مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Dakyanos

دەقيانوس ھېكايىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3874
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 11:03:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى تال كىنو بېلىتى

     ئىشتىن خۇشال كەلگەنىدىم، ئىشىكتىن كىرىپلا مېھمانخانا ئۆيدە قاپىقىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئولتۇرغان ئايالىمنى كۆرۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ  سومكامنى ياندىكى سافاغا تاشلاپ ئۇنىڭ قىشىغا باردىم.
-نىمە بولدۇڭ؟ كىم خاپا قىلدى سنى؟-دىدىم مەن.
-بۇ نىمە؟ - ئۇ ئاچچىقى بىلەن قولىدىكى ئىككى پارچە رەڭلىك قەغەزنى  ئۈستەلگە تاشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى گويا پارتىلاشنى ساقلاپ تۇرغان يانار تاغ پارتىلاش ۋاقتى كەلگەندە پارتىلغاندەكلا ئىدى.
- كىنو بىلىتى ئىكەنغۇ! مىنى كىنو كۆرۇشكە تەكلىپ قىلامسەن؟ كىنو كۆرۇشكە تەكلىپ قىلساڭمۇ ئادەمگە ئاچچىقلامسەن! ھا ھا، ئاچچىقلانما مەن سىنىڭ بىلەن بىللە باراي.-دىدىم چاقچاق قىلىپ.
-كىم سىنى كىنوغا تەكلىپ قىلغۇدەك. كۆزۈڭ بارمۇ ، ۋاقتىغا قارىغىنە!-دىدى ئايالىم تىخىمۇ ئاچچىقلاپ .
-كونا بىلەتكەنغۇ بۇ، يەتتە يىل بۇرۇنقى بى...لە...ت.... – گىپىمنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەيلا قالدىم. بۇ بىلەتلەر قانداق قىلىپ ئايالىمنىڭ قۇلىغا چۇشۇپ قالغاندۇ؟ مەن شۇنى ئويلاپ تۇرسام ئۇ ئالدىمغا بىر كىتاپنى ئاتتى.
-بەربات بولغان مۇھەببەت!  كونا مۇھەببەتنى ئۇنتۇيالماي قاپسەندە؟-دىدى ئۇ كۆزۈمگە مىختەك قادىلىپ.
كىتاپنى كۆرۇپلا ئىسىمگە كەلدى. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ماتېرىياللىرىمنڭ رەتلەۋىتىپ بۇ بىلەتلەر چامادانىمنىڭ ئاستىدىن چىقىپ قالغانىدى. مەن ئالدىراشچىلىقتا قولۇمغا چىقىپ قالغان بەربات بولغان مۇھەببەت دىگەن كىتاپقا سىلىپ قۇيۇپتىمەن. بۈگۈن خۇتۇن كۆرۇپ قاپتۇ دە، مەن ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن يالغاندىن بىرنى تۇقۇدۇم.
- مەن ئالىي مەكتەپتە تاللاپ ئۇقۇيدىغان دەرىستە كىنوغا قاتناشقانىدىم،  شۇ چاغدا دەرىس ئۈچۈن نەنمىندىكى كىنوخانىدا كىنو كۆرۇپ كىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. مەن بىر تۇنۇشۇمنىڭ بىلىتىنى ئىلۋالغانىدىم. ئۇ يەردە ھاياتىمدا پەقەت بىر قىتىم كىنو كۆرۇپ بىقىپتىمەن. شۇڭا ساقلاپ قويغانىدىم.
-راسىتما؟
-ئەلۋەتتە راسىت. مەن قاچان ساڭا يالغان سۆزلىگەن.
-مىنى ئىشىنىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ ياق، كۈڭلۈم تۈيۈپ تۇرۇپتۇكى سەن ھازىر يالغان سۆزلىدىڭ. سىلەر ئەرلەر زادى ياخشى نەرسىلەر ئەمەس. بۇ چۇقۇم كونا مۇھەببىتىڭ بىلەن بىللە كۆرگەن كىنونىڭ بىلىتى! سەن ئۇنى ئۇنتۇيالماي ساقلاپ يۈرگەن گەپ. شۇنداقمۇ!
مەن ئۇنىڭغا شۇنچە چۇشەندۇرۇشلەر بەرگەن بولساممۇ ئۇ يەنىلا ئىشەنمىدى ئەكسىچە تىخىمۇ ئەزۋەيلەپ بىشىمنى ئاغرىتقىلى تۇردى. مەن ھەر قىتىم ئۇرۇشۇپ قالساق قوللىنىدىغان تەدبىر بۇيىچە سىرىتقا چىقىپ كەتتىم.
ئۈرۈمچىدە قىش كۇنلىرى قار كۆپ ياغىدۇ. يولغا چىققىنىمدا قار چۇشىۋاتاتتى.مەن بىر قولۇمنى ئىشتىنىمنىڭ يانچۇقىغا بىر قولۇمنى چاپاننىڭ يانچۇقىغا سالغانچە يىڭىلا چۇشكەن قارلارنى دەسسەپ خىيال بىلەن نەنمىن تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ئايالىم توغرا دىگەنىدى، بۇ ئىككى پارچە بىلەت مىنىڭ بەربات بولغان تۇنجى مۇھەببىتىمنىڭ مەن ساقلاپ يۈرگەن بىردىنبىر يالدامىسى ئىدى. باشقا رەسىم دىگەندەك نەرسىلەرنى تويدىن بۇرۇن كۆيدۇرۇپ، سۇغا تاشلاپ دىگەندەك يوق قىلدىم پەقەت مۇشۇ بىلەتلەرلا ھىچنىمىگە پۇتلاشماس دىگەن ئوي بىلەن ساقلىنىپ قالغانىدى. زۆھرەدىن ئايرىلىپ قالغاندا ئۈرۈمچى كۇچىسدا سائەتلەپ يۈگۈرۇپ چىقتىم، پەقەت يىقىلىپ قالغۇدەك ھالغا كىلىپ قالغاندىلا تۇختىدىم. خۇڭيەنچىدىكى كۆلدە ھارغۇچە ئۈزدۇم. ئىشقىلىپ ئۆزۈمنى قىيناش ئارقىلق بارلىق ئازاپلاردىن خالاس بولماقچى بولدۇم. ۋاقىت مۇھەببەت ئازابىنى ئۇنتۇلدۇرالمىسىمۇ يىنىكلىتىدىكەن. ئايلار، يىللارنىڭ ئۇتۇشىگە ئەگىشىپ ئازاپلىرىم ئۇنتۇلمىغان بولسىمۇ مەندىن سەل يىراقلاشتى. كىيىن ھازىرقى ئايالىم بىلەن تۇنۇشتۇم، بىر ئىنسان، نورمال ئىنسان بولغانلىقىم ئۈچۈن بىر ھەمراھقا مۇھتاجلىقىمنى ھىس قىلغىنىمدا ئۇنى لايىق كۆردۇم. تويدىن كىيىن ئايالىم بىلەن شۇنچىلىك ئىناق ئۈتتۇم، قوشنىلارمۇ بىزگە ھەۋەس قىلاتتى. ئۇ ئىككى پارچە بىلەت چامادانىمنىڭ ئەڭ ئاستىدا تۇراتتى. ئايالىم بۇنىڭغا ئەزەلدىن تىگىپ باقمىغانىدى...
بىرەيلەننىڭ يىڭىمنى تارتىشى مىنى خىيال قوينىدىن ئايرىدى. كەينىمگە قارىسام 23-24- ياشلاردىكى مودا كىيىنگەن چىرايلىق بىر قىز ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى.
- ئاكا، بۇ داشىمىن مۇ؟-دىدى ئۇ. مەن ئەتراپىمغا قارىۋەتكەندىن كىيىن جاۋاپ بەردىم.
-ياق بۇ داشىزى ئىكەن.
-مەن خاتا چۇشۇپ قاپتىمەن دە! بۇ يەردىن داشىمنىغا بارغىلى بۇلامدۇ؟
-مانا بۇ ئاپتۇبۇسقا چىقىڭ.
مەن شۇنداق دەپ بىكەتكە كىرىۋاتقان ئاپتۇبۇسنى كۆرسەتتىم. ۋە يەنە ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم.
-ئاكا- يەنە بايىقى ئاۋاز ئاڭلاندى.- مىڭىپ بارغىلى بۇلامدۇ؟
-ئەلۋەتتە، -دىدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ.-خالىسىڭىز مەن سىزگە يولنى كۆرسىتىپ قۇياي.
-رەھمەت سىزگە، سىز سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل كۆرىندىكەنسىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تۇلىسى ئاق كۆڭۈل، قىزغىن ئىكەن. مەن ئۆزبەكىستاندىن ھەپتە بۇرۇن كەلدىم. شۇڭا ئۈرۈمچىنى بىلمەيمەن.
- گەپلىرىڭىز سەل ئۇخشىمىغان بىلەن چىرايىڭىز ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆزى ئىكەن.
- بۇ سۆزىڭىزدىن خۇشالمەن. ئۈرۈمچىدە ئۇچراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىدىن ياخشى. بۇ شەھەر بەك تەرەققىي قىپتۇ، بىراق خاسلىقتا تاشكەنتكە يەتمەيدىكەن. بۇ شەھەردە خەلقئارا چوڭ بازار ماڭا يارىدى.
بۇ ئۆزبەك قىزى زوق- شوق بىلەن سۆزلەۋاتقاندا بىز نەنمىنغا كەلدۇق. كۆك رەڭلىك ئەينەك پىرامىدا قاراڭغۇ چۇشۇش ئالدىدىكى ئۈرۈمچى ئاسمىنىغا قادىلىپ تۇتاتتى. مەن تاشكەنتلىك قىزغا يولنى ئېيتىپ بېرىپ خوشلاشتىم. مەن كىنوخانىنىڭ ئالدىغا كىلىپ  ئۇنىڭ سەمىمىي كۆرۇندىكەنسىز دىگەن گىپىنى ئەسلەپ قالدىم. زۆھرەمۇ، ئايالىممۇ مىنى سەمىمىي دەيتتى. ئۇلارغا مىنىڭ يىقىپ قالغان يېرىممۇ بۇ تەرىپىم بولسا كېرەك. قۇرساقنىڭ تارتىشىپ  ئاغرىپ كىتىشى بىلەن تاماق يىمىگىنىم ئىسىمگە كەلدى. مەن كىنوخانىدىن ئۈتۈپ سەنشىخاڭزا تەرەپكە مىڭىپ كەتتىم. بويتاق چاغلىرىمدا كۆپرەك تاماق يەيدىغان ئاشخانا مۇشۇ ئەتراپتا ئىدى.
  مەن تاماقتىن چىقىپ بىر بىليارتخانىغا كىردىم، ئىچىم پۇشۇپ قالغان چاغلاردا بۇ بىليارتخانىغا كىلىپ بىرەر سائەت ئويناپ قۇياتتىم. بۈگۈن ئۇزاقراق ئويناپ ئايالىمنىڭ ئاچچىقى بىسىلغاندا قايىتماقچى بولدۇم. دەرۋەقە مەن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئايالىم يىتىپ بولغانىدى.ئىسسىق ئۆيگە كىرىپ راھەتلەندىم. يەنىلا ئۆي ياخشى، ئۆيى بارنىڭ جىنى بار دىگەن گەپ بىكار دىيىلمىگەن دە. دېرىزىدىن چۇشۇۋاتقان ئاي نۇرى دەل كارۋات ئۇستىگە چۇشۇپ، ئايالىمنىڭ چۇۋۇلۇپ ياستۇققا بىر كەلگەن چاچلىرىنى، يۈزنىڭ يېرىمنى يورۇتۇپ تۇراتتى. مەن ئاستا كىلىپ يۇتقاننى قايرىغاندا. ئۇ يۇغان كۆزلىرىنى ئىچىپ ماڭا قارىدى ۋە:
- ئۇ بىلەتلەر تۇغىرسىدا دىگەنلىرىڭىز راسىتمۇ؟-دىدى. ئاي نۇرىدا ئۇنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كۆرۇنەتتى. مەن ئۇنىڭ بېلىدىن ئۆزۈمگە تارتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ قۇلاق تۇۋىگە پىچىرلىدىم.
-راسىت.
- ھۇي! نىمە قىلىۋاتىسىز، مىنىڭ ئاچچىقىم تىخى يانمىدى جۇمۇ!
- بىز ئون ئۇغۇللۇق بۇلايلى ھە.-دىدىم مەن ئۇنىڭغا.
- ھى ھى ھى، مىنى مىكيان دەپ قالدىڭىزمۇ كۇندە بىرنى تۇغىدىغان. مەن دىگەن ئادەم.
  ئەتىسى ئورۇمدىن تۇرۇپ قارىسام ئايالىم يېنىمدا يوق ئىدى. ناشتىلىق تەييارلاۋاتقان ئۇخشايدۇ دەپ ئويلاپ، سائەتكە قارىدىم ئىشقا چۇشۇشكە ۋاقىت ئاز قالغانىدى. مەن چىشىمنى چوتكىلاپ بۇلۇپ، ئايالىمنى ئىزدەپ ئاشخانا ئۆيگە كىردىم ئۇ يوق ئىدى. بىردىنلا جىددىيلەشتىم ۋە ئۇنىڭ ئىسمنى توۋلىدىم. مەن مەيەدە دەپ بىر جايدىن چىقىشىنى ئويلىغان بولساممۇ، بىراق ھىچ سادا بولمىدى. بەلكىم ئىشقا ئالدىراپ چىقىپ كەتكەندۇ، دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم .مېھمانخانىغا خىزمەت سومكامنى ئالماقچى بۇلۇپ كىرگىنىمدە ئۇستەلدىكى قەغەز پارچىسىغا كۆزۈم چۇشتى. قولۇمغا ئىلىپ ئۇنىڭ ئايالىم ماڭا قالدۇرغان خەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. خەت مۇنداق يىزىلغانىدى.
بەلىكم كىچىدىن نىمە دەپ جۆيلىگىنىڭىزنى بىلمەيسىز،ئۇزاق ئويلاندىم. سىزگە ئىشىنەي دەپ ئويلىغان، بىراق جۆيلۇشلىرىڭىز بۇنىڭغا يول قويمىدى. بىز ئەڭ ياخشىسى ئاجرىشىپ كىتەيلى. شۇڭا مەن بۈگۈن قايتىپ كەلمەيمەن، ئاپامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن. مۇۋاپىق بىر كۇنى رەسمىيەت بىجىرۋىتەيلى، ئامال بار بالدۇرراق بىر تەرەپ بۇلايلى.
مەن سافادىلا ئولتۇرۇپ قالدىم. بىردىنلا ئۆزۈمنى بەكمۇ يالغۇز ھىس قىلدىم. بايا قەغەز پارچىسى قۇيۇلغان جايدا ھىلقى ئىككى پارچە كىنو بىلتى تۇراتتى. مەن ئاچچىقىمدا ئۇنى ئۇششاق يىرتىپ يۇقىرىغا قارىتىپ ئاتتىم. قەغەز پارچىلىرى لەيلەپ ئۇستىباشلىرىمغا چۇشتى.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3874
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 11:06:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاش


       كاماندۇرۇپكىدىن قايتىپ كىلىپ ئۆيگە كىرىپلا بىر خىل ئىللىق سىزىمنى ھىس قىلدىم. ئۆز ئۆيىگە نىمە يىتىدۇ، بىر ئايدىن بۇيان يات شەھەردە ئۆمرۈمدە كۆرۇپ باقمىغان تاماقلارنى يەپ،چاقناپ تۇرىدىغان ئىسىل ياتاقلاردا ياتقان بولساممۇ يەنىلا بىر نەرسە كەمدەك تۇيۇلغانىدى. ئۆيگە كىرىپلا بۇ نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكنى بىلدىم.ئۆيدىن ماڭغۇچە ئىلۋالغان لازىمەتلىك نەرسىلىرىمنى ۋە ئايالىم ئۈچۈن سېتۋالغان سوۋغاتلىقلىرىمنى جايلاشتۇرۇپ بۇلۇپ، سائەتكە قارىدىم.ئايالىمنىڭ ئىشتىن قايتىپ كىلىشىگە يەنە ئازراق ۋاقىت بار ئىدى. مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ  ئۆزۈم ئامراق قىزىلگۈل چىينى دەملىدىم، چاينىڭ خۇشپۇرىقىنى پۇراپ ھۇزۇرلانغاچ ئىستاكانغا قۇيدۇم دە ئۇنى ئىلىپ چاي ئىچكەچ ئايالىمنىڭ كىلشىنى ساقلاش ئۈچۈن مېھمانخانا ئۆيگە چىقتىم. قولۇمدىكى ئىستاكان ئەينەك ئوستەلگە قويۇلىشى بىلەن ئۆزۈمنى  ھارغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم.ئۇيقۇممۇ كەلگەندەك قىلاتتى.
سىرىتتا ماشىننىڭ تۇختىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئىتتىك قولۇمدىكى  ئالتۇن رەڭ سائەتكە قارىدىم. سائەتنىڭ قىسقا يىڭنىسى 8نى ئۇزۇن يىڭنىسى 12نى كۆرسىتىپ تۇراتتى.« ئۇ كەپتۇ دە. نىمانچە كەچ قالدىكىنە.» سەل ئاچچىقىم كىلىپ دېرىزە ئالدىغا كەلدىم. ئىشىك ئالدىدا ئىسىل بىر ماشنا تۇختىغانىدى. نىمە ماركىلىق ئىكەنلىكنى قاراڭغۇ بولغاچقا كۆرگىلى بولمايتتى. ماشىنىدىن ئالدى بىلەن ئوتتۇرا بوي، قارا چىڭگىلەك چاچلىرى مۇرىسگە چۈشۈپ تۇرغان ئايالىم چۈشتى. ئاندىن كاستۇم- بۇرۇلكا كىيگەن قامەتلىك بىرى چۈشتى. ئۇ ھەقىقەتەن كىلىشكەن بۇلۇپ خۇددى كىنو ئارتىسلىرىغا ئۇخشايتتى. راستىنلا مەن ئۇنى قايسىدۇر بىر كىنودا كۆرگەندەك قىلاتتىم. ئۇ ئايالىمغا ناھايتتىمۇ يىقىنچىلىق بىلەن بىر ھازا گەپ قىلدى. ئىككىسىلا خۇشال تۇراتتى. گەرچە كۆرمىگەن بولساممۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭمۇ كۈلۈپ كەتكىننى ھىس قىلدىم. ئۇنىڭ ئايالىمغا كۆرسىتۋاتقان ھۆرمەت قىزغىنلىقى مىنى قاتتىق ساراسىمگە سالدى. يەنە كىلىپ شۇنچە كەچتە. بىردىنلا غەزىپىم ئۆرلەپ كەتتى.ئاچچىقىم تىزلىك بىلەن 180 گىرادۇس ئۆرلەپ، بىنادىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ ئا ئەبلەخنى بىر مۇشىت، ئايالىمنى بىر شاپلاق ئۇرۇپ « يۇقلىشە شەرمەندىلەر!» دىگۈم كەلدى. ئىشىك ئالدىدا بىر يات ئەر بىلەن شۇنچە ئۇزۇن تۇرۇش نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم.« ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتسەم جىدەلنى كۆرۇپ قوشنىلار يىغىلىشسا، ئاندىن بۇ ئىشلارنى ئۇقسا مىنىڭ يۈزۈمگە سەت ئەمەسمۇ، ئاۋۇ نۇمۇسسىزلارغىغۇ بەرىبىر.» شۇنىڭ بىلەن نىيتىمدىن يىنىپ قالدىم. ئۇلارغا داۋاملىق قاراۋېرىشكە كۆڭلۈم چىدىمىدى. بۇ ئەلەملىك كۆرۈنۈشتىن بىشىم زىڭىلداپ ئاغرىپ كەتتى. ئاستا بېرىپ سافادا ئولتۇرۋالدىم. بىر چاغدا ئىشىك ئىچىلدى. ئاندىن ھىجايغىنىچە ئايالىم كىرىپ كەلدى.
- قاچان كەلدىڭىز، يولدا جاپا تارىتمىغانسىز، چىرايىڭىز باشقىچە تۇرىدۇ ئاغرىپ قالمىغانسىز؟
مەن گەپ قىلمىدىم، گەپ قىلغۇم كەلمىدى، بۇ ئاچچىقتا ئېغىزىمغا گەپ كىلىدىغاندەك ئەمەس.
- راسلا ئاغرىپ قاپسىزدە، يول ئازابى گۆر ئازابى دەپ ، يۈرۈڭ دۇختۇرخانىغا بارايلى. يا مەن ئۇخشىتىپ سۇيۇقئاش قىلىپ بەرسەم تەرلىنىپ ئىچىپ يىتىپ ئارام ئالامسىز يا؟- دىدى ئۇ ماڭا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتتە.
تىخى يېرىملاشقان ئستاكاننى كۈچەپ يەرگە ئاتتىم. « جاراڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ چۇل-چۇل بۇلۇپ كەتتى. ئىچىدىكى مەن تىخى ئىچىشكە ئۈلگۈرمىگەن قىزىلگۈل چېيى ئۇنىڭ پۇتىغا چاچرىدى. ئايالىم گويا نىمە ئىش بولغىننى ئۇقمىغاندەك ھەيرانلىق ئىچىدە بىر ماڭا بىر يەردە چىچىلىپ ياتقان ئىستاكان پارچىلىرىغا قارايتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنە مىنى شۇنچە ۋاقىت مۇھەببەتلەشكەن، كۆيۈشۈپ توي قىلغان ئادىمىم شۇمۇ ياكى باشقا بىرىمۇ دىگەندەك قاراشنىمۇ ئۇچراتقاندەك بولدۇم.
-ئۇ كىم؟- دىدىم مەن ئۇنىڭغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ.
- كىم؟ - ئايالىم قىزىرىپ ھۇدۇقۇپ شۇنداق سورىدى.
- باياتىنقى ماشنىلىق ئەپەندىمچۇ! – دىدىم ئاچچىق بىلەن.
- ھە كۆرۇپسىزدە، راسىتىنى ئېيتسام مەنمۇ ئۇنى تۇنۇمايمەن. بايا ئىشتىن چۈشۈپ كىتىۋىتىپ، بىر مۇماي ئۇچراپ قالدى قاراڭ. قارىسام ئۆيىنى تاپالماي قاپتۇ. ياردەم قىلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياي دەپ بىر مۇنچە ئىزدەپ يۈرۈپ مىڭ تەستە ئۆيىنى تاپتىم. سىز كۆرگەن ئۇ كىشى دەل مۇماينىڭ ئوغلى ئىكەن. ئانىسىنى كۆرۇپ بەكمۇ خۇش بۇلۇپ كەتتى. ئۆزىمۇ ئانىسىنى ئىزدىگىلى يېرىم كۈن بۇپتىكەن.ئانىسىنى ئەكىلىپ قويغىنىم ئۈچۈن ماڭا كۆپ رەھمەت ئېيتتى. ياق دىسەم ئۇنىماي ئەكىلىپ قويدى شۇ. مۇشۇنچىلىك ئىش.
ئادەتتىكى چاغلار بولسا ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە شەكسىز ئىشەنگەن بۇلاتتىم، چۇنكى ئايالىم بەكمۇ ئاقكۆڭۈل، ساددا ھەم مېھرىبان ئايال ئىدى. ئەمما بۈگۈن باياتىنقى مەنزىرنى كۆرگەندىن كىيىن يەنە ئىشىنىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى.« ئايال كىشىگە بەك ئىشىنىپ كەتمە» دىگەن ئىكەن بۇرۇنقى دانالار.
- تۇقۇغان ھىكايەڭگە مىنى ئىشىنىدۇ دەمسەن؟بولدى بەس. مەن يوق چاغلاردا نىمە ئىشلار بولدى تىخى! بۇنى خۇدايىم بىلىدۇ.
مەن ئاچچىقىمدا شۇ گەپلەرنى قىلغاندا ئۇ بەكلا ھەيران قالدى، ئاندىن چىرايىدا ئەپسۇسلانغان ئىپادە پەيدا بولدى. ئەزەلدىن ئۇنىڭغا بۇنچە قاتتىق تەگمىگەن بولسام كېرەك. لىكىن ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى ماڭا شۇنچە ساختا بىلىندى. « ئاياللار ئۇيۇن كۆرسىتىشكە ئۇستا، ئادەمنى ئالداپ قۇيۇپمۇ يەنە ئوۋال بولغان قىياپەتكە كىرۋىلىۋېرىدۇ. يۇمشاپ كىتىشكە بولمايدۇ.»
- ماڭا ئىشەنمەمسىز؟ مۇشۇ چاغقىچە قاچان سىزگە يالغان ئېيتپ باقتىم.
- بۇنى مەندىن سورىما. بەلكىم ئەينى يىللاردىلا مىنى ئالداپ يۈرگەنسەن، مەن تېلفۇن قىلغاندا ئالمىغانلىرىڭدا مەن بىلمەيدىغان بىرلىرى بىلەن كۆرۇشۇپ يۈرگەنسەن، يازغان ئۇچۇرلىرىمغا جاۋاب قايتۇرمىغىنىڭدا باشقىلار بىلەن ئۇچۇرلىشىپ ئالدىراشتۇرسەن. بەلكىم مەن ئالدىنىپ ئىشىنىپ يۈرگىنىمدە ئىچىڭدە كۈلگەنسەن.
مەن نىملەرنى دەپ كەتتىم ھە، بۇ گەپلەرنى دەۋىتىپ ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. نىمە بۇلۇپ بۇ كەبى ناچار گەپلەرنى قىلىپ كەتتىم. ئۇ مىنىڭ بۇنداق دىيىشمنى تىخىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. چىرايى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەچچە ئۆزگىرىپ يىغلىۋىتەيلا دەپ قالدى. بايا كىرگەن چاغدىكى خۇشاللىقىدىن ئازراقمۇ ئەسەر قالمىدى. بۇرۇن ئۇ رەنجىپ قالغۇدەك بولسا ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلىۋىلىپ يىغلايتتى. بۇ قىتىم ئۇنداق قىلمىدى. بىردەم جىم ئولتۇرغاندىن كىيىن سومىكىسىنى ئىلىپ، ئىشكنى ئاچچىقى بىلەن ئەمەس، سىپايىلىك بىلەن يىپىپ چىقىپ كەتتى.
ئۇ چىقىپ كىتىشى بىلەن ئۇھ دىدىم. بۇ ئۇھ دىيىشىمدە يىنىكلەپ قالىمەنمىكىن دىگەن ئىدىم ئەمما ئەكسىچە بولدى. ئۆي ئىچىگە قارىسام بەكلا ۋەيران كۆرۈندى، « ئۆيدىن بوران ئۇچۇش » دىگەن مۇشۇمكىن. ئۆيدىكى نەرسىلەر ھەتتا تۆت تاممۇ مىنى ئەيىپلەۋەتقاندەك قىلاتتى. كاللامدا تەۋرىنىش بۇلۇشقا باشلىدى.« راستىنلا خاتا ئەيىپلىگەندىمەنمۇ؟» دەپ ئۆزۈمدىن قايتا –قايتا سوراپ كەتتىم . ئەمما جاۋابىنى ھىچ تاپالمىدىم، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى تۇنۇغاندىن تارتىپ ئەخلاقىدىن گۇمانلانغۇدەك بىرەر ئىشىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ئىش بار دىگەن تەقدىردىمۇ ھەممىسى ئاساسى يوق پەرەزدىن باشقا نەرسە ئەمەس، مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلىرىمىزمۇ شۇنچە پاكىز، باشقىلار ھەۋەسلەنگۈدەك ئۈتكەن ئىدى.ئۇ تىخى بىر ۋاقلىق نامازنى قويماي ئۇقۇيتتى.رامزان ئايلىرىدا قويماي روزا تۇتۇپ چىقاتتى. مۇشۇنداق بىرسىدىن گۇمانلىنىپ يۈرۈشۈم نورمالسىزلىق بۇلا؟ ئەمما ئادەم دىگەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۈچ كۈن كۆرمىگەن ئادەمگە باشقىچە نەزەردە قارا دەيدۇ، بىز كۆرۈشمىگىلى بىر ئاي بولغان تۇرسا، ئۆزگىرىش بولمىدى دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
مۇشۇنداق گادىرماچ خىياللار بىلەن تۇراتتىم، بورنۇمغا تاماقنىڭ مىزلىك پۇرىقى ئۇرۇلدى.« مەن ئاشخانىغا كىرمىگەندەك قىلغانغۇ!» كۆزۈمنى ئاچسام ئالدىمغا مەن ئامراق لەغمەن تۇرىدۇ. ئەمما بۇ ئاشخانا ئەمەس مىنىڭ ئۆيۈم ئىدى. بۇ نىمە ئىش بۇلۇپ كەتتى ئەمدى دەپ ئويلاپ تۇرسام ئايالىم كۈلۈمسىرىگىنىچە بىر چىنە ئىسسىق خېمىر شورپىسىنى كۆتۈرۈپ پەيدا بولدى.
- قاچان كەلدىڭىز؟ -دىدىم مەن ھەيران بۇلۇپ.
-ئۆيگە سائەت ئالتە بىلەن كەلگەن يېرىم سائەتتىن ئىشىپ قالدى. قارىسام ئۇخلاپ قاپسىز شۇنىڭ بىلەن ئويغاتمايلا تاماققا تۇتۇش قىلدىم.
-ھە؟ ئەمدى يەتتە بۇلاي قىلدىما؟- مەن ئىشەنمىگەندەك سائەتكە قارىدىم. دىگەندەك يەتتىگە چارەك ۋاقىت قاپتۇ. باياتىن ئايالىم سەككىز بىلەن كەلگەن ئەمەسمىدى. ئەجەبا ئۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشمۇ؟ ھىچبىر چۈشكە ئۇخشىماي تۇراتتى. ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنچە روشەن، ھىلىقى ئەرنىڭ چىرايىمۇ ئىنىق ئىسىمدە. كاللام قايمۇقۇپلا كەتتى. تىخىچە ئىشەنگۈم كەلمەي تۇراتتى.
- بۇ چاي سۇۋۇپ قاپتۇ تۈكىۋىتەي ھە، ئىچەمسىز يا؟- ئايالىمنىڭ قولىدا مەن بايا چىقىۋەتكەن ئىستاكان تۇراتتى. ئىستاكاننى كۆرۇپ چىرايىم قانداقلارچە ئۆزگىرىش بۇلۇپ كەتتىكىن، ئايالىم ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى.مەن «مەيلى تۈكۈۋىتىڭ» دىگىنىمدىن كىينلا ئۇ چىقىپ كەتتى. دىمەك باياتىن يۈز بەرگەنلىرى راستىنلا چۈشۈمكەن دە ، ھىچ بولمىغاندىمۇ خىيالىم ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم.
- يولدا چارچاپسىزدە؟- دىدى ئايالىم ئىستاكاننى بىكارلاپ كىرىپ.
-ھەئە ھېرىپ قالغان ئۇخشايمەن، كىلىپ سىزنى ساقلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.
- ساقلاپ دەمسىز، مەن بىر ئايدىن بۇيان سىزنى ساقلاۋاتىمەن.
ئايالىمنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ پۈتۈن بەدىنىمگە ئىللىق بىر سىزىم تاراپ كەتتى. مىھىر بىلەن ئېيتلىغان بۇ سۆزدىن باياتىنقى چۈشلىرىم ئۈچۈن  ئىچىمدە خىجىل بولدۇم . ئەمدى بولسا قەلبىم ئۇنىڭغا بولغان تەشەككۈر ھىسياتى بىلەن تولدى.
- بۇ ياققا كىلىڭە مىھىرىبان پەرىشتەم –دىدىم ئۇنىڭغا يېنىمنى كۆرسىتىپ.
- نىمە ئىش؟ -دىدى ئۇ ئورنىدىن قوزغىلىپ.
- ھۇ قىلىن، -دىدى ئۇ مىنىڭ ئىشارىتىمنى كۆرۇپ تارتىنىپ كۈلۈپ.- يەنە ئىلىپ كىرىدىغان تاماق بار. بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيلى.
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە تاماق ئىتىدىغان ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ قاپقارا بۇدرە چاچلىرى بوش تەۋرىنىپ تۇراتتى. ئۇنى بىر خوش قىلۋىتەيچۇ دىگەن ئوي بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىنلا سوۋغاتلىرىمنى قويغان جايغا قاراپ يۈگۈردۇم. كاللامدا بولسا ئۇنىڭ سوۋغىتىمنى ئالغان چاغدىكى خۇشاللىقى ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6035
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 12:14:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray18:qiray18

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72732
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3451
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 12:59:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولۇپ قالىدىكە:qiray11

ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر، بىز ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26707
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5019
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 07:55:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ:qiray8

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73777
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4530
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2013-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 03:07:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69185
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3296
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 611 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 05:40:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray18:qiray18
بىر- بىرىدىن ياخشى چىققان ئەسەرلەركەن، قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!!!!!!!!

سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى
ئالتۇن بىرىپ ئالغىلى بولماس قالغان كۆڭۈلنى

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 849
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1238 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 07:57:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray121:qiray121:qiray18

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49637
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3754
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 07:25:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا ياخشى ھېكايىلەر ئىكەن

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4009
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 07:24:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ئەسەر بوپتۇ !
قوللىرىڭىز تېلىپ قالمىغاي !

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش