مۇشائىرىگە جاۋابىم...پەقەت چاخچاق...شىرخان مەنمۇ كۆتۈردۈم كۆتۈرۈڭلا جۇمۇ چاخچاقنى،
كەپ قالغان بولسا توي ئوينايمىز دەپ كەلگەن مىھمانلار ،ئۆرۈمىنى ئاياشمىغاي.
پاتەمخاننىڭ ئۇدۇمى بولغاچ بىزنىڭ شىرخاندا،
ماڭا بىر خوتۇن ئىزدەپ سەپەر قىپتۇ ھەرياندا.
ئاقسۇدىن چىقىپ قاپتۇ ماڭا ئاخىر بىر لايىق،
خوتۇن كەلدى دەپتۇ ئۇ،تېما يېزىپ مىسراندا.
پاھ بۇ قىزچاق ئاجايىپ گۈزەلكەن بىلمەيسىلەر،
بېشىدىكى تۈك دوپپا،پەلتونى دىمەيسىلەر.
چەيزە رەڭلىك يوپكىسى خوپ ياراشقان ئۆزىگە،
پۇتىدىكى دەپسىنى،باشقىڭلار كىيمەيسىلەر.
زىمىستاندا تۈك دوپپا ،قىزغا ئەجەپ ياراشقان.
چەيزە رەڭلىك يوپكىغا ،كوپتا ھەجەپ ماسلاشقان.
دوختۇر بولغاچ ھەر جايدا،ئايرىلماپتۇ خالاتتىن،
پۇتىدىكى دەپسىدىن ،چىدامچانلىق تارقالغان.
يۈز كۆزلىرى پۇخۇنكەن ،ھېلى خېمىر يۇغۇرغاچ،
بىلمەي قاپتۇ ئۇ ئۆزى،پەقەت گىرىم قىلمىغاچ.
ۋىتامىن ئا ب س،د،ھەممىسى تولۇق ئىكەن،
شوخلا ھەسەل جۈزىنى يىگەچ تاللاپ تۇرمىغاچ.
پۇلدار ئىكەن دادىسى،ئەسلى ئىشلار ئاسانكەن.
ئىشلارنىڭ ئاسانلىقى،ئۇنىڭغىمۇ ئايانكەن.
لىكىن تۈز يول باسماستىن ئەگرى يولنى تاللاپتۇ،
چۈنكى ئاللا ئۇنىڭغا كەسپىدىن ئوت سالغانكەن.
دوختۇر بولغاچ ئىزدىنىپ،دورا تەتقىق قىلاركەن،
خىمىيەلىك تەجىربە،ئۇنى مەپتۇن قىلاركەن.
بەزى گازلار يىغىلىپ،چۆكمە بولسا كۆزىدە،
بىلمىگەچكە باشقىلار،چاپاقكەن دەپ قالاركەن.
مىھرى باركەن ھەم تېخى ئېتىز ئېرىق ئىشىغا،
قاپاقلارنى لىق تولدۇرغان ھويلا باراڭ بېشىغا.
شۇنداق يىشىل ئەمەسمۇ بىز ئۇيغۇرنىڭ ئۆيلىرى،
قايىل شۇڭا يىگىتلەرمۇ،ئۇنىڭ قىلغان ئىشىغا.
تاماقنى تېز ئىتىدۇ شۇنداق ئىتتىك سۈرئەتتە،
ئۇچۇر دەۋرى ئەمەسمۇ،ۋاقىت ئالتۇن ئەلۋەتتە.
ئانىسىغاكۈيۈمچان ھەر ئازنا بىر يوقلايدۇ،
يولنى يىراق كۆرمەيدۇ ،نۇر بولغاچ پەزىلەتتە.
پۇرايدىكەن بەدىنى ئۇنىڭ شۇنداق مەززىلىك،
مەس قىلىدۇ كىشىنى گوياكى ئىپار كىيىك.
ئىپارخاننى ئەسلىتەر ئىپپەت بىلەن نام ئالغان،
كىشى ھەر سۆز قىلسىمۇ،پۇراق ئەمەس ئەيىبلىك.
يۈزىنى ھەم نامەھرەمدىن،ماسكا بىلەن توسايدۇ،
يەنە بەزى كىشىلەر سەپكۈن ساناپ مارايدۇ.
كىمنىڭ خاتا يا توغرا،دەپ باقسۇن تور موللىسى،
كىمنىڭ قىلىقى كىمگە ھەممىدىن بەك يارايدۇ.
ئەپسۇس ئۇنىڭ ئەيىپى،تۆت تويىدا تۇغمىدى،
ئالتۇندەك سىتئەلانى،ھېچكىم ئالتۇن بىلمىدى.
ئاڭلىغاچقا شىرخاننىڭ،نامىنى تاراتقۇدىن،
ئامال بولماي بىچارە،شۇ دەللالنى ئىزدىدى.
لايىق ئىزدەپ يازغاندا،پېقىر راس بويتاق ئىدىم،
لىكىن ھازىر توي قىلدىم،پۈشتۇمنى بالام دىدىم.
ئاخىرىدا جاپاكەش شىرخانغا كۆپ رەھمىتىم،
مايماققا خوتۇن ئىزدەپ تارتىپسىز جاپا دىدىم.
خەپ شىرخان...مۇشائىرىگە تۇتۇپ چۆچىكىمنىڭ ئاخىرىنى يازغۇزمىدىڭىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maymah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-21 04:31 PM