Suchi يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 07:51 PM
ھازىرقى دۇنيادا ئىنسانلار ئارىسىدا پەيغەمبەر،ئەۋلىيا ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيلا قالدىم...........
1-يۇقىردا ئېيتىلغاندەك داخان سېھىرگەرلەرگە كەلسەك ئىسلام شەرئىتىدە ئۇلارنى ئۇلۇم جازاسىغا بۇرىغان.
2-سىز يۇقىردا دىگەندەك ھەممىسى ئاددى ئىنسان بولغان بىلەن ،ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ پەرقى بار...ئۇ بولسىمۇ -ئىلىم. ئاللاھ ئۆز كىتابىدا ئىلىملىكلەرنىڭ دەرىجىسنى ئىلىمسىزلەردىن ئالاھىدە يۇقىرى قىلىپ بايان قىلىدۇ. بولسا قۇرئان كەرىمنىڭ 28-پارىنىڭ مجادەلە سۆرىسىنىڭ11-ئايىتىگە قاراڭ، ۋە يەنە ئاللاھ
سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا:« ئاللاھتىن ھەقىقەتەن ئالىملارلا قورقىدۇ .....»دىگەن بۇ توغىرسىدا نۇرغۇن ئايەتلەر زىكىر قىلىنغان.ھەم قۇرئان مۇئمىنلەرگە شىپا دەپمۇ ئايەت زىكىر قىلىنغان.
3-ئىنسان جىنلار بىلەن گەپ قىلىشقا كەلسەك....مەن بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدە كۇزۇم بىلەن كۆرگەن ئىشنى سۆزلەي....بىز كۆپلىگەن ئاياللار مەسجىدتە ناماز ئۇقۇۋاتاتتۇق، نامازدىن كىيىنلا مىنىڭ ئالدىمدىكى سەپتە ناماز ئۇقۇۋاتقان سۇرىيەلىك بىر ئايال خۇددى گېلىنى ئەزرائىل بوققاندەكلا شۇنداق سەت چىقىراپ كەتتى....
ئۆپ -چۆرىدىكىلەرمۇ چۆچۇدى بولغاي ......ئۇ ئايالنىڭ قېشىدا ئانىسىمىكى ۋە باشقا يەنە بىر قانچەيلەن (ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن) ۋە يەنە مەسجىد تىكى نۇرغۇنلىغان ئادەملەر(ئاياللار)ئۇنىڭ قېشىغا يىغىلىشتۇق، يەردە تۇگۇنۇپ يېتىپلا قاپتۇ...بىرئازدىن كىيىنلا شۇنداق كېسەللەرگە دۇئا ئۇقۇيدىغان ئالىمدىن بىرسى كەلدى ،مىنىڭ ۋە باشقا بىرقانچەيلەننىڭ جاينامازلىرىمىزنى ئۇستىگە ياپتى ئۇ ئايالغا پەقەت قۇرئاننىڭ ئايەتلىرنىلا ئۇقۇدى، قايتا -قايتا بىرقانچە سۆرىنىڭ ئايەتلىرنى ئۇقۇغاندىن كىيىن ھېلىقى ئايالنىڭ جىنى سۆزلىدى، ئەسلى جىن سۆزلىسە ئاشۇ چاپلىشۋالغان ئىنساننىڭ تىلى ئارقىلىق سۆزلەيدىكەن بىۋاستە سۆزلىمىگەن بىلەن........توۋا سۇبھانەللاھ
بىز ھەممىمىز قاراپ ئولتۇردۇق..............ئۇ ئالىم ئۇ جىندىن نەلىك ئىكەنلىكىنى ،مۇسۇلمان ياكى كاپىر ئىكەنلىكىنى سورىدى....؟؟ ئۇ ئايالدىن ھىندى تەلەپپۇزدا سۆز چىقتى ، ۋە كاپىرلىقى ئېنىق بولدى
ئەسلى ئۇ ئايالنىڭ تىلى ئەرەپ تىلى.....قۇرئاننى قانچە ئۇقۇغانسىرى جىن شۇنچە قىيلىندىكەن.....
ئۇ ئايال ئوڭ-تەتۇر ۋارقىراپ سۆزلىگىلى تۇردى...لىكىن جىن ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققىلى ئۇنىمىدى...
ئالىم دىدىكى مەن تۇرۇشلۇق ئۇرنۇڭلارغا بېرىپ يەنە ئۇقۇي دىدى(لىكىن بۇ تەرەپتە پۇل ئالمايدۇ، پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۇچۇنلا قىلىدۇ).......شۇنداق قىلىپ ھەممىمىز تارقاشقا باشلىدۇق
بولدى مەن مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ۋەفا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-18 09:08 PM