مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: نۇراخۇن

[ياردەم] «جۇمبۇ» نى ئۇيغۇرچە ئورتاق تىلدا نېمە دەيدىغاندىمىز؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11316
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 3625 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-2-3
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقۇردا بىرى دىگەن سۆزنى يەنە بىرى تەكرارلاۋېرىپتۇ.تېما ئىگىسى ھىچقاچان سىلەرنىڭ يۇرتتا نىمە دەيدۇ دەپ سورىماپتۇ،پەقەت ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچىسىنى سوراپتۇ.ئات-ئىشەكلەرنى كۆندۈرۈش ۋە ئۇنى ھارۋىغا قوشۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكەن خەلق دەل ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى،جۈملىدىن بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزدۇر.تارىم ئويمانلىقىدىكى نۇرغۇن قەدىمى قەبرىلەردىن مۇشۇنداق ئات-ئۇلاغنىڭ  نەپىس ئىشلەنگەن جاپدۇقلىرى بايقالدى.ئەمدى مۇشۇ كەسپتىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئەسلىسىنى قېزىپ چىقىرىپ قايتىدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش،ساقلاش بىز ئەۋلاتلارنىڭ مەجبۇريىتى،بۇنى ئايرىم دوستلار چاخچاق تەرىقىسەدە كۆرۈپ ئانچىكى ئىنكاسلارنى يوللاپتۇ.مېنىڭچە بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولغىنىمىز تۈزۈك.
خوتەن،قەشقەر،ئاقسۇ،كۇچالاردا جۇمبۇ،جوڭبۇ،جىنبۇ.....دەپ ئاتالغىنى بىزنىڭ تىلىمىز ئەمەس.بىزدىكى نۇرغۇن ئەنئەنىۋى كەسپتىكى سۆزلەر ئەمەلىيەتتە تۇرپان-قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغان،شۇڭا مەلۇم سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ياسىماقچى بولغاندا،چوقۇم يەرلىك شىۋىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ،مۇۋاپىق كەلگەننى ئومۇملاشتۇرسا چوقۇم بولىدۇ.
مەسىلەن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى دىگەن مۇشۇ ئاتالغۇ ئاتاشقا تولىمۇ ئەپسىز،مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقمىغان،چۈنكى بۇ سۆزلۈكنى خەنزۇچىدىن سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىپلا قويغان،شۇڭا ئاۋام خەلق قوبۇل قىلالماي،بىۋاستە خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە شېنفېنجېڭ،ھەتتا شىنپىنجى دەپ ئاتايدىغان ئادەتلەر ئومۇملاشتى،بولۇپمۇ شېنفېنجى دەپ ئاتاش خوتەن،قەشقەر،ئاقسۇ تەرەپلەردە بىرقەدەر ئېغىر.ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى مۇۋاپىق ئىشلەتمەي،باشقىلارنىڭكىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش،باشقىلارنىڭكىنىمۇ جايىدا ئاتىيالماسلىق ئەمەلىيەتتە بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ساپاسىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆز مىللىتىگە بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىك،مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆپلىگىمۇ بىزدىكى سەۋىيەنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ.
كېيىن تىلشۇناسلارنىڭ ئىزدىنىشى بىلەن بۇ ئاتالمىش شېنپىنجى ئاتالغۇسى كىملىك دەپ ئېلىندى،بۇ سۆز تۈركچىدە ئاللىقاچان ئومۇملاشقان ئاتالغۇكەن.ھازىر بۇ ئاتالغۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلى بولۇپ ئۆزلىشىپ كەتتى،ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر تىلىدا دەل جايىنى تاپتى.
ئەمدى مۇشۇ ئاتالمىش جۇمبۇ نى يەنىلا بىزنىڭ يۇرتتا جۇمبۇ دەيتتى دەپ نادانلارچە كالدىرلىماي،بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچىسىنى ئىزدەپ تېپىش كېرەك،ياكى بولمىسا تۇرپان-قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاتىشىنى قوبۇل قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك،ئومۇملاشتۇرۇش تەس بولغان تەقدىردە،ھىچ بولمىسا ئەدەبى تىلدا تۇراقلىق ئىبارە قىلىپ بېكىتىش كېرەك.مېنىڭچە بوغا(بوغۇشتىكى بوغ، بۇغا ئەمەس)،بويۇنچۇق دەپ ئالسا مۇۋاپىق بولغۇدەك.
بويۇنتۇرۇق كالىنى ھارۋىغا قوشقاندا بويۇنىغا سالىدىغان ئۈچبۇرجەك جابدۇق بولۇپ ياغاچتىن ياسىلىدۇ،بوغا بىلەن بىر ئۇقۇم ئەمەس.ئات-ئىشەكنى ھارۋىغا قوشقاندا بوغانىڭ ئالدىغا جەۋەن سالىمىز بۇ ئىككى تاياقنى ئارغامچە ياكى تاسما بىلەن چېتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ،ئۇلاغ ھارۋىنى تاتقاندىكى كۈچ جەۋەنگە چۈشىدۇ،جەۋەننىڭ ئۇلاغنىڭ بوينىنى غاجىۋەتمەسلىگى ئۈچۈن يۇقۇردا سۈرەتتە كۆرسۈتۈلگەندەك ئىچىگە سامان،پاخال تىقىلغان رەخت ياكى خۇرۇمدىن تىكىلگەن،بىر ئۇچۇننى بوغىدىغان oشەكىللىك يۇمشاق بويۇن قوغداش جاپدۇقى جەۋەننىڭ كەينىگە ئورۇنلاشتۇرلۇدۇ.

ھازىر تۆۋبە قىلسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42705
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2524
تۆھپە نۇمۇرى: 750
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2011-5-31
ئاخىرقى: 2012-2-2
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەردىمۇ ‹جۇمبۇ›دەپ ئاتايدۇ.

مەخمۇت يۈسۈپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3758
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ ئىسمى جۇمبۇدۇ، بۇنى تەرجىمە قىلساق يەنە شۇ جۇمبۇ بولامىكى

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 539
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15564
تۆھپە نۇمۇرى: 1248
توردا: 2680 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2012-2-1
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ferdawishan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-30 09:14 PM
ئىگەر-توقۇم دەمدىكىن ھەقىچان ،ئىگەر-ئات مىنگەندىكى مى ...

توقۇم دىگەن ئىشەكنىڭ دۈمبىسىگە قويىدىغان نەرسە

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12231
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7117 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرچە بوغا دەيدۇ، بولدى گەپ موشۇ يەردە تۈگىسۇن، جۇمبو دېگەندەك گەپلەر خەنچىدىن كىرگەن ،شۇڭا لوغەتتە يېشىمى يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5449
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5468
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2012-2-2
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مارالبېشدىمۇ جۇمبۇ دەيمىز!           مەن بىرەر لوشىياڭدىن سوراپ بىرەي سىزگە  
بىزنىڭ مەھەللىدە ئانچە-مۇنچە بار ، يىۋەتمەي ھارۋىغا قوشۇپ ئىشلىتدىغانلىردىن بىر نەچچىسى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65382
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5245
تۆھپە نۇمۇرى: 1400
توردا: 527 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-2-2
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا بىز چۇقۇم دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭبۇ دېگەن سۆز خەنزۇتىلىدىن كەلگەنمۇ بىلمەيمەن، لىكىن بىر يولداشتىن سورىسام ئۇمۇ بىر نەرسە دىيەلمىدى. ئىشقىلىپ ئۇيغۇر كىتابى تىلدا جۇمبۇر دەپ ئاتايدىكەن. مەنچە بۇغۇق، ياكى تۇربۇغۇق دەپ ئاتىسا توغرا بولارمىكىن دەيمەن. چۈنكى جۇمبۇر ياغاچتىن ياسالغان بۇتۇنتۇرۇقنى مۇقۇملاشتۇرۇپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ شۇڭا تۇربۇغۇق دەپ ئاتىسا « بۇتۇنتۇرۇقنى توراپ تۇرىدىغان بوغقۇچ » دىگەن مەنىسى چىققۇدەك. قالغىنىنى تىلشۇناسلار ئويلاپ باقسا بولىدۇ.
يەنە بىرسى تىلىمىزدىكى « ئەمدى( كىيىن دېگەن مەنىدىكى )، تەڭلە ( سۇنۇپ بىرىش دېگەن مەنىدىكى )  » دېگەن ئىككى سۆزمۇ خاتا دەپ ئويلايمەن. كونىلارنىڭ ئاغزىدا تەڭلە سۆزى « دەڭلە »، ئەمدى سۆزى « ئەندى » دەپ تلەپپۇز قىلىنىدۇ.  بولمىسا تەڭلە دېگەن سۆز خېمىر يۇغۇرىدىغان ياغاش ئويۇق دېگەن مەنىسى بارلىقىنمۇ ھەممىمىز بىلىمىز. ئەمدى سۆزىنىڭمۇ ھايۋان ۋە ئادەملەرنىڭ ئانىسىنى ئىمىشىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا « دەڭلە، ئەندى » دېگەن سۆزلەرنى يۇقۇتۇپ قويمىساق دەپ ئويلايمەن. شۇنداق بولغاندا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى تېخىمۇ ئاشقان بولاتتى. خاتا كەتكەن يېرى بولسا پىكىر بىرەرسىلەر، تىل سالمىغايسىلەر

بەگزادە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46378
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1281
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2011-7-2
ئاخىرقى: 2012-1-31
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورتاق تىلدا«بۇغا»دەيمىز.مەسلەن :ئىشەككە بۇغىنى سېلىپ ھارۋىغاقېتىپ جاۋەنىنىڭ بۇيۇنتۇرقىنى چىگدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48811
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2012-2-5
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھاڭ تەرجىمىسى بىلەن مەنە تەرجىمىسگە ئاساسەن خەنزۇچە 劲布دىسەك  مۇۋاپىق بولارمىكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54326
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1188 سائەت
تىزىم: 2011-9-2
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېشەكنىڭ بوينىغا ئاسىدىغان يومىلاق چاق بوغاندىكى ‹ بويۇنچاق › دېسە بولىدۇ.

ھارامدىن تاپقان ئاش ئاش ھېسابلانماس ،
ئادالەت ئۈچۈن ئاقمىغان ياش ياش ھېسابلانماس .
كىشى بېشىم بار دەپ مەغرۇرلانمىسۇن ،
سەجدىگە بارمىغان باش باش ھېسابلانماس .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش