مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Dakyanos

دەقيانوس ھېكايىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74338
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3026
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 02:23:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68364
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3749
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:58:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەمدى ئوقۇدۇم،ياخشى ھېكايىلەركەن،تېخىمۇ غەيرەت قىلىڭ.

دوستۇڭنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتتىڭ بۈگۈن،
ئالارسەن كۆڭلىنى ئەتە،يا ئۆگۈن.
ئۈزۈلگەن يىپنى ئۇلاش بەك ئاسان،
ۋە لىكىن قالىدۇ ئۇنىڭدا تۈگۈن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76231
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3099
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-2-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 06:23:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئنتايىن..ياخشى يىزىپسىز.....بولۇپمۇ سڭلىمنڭڭ خىتى.....بەك ياخشى يىزىلىپتۇ..ئاخىرىنى..يىغلاپتۇرۇپ...ئوقۇدۇم......:qiray146

بۇ ئۆمۈرنىڭ خوشلىقى،چىن يۈرەكن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1243
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9785
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 727 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 05:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى ھىكايىلەركەن،قەلىمىڭىز ھارمىسۇن.

ئۆلۈمگە بىغەممەن،
كىسەلگە ھۇشيار.
قايغۇدىن بىزارمەن،
شادلىققا خۇشتار.

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3874
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 08:21:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاشىق بولغان قىز
ياسىن ئەبەيدۇللا

نىمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ، بۇ ناخشىغا ئامراق بۇلۇپ قالدىم، بۇ ناخشىنىڭ باشلىنىشىدىكى قىسقا مۇزىكا مىنى ئىختىيارسىز ناخشا ئىچىگە باشلاپ كىرەتتى. ھەركۇنى ئوخشاش ۋاقىت ئوخشاش جايدا بۇ ناخشىنى ئاڭلاشقا ئادەتلىنىپ قالغانىدىم، كۇندە شۇنداق، ئىشتىن چۇشۇپ ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئۆيگە قاراپ ماڭاتتىم. ئاپتۇبۇس مەن
ئىجارىگە ئالغان ئۆيگە ئىككى بىكەت قالغاندا قايرىلىپ كىتەتتى، شۇڭا مەن شۇ يەردىن ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپ پىيادە مىڭىشقا مەجبۇر بولاتتىم، ئاپتۇبۇستىن چۇشىدىغانغا ئاز قالغاندا تېلفۇنىمنى تەييار قىلۋالىمەن-دە ،ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپلا ئاشۇ ناخشىنى ياڭرىتىپ  مىڭىپ كىتىمەن، بەزى كۇنلىرى ھاۋا قاتتىق سوغۇق بۇلاتتى، لىكىن مەن بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي تېلفۇننى قولۇمدا تۇتۇپ ئاۋازىنى  يۇقىرى  كۇتۇرۇپ مىڭىۋېرەتتىم، قار ياغقان كۇنلىرى ئاشۇ ناخشىنى ئاڭلىغاچ كوچا چىرىغىنىڭ نۇرىدا زەردەك يالتىراپ چۇشۇۋاتقان قارلارغا قاراپ ئاجايىپ خىياللار بىلەن ئۆيگە قاراپ ماڭاتتىم.
بۇ خىل تۇرمۇش رىتىمى ئاشۇ كۇندىن باشلاپ بۇزۇلدى . تىپتىنىچ ئۇتۇۋاتقان ھاياتىم بىردىنلا ئۆزگىرىشكە باشلىدى . بىر كۇنى ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپ خىيال بىلەن مىڭىپ ناخشا ئاڭلاشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، پەقەت ئۆيگە ئاز قالغان چېغىمدىلا يادىمغا كىلىپ يانچۇقىمغا قول سالدىم، يۈرىكىم ئەندىكىپ كەتتى.تېلفۇن يوق! ئوغرى ئالدى دىگەن خىيال دەرھال كاللامدىن كەچتى.تۇيۇقسىز شۇنچىلىك ئازاپلىنىپ كەتتىم،ئەمدى قاچان مائاشىم چىقىپ ،بىر تېلفۇن ئالغۇچە ئۇ ناخشىنى ئاڭلىيالمايدىغان بولدۇم،كىلەر ئايلىق مائاشىم چىقدىغانغا يەنە ئىككى ھەپتە ۋاقىت بار تۇرسا، يەنە كىلىپ تىخى ئۆتكەن ئايدىلا مائاشىمنىڭ يېرىمىنى چىقىرىپ ئالغان تېلفۇن ئىدى ئەمەسمۇ، كۆڭلۇم يېرىم ،قەدەملىرىم ئېغىر ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
ئەتىسى مەن ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپ بىر نەچچە قەدەم مىڭىپلا  ھەيرانلىق ئىچىدە تۇختاپ قالدىم، چۇنكى كەينىمدىن ئاشۇ مەن كۇندە ئاڭلايدىغان ناخشا ئاڭلىنىپ تۇراتتى ،بۇ ناخشا ئاۋازى دەسلەپ ئىنتايىن تۆۋەن ،كىيىن بارغانسىرى يۇقىرلاپ كىلۋاتاتتى. بۇ ناخشا كىمدىن تاراۋاتقاندۇ؟ مۇشۇ ۋاقىتتا كەينىمگە قارىسام يولدا لىققدە ئادەم،يەنە بىر ئاز مىڭىپ تۆت كوچا ئېغىزىغا كىلپ تۇرسام ئۇنىڭ كىملىكىنى ئاسانلا بىلۋالالايمەن.چۇنكى بۇ چاغدا ئادەملەر تاراشقا باشلايتتى. مەن شۇنداق ئويلاپ يەنە ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم. كوچا چىرىغى يېنىغا كىلىپ،گويا بىر نەرسە ئىزدەۋاتقان بۇلۇپ يانچۇقىمنى كولاپ تۇردۇم. ھىلقى ناخشا ئاۋازى بارا-بارا يىقىنلاپ كىلىپ سول تەرەپكە قاراپ يىراقلاپ مىڭىشقا باشلىدى.مەن شۇ چاغدىلا بۇرۇلۇپ قارىدىم، ناخشا بىر قىزدىن تاراۋاتاتتى، قىزنىڭ ئاق پەلەي كىيۋالغان قۇلىدا بىر نەرسە تۇراتتى،تېلفۇن بولسا كېرەك ،ناخشا نەق شۇنىڭدىن كىلۋاتاتتى.قوللىرىنى ئەركىن سىلىپ ماڭغان قىز بېشىغىمۇ ئاق پوسما كىيۋالغانىدى ، ئۇستىگە كىيۋالغان قىزىل پەلتوسىنىڭ پوتىسى بوش پۇلاڭلاپ تۇراتتى.
مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم، نىمشقا ئەگىشىپ ماڭدىم، كاللامدا بۇ ئىنىق ئەمەس، ئالدىمدىكى كىم؟ مىنىڭ تېلفۇنىمنى ئۇغۇرلىغان شۇ قىزمۇ؟ ئەجەبا ئۇغرى بولسا نىمشقا ئۆزىنى ئاشكارلاپ بۇ ناخشىنى قۇيۇپ ماڭىدۇ، دىگەن خىياللار بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن  ئاپئاق قارلارنى دەسسەپ –يەنجىپ ئون قەدەمچە ئارلىق قالدۇرۇپ مىڭۋاتىمەن. ئۇ مىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغىنىمنى بىلىپ قالدىمىكىن قەدەملىرى ئاستىلاپ ،تۇرۇپلا تۇختاپ قالدى. ئەمدى كەينىگە قارايدىغان بولدى دەپ ئويلىدىم، مەن جايىمدا توختاپ ئۇنىڭ نىمە دىيىشىنى ،ھەتتا تىللاپ كىتىشىنى ساقلاپ تۇرايمۇ ياكى كەينىمگە بۇرۇلۇپ قايتىپ كىتەيمۇ ۋە ياكى چاندۇرماي داۋاملىق ئالدىمغا قاراپ ماڭايمۇ؟ ئەڭ ياخشىسى داۋاملىق ماڭاي شۇ ئويلار بىلەن بىشىمنى تۇۋەن قىلپ  ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قىزنىڭ يېنىغا كىلپ قالغانىدىم، ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۈتۈپ كىتەي دەپ قەدەملىرىمنى يۇتكىدىم ،ئەتىرنىڭ پۇرىقى دىمغىمغا ئۇرۇلغاندەك بولدى. شۇ چاغدا قىز قەدەملىرىنى تېز-تېز ئىلىپ مىڭىپ كەتتى، ئۇھ دەپ ئېغىر تىنۋەتتىم. لىكىن داۋاملىق ئالدىمغا مىڭىشقا ئەمدى مەندە ماغدۇر قالمىغانىدى. يول بۇيىدا بىر تاللا بازىرى تۇراتتى. مەن شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.شۇندىن كىيىن قىز ئاپتۇبۇستا ماڭا كۆپ ئۇچرىدى.كۇندە ئاپتۇبۇستىن چۇشكەندە شۇ ناخشىنى ئاڭلاپ تۇردۇم.ئۇنىڭ چاقناپ تۇرىدىغان يۇغان كۆزلىرى ھەممە نەرسىگە سەمىميلىك بىلەن قارايتتى،مۇشۇنداق كۆزى بار ئادەم مىنىڭ تېلفۇنىمنى ئۇغرىلشى مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلايتتىم.ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل دوستانىلىك،ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئالاھىدىلىك باردەك بىلندى.بەزى چاغلاردا ئۇنىڭ ئالاھىدە ئەقىللق ئىكەنكىنى سەزگەندەك بۇلاتتىم.لىكىن يەنە ئۇنىڭ  ئاسانلقچە باشقىلارغا ئېغىز ئاچمايدىغان مەغرورلىقىنى، ئۆزىگە بولغان كۇچلۈك ئىشەنچىنى بايقاپ قالدىم.
ئۇنىڭغا گەپ قىلشىم كېرەكلىكىنى بىلەتتىم بىراق نىمە دەپ گەپ باشلاشنى بىلەلمەي بىر قانچە كۇننى ئۈتكۈزۋەتتىم.ھەركۇنى ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپ ئاشۇ ناخشىنى ئاڭلاپ قىزغا نىمە دىيىش ھەققىدە ئويلىناتتىم. ئويلىرىمنىڭ ئاخىرى چىقمايلا ھىلقى تۆت كوچا ئېغىزىغا كىلىپ قالاتتىم-دە ئۇنىڭغا گەپ قىلىش نىيىتىمدىن يىنىپ ئۇدۇل كىتىپ قالاتتىم.
بىر كۇنى قەتئى نىيەتكە كىلىپ بۈگۈن زادى گەپ قىلمەن دەپ ئاشۇ تۆت كۇچىدا قىزنى ساقلاپ تۇردۇم، ئەمما قىز كىلىشى بىلەن كاللامدا ئىككىلنىش بۇلۇپ ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم،خىيالمدا مۇۋاپىق پۇرسەت كەلسە ئۇنىڭ ئالدىنى تۇسۇپلا سورىماقچى بولدۇم. بىراق مىنىڭ ئۆلگۈر بۇشاڭلىغىم يەنە تۇتتى،ھىلقى تاللا بازىرى ئالدىغا كىلىپ بايىقى نىيىتىمدىن پۇتۇنلەي ياندىم. ئۆزۈمگە باھانە ئىزدەپ بۈگۈن ۋاقتى ئەمەس ئىكەن دىدىم.تاللا بازىرىغا كىرىپ بىر نەرسە ئالماقچى بولدۇم، تاللا بازىرىغا كىرىپلا نىمە ئىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەلمەي قالدىم ،ئۇنى-بۇنى كۆرۇپ بىر ئاز چۆرگىلەپ تۇيۇقسىز يادىمغا سۇت ئىلىۋىلىش كىلىپ سۇت قۇيۇلغان پوكەي ئالدىغا كەلدىم. بىر قانچە خىل سۇت بولسىمۇ مەن ئادەتتە ئىچىدىغان سۇتتىن بولمىغاچقا، تاللىيالماي تۇرۇپ قالدىم. مىنڭ كەينىمدىن بىرى كىلىپ يېنىمدا توختاپ قالدى،بەلكىم ئۇمۇ سۇت ئالسا كېرەك دەپ ئويلىدىم،بىراق مەندە بىرخىل بىئاراملىق پەيدا بولدى.چۇنكى بىرسى مىنى كۈزىتىۋاتقاندەك  قىلاتتى. باشقىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا قىلىش ئىنىقكى ئادەمنى خۇشال قىلمايتتى.
مەن بېشىمنى كۈتۇرۇپ يېنىمدىكى ئادەمگە قارىدىم.قارىدىم-يۇ ئۇنىڭغا ئۇڭايسىز ھىجيىپ قۇيۇپ بىشىمىنى تۇۋەن قىلدىم.ئۇ ئاشۇ قىز ئىدى ،بۈگۈن مەن تېلفۇن ۋە ئاشۇ ناخشا تۇغۇرلۇق گەپ سورىماقچى بولغان قىزيېنىمدا ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپلا خىجىل بۇلۇپ قالغانىدىم،لىكىن شۇنچىكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇلىدىكى تېلفۇننى كۆرۇپ قالدىم.مىنىڭ تېلفۇنۇم راستىنلا ئۇنىڭ قۇلىدا تۇراتتى. بىراق مەن يەنلا ھىچنىمە دىمەستىن، ئالدىمدىكى سۇتلەرگە قارىدىم.ئالدىراش تاللاپ ئىلىپ ماڭدىم. مەندە جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۇلۇشكە باشلىدى، ئالدىرىغىنىمدىن پۇلنى بېرىپلا ماڭدىم. ئىشىككە كەلگەن چېغىمدا پىركازچىك چاقىرىپ قالدى.
-ھەي ئەپەندىم، ئاشقان پۇلنى ئىلۋىلىڭ!
-لازىمى يوق!-مەن شۇنداق دەپ ئالدىراپ ئىشىككە ماڭدىم.
جاڭ! قىلغان ئاۋاز بىلەن قولۇمدىكى سۇت يەرگە چۇشۇپ كەتتى،سۇت خالتىسنى تۇتقان قولۇمدىن قىپقىزىل قان چىقىشقا باشلىدى،ئەسىلدە قولۇم ئىشككە تىگىپ كەتكەنىدى، ھەرھالدا ئەينەك ئىشك ساق ئىدى.مەن قولۇمنى تۇتقىنىمچە سىرىتقا چىقتىم.
-ھەي، توختاڭ!-قىز شۇنداق دەپ كەينىمدىن يۈگۈرۇپ چىقتى
مەن تاللا بازىرى ئالدىدىكى پەلەمپەيدىن چۇشۇپ تۇرغىنىمدا ئۇ ماڭا يىتىشۋالدى. قولۇمدىن تېخىچە قان توختىمغانىدى.
-يۈرۈڭ، مەن بىلەن مېڭىڭ! ھاڭۋىقىپ تۇرىسىزغۇ، مىنڭ ئۆيۇمگە بارىمىز.نىمانچە تارتىنچاق يىگىتسىز! ئۆيۇمدە دورا بىلەن يارىغا چاپلايدىغان چاپلىما بار-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مىڭىپ كەتتى.مەن گويا بوينۇمدىن سورەپ ماڭغاندەك ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.
بىز بىر ئولتۇراق رايونغا كىرىپ كەلدۇق. رەتلىك سىلىنغان ،پاسۇنى ئەڭ مودا بولغان بىنالار ،راۋاق ۋە چىرايلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان باغچە رايونى بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ پۇتكىنىگە ئۇزاق بولمىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. يوللارغا رەڭدار تاش يىيتىلغان ئىدى. ئۇمىنى باشلاپ 6-نۇمۇرلۇق بىنانىڭ ئالدىغا باشلاپ كەلدى. مەن بۇ يەردە ساقلاپ تۇرۇشۇم كېرەك دەپ ئويلىدىم چۇنكى بىز تىخى تۇنۇشمايدىغان تۇرساق، بىر قىز تۇنۇمايدىغان يىگىتنى قانداقمۇ ئۆيىگە باشلاپ كىرىشكە جۇرئەت قىلالىسۇن؟ يەنە كىلىپ ئۆيىدە ئاتا-ئانىسى بۇلۇشى مۇمكىن ،ئۇلارغا مىنى نىمە دەپ چۇشەندۇرىدۇ.شۇ خىياللاربىلەن تۇرسام ئۇ مىنى چاقىرىپ كەتتى.مەن ئامالسىز بىنا ئىچىگە كىردىم،بەلىكم ئۆيى بەك يوقىرى قەۋەتتە بولسا ،چىقىپ چۇشۇپ يۇرۇشنى خالمىغان گەپ. ئۇ ئىشكنى ئىچىپ قۇيۇپ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنىدى.مەن ئىشىك ئالدىدا نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.ئىشىكتىن بۇيۇنداپ قاراپ باقتىم .ئەجەبا بۇ ئۆيدە ئۇ يالغۇز ئولتۇرامدىغاندۇ ،ياق ئۇنداق ئەمەستۇ.بەلكىم بۈگۈن ئاتا-ئانىسى ئۆيدە يوق بولسا كېرەك.....تىخى ئويلىرىمنىڭ ئاخىرى چىقىمغانىدى.ئۇ يەنە مىنى چاقىرىپ قالدى.
-كىرىڭ، تىخىچە ئىشىكتىن كىرمەي تۇرامسىز، سىز بەك مىس-مىس بالىمۇ نىمە!
ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن سەل رەنجىگەن بولساممۇ،يەنىلا ئورۇنلۇق ھىس قىلىپ ئۆي ئىچىگە كىردىم. ئاددي سەرەمجانلاشتۇرغان ئۆيدىن بىر خىل خۇشپۇراق كىلىپ تۇراتتى. ئۆيدىكى نەرسىلەر ماڭا ئۆي خۇجايننىڭ بىرلا ئادەم ئىكەنلىكىنى يەنە كىلپ ئۇ خۇجايىننىڭ بىر ياش قىز ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ تۇراتتى. مەن سافاغا كىلىپ ئولتۇرغىنىمدا، ئۇ دورىلىرنى ئىلىپ چىقتى. قولۇمدىكى يارىنى تازىلاپ ئۇستىگە دورا سىپىپ قويدى،ئاندىن بىر پارچە چاپلاقنى ئىلىپ چاپلاپ قويدى.
-مىنى دوختۇر دەپ ئويلىدىڭىزمۇ؟-دىدى ئۇ ماڭا قاراپ.
-ياق-دىدىم مەن پەقەتلا. مىنىڭ مۇشۇ يات ئادەملەرگە ئاسانلىقچە گەپ قىلمايدىغان مىجەزىم مەڭگۇ ئۆزگەرمەيدىغان بولسا كېرەك.
-شۇنداقمۇ! مەن قارىسام سىز بەك كەمسۆز ئىكەنسىز.شۇنداقلا يەنە ھاكاۋۇر ئىكەنسىز.
-توغرا دىدىڭىز! رەھمەت سىزگە مەن قايتاي-مەن شۇنداق دىگىنىمچە ئورنۇمدىن تۇردۇم.
-سىز.... سىز بۇنى ئىلۋىلىپ ئاندىن مېڭىڭ. ئەجەبا بۇنى سوراش خيالىڭىزغا كەلمىدىمۇ؟ بۇ تېلفۇننى قايتا ئىشلەتمەي دەپ قەسەم بەرگەنمىتىڭىز-يا!
ئۇ شۇنداق دىگەچ  تېلفۇننى ماڭا سۇنۇپ تۇراتتى، گەپلىرىدىن خۇشخۇي بىر قىز ئىكەنلىكىنى بىلدىم. تېلفۇن ھەقىقەتەن مىنىڭ ئىدى. مەن بەك خوش بولغانىدىم،ئۇنىڭغا يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئېيتىپ مىڭىشقا تەمشەلدىم.
-كۆڭلىڭىزدە بۇ تېلفۇن قانداق بۇلۇپ سىنىڭ قولۇڭغا چۇشۇپ قالدى دەپ ئويلاۋاتىسىزغۇ دەيمەن.يەنە تىخى مىنى ئوغرى بۇلۇشى مۇمكىن دەپ قىلشىڭىزمۇ تامامەن مۇمكىن، بۇنى چۇشىنىشكە بولىدۇ،بىراق مەن سىزگە شۇنداق دىيەلەيمەنكى مەن ھەرگىز تېلفۇنىڭىزنى ئوغرىلىمدىم. شۇ كۇنى سىز مىنىڭ ئالدىمدا ئولتۇرغانكەنسىز تېلفۇنىڭىز يانچۇقىڭىزدىن سېيرىلىپ چۇشۇپ قاپتۇ. مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرغان چېغىمدىلا ئۇنى بايقاپ قالدىم. لىكىن مەن ئاپتۇبۇستىن چۇشكەندە سىز ئاللىقاچان كىتىپ قاپسىز.ئەتىسى ئۆزى بىلۋالسۇن دەپ ناخشىسىنى راسا ئىچىۋىتىپ ماڭدىم. لىكىن سىز يەنلا .....
-رەھمەت سىزگە!-دىدىم مەن قەدەملىرىمنى توختىتىپ،بۇ مىنڭ ئۇنىڭغا ئۈچىنچى قىتىم رەھمەت دىيىشىم ئىدى.مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ قىشغا كەلدىم-دە ئۇنىڭغا قولۇمنى سۇندۇم. ئۇ گويا كۇتۇلمىگەن ئىش بولغاندەك بىردەم ھاڭۋىقىپ قالدى ۋە ئاستا قولنى قولۇمغا ئۇزارتتى.
-تۇنۇشۇپ قالايلى،ئسمىم ھاكىم-دىدىم ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
-قەدىرىيە.-دىدى ئۇ سەل قورۇنۇپ.
مەن ئۇنىڭ قولىنى تىخىچە تۇتۇپ تۇراتتىم، ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ تۇرغان ئاشۇ دەقىقىلەردە تۇيۇقسز ئۇنىڭ ئاشۇ ئسسىق قولنى مەڭگۇ تۇتۇپ تۇرسام نىمدىگەن ياخشى دەپ ئويلاپ قالدىم.بىراق ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ كىتۋاتقان چىرايىغا قاراپ بۇ قوللارنى قۇيۇۋىتىشىم كېرەكلىكىنى ھىس قىلدىم.
شۇنىڭدىن كىيىن بىز ئاپتۇبۇستا ئۇچرىشىپ قالساق سالاملىشىدىغان بەزىدە ئاز-تۇلا پاراڭلىشىدىغان ۋە بارغانچە پاراڭلىرىمىزنىڭ ئاخىرى چىقمايلا خوشىشىدىغان بۇلۇپ قالدۇق. مىنىڭ مىجەزىم ئەزەلدىن شۇنداق،بىرى بىلەن تۇنۇشۇشتىن بۇرۇن پاراڭلىشىپ كەتمەيمەن، ناھايتتى كەمسۆز بۇلىمەن ،لىكن تۇنۇشۇپ مىجەزى يىقىپ قالسا گىپىم تۇگىمەيلا قالىدۇ. دىمەك بىز يىقىن دوسىتلاردىن بۇلۇپ قالىمىز. بۇ نۆۋەتمۇ شۇنداق بولدى. مىنىڭ بارغانسىرى كۆپ گەپ قىلىدىغان بۇلۇپ كىتىشىم قەدىرىيەنى بەزىدە ھەيران قالدۇراتتى.
-ھاكىم سىز ئۆزگىرىپ كىتىۋاتىسىز جۇمۇ! بۇرۇن پەقەت گەپ قىلمايتتىڭىز، ھازىر بىر ۋاتىلداقنىڭ ئۆزى بولدىڭىز. –دەيتتى ئۇ بەزىدە.
-قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقار ،يامانغا يۇلۇقساڭ ... دىگەن گەپ بار ،شۇ ئەمدى سىزدىن يۇققاندۇ بۇ ۋاتىلداش . قاراڭ مىنى تىخى گەپنى تۇلا قىلدۇ دىگىلى بۇلمايدۇ، بۇرۇنقى ئۆلىما ھىكىملەر ئاز سۆزلەشىنى سالامەتلىككە پايدىلىق دەپتىكەن بىراق ھازىر ئاز گەپ قىلش ھەر جەھەتتىن زىيانلىق بۇلۇپ كەتتى.
-مەسلەن؟
-مەسلەن قىزلارمۇ ئاز گەپ قىلدىغان يىگىتلەرنى ياقتۇرمايدۇ.
-مەن.. –ئۇ شۇنداق دەپ جىمىپ قالدى.
گەپنىڭ راستىنى دىگەندە مەنمۇ ئۇزۇمنىڭ بارغانسىرى كۆپ گەپ قىلدىغان بۇلۇپ كىتۋاتقىنىمنى ھىس قىلشقا باشلىدىم. شىركەتتىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپرەك پىكىر قانتاشتۇراتتىم،يەنە كىلىپ پىكىرلىرىم ئورۇنلۇق بۇلۇپ چىقاتتى. مىنى شۇنچىلىك ياخشى تەكلىپ –لاھىيلىرىنى ئۇتتۇرغا قۇيالمايدۇ دەپ ئويلىغان خىزمەتداشلىرىم ماڭا قايىل بۇلۇشقا باشلىدى. ھەتتا دىرىكتور ماڭا يىقىندا ياردەمچى دىرىكتور بۇلىدىغانلىقىم ھەققىدە بىشارەتمۇ بەردى.
بىر ئارام كۇنى ئۇ مىنى بىللە بازار ئايلىنىپ كىلشكە چاقىردى. بىزبىللە بىر كۇن بازار ئايلىنى قايتتۇق. مەن يەنە ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپلا ئامراق ناخشامنى قۇيۇۋالدىم.
-ھاكىم سىز نىمشقا بۇ ناخشىغا شۇنچىلا ئامراق؟- دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
-بۇ سۇئالنى سۇرىغان سىز بىرىنچىسى ئەمەس!-دىدىم
-يەنە كىم؟-دىدى ئۇ چۆچۇپ.
-ئۆزۇم. مەنمۇ ئۆزۈمدىن كۆپ سوراپ كەتتىم.
-ساراڭنىڭ گىپىنى،ھازىر مەنمۇ ئامراق بۇلۇپ قالدىم بۇ ناخشىغا. ئىسىڭىزدىمۇ ،ئۆتكەندە سىز كەينىمدىن ئەگىشىپ ماڭغاندا مەن قورقۇپ قالغاندىم.
-قايسى كۇنى مەن ئۆيىڭىزگە بارغاندىمۇ؟-دىدىم قەستەن ئۇنى تېرىكتۇرمەكچى بۇلۇپ.
-راسىت ساراڭ ئىكەنسىز! ئۇ كۇنى ئەمەس ،ئۇنىڭ ئالدىدا-ئۇ مىنىڭ كۇلۇپ تۇرغىىمنى كۆرۇپ، ئاچچىقلاپ كەتتى-مىنى ئەخمەق قىپسىز-دە!
ئۇنىڭ ئاچچىقلاپ ،ماڭا پەرۋا قىلماي مېڭىشىدىن كۆڭلۈم بىئارام بولدى. ئۇ راسىت رەنجىگەنمۇ ياكى قەستەن رەنجىگەن قىياپەتكە كىرۋالدىمۇ بۇنى بىلەلمەي قالدىم،ئۇ ئىتتىك مىڭىپ مىنى خېلى يىراقتا تاشلاپ قويغانىدى، ئۇ دۇقمۇشتىن قايرىلدى بىراق يەنىلا قەدىمنى ئاستىلاتمىدى.مەن يۈگۈرۇپ بېرىپ ئۇنىڭ ئالدىنى توستۇم.
-خانقىز، مىنى كەچۇرۋىتىڭ بۇلامدۇ؟ ئۈتۈنۈپ قالاي!-دىدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ. ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويماي يانداپ ئۈتۈپ كەتمەكچى بولدى. مەن ئۇنىڭ بىلكىدىن تۇتۇپ ئۆزۈمگە قاراتتىم.ئۇ ماڭا قارىدى،ئۇنىڭ قاراشلىرىدا نىمە بار بولغىيدى مەن بىلەلمىدىم.
-چاقچاق! رەنجىدىڭمۇ؟ شۇنچىلا رەنجىپ كەتتىڭمۇ؟-دىدىم ئۇنىڭغا . مىنڭ شۇ بىر ئېغىز گىپىم ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇ ماڭا قاراپ كۇلۇپ كەتتى.
-سەنلەپ كەتكىننى! مۇشۇنداق بىچارە ھالدا ئادەمگە گەپ قىلسىڭىز، ئىچىم ئاغىرىپ قالىدىكەن.-دىدى ئۇ. ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن بىر خىل يىقىنلىقنى ھىس قىلدىم.
-سەنلەپ قويسام خاپا بولدۇڭمۇ؟ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق دىمەيمەن-دىدىم مەن .
-ياقەي-دىدى ئۇ پەس ئاۋازدا.ئۇنىڭ ئاۋازى ئارانلا ئاڭلاندى بەلكىم ئۇ بۇگەپنى ئۆزىگە دىگەن بولغىيدى. بىز يەنە ھىلقى تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتىمىز. مەن ئۇنىڭغا توختاپ تۇر دىگەن مەنىدە ئىشارەت قىلىپ قۇيۇپ تاللا بازىرىغا  قاراپ ماڭدىم.
-ماروژنى! مەن بۇنىڭغا بەك ئامراق. قىش كۇنىلرى يىسە تىخىمۇ پەيزى بۇلىدۇ-دىدى ئۇ مىنىڭ ئىككى تال ماروژنى كۆتۇرۇپ چىققىنىمنى كۆرۇپ.
-كىيىن سىزگە دائىم ئىلىپ بېرەي ئەمسە-دىدىم مەن شوخلۇق بىلەن. مىنىڭ بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ ئۇ بىردىنلا جىمىپ قالدى. بايىقى خۇشال تۇرقى يۇقىدى،گويا يازنىڭ پىژغىرىم ئسسقىدا چىققان سالقىن شامال تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندەك .بىز گەپ-سۆزسىز مىڭىپ كەتتۇق.
- مەن ئەتە يولغا چىقىمەن!-دىدى ئۇ بىردىنلا توختاپ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەسلەپ ئۆزۇمدە ئالاھىدە بىر ھالەتنى سەزمىدىم،پەقەت ئازراق ھەيران بولدۇم.
-ئۆيگە؟-دىدىم
-ھەئە!-دىدى ئۇ قىسقىلا قىلىپ .
ئۇ باشقا گەپ قىلمىدى،مەنمۇ يەنە سۇئال سورىمىدىم.گويا ھەممىنى بىلىپ بولغاندەك ياكى بۇلارنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك.ئۇنىڭ مەھەللسى ئالدىدا خوشلاشتۇق. بىراق كەينىمگە بۇرۇلۇپ ماڭغان چاغدا ئۆزۇمنى ناھايتتى ئېغىر ھىس قىلدىم،ئۇ شۇ كەتكەنچە  قايتىپ كىلەرمۇ ،ياكى؟.....دىگەن خىيال كاللامغا كىرىۋالدى. بۇ شۇنچە مۇھىممۇ دەپ ئۆزۇمدىن نەچچە رەت سورىدىم. ئاخىر ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر يوللىدىم.
-قايتىپ كىلەمسىز؟ قاچان قايتىپ كىلسىز؟
.........
-نىمە ئۈچۈن قايىتماقچى بولىۋاتىسىز؟
............
قىسقا ئۇچۇرلىرىم جاۋاپسىز قالدى، ئۆيگە روھسىز كىردىم.  ئۆز-ئۆزۇمگە ھەيران،نىمە ئالامەت بۇ مەندىكى! بىر قىز ئۈچۈن .تىخى تۇنۇشۇپ بىر ئايلا بولغان قىز ئۈچۈن نىمە بۇلىۋاتىمەن. ياق! بۇ ئاشقلىق ئەمەس.بالدۇرلا يىتىپ قالغان بولساممۇ، ئۇيقۇم كەلمەي ئۇزاق يىتىپ كەتتىم.خىياللىرىم ئايلىنىپ كىلپ يەنە شۇ قىزدا توختايتتى. ئۇيان ئۆرۇلۇپ –بۇيان ئۆرۇلۇپ ئۇخلىيالماي ياتسام بىر چاغدا تېلفۇنىم سايراپ كەتتى.قىسقا ئۇچۇر كەپتۇ-دە ! قەدىرىيە قىسقا ئۇچۇر يوللاپتۇ،ئۇ ئۇچۇر يوللاپتۇ نىمە دىگەندۇ مەن ھاياجان بىلەن ئۇچۇرنى ئاچتىم.
-ھاكىم،مەن بۇ قىتىم ئاپام ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن مىڭۋاتىمەن.خۇدا بۇيرۇسا چۇقۇم قايتىپ كىلمەن. ناھايتتى تىزلا قايتىپ كىلمەن. سىز ئىلىپ بېرىدىغان ماروژنىغا يەنە ئېغىز تەگكۇم بار.
بۇ ئۇچۇر مىنى خوش قىلۋەتتى گويا ئۇ قىز مىنىڭ تەلىپىمگە قۇشۇلغاندەكلا.
قەدىرىيە كىتىپ قالغاندىن كىيىن ئۆزۈمنى گۇيا بىر نەرسسى يۈتۈپ كەتكەن ئادەمدەك ھىس قىلدىم، مەن شۇ چاغدىلا ئۇنىڭغا ئاشىق بۇلۇپ قالغىنىمىنى بىلىپ يەتتىم. ئادەم شۇنداق بولسا كېرەك يېنىدا بار چاغدا گويا شۇنداق بۇلۇشى كېرەكتەك بىلنىدىكەن، يوق بولدىمۇ بولدى ھەممە يوق بۇلۇپ ئۆزى بوشلۇقتا قالغاندەكلا. قۇپقۇرۇق بوشلۇق ھەممە ھىچنىمىگە ئايلانغاندەك بۇلۇپ قالىدىكەن. قەدىرىيە كىتىپ  دەسلەپ سائەت ساناپ ساقلىدىم،بىراق نەچچە كۇننىڭ ئۇتۇپ كىتىشى بىلەن  تاقەتلىرىم تۇگەپ ھەرمىنوتتا دىگۇدەك تېلفۇن قىلىپ تۇردۇم ،ئەمما ھىچبىر ئۇچۇرى بولمىدى،تىلفۇندا بىر خىل كىلۋاتقان ئاپتۇماتىك ئاۋاز نېرۋامغا تىگىدىغان بۇلۇپ كەتتى.كىيىن تېلۋىزوردىن توقسۇندا بوران چىقىپ پويىز ئۆرۇلۇپ كەتكەنلىكنى بىلىپ كۆڭلۇم ئەنسىزلىككە چوكتى. قەدىرىيەنىڭ مەن تۇنۇيدىغان دۇستىنى ئىزدەپ سورىدىم. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ شۇ قىتىملىق ۋەقەدە قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان بۇ چاقچىقى بەك ئېغىر بۇلۇپ كەتتى دەپ ئويىدىم.26يىللىق ھاياتىمدا ئەمدى بىر قىزنى ياخشى كۆرۇپ قالغاندا، بەلىكم ئۇنىڭغا يىتىشكە ئاز قالغاندا ،ئۇنىڭ يورۇق دۇنيا بىلەن خوشلاشقىنىغا نالە قىلدىم ،پىغان چەكتىم. بىراق ئامالسىز ئىدىم.
شىركەتتىكى مىنى ئۇستۇرۇش ھەققىدىكى گەپمۇ يۇقالدى، مەن بۇنىڭ ئۈچۈ قايغۇرۇپ كەتمىدىم، چۇنكى قايغۇرغۇدەك ھالىممۇ يوق ئىدى.ھەتتا شىركەتتىن ئستىپا بېرىپ قايتىپ كىتىش خىيالىغىمۇ كىلپ قالغاندىم، ئازاپ ۋە ئەلەم ئىچىدە قىلغان خىزمەتلىرىممۇ ئۈنۈملۈك بولمايۋاتاتتى.
ئەنە شۇنداق سۆرىلىپ يېرىم يىل ئۈتۈپ كەتتى.قەدىرىيەنى تىخىچە ئۇنتالمايۋاتاتتىم، يەنەكىلىپ ئۇنى ھاياتتەكلا ھىس قىلاتتىم.لىكىن ئۇ ھايات بولسا نىمشقا مىنى ئىزدىمەيدۇ دەپ قايغۇراتتىم. شۇ كۇنلەردە ئۆيدىن تېلفۇن كىلىپ ئىنىمنىڭ تۇيى بۇلىدىغانلىقىنى ،مىنىڭ تىزرەك كىلىشىمنى ئېيىتتى. مەنمۇ يۇرتۇمنى ،ئائىلەمدىكىلەرنى يۇقلاپ كەلسەم ئوڭشىلىپ قالارمەن دىگەن ئويغا كىلىپ ،شىركەتتىن رۇخسەت سوراپ ئۆيگە قايىتماقچى بولدۇم.يۇرتىمىزغا ئاپتۇبۇس قۇلاي بولسىمۇ بۇقىتىم پويىزدا مىڭىپ بىقىشنى ئويلاپ ۋوگزالغا كەلدىم.ۋوگزالدا ئادەم كۆپ ئىدى.ئۇزۇن ئۇچرەتلەر بىلەن مىڭ بىر جاپادا بىلەت ئالدىم. ئاپتۇبۇستا ماڭسام بۇ ئاۋارچىلق يۇق ئىدى ماڭا دەپ ئىچىمدە ئۆزۇمگە كايىدىم. پويىزغا چىقىشىن بۇرۇن سۇ ئىلۋىلىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا قۇلىقىمغا تۇنۇش بىر ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بىلندى. يۈرۈكۈم ئاجايىپ بىر تۇيغۇلاربىلەن سۇقۇپ كەتتى.بىراق كۆپ ئۇتمەيلا ئۆزۇمنى بىكار ئاۋارە بولغاندەك ھىس قىلدىم.بۇرۇلۇپ ئۇنى ئىزدىگەن كۆزلىرىم ئاخىرى توختىغاندا تۇنۇش گەۋدە ماڭا كەينىنى قىلىپ ئولتۇراتتى. دىققەت بىلەن قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەدىرىيە ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلغىنىمدا ئۇنىڭ ئولتۇرغىنىنىڭ بىر مىيىپلار ھارۋىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئالدىغا بېرىشىم كېرەك. چۇنكى ئۇنى يەنە يۇقىتىپ قويسام بولمايدۇ. لىكىن ئۇنىڭ ئالدىغا ئۇسۇپلا بېرىش مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى. مەن بىر ئاز ئويلىنىپ يادىمغا يەنە ھىلقى مەن ئامراق ناخشا كەلدى.تۇيۇقسىز كەلگەن ئەقىلدىن خوش بۇلۇپ كەتتىم. تېلفۇنىمدىن چىققان ناخشا ھاۋادا ئاستا-ئاستا تاراپ ئۇنىڭ قۇلقىغا يەتكەندە ئۇ دەرھاللا كەينىگە قارىمىدى.يىنىدىكى ياشتا چوڭراق بىر ئادەم بىلەن داۋاملىق پاراڭلاشتى. ناخشا تۇگەپ قالدى، ئەجىبا ئۇ باشقا بىرىمىدۇ؟ مەن  ناخشىنى قايتا قويدۇم. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى. قەدىرىيە! نەق شۇ قىزنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇنىڭ تۇنۇش يۇغان كۆزلىرى ماڭا قاراپ ئۇنسىز يىغلىغاندەك بىلندى. مەن تېلفۇنىمنى يانچۇققا سالدىم- دە ئۇنىڭ قىشىغا قاراپ ماڭدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 08:22 PM  


سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

يۈرەك ۋىلىقلاپ كۈلدى

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 705
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1210 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 12:42:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

بۇ ھېكايىلەر توپلىمىڭىزنى ئوقۇپ سىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولۇپ قالدىم . ھېكايىلىرىڭىز چىنلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا تىلى راۋان چۇشۇنۇشلۈك يىزىلىپتۇ،قەلمىڭىز كۈچلۈككەن .
سىزنىڭ توختاپ قالماي تېخىمۇ ئېسىل يازمىلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرشىڭىزگە تىلەكداشمەن ..ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي ...ئامان بولۇڭ!


مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2122
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1334 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 01:43:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق كىچىكىپ كۆرۈپ قالغاندىمەن ما تمىنى  ،

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 10:06:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست ياخشى ھېكايىلەركەن... بەكلا كېچىكىپ كۈرۈپتمىنە دېسە...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش