ۋاي مەن تېپىۋالدىم ، لۇغەتتە بار ئىكەن ، بايا دىققەت قىلماپتىمەن .
بويۇنچۇق دەيدىكەن،
بويۇنچۇق : قوش ياكى ھارۋىغا قېتىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان سايمان، جىمبو.
ئەمدى جىمبو دىگەن سۆزگە .
جىمبو : ئى ،[ خەن .]. بوغا .
ئەمدى بوغا دىگەن سۆزگە قاراپ باقايلى .
بوغا : ئى . ھارۋىغا قېتىلغان ئات ، ئېشەكنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان ، رەخىتتىن تەييارلانغان ھارۋا جابدۇقى، جىمبو .
ئەمدى يىتەرلىك بولدى ھەقىچان .
بۇ سۆزنى تېپىش ئۈچۈن بەش كىتابنى ۋاراقلاپ يېرىم سائەت ۋاقتىم ئىسراپ بولدى.
بۇ بويۇنچۇق دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە ئۆلچەملىك يېزىلىشى . 拥脖
yōnɡbó
ئەمدى ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەم يوق دىيەرلىك . رەسىم ۋە خەنزۇچە خەتكە قاراپ ئىنگىلىز تىلىدىكىسىنى تېپىۋالارسىز .
خەنزۇچە خەتنى خىزمەتدىشىمغا بويۇنچۇقنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىپ بەرسەم تېپىپ بەردى قاراپ باقسام يوڭ دىگەن سۆزنىڭ قۇچاغلاغلىماق، قىستىماق،ئوتتۇرغا ئالماق ... دىگەندەك مەنىلىرى بار، بو دىگەن سۆزنى بويۇن دەپ چۈشىنىمەن ، ھەم خېلى ماسلىشىدىكەن، ئادەتتە ئىت بوينىغا ئاسىدىغان چەمبىرەكنى بوۋېي دەپ ئاتايدۇ، شۇڭا تامامەن ماسلىشىدۇ .
مانا بۇ بويۇنچۇقنىڭ رەسىمى سەل ئەبجىقى چىقىپ كىتىپتۇ، توردىن مۇشۇنچىلىك تاپقىلى بۇلىدىكەن
بوغا، بويۇنچۇق، جىمبو قاتارلىق سۆزلەر مىللەتلەر نەشىرياتى1990-يىلى نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىن ئېلىندى. خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ . (1990ـ يىلى 5- ئاي بىرىنجى نەشىرى، بىرىنجى بېسىلىشى ))