادىنىڭ شېرىكى بولغاچقا بۇ ئىشلارنى چاندۇرمىدى.موللاق ئوردا ئەھلى ئالدىدا ھەممىنى ئىنكار قىلىۋىدى شاھزادە يالغان كۆيۈمچان بولۇپ ئۇنى سوتلاشنى كەنجى شاھزادىگە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ سۈباشىنى شەرەتلىۋىدى.سۈباشى ئۇنى پارىغ زىندان بېگىگە تاپشۇردى.مەلىگە كۆز ياش تۆكۈۋىدى.تىمەن ھاجىپ تەسەللى قىلسا،سۈباشى ھاجىپنى سىلكىپ چوڭ شاھزادىنى شاھ دەپ ئېتىراپ قىلىشقا زورلىدى.ئويلىمىغان يەردىن كەنجى شاھزادە تەخىتكە چىقىپلا
ئۆزىنى شاھ دەپ جاكالىدى.ئاتىللىرى ھىممەتنىڭ شۇملۇقىنى بىلمىگەچ،
ئۇنىڭ ئۈستىدە شۈباشى ياشتا چوڭ بولغانلىقتىن ئۇنىڭغا يول قويۇپ ھىممەتنى شاھلىققا كۆرسەتتى.لىكىن ئادىل مىرزا باشچىلىقىدىكى قەلەمدارلار دۆلەت ئاتىسى تەختكە كەنجى شاھزادىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن شۇنى تەيىنلەيمىز دەپ تۇرۇۋالدى.شۇ تالاش تارتىش بولۇپ تۇرىۋىدى،پارىغ زىندانبېگى موللاقنىىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئەكەلدى.شۇنداق قىلىپ ھىممەت پارىغنىڭ ياردىمىدە موللاقنى ئۆلتۈرۈپ ،ئىزنى يوقاتقاتتى.كەنجى شاھزادە خاتا ھالدا موللاقنى كەنجى شاھزادە تارام پەرىنىڭ ئەپسۇنىدا ئۆلگەن دەپ پەرەز قىلىپ يارلىق چۈشۈرىۋىدى ئاتىللىرى ئۇنىڭغا خاپا بولدى.ئاخىرى ھەممەيلەن ھىممەتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماقچى بولدى.ھىممەت پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىدىن خوش بولۇپ تۇراتتى،ھاجىپ ئۇنى ئايرىم چاقىرىپ دالدنغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.ئۇلارغا ئەگىشىپ دالانغا چىقىپ تۈۋرۈك كەينىگە مۆكۈندۈم .ئاتىلىرى ئەمسىلا گەپ قىلاي دىۋىدى ئۇ نامەرت تونىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالغان ئۆزلىرىنىڭ خاس قېلىچلىرىنى ئېلىپ ھاجىپنى چاپماقچى بولىۋىدى مەن بارلىق  ھۈنىرىمنى ئىشقا سېلىپ قېلىچلىرىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالدىم.ئەمما ھىممەت بەكلا چاققان بولغاچقا ئۆزىنىڭ قېلىچىنى چىقىرىپ ،جېنىڭنى قويۇپ ماڭ !!دەپ توۋلاپ يۈرىگىمگە سانچىدى.كۆزۈمنى يۇيۇپ باقىغا تەييارلىق قىلىۋىدىم ئويلىمىغان يەردىن ھاجىپ ئۆز بەدىنى بىلەن قېلىچنى توساپ قالدى ۋە دەرھال كامىلغا خەۋەر قىلىڭ دىگىنىچە جان ئۈزدى.
گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە كامىل تۈمەنبېشىنىڭ كۆزىدىكى ياش توختاپ،
ئۇنىڭ ئورنىنى غەزەپ نەپرەت ئىگەللىدى،-دە،غەزەپ بىلەن:
-ئاندىنچۇ؟،-دەپ سورىدى ئابدىرامان ئەيياردىن.
ھاجىپنىڭ بۇيرىقى بولغاچقا،ئۇنىڭ ئۈستىگە زامان ئوردىسىدا قابىللار كۆپ بولغاچقا ھاجىپنىڭ جەسىدىنى يۈدۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي ،پارىغ زىندان
بېگىنىڭ ئوردىدىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاۋۋال پەرىنى زىنداندىن ئازات قىلدىم دە،ئاندىن موللاق ئەييارنىڭ قەسىرىگە بېرىپ مۇھىم نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقتىم.قورۇقنى ئابلا شاتىرى ساقلاۋاتقانىكەن،ئۇ پەرىنىڭ زىنداندا ئىكەنلىكىنى بىلگەچ قاراۋۇللۇققا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەپتۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مىنى سەزمىدى.ئەنبەر پەرىنى ئېلىپ ئۇدۇل غايىپ ئوردىغا ئېلىپ كەلدىم.دۆلەت ئىشى مۇھىم بولغاچقا ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن قايتىپ كەلدىم. ئارغىماقمۇ ھاردى،كۈندىن قورقىدىغانلىقىم سەۋەپلىك يەنە بىر كۈندۈزنى يولدا قويماي دەپ بىر مەپە تاپتىم دە ئۇدۇل ئوردىغا چاپتىم.لىكىن يەنە كۈندۈزگە قالغاچ قۇياش نۇرىدا قاقلىنىپ ئاران دىگەندە ئالدىلىرىغا كىلىۋالدىم.تۈمەنبېشى دەرھال قول ئاستىلىرىدكى تۇغدارلارنى جەم قىلىپ ،ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ ھىممەت دىگەن قولى ئۈچ دۆلەت ئاتىسىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان تۇزكورنى دارغا ئېسىپ ئۇلارنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزغايلا.،-دەپ گەپتىن توختىدى ئابدۇرامان ئەييار.
كامىل تۈمەنبېشى:
-ئەييار ئوبدان ئارام ئالغاي.تېز ئەسلىلىرىگە كىلىپ ئۆز خىزمەتلىرىنى قوللىرىغا ئالغايلا.ھەر قايسى تىۋىپلار ۋاقتىنچە مىنىڭ قورۇقۇمدا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ،-دىدى دە خوشلىشىپ چاھار باغقا پەرىنى ئىزدەپ ماڭدى.پەرىدىن سورىۋىدى پەرىنىڭ دىگەنلىرى ئەييار بىلەن ئوخشاش چىقتى.ئابدۇرامان ئەييار شۇنداق سۆزلىۋەتكەنىدىكى ئاسماننى يەر يەرنى ئاسمان قىلىپ ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى چوڭ شاھزادىگە شۇنداق چاندۇرماي ئىتتىرىپ قويغانىدى.ياخشى يېرى ئۇنىڭغا ئەنبەر پەرىدىن ئىبارەت نوپۇزلۇق گۇۋاھچى بار ئىدى.لىكىن شۇنداق بولسىمۇ كامىل تۈمەنبېشىنىڭ ئەييارنىڭ گەپلىرىگە ھېچ ئىشەنگىسى كەلمەيتتى.

داۋامى بار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maymah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-23 08:25 PM  


تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24853
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-20
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 09:05:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارامەت ەگەپ  ئكەن  غۇ   بۇيا  ھەزرەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72881
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 01:34:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستاغپۇرۇللا  يەنە  داۋامى قالدىما  ساقام ؟

تورۇس پەس.ئېگىلمەي نە چارە؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19091
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8938
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2014-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 08:15:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« تۈمەنبېشى قوشۇننىڭ ئارىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ،قارمىقى بىلىپ بوينىدىن ئىلغىنىچە سۇمرۇغىغا مىنىپ ،ئۇنىڭ جەسىدىنى زامان شاھىغا ھەدىيە قىلدى » بۇ يەردە ئازراق مەزمۇن چۈشۈپ قالدىمۇ ياكى مەن چۈشىنەلمەي قالدىممۇ ؟

www.sajiye.org

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 919
توردا: 1306 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 11:54:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xabnam3250 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-24 08:15 AM
« تۈمەنبېشى قوشۇننىڭ ئارىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ،قارمىقى بى ...


سۇمرۇغىغا مىنىپ قاچتى دە ،ئۇنىڭ جەسىدىنى زامان شاھىغا ھەدىيە قىلدى..بىر سۆز چۈشۈپ قاپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maymah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-24 11:54 AM  


تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19091
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8938
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2014-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 03:06:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
maymah يوللىغان ۋاقتى  2012-1-24 11:54 AM
سۇمرۇغىغا مىنىپ قاچتى دە ،ئۇنىڭ جەسىدىنى زامان شاھىغ ...

قارمىقى بىلەن ئىلىپ دېگەن گەپكەندە باشتىكىسى ، ئەمدى چۈشىنىۋاتىمەن ، :qiray13
ئاجايىپ مىڭبىر كېچە چۆچەكلىرىگە ئېلىپ كىرىۋاتىسىز ، ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىم قاراپ باقىمەن بۇ تېمىغا ، بەك ساقلىتىۋەتمەسسىز - ھە ، جاپا چېكىۋاتىسىز ئەمما ، شۇ پەقەت رەھمەتلا دەيدىكەنمىز

www.sajiye.org

armanim120@hotmail.com

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2006
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14451
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 2943 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 09:52:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مايماق قارىم ماۋۇ تىمىنىڭ داۋامىچا ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72881
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 01:35:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى  يەنە يوق مانا :qiray146

تورۇس پەس.ئېگىلمەي نە چارە؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73950
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 05:07:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
很好!很强大!












淘宝女鞋 www.panelsurveys.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 919
توردا: 1306 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 05:41:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غايىپ ئوردىدىكى كېڭەش (8)
لىكىن شۇنداق بولسىمۇ كامىل تۈمەنبېشىنىڭ ئەييارنىڭ گەپلىرىگە ھېچ ئىشەنگىسى كەلمەيتتى.ئۇ بۇ گەپلەرنىڭ يالغان بولىشىنى، بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى.ئۇنىڭ شۇنچىلىك يىغلىغىسى كەلسىمۇ،يەنە« ھازىر يىغلايدىغان
ۋاقىت ئەمەس ئىدى.نىمىلا بولمىسۇن ئوردىغا بارماي بولمايدۇ.ئابدىرامان ئەييارنى يالغان ئېيتتى دىگەن تەغدىردىمۇ ،ئوردىدا بىرەر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ئىنىق.ئىشقىلىپ ئاۋۋال ئوردىغا بىر قايتاي»دەپ ئويلىدى،-دە.ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى.ئۇ ئۇددۇل مەشىق مەيدانىغا باردى دە.پۈتۈن تۇغدارلارنى يىغىپ ،قاتتىق ئاھاڭدا سۆزلەشكە باشلىدى:
-ئابدىرامان ئەييارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ئوردا كاتتىلىرىدىن بىر نەچچىسى
سۈيقەستكە ئۇچراپتۇ.مەن دەپنە مۇراسىمىگە قايتىمەن.
كىرامان لەشكەر بېشى.قوشۇنغا باش بولۇپ ،ھەربى تەييارلىق قىلىنغاي.
مەن قايتىپ كەلگىچە كىمىكى پىتنە پاسات تېرىپ غايىپ تۇغۇمغا ئۆكتە چىقىدىكەن شۇ يەردە قولغا ئېلىپ ،كوھىقاپتىكى لەشكىرى زىندانغا تاشلاپ ،مىنىڭ سوراق قىلىشىمغا قالدۇرۇلسۇن.،-دەپ قوشۇن باشقۇرۇش دەستىكىنى كىرامانغا قارىتىپ ئاتتى.كىرامان قولىنى سوزۇپ،ئۇنىڭ ئالقىنىغا ئىنتايىن كىچىك كەلگەن دەستەكنى ئوڭايلا تۇتىۋالغاندىن كىيىن ،بارلىق تۇغدارلاغا بىردىن تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ:
-بەگزادەم خاتىرجەم ماڭغاي.ئەمما پىتنە پاسات تېرىغۇچىلەر بولسا ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىمەن.ئەمما ئالىمادىس شۇنداق ئىشلار بولۇپ قالسا ،بەگزادەم مەندىن رەنجىمىگەيلا.
-ماھىر سۇ بېشى،تاھىر گۆر بېشى.سىلەر قېلىپ كىرامان لەشكەر بېشىغا ھەمدەمدە بولغايسىزلەر.،-يىگىتلىرى ئارىسىدىن تاللاپ چىققان ئىككى تۇغدارغا ئۇزۇتۇپ.
-خوپ!،-دەپ دەستەكنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تۈمەنبېشىغا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى ئىككى تۇغدار.
-نازىن پەرى،سەپەر تۇغدار بىلەن،خەۋەر تۇغدار مەن بىلەن بىللە ئابدىرامان ئەييار بىلەن ئەنبەر پەرىنى ئېلىپ كەچ كىرىشى بىلەن زامان ئوردىسىغا قايتىمىز.قايتىپ كىتىپ قارىلىق كىيىملەرنى تەييار قىلىپ،ياخشى ئارام ئالغايسىزلەر.
يولغا چىقىدىغان بارلىق تۇغدارلار خوشال ئىدى.چۈنكى ئۇلار مۇشۇ بانادا،ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشىۋالالايتتى.لىكىن نىمە ئىش ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىشىپ تۇراتتى .پەقەتەت نازىن پەرىلا ھەقىقى خوشال ئىدى. تۇنجى قېتىم كامىل تۈمەنبېشى بىلەن بىللە سەپەر قىلىش ئىمكانىيىتى بولغاچقا ئۇنىڭ يۈرىكى يېرىلى كىتەيلا دىگەن ئىدى.ئۇلار دەرھال تۈمەنبېشىغا سالام بېرىۋەتكەندىن كىيىن،ئوردىدىن قايتىپ چىقتى.
-پەرىلەر ئەتە تاڭ ئاتقاندا  ئەنبەر پەرى بىلەن كۆرۈشسەڭلار بولىدۇ.ئەمما مەن قايتىپ كەلگىچە ئۆز ئالدىرىغا ئىش كۆرۈشمىسىلە.جىنلار تائىپىسىدىكى تۇغدارلار كەلگەن ھامان مىنىڭ قورىقىمغا بارغاي.كېڭەشنىڭ داۋامىنى كىرامان تۇغدارنىڭ باشچىلىقىدا داۋام قىلغايسىزلەر.
-بەگزادەمنىڭ سەپىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي...دىيىشتى تۇغدارلار.
كامال تۈمەنبېشى ھەممە ئىشلارنى تەرتىپكە سالغاندىن كىيىن،غايىپ ئوردىدىن خاتىرجەم بولۇپ،قورۇقىغا قايتتى.ئۇ تىلاۋەت قىلىپ ئاتىسىنىڭ ئامانلىقىنى تىلەپ كۈننى كەچ قىلدى.ئەمدى كاراڭغۇ چۈشىشىگىلا تۈمەنبېشىنىڭ ئىبادەت قەسىرىنىڭ ئىشىكى چىكىلدى.بىر ئازدىن كىيىن شاھزادە ئىشىكىنى ئېچىپ قارىۋىدى.جىنلاردىن بولغان ئىككى تۇغدار بېشىنى سېلىپ ھويلىدا تۇرغانىدى.ئابدىرامان ئەييارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولغاچقا سىلەر بىلەن يۈ كۆرغشەلمەيدۇ.كىرامان بېشىغا يېقىندىن ھەمكاردا بولغايسىزلەر....
-بەگزادەم رۇخسەت قىلسا ئەييار بىلەن بىر كۆرۈشىۋالساق....،-دىدى زىلال تۇغدار بېشىنى كۆتۈرمەي....تۈمەنبېشى ئۇلارنى رەت قىلىۋىتەي دەپ تۇرىۋىدى.قەسىرنىڭ ھويلا ئىشىكىدىن چار يەكتەك كىيىۋالغان ئابدىرامان ئەييار.مەزمۇت دەسسەپ كىرىپ كەلدى.قارىغاندا تۈن قاراڭغۇسى ئۇنىڭغا خېلى داۋا بولغان بولسا كېرەك.
-زىلال تۇغدارنىڭ مىنى ياد ئەدكىنىگە كۆپ رەھمەت.مەن بەگزادەمنىڭ خىزمىتىدە بىر نەچچە كۈن سىلەر بىلەن ئەسرالىشالمايمەن...خاۋاتىرلەنمەي بەگزادەمنىڭ بۇيرۇقىنى بىجا كەلتۈرۈشكەيلا...،-دىدى ئابدىرامان ئەييار چىرايىنى شۇنچىلىك بىر قورقۇنۇشلۇق ھالەتكە كەلتۇرۇپ...بۇ جىنلار تائىپەسىنىڭ
كۈلۈمسىرىگىنى ئىدى.ئەييارنىڭ ئامان-ئىسەنلىكىنى كۆرگەن ئىككى تۇغدار خاتىرجەم بولۇپ قايتىپ چىقتى.ئەمدى ھەممە ئىشلاردىن خاتىرجەم بولغان بەگزادە غوجىدارغا ئۆكۈزىنى ھارۋىغا قېتىپ تەييارلاشنى بۇيرۇدى.سەپەرگە چىققان بارلىق تۇغدارلار جەم بولغاندىن كىيىن بىرلىكتە شتۈمەنبېشىنىڭ ئۆكۈز ھارۋىسىغا چىقى.ئىككىنچى بەگزادە دەپ نام ئالغان قەبىھلىكى بىلەن نام ئالغان بۇ ئۆكۈز تۈمەنبېشىنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا ھارۋىنى شۇنچىلىك سىلىقلىق بىلەن سۆرىگەندىن كىيىن بىر دەمدىن كىيىن ئاستا ئاستا پەلەككە كۆتۈرۈلدى.

داۋامى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maymah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-28 06:02 PM  


تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش