غەربنىڭ ئوسمانىيە خىلاپىتىنى يىقىتىش باسقۇچى
ئاخىرقى خەلىپە سۇلتان ئابدۇلھەمىد تارىخى ئەسلىمىلىرىدە:“ئاسىيادىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنى بېسىۋالغان چوڭ دۆلەتلەر، ئەنگىلىيە ۋە روسلار مەن كۆتۈرۈپ يۈرگەن خەلىپىلىك قورالىدىن تىترەيدۇ، شۇڭا ئۇلار بۇ ئوسمانىيە دۆلىتىنى يوقۇتۇشقا بىرلىشەلىگەن“دەپ يازىدۇ.
1. دونىما يەھۈدىلىرىنىڭ بۇ سۈيقەستىكى رولى
دونىما(ئىككى يۈزلىمە) يەھۇدىلىرى ئوسمانىيە خىلاپەت دۆلىتىگە سۈيقەست قىلىش بايرىقىنى كۆتۈرگەن، بۇ يەھۇدىلار تۈركىيەنىڭ سالونىك(ھازىر گىرىتسىيەگە تەۋە) شەھىرىگە مەركەزلەشكەن، ئۇلار سىرتقى كۆرنۈشلىرىدە مۇسۇلمان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار. بۇ يەھۇدىلار ”ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى“بايرىقى ئاستىدا سۇلتان ئابدۇلھەمىدغا قارىشى ۋەھشى ھۇجۇمغا يېتەكچىلىك قىلغان. چۈنكى خەلىپە ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ 50 مىليۇن فونتىستىرلىڭ قەرز بەدىلىگە يەھۇدىلارغا پەلەستىننى سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغان.
تۈرك ئوفىتسىرى ھۇسامىدىن ئارتۈرۈك 1957-يىلى نەشىر قىلىنغان“ئىككى دەۋر سىرلىرى“ نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دەيدۇ:“تىيودور ھارتىزىل ۋە يەھۇدىلارنىڭ چوڭ پوپى ئۆزى ئالاھىتەن سۇلتان ئابدۇلھەمىدتىن پەلەستىندە يەھۇدىلارغا مۇستەقىل دۆلەت تۇرغۇزۇش تەلىپىنى قويۇپ كەلدى، لېكىن سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئۇ ئىككى يەھۇدىنى قوغلاپ چىقاردى. 1890- يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىد يەھۇدىلارنى ئوسمانىيە زېمىنلىرىدا قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدا ئىككى پەرمان چۈشۈردى ۋە پەلەستىندىكى يەر مۈلۈك ئىدارىسىغا پەلەستىن زېمىنلىرىنى ھىجرەت قىلىپ كەلگۈچىلەرگە ساتماسلىقنى تەكىتلىدى“.
فەۋزى توغاي 1947- يىلى تۈركىيەنىڭ ”بۈيۈك توغۇ“ ژرونىلىدا“پەلەستىن ۋە يەھۇدىلار مەسىلىسى“دېگەن تېمىدا:“سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭ يەھۇدىلار ھەرىكىتىگە قىلغان رەددىيىسى ئۇنىڭ تاج-تەختىنىڭ ئۆرۈلىشىگە بەلكى ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ يىقىلىشغا سەۋەب بولغان“ دەپ ماقالە ئىلان قىلغان.
1909- يىلى ئەنگىلىيە ۋە باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ ھىمايىسى، قوللىشى ۋە كۈشكۈرتىشى ئاستىدا ئاستىدا ماسۇنلار ۋە يەھۇدىلار يېتەكچىلىكىدىكى ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات تەشكىلات ئىنقىلابچىلىرى سۇلتان ئابدۇلھەمىدغا قارىشى سۈيقەست پىلانلاپ، ئۇنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى پىلانلاشقان، ئۇنى خەلىپىلىك مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنى يەتكۈزۈپ قويۇشقا 4 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئۆمەكنى ئەۋەتكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرمۇ تۈرك ياكى ئەرەب بولمىغان. بۇ ئۆمەكنىڭ بېشىدا ئىيمانويل دېگەن يەھۇدى بار ئىدى. نەتىجىدە سۇلتان ئابدۇلھەمىد يەھۇدىلار مەركەزلەشكەن سالۇنىيك شەھىرىگە پالاندى ۋە بىر يەھۇدىنىڭ ئۆيىگە سولاپ قويۇلدى، 1918- يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىد ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا ئىستانبول شەھىرىنىڭ پۈتۈن خەلىقى دېگىدەك قاتناشتى. سۇلتان ئابدۇلھەمىد يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنگە ھىجرەت قىلىشنى ۋە زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ بىر ئايدىن ئارتۇق تۇرۇشىنى چەكلىگەن ئىدى.
دونىما يەھۇدىلىرى 600 ئائىلىك بولۇپ،1683- يىلدىن تارتىپ ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى داۋا قىلغان، لېكىن ئۇلار مەخپى يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. بۇ ھەقىقەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسبەق باش مېنىستىرى“ ئىسھاق زۇفى“ 1957- يىلى نەشىر قىلىنغان“دونىما“ نامىلىق كىتاۋىدا ئېنىق ئېتىراپ قىلغان. ئۇ:“خەلىپىلىك مەركىزىدە ئۆزىنى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ بىر قىسمى ھېساپلايدىغان مۇھىم تائىفە بار. ئۇلار دونىما يەھۇدىلىرى بولۇپ، سىرتقى كۆرنۈشىدە مۇسۇلمان،لېكىن ئۇلار مەخپى يەھۇدىلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلايدۇ“دېگەن.
ئەمىر شەكىب ئارسىلان دونىما يەھۇدىلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:“ئۇلار پەقەت ئىسمىدا مۇسۇلمان، ئەمەلىيەتتە ئۇلار زىندىق يەھۇدىلار تائىفىسى، تۈركلەر ئۇلارنى دونىما(يەنى ئىككى يۈزلىمە) دەپ ئاتايدۇ. ئۇلار سىرتقى كۆرۈنۈشلىرىدە ناھايىتى تەقۋا ۋە ياخشى كۆرۈنىدىغان ئىدى، ئەسكىلىكلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مەسجىدلەرگە كېلەتتى، ئۇلارنىڭ ئىسلامنى يالغاندىن قوبۇل قلىغانلىقى ۋە ھاكىملىققا كۆز تىككەنلىگى ئۈچۈن ھوقۇق بېىشغا چىقىۋىلالىغان“.
فىرانىسيەلىك خىرىستىيان“بائىر ھىيس“نىڭ ”ئىسرائىل جۇمھۇرىيىتى“نامىلىق كىتاۋىدا مۇنداق دېيلىگەن:“دونىما يالغاندىن مۇسۇلمان بولغان يەھۇدىلار، ئۇلارنىڭ سانى خېلى كۆپ، دانۇپ رايۇنىنىڭ ھاكىمى مىدھەت باشا ئۇلاردىن، ئۇ مەجەر(گوللاندىيەنىڭ پايتەختى)لىق يەھۇدى پوپنىڭ بالىسى. ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات رەھبەرلىرىنىڭ تولىسى دونىما يەھۇدىلىرىدىن. ئۇلار دۆلەتتىكى ئىقتىسادى ئىشلارنى قولىغا چۈشۈرۋالغان، شۇنداقلا ئەسكەر ۋە ئىدارە ئىشلىرىنى كونترول قىلىۋالغان ۋە بەزىلىرى بەك يوقىرى مەنسەپلەرگە يەتكەن“.
* دونىما يەھۇدىلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى:
ياۋرۇپادىكى تەپتىش مەھكىمىسى دەۋرىدە يەھۇدىلار ياۋرۇپادا بولۇپمۇ ئىسپانىيەدە ئىزىلىشقا ئۇچرىغان، ئۇلار ئوسمانىيە دۆلىتىدىن باشقا پاناھلىنىدىغان ۋە ھىمايە قىلىدىغان ئورۇن تاپالمىغان. بۇ يەھۇدىلار مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ قورساقىلىقىنى بىلگەچكە مىلادىيە 1626- يىلى ئوسمانىيە دۆلىتىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ قاتارىدا موردىخاي دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ“ساباتاي“ دېگەن بالىسى ئىزمىر شەھىرىدە تۇغۇلغان، مىلادىيە 1648- يىلى ساباتاي ئۆزىنى“كۈتۈلىۋاتقان مەسىھ“ دەپ داۋا قىلغان. ئۇ مىلادىيە 1666- يىلى پەلەستىننى زىيارەت قىلىپ، قۇددۇس يەھۇدىلىرى بىلەن تونۇشۇپ تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىگە قايتىپ كەلگەن، ئۇنىڭ شۆھرىتى داڭ كەتكەن.
ئوسمانىيە سۇلتانلىقى ئۇنىڭغا“پەلەستىندە يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ“دەپ ئۇنى قولغا ئالىدۇ ۋە بۇ تۆھمەتتە شەيخۇل ئىسلام ئەزالىقىدىكى ئىلمى كومتىتى ئۇنى سوراق قىلىدۇ. ساباتاي بۇ داۋانى ئىنكار قىلىپ، مۇسۇلمان بولغانلىقنى جاكارلايدۇ، مۇھەممەد بەۋۋاب دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇ خىلاپەت قەسىرىدە كۈزەتچىلەرنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ساباتاي ئوسمانىيە سۇلتانىدىن:مېنى قويۇپ بەرسەڭلار، مەن يەھۇدىلارغا ئىسلامنى دەۋەت قىلسام دەپ تەلەپ قىلغاندا، سۇلتان ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئۇ يەھۇدىلار ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ“سىرتقى كۆرۈنىشىدە مۇسۇلمان، يەھۇدى دىنىدا يوشۇرۇن تۇرۇۋىرىشىنى“ تەشەببۇس قىلىدۇ، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن تۈركلەر ساباتاينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە دونىما-يەنى سرتىدىن مۇسۇلمان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدى- دېگەن لەقەمنى بېرىدۇ.
ساباتاي دەۋىتىنىڭ ئاساسلىرىنى مۇنداق بايان قىلغان:“تۈرك-ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى بوياش ئۈچۈن- مۇسۇلمانلىرىغا ماسلىشىش، رامىزان ياكى قوربانلىق ۋاقىتى كەلسە ئىچى سىقىلماسلىق كېرەك. ئىسلامنىڭ بارلىق دىنى كۆرۈنۈشلىرىگە ماسلىشىش لازىم، لېكىن ئۇلار بىلەن توي قىلماسلىق كېرەك…“
ئوسمانلار بىخەتەرلىك ئىدارىسى، ساباتاينىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن يەھۇدى دىنىنىڭ مۇراسىم ۋە پائالىيەتلىرىنى تۇرغۇزغانلىق دوكىلاتىغا ئاساساسەن ئۇنى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئالبانىيەگە يۆتكىۋىتىدۇ. ئۇ ئۇ يەردە 1675-يىلى ۋاپات بولىدۇ. لېكىن ساباتاينىڭ دەۋىتى ئۆلمەيدۇ، ئابدۇغوپۇر ئەفەندى دونىما جامائىتىنى يېتەكلەپ ماڭىدۇ، ئۇنىڭ يەھۇدىچە ئىسمى ”جوزىيف بىيلوسوف“. ئۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇللاھ يەئقۇب(يەھۇدىيچە ئىسمى جوزىبف كىيرىدۇ) رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۇلار كېيىن تۈركىيەنىڭ سالونىك شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىدۇ.
تۈركىيەدىكى دونىما يەھۇدىلىرىنىڭ خاس مەكتەپلىرى ۋە خاس قەبرىستانلىقى بار. ئۇلار بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن تارتىپ تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىنى غەربلەشتۈرۈش چاقىنى تىزلىتىشقا پۈتۈن كۈچىنى مەركەزلەشتۈرگەن. ئۇلار دەسلەپتە ھىجابقا قارىشى ئۇرۇش قوزغىدى، ئىستانبول ئۇنۋىرسېتىدا ياشلارنىڭ قىزلار بىلەن ئارلىشىىپ ئوقۇشىغا تەشەببۇس قىلدى. شۇنداقلا دونىما يەھۇدىلىرى تۈركىيەنىڭ گۈزەللىك مەلىكە مۇسابىقە ئېڭىنى بۈگۈنكىچە تىكلەپ كەلمەكتە.گەرچە تۈركىيەدىكى يەھۇدىلارنىڭ ھازىرقى سانى 30 مىڭدىن ئاشمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار دۆلەتتىكى مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگەللىۋالغان، ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئارقىلىق سوقۇنۇپ كىرگەن ۋە سۇلتان ئابدۇھەمىدنى ئېلىپ تاشلىغان ئىنقىلاپنىڭ زور قىسمىنى شۇلار ئايلاندۇرغان.
نەشىريات ئورۇنلىرىنىڭ زور تەسىرى بارلىقى ھەممىگە ئايان، تۈركىيە گىزىتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دونىما يەھۇدىلىرى ئىگەللەيدۇ، ئەھمەد ئەمىن يالمان دېگەن (1888- 1973)دونىما يەھۇدىلىرىدىن بولۇپ، بىر قانچە گىزىت ۋە مۇھىم ژورناللارنى تەسىس قىلغان، ئەرمەن ۋە كۇرد دۆلىتىنىڭ تۈركىيە زېمىندىن پارچىلىنىپ چىقىشىنى تەشۋىق قىلغان. شۇنداقلار بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئامېرىكنىڭ ھىمايىسىنى قوبۇل قىلىشىغا چاقىرغان، ماسۇن ۋە كومۇنىېست تۈركلىرىنىڭ مەسىللىرىگە ياردەمدە بولغان، ئۇ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا بەك ئۆچ ئىدى.
دونىما يەھۇدىلىرى تۈركىيەدە چىقىدىغان“ھۆرىيەت“ گىزىتىنىڭ ئىگىسى، بۇ گىزىت كۈنلۈكى 80 مىڭ نۇسخىدىن بىر مىليۇن نۇسخىگىچە بېسىلىدۇ. بۇ گىزىت خەلقئارالىق 20 گىزىتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ، بۇ گىزىت ”تۈركىيە تۈركلەرنىڭ“ دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.
دونىما يەھۇدىلىرى تۈركىيەدىكى ھۆرىيەت گىزىتىدىن قالسا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان ”كۈن ئايدىن“ گىزىتىگە ئىگە، بۇ گىزئىت كۈنلۈكى 570 مىڭ نۇسخا تارقىتىلىدۇ.ئۈچىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان ”تەرجىمان“ ۋە تۆتىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان ”مىللەت“ گىزىتىمۇ دونىما يەھۇدىلىرنىڭ گىزىتلىرى…
دونىما يەھۇدىلىرىغا تەۋە ئاخبارات ۋە تەشىۋىقات ئورگانلىرى ئىسرائىلىيەنى مۇداپىئە قىلىدۇ، ھەر قانداق كۆرەشتە ئەرەبلەرگە قارىشى كۆز قاراشنى ئاساس قىلىدۇ.شۇڭا دونىما تەشىۋىقات ئورگانلىرى ئەرەبلەرگە قارىشى ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان خەلق پىكىرىنى يارىتىشتا غەلىبە قازاندى.
2. ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ بۇ سۈيقەستىكى رولى
يەھۇدىلار پايدىلانغان ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئەسلىدە مەخپى تەشكىلات بولۇپ، ئۇنى ”تۈركىيە فەتات“نىڭ بەزى ئەزالىرى 1890 – يىلى قۇرۇپ چىققان. بۇ پارتىيەنىڭ ئاشكارا دەۋەتلىرى ئەركىنلىك، پارلامىنت ھاياتى ۋە دۇستۇر(قانۇن)نى ئىلان قىلىش. ئەمما يوشۇرۇن نىشانلىرى خەلىپىلىكنى يىقىتىش، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاپ تاشلاش، يەھۇدىلارنىڭ نىل دەرياسىدىن تارتىپ پۇرات دەرياسىغىچە دۆلەت تۇرغۇزىشىغا يول ھازىرلاشتۇر.
بۇ مەخپى تەشكىلات 1909- يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى خەلىپىلىكتىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن پارتىيەگە ئايلاندى. بۇ پارتىيە 1908- يىلدىن تارتىپ 1918- يىلغىچە ئوسمانىيە دۆلىتىدە ھەقىقى ھوقۇق ئىگىسى ئىدى. بۇ جەمىيەتكە ئەزا بولغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ماسۇنىيە(يەھۇدىلارنىڭ نىشانىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان مەخپى تەشكىلات، مۇستاپا كامال دېگەن يەھۇدىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن) جەمىيەتلىرىگە ئەزا كىشىلەر ئىدى.
بۇ جەمىيەت ئىسلام بىرلىكىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن مىللى شوئارلانى ئويغىتىپ چىقتى. مەسىلەن، ئۇلار تۇران مىللەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىشتى. شۇنداقلا يالغاندىن ئەركىنلىك شوئارىنى كۆتۈرۈشتى ۋە 1908- يىلى بىرىنجى ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىشتى، لېكىن ئۇلار سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى بۇ ئىنقىلابتا چۈشۈرەلمەي 1909- يىلدىكى ئىنقىلابتا چۈشۈردى. بۇ ئىنقىلابنى ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىگە ساداقەتمەن سالۇنىيك شەھىرىدىكى ئەسكەرلەر ئېلىپ باردى، ئۇلار ئىستانبولغا ھەرىكەتلىنىپ، سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلىدى. بۇ ئەسكەرلەر ئىچىدە ياش ئىككى ئوفىتسىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى مۇستاپا كامال، يەنە بىرسى ئەزىز مىسرى ئىدى.ئەزىز مىسرى دېگىنى مىسىرلىق بولماستىن شىركىسى بولۇپ، ئاتېئىست ئىدى. ئەزىز باشا كېيىن ئىمانغا يۈزلىنىپ تۆۋە قىلغان…
3.مۇستاپا كامالنىڭ بۇ سۈيقەستتە ئوينىغان رولى
مۇستاپا كامال تۈركىيەنىڭ سالۇنيك شەھىرىدە دونىما يەھۈدىلىرىدىن بولغان بىر ئانىدىن ۋە قانۇنسىز ئاتىدىن تۇغۇلغان(يەنى پاھىشىدىن بولغان بالا). مۇستاپا كامال 1924- يىلى ھەربى ئىنقىلاپ قوزغاپ، ئىسلام خەلىپىلىگىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتتى. گەرچە ئۇ سىرتقى كۆرنۈشىدە مۇسۇلمان بولىۋالسىمۇ ۋە دىنغا ياردەم بېرىۋاتىمەن دەپ داۋا قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ خەلىپىلىكنى بىكار قىلىپ تاشلىدى ۋە ئىسلامنى ھۆكۈمدىن يىراقلاشتۇردى.
ئىسلام دۈشمەنلىرى ئىسلام خەلىپىلىگىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىشەتتى، بۇ ئىشنىڭ ئاتالمىش شان شەرەپلەر بىلەن بىزەلگەن بۈيۈك قەھرىماننى ياساپ چىقماي( يېتىشتۈرمەي) تۇرۇپ ۋۇجۇتقا چىقمايدىغانلىقىنى بىلىشەتتى.
شۇڭا ئىنگىلىزلار بۇنى رىئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۇنانلىقلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىنى بېسىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.ئاندىن يۇنان (گىرىتسىيە) ئۈستىدىن خىيالى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئاتالمىش قەھرىماننى پەيدا قىلىش ئۈچۈن مۇستاپا كامال دېگەن يەھۇدى مەلئۇننى چاقىرىپ كېلىشتى. ئۇ خىيالى غەلىبە قىلغان بولدى، خەلق ئاممىسى ئۇنىڭغا ئېسلىشتى ۋە ئۇنىڭغا تەلمۈرۈشتى. دەل مۇشۇنداق پەيتتە ئىسلام ھاياتىغا خەنجەر سانجىشنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن بىلىشەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئەنگىلىيە مۇستاپا كامالنىڭ سىنتەبىرنىڭ 9-كۈنى ئىزمىر شەھىرىگە كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى ۋە بىر پاي ئوق ئاتماي يۇنانلىقلارنى ئۆزلىرى قوغلاپ چىقاردى. غەربنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرى مۇستاپا كامالنىڭ ئاتالمىش خىيالى غەلىبىلىرىنى چوڭايتىپ، ئىسلام دۇنياسىدا تىز نەشىر قىلىپ تارقاتتى. مۇسۇلمانلار مۇستاپا كامال بىلەن ئالداندى، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىلىرىدە ئارزۇ-ئۈمىد ئويغاندى ۋە ئۇنىڭغا قەلبىلەر تەلپۈندى. دېمەك، مۇستاپا كامالنى غەرب مۇستەملىكچىلىرى يېتۈشتۈرۈپ چىققان. ئەگەر مۇستاپا كامالدەك مەلئۇندىن بىرسى بولماي، غەرب دۇنياسنى ئوسمانىيە دۆلىتىنى 50 يىل بېسىۋالغان تەقدىردىمۇ ئىسلام خەلىپىلىكىنى يوقىتالمىغان بولاتتى.لېكىن مەلئۇن بۇ رولنى ئۇستىلىق بىلەن ئويناپ كەتتى.
لېكىن ئاتا تۈرك(ئۇ تۈركلەرنىڭ ئاتىسى ئەمەس، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ رەزگى دۈشمىنى بولغىنىدەك، تۈرك مىللەتلىرىنىڭمۇ ئەشەددى دۈشمىنى، چۈنكى خەلىپىلىكنى ئۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن ئەنگىلىيە ۋە سوۋىت ئېتتىپاقى بىلەن ناھايىتى يېقىن ئالاقە ئورناتقان) مۇستاپا كامال بىلەن ئالدانغانلار 1924- يىلى،3-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەردە خەلىپىلىكنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، خەلىپىنىڭ ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ قوغلانغانلىقى، ۋەقپە ۋە شەرئى مەھكمىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى، دىنى مەدرىسلەرنىڭ يېڭىچە مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ۋە قۇرئان يادلايدىغان گورۇپىلارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندا ئارزۇلىرى يەكسان بولۇشتى.
مۇستاپا كامال دېگەن مەلئۇن خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن ،ئەنگىلىيە دەرھال تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە تۈركىيەدىن ئەسكەر چىكىندۈردى. شۇ ۋاقتتىكى ئەنگىلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مېنىستىرى:“تۈركىيە تامامەن تۈگەشتى، ئەمدى ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، چۈنكى بىز تۈركىيەدىكى مەنىۋى كۈچ يەنى ئىسلام خەلىپىلىكىنى يوقاتتۇق“دېگەن.
ئوسمانىيە خەلىپىلىكىدىكى ئاخىرقى شەيخۇل ئىسلام مۇستاپا سەبرى مىسىرغا پاناھلانغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:“ئىنگىلىزلار مۇستاپا كامالنى قەھرىمان قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى،خەلىپىگە قاتتىق قول مۇئامىلە قىلىپ ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويدى، سەۋەبى خەلقلەرنىڭ مۇستاپا كامال بىلەن ئالدىنىشى ئۈچۈن ئىدى…ئەنگىلىيە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمدىن يەنە بىرسنى تاپالمايدۇ، چۈنكى ئىسلامنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىياتىنى بىر كۈندە ئۆرۈپ تاشلىدى. ئۇنىڭ ئىپلاس ئىقتىدارلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ئىنگىلىزلار بىزنىڭ شەھەرلىرىمىزدىن چىكىنىپ چىقىپ كەتتى.
مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلام خەلىپىلىگىنى بىكار قىلىپ تاشلىشى، تۈركىيەدە دىن بىلەن دۆلەتنى ئايرىشى ئىسلامنى ھايات ساھەسىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان زەنجىرسىمان ئىجرائاتلىرىدىكى باشلىنىش نوقتىسى ئىدى.شۇڭىلاشقا ئۇ ئىسلام ھىجابىنى قەتئى چەكلىدى، ياۋرۇپاچە پورمىلارنى كېيىشكە مەجبۇرلىدى، بىر قانچە يىلغىچە روزى ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، مۇسۇلمانلارنى ھەج قىلىشتىن چەكلىدى، بىر قانچە مەسجىدلەرنى تاقىدى، ”ئايا سوفىيا“ چوڭ مەسجىدنى چىركاۋغا ئاندىن كېيىن ئامبارغا ئايلاندۇردى. شۇنداقلا مۇسۇلمان ئايالنىڭ كاپىرلار بىلەن توي قىلىشىغا يول قويدى، جۈمە كۈندىكى دەم ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەكشەنبە كۈنىنى بەلگىلەپ قويدى، مۇسۇلمانلارنى جۈمە نامىزى ئوقۇشتىن چەكلدى، نامازغا ئەرەبچە ئەزان ئېيتىشنى توسۇپ، تۈركچە ئېتىلىشىنى شەرت قىلدى، يېزىقتىكى ئەرەب ھەرىپلىرىنى بىكار قىلىپ، لاتىن ھەرىپلىرىنى ئالماشتۇردى.
دېمەك، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئىسلام ئاساسىدىن پۈتۈن كىسىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىدى.
ئۇ مەلئۇن تۈركىيە قانۇنىدىكى:“دۆلەتنىڭ دىنى ئىسلام“ دېگەن ماددىنى 1928- يىلى بىكار قىلىپ تاشلىدى ۋە تۈركىيەنى ئىلمانى دۆلەت دەپ ئىلان قىلدى. شەرىئەت(ئىسلام قانۇن) نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىتالىيە ۋە شىۋىتسارىيە قانۇنلىرىنى ئالماشتۇردى، شەيخۇل ئىسلاملىق مەنسىپىنى يوقاتتى، ئالىملارنى سەللە ئورنىغا شىلەپە كېيىشكە زورلىدى، ھىجىريە كالىندارىنى بىكار قىلدى، مۇرتەدلىكنى مۇباھ قىلدى(يەنى قانۇنلۇق قىلدى)، مىراس تۈزۈمىدە ئەر ۋە ئايالنى باراۋەر قىلدى، 1932- يىلدىكى ئىنقىلابقا قارىشى چىقتى دېگەن باھانە بىلەن 150 دىن كۆپرەك ئالىملارنى ۋە سىياسى دۆلەت ئەربابلىرىنى ئۇجۇقتۇرۋەتتى. ئۆز ئىسمىدىن مۇستاپا دېگەن سۆزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ كامال دېگەن سۆز بىلەن كۇپايىلەندى.
مۇستاپا كامال 1937- يىلى ئۆلدى، ئۇ ئايالسىز ۋە پەرزەنتسىز ياشىدى، ئۇنىڭ ئايالى ”لەتىپە خانىم“ ئۇنىڭ بىلەن ئاران بىر يىل سەۋر قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بۇزۇق ۋە پاسىقلىقىغا چىدىيالماي ئاجرىشىپ كەتتى، چۈنكى مۇستاپا كامالنىڭ تۇرالغۇسى ھاراق ۋە جالاپلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى.
بۇ يەھۇدى ۋە پاھىشۋازنىڭ بالىسى ئۆلىدىغان چاغدا، ئەنگىلىيەنىڭ كونسۇلىنى قەسرىگە چاقىرىپ، ئۇنىڭ تۈركىيەگە رەئىس بولۇش تەكلىۋىنى ئوتتۇرغا قويغان. چۈنكى ئۇنىڭ جۇمھۇرىيەت رەئىسلىكىدىكى ھوقۇقى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى كىمنى رەئىسلىككە تاللاش ھوقۇقى بار ئىدى، لېكىن ئەنگىلىيە كونسۇلى بۇ مەنسەپنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆلگەن چاغدا ئۇنىڭ قوماندانلىرى ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرەمدۇق ياكى چۈشۈرمەمدۇق دەپ تالىشىپ قالغان.
مەنبە،،
http://yahshilar.com/?p=186
مەيلى مۇستافا كامال ماسۇن بولسۇن ۋە ياكى دىنسىز بولسۇن ،يەنىلا تۈركىيە مۇستەققىللىقىدىكى بۈيۈك بىر ئەزىمەتتۇر.