Suchi يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 07:51 PM
ھازىرقى دۇنيادا ئىنسانلار ئارىسىدا پەيغەمبەر،ئەۋلىيا ...
توغرا دەيسىز ، ھەتتاكى ئاللاھ تائالا نەبى ،ئەلچىلەرنىمۇ ئىنسانلار ئىچىدىن تالللىدى .ئەلۋەتتە ئاسماندىن مۆجىزىلىك ھالدا چۇشىرىشقىمۇ قۇدرىتى يىتىدىغان رەببىمىزنىڭ نىمىشقا پەيغەمبەرلەرنىمۇ بىز ئىنسانلار ئىچىدىن تاللىغانلىقىنى ، ئەقلى ئويغاق مۇسۇلمان ئەلۋەتتە تەپەككۇر قىلىپ يىتەلەيدۇ .
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .
ئەمما يۇقارقى دوختۇرخانا مەسىلىسىدە ،سىز ۋە بىز ئالدىراپ ئۇنداق مۇنداق دەيدىغانغا تىخى چىشىمىز پاتمايدۇ .چۇنكى ئۇ يەردىمۇ تەقۋادارلار مەۋجۇد.سىز بىلگەننى ئۇلارنىڭ بىلمەسلىكى مۇمكىنمىدۇ ؟ بىز باشقىلارنىڭ ئىمانىغا باھا بىرەلمەيمىز .بۇ تىمىنى پەقەت كۆرۇپ قويۇشقا تىگىشلىك تىما. ئۇنداق مۇنداق دەيدىغان ئەمەس .بىز يىراققا ئەمەس يىقىنغا قاراپ باقايلى ، ئاۋۋال يىنىمىزدىكى سىڭىللىرىمىزنى ۋە باللىرىمىزنى ئىسلامى ھاياتقا باشلايلى .
تەقۋادارلىق مىللەت ئىرىق ئايرىمايدۇ .مەيلى قايسى مىللەت بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇلاردا تەقۋامۇ فاجىرمۇ بولىشى مۇمكىن .
بىز بۇيەردە قانچىلىك قاينىغىنىمىز بىلەنمۇ ، توغرىسى يەنىلا توغرا خاتاسىمۇ ھەم شۇنداق ...ھەممىنى بىلگۇچى يەنىلا رەببىمىزدۇر !