toxkanjan يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 01:49 PM
ئەمدى بۇ مۇنازىرە مۇنبىرىكەن،تىللايدىكەنمىز،قاخشاي ...
مەۋھۇم دۇنيا ، مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى بايانلار ، ئىنكاسلار ۋە ياكى رىئال دۇنيادىكى بىز يولۇقىدىغان ، قىلىدىغان شۇنداقلا يولۇقۇش ئالدىدىكى تۈرلۈك كىچىك ئىشلار ، چوڭ ئىشلار بولسۇن ھەممىگە توغرا مەۋقەدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەككەن .
شۇنداق دىيىشكە بولۇدىكى بىر ئادەمنىڭ ، بىر ئائىلىنىڭ ، بىر مەھەلىنىڭ ، بىر رايوننىڭ ھەتتاكى بىر ئەل ياكى دۆلەتنىڭ ئىشلارغا تۇتقان پوزېتسىيىسى ئاخىرقى ھېساپتا ھەممىدە ھەل قىلغۇچلۇق رول ئوينايدىكەن . موھىم دىسەك موھىملىق ئىچىدە باشلىنىپ ئىشلىرىمىز ئارزويىمىزدەك بولۇپ چىقىدىكەن . بۇ يەردە يەنە بىر نەرسە باركى ئۇ بولسىمۇ كىچىك ئىشلارغا سەل قاراش . كىچىك ئىشلارغا سەل قاراش ئەمەلىيەتتە بوشاڭ ، ھورۇن ، تەدبىرسىز كىشىلەردە بولىدىغان پوزېتسىيە ئىكەن . بۇنداق خەتەرلىك ئادەت بولۇپمۇ بىزدە بەك ئېغىر ، بۇنى بەلكىم سىزمۇ ، تورداشلارمۇ ھىس قىلغان بولۇشى مۇمكىن .
بۇنداق سەل قاراشلار خۇددى تامچە سۇنىڭ بىپايان دېڭىزلارنى ھاسىل قىلالىغىنىغا ئوخشاش غايەت زور بالايى ئەپەتلەرنى ، مەغلۇبىيەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس بولۇدۇ ، سەۋەب بولۇدۇ .