maymah يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 04:13 PM
دەپ قاپسىلە مىنى پاتەمخان ،
بۇ سورۇندا جامائەت قۇرۇپ .
شۇ چاققىچە نىمىش قىلدىڭلا ؟
خوتۇن ئامماي ئەركىشى تۇرۇپ ؟...
ساۋاپ تاپاي دىدىم مەقسەتتە ،
قىلچىلىكمۇ يالغان غەرەز يوق .
پاتەمخاندەك پايدا ئالمايمەن ،
پۇل ، پىچەككە قارنى كۆكسۈم توق ...
ئىلان بىرىپ قويۇپ ئاشكارە ،
ھىچ چىقماپتۇ بىرەر قىز ، چوكان .
تېپىپ بەرسەم ئاتايىن خوتۇن ،
قىزاردىمۇ يۈز بىلەن پوكان ؟ ...
ئاممىساڭلا مەيلى تاڭمايمەن ،
خېرىدارى خىلى كۆپ ئۇنىڭ .
ماس كىلىدۇ سىلىگە تازا ،
خىل - خىلىغا ، ئاشۇ تۇرقىنىڭ ...
<مايماقجان> دەپ چاقىرسا كۈندە ،
< سىتئەلاخان ، ئوۋ > دىمەمسىلە ؟
گۈلدەك ئۆتەر مۇنۇ كۈنۈڭلار ،
مەن دەپ قوياي ھەي بىلەمسىلە ؟ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-21 10:05 PM