Suchi يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 04:22 PM
مېنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىمغا بەلكىم بەكمۇ دىققەت قى ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قىرىندىشىم!
شۇنداق، بۇ خىلدىكى ئىشلار ناھايىتى كۆپ ئادەملەرگە ئىنتايىن غۇۋا. ماڭىمۇ بىرقانچە يىللار ئالدىدا شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ بەك ئوچۇق دەپ ئىيتالمايمەن، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت!!!
شۇنداق، بىلىملىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ ئىشنى قىلالمايدۇ، ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلغان بولسا ئىدى، بۇ ئىشلار بۇنداق غۇۋا پىتى قىلىپ قالمايتتى.
شۇنداق، بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان تەقۋادار قىرىنداشلىرىمىز كۆزلىرى بىلەن كۆرمىسىمۇ، جىن بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ، دەل مۇشۇ دىيالوگلار ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىدۇ، ئەمما شىپالىق ئاللاھنىڭ ئىلكىدە!!!
شۇنداق، بۇ خۇددى تېۋىپنىڭ تۇمۇر تۇتقىنىغا ئوخشايدۇ، تىۋىپلارمۇ بۇرۇنقىلار قالدۇرۇپ كەتكەن رىتسىپلارغا تايىنىپ كىسەل داۋالىغاندەك، بۇ كىسەلگە سەۋەپ قىلغۇچى قىرىنداشلىرىمىزمۇ ئىلگىركىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تۇردىكى كىسەللەرنى داۋالاشقا ئائىت كىتاپلارمۇ بار، بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا ‹‹سىھىر ۋە جىنغا تاقابىل تۇرۇش قوللانمىسى››دىگەن كىتاپ چىققان ئىدى، بۇ كىتاپتا بۇ توغرىدا تەپسىلى توختالغان، ھازىرقىلارمۇ بۇ كىتاپنى داۋالاشتا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ.
شۇنداق، سەۋەپ قىلغۇچى قىرىنداشلىرىمىز ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى ئارقىلىق كىسەل داۋالايدۇ، سەۋەپ قىلىش جەريانىدا بىماردىن ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى سوراش ۋە ئۆز تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ كىسەلگە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئەگەر جىن سۆزلىسە، ئۇنى قايىل قىلىش ئارقىلىق ئەڭ تىز سۈرئەتتە داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلىمۇ بولىدۇ، كۆز تېگىشنىڭ ئۆزىلا بىر كىسەللىك، بەزىلەرنىڭ ئېچىگە جىن كىرۋالغان بولىدۇ، بەزىلەرنى سىرتىدىن قىينايدۇ، بەزىلەرگە قەست قىلىنغان بولىدۇ، بەزىلەر ئوقۇتۇلغان بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ كىسىلى بەك ئىغىر بولىدۇ، ئاسانلىقچە ساقايمايدۇ، ئەمما ئاللاھدىن ياردەم تىلەپ، چىن دىلىدىن دۇئا قىلىپ، ئاللاھنىڭ شىپالىق بىرىشىنى سورىسا بولىدۇ.
شۇنداق، سەۋەپ قىلغۇچى قىرىنداشلىرىمىز بىمارنىڭ بىشىغا قولىنى قويغان ھالەتتە، قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇيدۇ، بۇ ئايەتلەر بىمارغا مۇقەررەر تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزى بىمارلار بىردەمدىلا يىقىلىپ قالىدۇدە، جىن ئۇنىڭ ئىغىزى ئارقىلىق سۆزلەيدۇ. بۇلارنىڭ كىسىلىنى يىنىك دىيىشكە بولىدۇ، بەزى بىمارلارغا ئىنتايىن ئاستا تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا سەۋەپ قىلغۇچى قىرىنداشلىرىمىز دايىم دىمىدە قىلىپ بىمارغا ئېچىشكە بويرۇيدۇ، بىر قانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، يەنە كىلىپ سەۋەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئادەتتە ئۈچ قىتىمدا ئاساسەن ئەھۋالى ئىنىق بولىدۇ. ئەمما بەزى بىمارلار ئون يىللاپ كىسەل ئاسارىتىدە تۇرغان بولغاچقا (ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئادەملەر ئارىمىزدا ئىنتايىن كۆپ، بۇنى بىز بىلىپ بولالمايمىز، مەنمۇ ئۆزەمنى بۇ خىل كىسەلدىن مۇستەسنا دەپ كىسىپ ئىيتالمەيمەن ) ئەسلىگە قايىتمىقى ناھايىتى تەس بولىدۇ.
ھەقىقەت شۇكى، بارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، كىممۇ ئاللاھنى تەغدىرىدىن قىچىپ قۇتۇلالايدۇ، بىر كىسەلنىڭ بىر شىپاسى بولىشى مۇقەررەر ئىش، ئۇلار سەۋەپ قىلغۇچى، قالغان ئىشلار ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، ئاللاھ خالايدىكەن، شۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ سەۋەپ قىلىشى بىلەن بىماردىن كىسەلنى كۆتۈرىۋىتىدۇ، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياختۇرىدۇ، تەقۋالىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئىرىشىشنى ئىستەيدىغان قىرىنداشلار ئارىمىزدا بۇرۇنمۇ بار بولغان ھىلىھەم ھەم باردۇر، ئەنە شۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يىقىندۇر، ئەنە شۇ سىز دىگەن ‹‹دەرىجە، ئۆلچەم›› تەقۋالىقتۇر!
ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم ۋەرەخمەتۇللەھى ۋەبەرەكەتۇھۇ!!!!!!!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tamqabulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-5 03:05 AM