ALIMJAN580 يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 03:10 PM
بۇ ئەنگىلىيە نىڭ ئوينىغان ئويۇنى ، 1902-يىلى ئەنگلىيە ب ...
سىز نەدىن ئاڭلىغانسىز 1902-يىلى ئەنگىلىيە باش ۋەزى بالفۇر يەھۇدىلارغا زىمىن بىرىشكە ۋەدە قىلغان دەپ؟
1882-يىلى لېئو پىنكستېيىن ئىسىملىك پولشالىق يەھۇدى ئىمزاسىز ماقالا ئېلان قىلىپ: بىز يەھۇدىلار
خەقنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىمەكتىمىز، سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانسېرى باشقىلارنىڭ شۇنچە ئۆچمەنلىكىگە ئۇچراۋاتىمىز، بىز يەھۇدىلارنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولىمىز مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش، بۇنىڭ ئۇسۇلى: بىز يەھۇدىلارنىڭ ئۆزىمىزگە تەۋە دۆلىتىمىزنى قۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيا يەھۇدىلار قۇرۇلتىيى ئېچىپ، مەبلەغ غەملەپ مۇۋاپىق يەر سېتىۋېلىش، دېدى. شۇ يىلى روسىيىنىڭ خائېركوفتا ئوقۇۋاتقان 14 ستۇدېنت «تەۋرات»تىكى قىسسىلەردە تىلغا ئېلىنغان زىئون، يەنى پەلەستىن دېگەن نامدىن پايدىلىنىپ، «زىئونغا قايتىش» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات قۇردى.
1908-يىلى يەھۇدىلار پەلەستىندىن يەر سېتىۋېلىپ، كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى تەشكىللىك تىرىلدۈرمىچىلىك ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى. 1909-يىلى «كىببۇتز» ( kibbutz) دەم ئاتالغان يەھۇدىلار مەھەللىسى پەلەستىندە تۇنجى قېتىم پەيدا بولدى، 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىغىچە، شەرقىي ياۋروپادىن تەخمىنەن 40 مىڭ يەھۇدى پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلدى. 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى يەھۇدىلار دۆلىتى بىلەن پەلەستىننى يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلاشتۇردى: يەھۇدىلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى بالفۇر (Balfour) پەلەستىندە «يەھۇدىلار يۇرتى» قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، 65 سۆزلۈك بۇ خەت يەھۇدى قىساسچىلىقىنىڭ «تىلتۇرمارى»غا ئايلاندى. 1920-يىلى ئەنگلىيە يەرلىك ئەرەبلەرنىڭ تۈركىيە ئىمپىرىيىسىگە قارشى مىللەتچىلىك ھەركىتىدىن پايدىلىنىپ پەلەستىننى ئىشغال قىلىۋالدى ھەم ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزىگە پىششىق بولغان «پارچىلاپ باشقۇرۇش» ھىيلە-مىكىرىنى قوللاندى، يەھۇدىلار بەس-بەستە تەۋراتتا تىلغا ئېلىنغان، يەھۇدى دىنى مۇرتلىرى ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز جەلپ قىلىش كۈچى بولغان، ئۆزلىرىنىڭ 2000يىل بۇرۇنقى ۋەتىنى ئىسرائىلىيەگە كۆچۈپ كېلىشكە باشلىدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرۇپ ئەتىسىلا ئۇرۇش پارتلىدى 2-دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا، ياۋروپادا ئالتە مىليۇن يەھۇدى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا تەل-تۆكۈس ئۆزگىرىش بولدى، «يۇرت-ماكانىغا قايتىش» نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈرەك ساداسىغا، «يەھۇدى دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
1949-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ب د ت يىغىنىدا ئىئوردانيىەنىڭ پەلەستىن قىسمىدا ئىسرائىلىيىنى بۆلۈپ باشقۇرۇش قارارى ماقۇللىنىپ، ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەرەب دۆلىتى ئىئوردانييە ۋە يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇپ، ئىئوردانىييەگە قاراشلىق پەلەستىننىڭ بىر قىسىم زىمىنىنى شۇ چاغدا يىغىلغان 420 مىڭ يەھۇدىگە دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ بېرىش بەلگىلەندى. 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى بېن گۇرىئون ( Ben-Gurion) تېل ئاۋىۋدا يەھۇدى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، دۆلەت نامىنىڭ ئىسرائىلىيە دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. خۇددى بېن گۇرىئون ئېيتقاندەك، يەھۇدى قىساسچىلىقى ھەرىكىتى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، يەھۇدىلار ئۆزىگە تەۋە زېمىننى قولغا كەلتۈرۈگەن بىر قېتىملىق ئۇچىغا چىققان سىياسىي ھەرىكەت بولدى.
مەنبەسى:
www.guldiyar.cn