太失望了 يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 03:12 PM
ئۇ جاللا ت ئەمەس ....
تارىخنى ھىچكىم بىلمەيدۇ...
ئۇ نېمە ئۈچۈن جاللات ئەمەسكەن؟
بىز نېمە ئۈچۈن تارىخنى بىلمەيدىكەنمىز؟
ئۇ دەسلەپ جوڭگۇدىكى مەلۇم بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان. كېيىن دادىسى ئۇنى ياپۇنىيەگە چىقىرىپ ئوقۇتقان. ئوقۇشنى پۈتكۈزۈپ بىر مەزگىل باج مۇپەتتىشى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ يالغۇز جاللات بولۇپلا قالماي ئۇچىغا چىققان پاھىشىۋاز ئىدى. كېيىن ئاشنىلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان.بىرقانچە ئىشتا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئشىەنچىسىگە ئېرىشكەن. ھەربىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شەرقىي شىمالدىكى چوڭ مىللىتارىسنىڭ قولىدا ئىشلىگەن. بۇ مىللىتارىست ئۇنى ئەتىۋارلاپ ياپۇنىيەگە يېڭىچە ھەربىي تېخنىكا ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن. ئارلىقتا يەنە جاڭ جىشىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، مەكتەپنى تاماملىغان. ئۇ ياپۇنىيەدىن قايتىپ كېلىپ ئۆزىنى جاڭ جىشىنىڭ قوينىغا ئاتقان. بىراق بۇ پاھىشىۋاز جاڭ ئاقساقالنىڭ ئاشنىسىغا كۆز قىزارتقاچقا جاڭ جىشى ئۇنى مۇھىم خىزمەتلەرگە سالمىغان. ئەمەلىيەتتە جاڭ جىشى ئۇنىڭ رەزىل قارا نىيىتىنى بۇرۇنلا بىلىپ قالغان.
جاللات شىڭشىسەي كېيىن ياپۇنىيەدە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىنڭ ياردىمىدە شىنجاڭغا كېلىپ جىنشۇرېن ھۆكۈمىتىدە ئىشلىگەن. (بۇ خىزمەتنىمۇ ئۇ ئايالىنىڭ ياردىمىدە ئاران قولغا كەلتۈرگەن) كېيىن قومۇلدا خوجىنىياز ھاجى قوزغۇلىڭى قوزغالغاندا جىنشۇرېن ئۇنى ھەربىي مەسلىھەتچى قىلىپ ئىشلەتكەن. كېيىن ھەربىي قوماندان قىلىپ ئۆستۈرگەن. ئۇ ھەربىي ھوقۇقنى قولىغا ئېلىپلا تۇرپاندا قانلىق قىرغىنچىلىق قىلغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلارغا زىيانكەشلىك قىلغان.
كېيىن تاسادىپىي پۇرسەتتىكى سىياسىي ئۆزگۈرۈشتە شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمۈرانىغا ئايلانغان. ئۇ ئىنتايىن ھېلىگەر بولۇپ سېۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ، خوجىنىياز بىلەن پۈتۈم ئىمزالىغان ۋە خوجىنىياز بىلەن ماجوڭيىنىڭ ئارىسىغا بۆلگىنچىلىك قىلىپ ئارىدىن پايدا ئالغان. ماجوڭيىنى سېۋىت ئىتتىپاقىغا تۇتۇپ بېرىپ ئۆزى خوجىنىيازنى ئالداپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغان ۋە كېيىن ئۇنىڭغىمۇ رەزىل قولىنى سالغان.
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇش باشلانغاندا سۆۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، جاڭ جىشىىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ۋە شىنجاڭدىكى بىر قىسىم كومىنىستلارنى قىرغىن قىلغان شۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىنىسىنىمۇ ئۆلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئايالىغىمۇ زىيانكەشلىك قىلغان.
كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلىغاندا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر بۇ ئىنقىلاپنى تىنجىتىش ئۈچۈن نەيرەڭۋازلىق ئىشلىتىپ ئۇنى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئورمانچىلىق مىنىستىرى ئەمىلىي بىلەن يۆتكەپ كەتكەن. ئۇ كېتىدىغان چاغدا شىنجاڭدىن نەچچە ماشىنا ئالتۇن-كۆمۈش ۋە بايلىقلارنى ئېلىپ كەتكەن.
نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قاچقاندا شىڭشىسەينىمۇ بىرگە ئېلىپ كەتكەن. ئۇ شۇ يەردە ئۆز قىلمىشىنىڭ قىساسىنى تارتىپ ئۆزمرىنىڭ ئاخىرىنى خارلىقتا ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى نېرۋا كېسىلىنىڭ ئازابىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلگەن.
ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئۆلتۈرگەن ئادەملىرى سان-ساناقسىز. ئۇنىڭ ئىككى قولى نۇرغۇنلىغان ئىنقىلاپچىلارنىڭ بىگۇنا خەلقنىڭ قېنى بىلەن بويالغان. شۇنداق تۇرسا يەنە ئۇنى جاللات دېيەلمەمدىكەنمىز؟