مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: maykol0998

بۈۋى پاتىمە ۋە ئۇنىڭ تويلۇقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 09:48:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىنەستە يوللىغان ۋاقتى  2012-2-14 12:02 AM
باشقىلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشى سىزنىڭ روھىيەتتە باشقىلار ...

مەلۇم نەرسىلەردىن مەھرۇم قالسىڭىز ، كېلەر قېتىم يەنە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشاراق نەرسىلەرگە ئېرىشىىشىڭىز مۈمكىن دەپ تەسەللى بىرىش كۈچلۈكلەرنىڭ ۋاستىسىمۇ ئەمەس. پەقەت ھايات قانۇنيىتى.


بۇ قۇرلارنى ئاللاھنىڭ تەقدىرى ئەزەللىسىگە چۈشۈرۈپ باقايلى !
‹ قايسى بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ھالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمەيدىكەن ، ئاللاھ ئۇنىڭ ھالىقنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ ›
ياخشى قىسمەتلىك تەقدىر پەقەت ئىلگىركى خاتالىق ، ئوڭۇشسىزلىقلاردىن تەۋبە قىلغان ، ياخشىلىققا قايتقان كىشىلەرگە مەنسۈپتۇر !
قېنى كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تىلەيدۇ ؟

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 01:30:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ئىنكاسلاردىن خۇلاسىلەپ باقايلىمۇ ؟
ئوغۇللار ئوغۇل ھالىتىدە قانداق ۋە ئەر بولغاندىن كىيىن قانداق خۇسۇسىيەتتە بولىشى ، ۋە قىزلار قىز ھالىتىدە قانداق ۋە ئايال بولغاندىن كىيىنكى خۇسۇسىيىتى قانداق بولىشى توغرىسىدا ئالدى بىلەن ئۆز چۈشەنچەمنى بايان بىرىپ باقاي .
پۈتۈن ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدى شۇ بولىشىكى ، ئەرلەرنىڭ ھەقىقىي ئەركەك بولىشى ! ئاللاھنىڭمۇ بىز ئىنسانلاردىن تىلىگىنىمۇ ئەنە شۇ ھەقىقىي ئەركەك ، ۋە شۇ خىل قىممەتتە بولۇشىمىزنى كۈتمەكتۇر . بۇۋەدىكى ئەركەكلىك مۇنبەردىكى خەت - جۈملىلەر بىلەن ، ياكى ئاغزىمىزدىكى پاراڭ گەپلەر بىلەن ئەمەس بەلكى شۇ خىل سۆز - جۈملىلەرنىڭ ۋە رىئارللىقتىكى گەپ - پاراڭلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيلىتىمىزدە كۆرۈنىشى ۋە بىزدە شۇ خىل تەقۋالىق لىباسى مۇجەسسەملىنىشى ، ھەر بىر ئىش - ئىزلىرىمىزدا تەقۋالىقتا سەمىمىيەتچىلىكتە بولۇش بىلەن ھەر ۋاقىت تەقۋادار ( يەنى ، دار - تەقۋالىققا مۇخالىپ كېلىدىغان ئىش بولۇپ قالسا ئۇنى قىلمايدىغان ۋە پەقەت تەقۋالىققا چۈشۈرۈش بىلەن ھەر ۋاقىت ياخشى خىسلەت بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغان )  لىق ئىچىدە بولۇشتەك قىممەتنى قولغا كەلتۈرمەكنى تىلىمەكتۇر !
ئەگەر سىز بىر ئائىلىدىن بىر تەقۋادار ئىنسان چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىسىڭىز ، سىز ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئەڭ چوڭ ھۆرمىتىڭىزنى قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ . ھەتتە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى نادان ، ھاماقەت بولسىمۇ ، باي - گاداي بولسىمۇ ! ۋە شۇ تەقۋادارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياخشىللىرىنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق شۇ خىل باھايىڭىزنى بىرىشىڭىز كېرەككى ، بىر تەقۋادار ئۆزى بىۋاستە ھەرگىزمۇ تەقۋادار بولالمايدۇ . ئۇنىڭ ئارقىسىدا كۆپلىگەن شۇ خىل قىممەتنى قوللىغۇچىلىرى ۋە ياردەم بەرگۈچىلىرى بولىدۇ . ‹‹ تەقۋادارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاتا - ئانىسىغا ئەڭ چوڭ ھۆرمىتىڭىزنى قىلىشىڭىز كېرەك ››  دېگىنىمنىڭ سەۋەبى شۇكى ، تەقۋادار بولغان كىشى تېپىلىشىدىن ئىسلامنىڭ ئۈستىگە ، ئەڭ قىممەتلىك ، ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ ئېغىر بولغان ۋەزىپىنىڭ ، ئامانەتنىڭ ئۈستىگە تۇغۇلغان تېپىلغان بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاتا - ئانا بولغۇچى ئەڭ كۆپ بەدەللەرنى تۆلىگەن بولىدۇ . ئىسىمىزدە بولسۇنكى ، زاكات بىرەلەيدىغان تۇرۇقلۇق زاكات بەرمىگەن مۇسۇلماننىڭ قوروسىدا تەقۋادار بولمايدۇ ۋە تەقۋادارلىققا ئائىت قىممەت ئاشمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن باي بولسا زاكات بەرمەيدىغان كىشىلەرنىڭ پۇشتىدىن تەقۋالىققا خاس بەندە تۇغۇلغان بولسا ئاللاھ شۇ كىشىگە زاكات بىرەلىگۈدەك نىمەت ئاتا قىلمايدۇ ۋە ئاتا قىلسىمۇ چاپسانلا ئۇلاردىن كۆتىرىۋېتىدۇ . چۈنكى ئۇلار شۇ خىل ئامانەتنى ئالغان ۋە شۇنى تىلىگەنلىكتىن . كۆپىنچە كىشىلىرىمىز بۇ خىل تەقدىرى سىرنى بىلمەيدۇ ، شۇ سەۋەبتىن تولا ھاللاردا ئاللاھقا خۇسۇمەت قىلىشىپ قويىدۇ . ئاللاھ بىلمەي تۇرۇپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان ۋە كىيىن ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كىيىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى ئىنتايىن چاپسان قۇبۇل قىلىدۇ . ( بۇۋەدىكى ، زاكات بەرمەيدىغان ئاتىدىن تېنىش دەپ ئۇدۇللا چۈشىنىۋالسىڭىز بولمايدۇ ھە . سىز ھەقىقىي تەقۋادارلىققا ئائىت قىممەتنى تۇنىغۇچە ، شۇنچىلىك ئىلىمگە ئىگە بولغۇچە چوقۇمكى ئاتا - ئانىڭىزغا يۆلىنىشىڭىز كېرەك . خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك . ئاۋال ئاتىمىز گەرچە بۇت ياسايدىغان بولسىمۇ شۇ خىل قورغاندا يارىتىلغان بولساق ھەم شۇ قورغان ئىچىدە شۇ خىل قىممەتكە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ھەق كالامىغا تۇنۇش قىلىشىمىز كېرەك . ئاندىن ئاتىلىرىمىزغا ئاشكارا ھەقنى بايان قىلىشىمىز كېرەك . ئۇلار قۇبۇل قىلمىغاندا ئاندىن ئۇلاردىن قايتىشىمىز كېرەك . ھازىر نۇرغۇنلىغان ھاماقەتلەر ھېچ ئىلىمسىز ، بىلىمسىز ۋە تەقۋالىققا ئالاقىدار قىممەتسىزلا ئۆزلىرىنى تەقۋالىق ئورنىدا دەپ تۇنۇپ قېلىش بىلەن ھالالنى ھارام قىلىۋېلىپ ئۆزلىرىگە تولىمۇ زۇلۇم قىلىشىۋاتىدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان ھەقسىز موللىچاقلار ئۆزلىرىنىلا ئەمەس ئۆزلىرىگە قېتىپ ئۇلارنى ھە دەپ ئېزىقتۇرۇشنىڭ كويىدا بولىشىۋاتىدۇ ۋە شۇنى تىلەۋاتىدۇ . بۇ توغرىسىدا كىيىنچە يەنە توختىلارمىز ! )
شۇنىڭدەك تەقۋادارلىق بىر كىشىنىڭ تىرىشىشى بىلەنلا قولغا كېلىدىغان نېمەت ئەمەس . كىمكى  تەقۋادار ئىكەن ، ئۇنىڭدا ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ھەم تىرىشچانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر قوللىغۇچىلىرى سەۋەبلىك بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتائالا ئېيتتىقكى : ‹‹ تەقۋادارلارنىڭ ئاتىللىرىنىڭ ، خوتۇنلىرىنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىنىڭ ياخشىلىرى جەننەتكە كىرىدۇ ›› . بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر . تەقۋادار ئىكەن ، ئۇ شۇ خىل تەقۋالىققا تۇغۇلما ھىرىس ، تۇغۇلما مۇھەببەتلىك ، شۇ خىل قىممەتكە ئىشتىياق باغلايدىغان تۇغۇلىدۇ ۋە شۇ خىل قىممەت ئىچىدە دۇنيادىن ئۆتىدۇ . ئۇنىڭ ئاتىللىرىنىڭ ، خوتۇنلىرىنىڭ ۋە ئەۋلادىنىڭ ياخشىلىرى بولسا ئۇنىڭ شۇ خىل قىممىتىگە ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ۋە خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلغان ، قوللىغان ۋە شۇنى تىلىگەن بولىدۇ . ئاياللار ھەر قانچە قىلسىمۇ تەقۋادار بولالمايدۇ . چۈنكى ئۇلار روھىي بېسىمغا ئەرلەردەك بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ . شۇ ۋەجىدىن پەيغەمبەرلەر پەقەت ئەرلەردىنلا كەلگەن . ئەمما ئاياللار سالىھ بولالايدۇكى ، ئەگەر بىر تەقۋادار ئەرنىڭ نىكاھىدا بىر سالىھ ئايال بولىدىكەن ، ئۇ كىشى ئىككىنچى خوتۇنغا تولىمۇ بەك ئېھتىياجلىق بولمايدۇ . ئەگەر ئۇ تەقۋادار كىشى ئىجتىھاتچان بولغان ئىكەن ، بىر سالىھ ئايالمۇ ئۇنىڭغا تولۇق رەۋىشتە ياردەمدە بولالمايدۇ . چۈنكى ئىجتىھاتچى تەقۋادارنىڭ ھۈجەيرىلىرى قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولۇپ ، ئەگەر ئۇ كىشى ئىجتىھاتتىن بىر نەچچە ۋاقىت توختايدىغان بولسا ئۇ چوقۇمكى ئېغىر ئىبادەتلەرگە ، ئېغىر ئەمگەكلەرگە ئۆزىنى ئۇرمىسا ئۇنى ئاياللارغا بولغان كۈچلۈك شەھۋەت بېسىۋالىدۇ . ئۇ كىشى يەنىمۇ ئىجتىھاد قىلىمەن دەيدىكەن . ئېغىر ئەمگەككە ئۆزىنى ئۇرىشى توغرا ئەمەس . كۆپ ئىبادەتلەرگە ئۆزىنى ئۇرغان تەقىردىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئايالغا بولغان شەھۋىتى يەنىلا كۈچلۈك بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇ ناخشا - مۇزىكا ئاڭلاش ، يۇمۇر ئاڭلاپ ئىچىدىن تېلىقىپ كۈلۈش ، باشقا ئاياللارنى ئويلاش ۋە رەسىمىنى ، فىلىمىنى كۆرۈش بىلەن ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان شەھۋەتنى كىسىدىغان ئەمەللەردە بولماسلىقى ۋە ئۇلاردىن يىراق تۇرىشى كېرەك بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا بىر يول قالغان بولۇپ ، ئۇ بولسىمۇ شۇ خىل قىممىتىنى ئايالغا بىرىش بىلەن قاندۇرۇش ! شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسۇللاھقا ئاياللار چىرايلىق كۆرسىتىلگەن . ئەگەر ئۇ بارلىق ۋەھىيلەر ئۈزۈلۈپ تۈگىگەندىن كىيىن يەنە بىر قانچە ۋاقىت ياشىغان بولسا ئىدى ، ئۇنىڭغا يەنە ئاز دىگەندە ئون ئايالنى قېتىشقا توغرا كېلەتتى . بۇ خىل مەۋقەنى پەقەت مۇشۇ خىل قورغانغا كىرگەنلەر ۋە چىن چۈشەنگەنلەر ئىشىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقىسى بولسا ، رۇسۇللاھنى ‹‹ خوتۇن پۇرۇش ›› دەپلا ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئىتىدۇ . ئەمەلىيەتتە شۇ ئەبگالار  ئاللاھنىڭ كۈچلۈك ۋەھىيسىنى ئەمەس مۇنداقراق بىرەر چۈشنى كۆرسىمۇ پۇت - قولىدا جان يوق تىتىرەپ كېتىشىدۇ . ئۇلار ئويلانمايدۇكى ، رۇسۇللاھدىكى جىنلار بىلەن قارشىلىشىش ۋە ئۇلارنى تۇتىۋېلىش ، پەرىشتىنى كۆرۈش ۋە شۇ ۋاقىتتىكى زىلزىلىگە بەرداشلىق بىرىشتەك ، شۇنچىۋالا دىشۋارچىلىقلارغا قالسىمۇ يەنىلا ئۆزىنى توختىتىۋالغان ھاللاردا توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان قانداق ئىمتىياز ئۇ ؟ دەپ پىكىر قىلمايدىغان . ئۇلار شۇ ئىش ئۈستىدە تەتقىق قىلماستىن پەقەت يۈزەكى گۇمان بىلەن ‹‹ شۇنداق بولىشى مۇمكىن ›› دەپلا توختايدۇ . بۇ پەقەت قۇسۇرچى ئەبگالارنىڭ خۇسۇسىيىتى - خالاس !
كىيىن بۈگۈنكى كۆپلىگەن موللىلار ، ئختىھاتچىلار دۇنيالىققا بىرىلىش قىلىدۇ . شۇ خىل قىممەتتىن توختايدۇ ۋە ئىلگىركى قۇۋۋىتى بىلەن توختاپ قېلىش بىلەن ، ناگاھان ئىلگىركى ئورنىدا قېتىپ قالىدۇكى ، كىيىنكى ھەقىقەتكە ئۆتەلمەيدۇ ۋە ئىنكار قىلىدۇ . ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ . ئۇلار ھەتتە مۇسرىكلاردىنمۇ بەكرەك ھاياتلىقنى ياخشى كۆرىدۇ . ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا ‹‹ ئەگەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر بىزگە ئەمەس سىلەرگە خاس بولسا ، كېلىڭلار ، ئاللاھدىن ئۈلۈمىمىزنى تىلەپ باقايلى ! ›› دىگەن مەزمۇندا مۇنازىرە قىلىنىدۇ .   
ئەنە شۇ ۋاقىتتا بۇ خىل قىممەتنىڭ ئەسلى نەتىجىسىنى كۆرسەڭلەر بولىدۇ !
ئايال كىشىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ پەللىلىك تەرەپلىرى باردۇر . يەنى ، ئۇ بويتاق ھالەتتە ئۆزىنىڭ ئۆيىنى سۈپۈرگەن بولسا ، سەدىقە قىلدى دەپ يېزىلىدۇ . ئۆزىدىن باشقىلارغا قىلغان بولسا سىلە - رەھىم قىلدى دەپ پۈتىلىدۇ . ئەگەر ئۇ ئۆز ئىرىنىڭ ئۆيىدە شۇنچىلىك بىر ئەمەلنى قىلغان بولسا ئىبادەت قىلدى دەپ يېزىلىدۇ . بىر ئەمەلنىڭ شۇنىڭدەك تىگىشلىك ئورنىلىرى باردۇر ۋە ئۆز نۆۋىتىدە قىممىتى باردۇر . قېنى كىملەرگە قايسى خىل قىممەت لازىم بولسا تاللىۋالسۇن !!!
ئىنسان ياشىغان ئىكەن ، ئۇ قايسى يولنى تاللاش ، قايسى خىل ئەمەللەرنى قىلىشنى ئىختىيار قىلىش ، قايسى خىل ئۆلۈمنى تاللاشتا پىكىر قىلمىقى لازىمدۇر . چۈنكى ئاخىرەتتىكى جەننەتنىڭ ئورنى ھەم باشقا - باشقا ئىمتىياز ئىچىدە ۋە مەڭگۈلۈك دەپ بىكىتىلگەن ( رەھمان سۈرىسىسدە ) تۆت جەننەتتىن بىشارەت بىرىلىدۇ . بۇلارغا كۆپ ساۋابلىق ۋە تىگىشلىك قىممەتلىك كىشىلەر ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ . كىمكى مۇشۇ دۇنيادا قانچىلىك ئىشلەشتە بولسا شۇنچە كەڭ زېمىنغا ، ئارام - بەخىش قورغانلىرىغا يەتكەندەك ، ئاخىرەتمۇ ھەم شۇ خىل قىممەتكە ئىشەنگەنلەرگە قارىتا ھەم شۇنداقتۇر ! ئاياللار شۇ خىل ماقامغا بىۋاستە يىتەلمىگەن بولسا چوقۇمكى بىر ۋاستە ئارقىلىق يەتمىكى لازىمدۇر . ئۇ بولسىمۇ ئۆزى سالىھ بولۇش ۋە ئۆز يولدىشىنى تەقۋادار بولۇشقا سىلجىتىش ۋە تەقۋادارلىق قىممىتىنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىش ، ھەر ۋاقىت شۇ خىل قىممەتنى ساقلاپ قالماقنى تىلەشتىن ئىبارەتتۇر . ياخشى كىشىلەر ھەم ھالال ياشاش ۋە ھالال ياشىغانلارنى قوللاش ، تەقۋادارلىققا ياردەم قىلىشتەك ئەمەللەرنى مۇمكىن بولسا ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن تىلىشى ، پەقەت بولمىسا ئۆزلىرىنىڭ شۇ خىل ئەمەللەردە بولىشىنى ئاللاھدىن تەلەپ قىلىپ ئۈمىد قىلىشى لازىمدۇر ! بۇ خىل قىممەتنى پەقەت تەييار تاپچىلارلا ئارزۇ قىلىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل سۈپەت پالەچ ، ئاقساق - چولاقلارغا خاستۇر . قديسى بىر سالامەت بۇ خىل قورغاندا كىرىۋالىدىكەن ، شۇلار قاتارىدىن سانالغۇسىدۇر ۋە بىراۋ ئۇنى شۇنداق سۈپەتلىسە ھېچ ئاغرىنمىسۇن ۋە ئاغرىنىشقا ھەققىمۇ يوق . چۈنكى ئۇ شۇلار بىلەن بىللە بولۇشنى ئاشكارا ھاللاردا ئىختىيار قىلدى .
ئاللاھنىڭ ئىنسانلاردىن تىلىگىنى مانا مۇشۇ قىممەتتۇر . بۇلاردا ھەققانىيەت ، ھەقىقەت ، ئىسلام ۋە دىن ، ئىمان ، غورور ، ۋىجدان ، ئىلىم ، ئەقىل ، تەپەككۇر ، روھىيەت قىممىتى ، جىنسىيەت قىممىتى ، ئىنسانىي قىممىتى مۇكەممەل بولغان بولىدۇ . مانا بۇلاردىكى بۇ خىل قىممەت ھېچ بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىيىتىگە مۇھتاج ئەمەس ، ۋە لېكىن ، ئۇلار قايسى بىر زامان - ماكانغا ئۇلاشمىسۇن ، ئۇ شۇ زامان - ماكاننىڭ خىلى ، قىممىتى ، ئۈلگىسى بولغۇسىدۇر ! چۈنكى بارلىق قانۇن ئىنسانىيەتنىڭ شۇ خىل قىممەتكە يەتمەكنى تىلىگەن ئاساستا تۈزۈلگەندۇر . مانا مۇشۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسىدۇر .
ئى ئاياللار جامائەسى ! ئويلىنىپ بېقىڭلاركى ، ئۆز ۋاقتىدا ، يەنى بۇنىڭدىن 1400 يىل ئىلگىرى باي بىر ئايال 26 ياشلىق بىر يىگىتكە ئەلچى ئەۋەتىدۇ . ئۇ بۇ 26 ياشلىق يىگىتنىڭ قەيىرىگە قىزىقىدۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ يىگىت بىر يىتىم بالا بولۇپ ، ھېچ مال - مۈلكى يوق ئىدى . ۋەھالەنكى ئۇ ئايالغا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى  ئەلچىلەرنىڭ كىرمەي قالغىنى يوق . پەقەت ئۇ بىر نەرسىنى ئىزلەۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئىزلەۋاتقىنى ئۆزىدىن ئون نەچچە ياش كىچىك بىر يىگىتتىن چىقىپ قالىدۇ ۋە شۇ يىگىتكە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆزى بىلەن نىكاھتا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . يىگىتمۇ ئۇ ئايالغا رازى بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە يىگىتمۇ ئۆيلىنەلمەسلىكتە ئۇنچە نامراتلاردىنمۇ ، ناچار كىشىلەردىنمۇ ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ جەمەتى شۇ دىياردا يۇقىرى ئابرۇيلۇقلاردىن ئىدى . ئەمما بۇ نىكاھ قۇشۇلۇپ قالدى . بۇ يەردىكى نىكاھ تاللاشتا ئىنسان يېشىدىكى چوڭ - كىچىكلىك ، ياكى باي - نامراتلىق كۆزدە تۇتۇلمىدى . پەقەت ئىنسانىي قىممەت كۆزدە تۇتۇلدى . شۇ ۋەجىدىن نىكاھ قىلىنىپ ئائىلە قۇرۇلدى . ئۇ ئىككى بىر جۈپ كىيىنكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ( س ، ئە ، ۋ ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن خەدىچە ئانىمىز ئىدى . خەدىچە ئانىمىزنىڭ كىيىنكى رۇسۇللاھ رۇسۇللاھ بولغاندىن كىيىنكى ياردەم بىرىشى ۋە ئۇنى چىن قوللاشلىرىدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى ، خەدىچە ئانىمىزدا تەسەۋۋۇپ ئىلمىسى يۇقىرى ۋە ئىنجىلغا ئالىم تاغىسىنىڭ يىتەكلىشىدە ئاللاھنىڭ نۇرغۇنلىغان تەقدىرى - قورغانلىرىنىڭ سىر - ھېكمەتلىرىگە شۇ ۋاقىتلاردىنلا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە شۇنى تىلەيدىغانلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ . خەدىچە ئانىمىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ، يەنى رۇسۇللاھ رۇسۇللاھ بولۇشتىن 14 يىل ئىلگىرىلا يىتىلگەن قىممەت ئىلمىسى بۈگۈنكى قايسى بۈۋىلەردە ، قايسى سالىھ ئاياللاردا تېپىلىدۇ ؟ ھەتتە قانچىلىك ئەرلەردە ھەم تېپىلىدۇ ؟ بۇ بەكلا ئاز ! ۋەھالەنكى شۇ خىل قىممەت نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا بارلىققا كەلگەن . بۇ كىتابلاردا ساقلانغان . ئەمما كۆپىنچە كىشىلىرىمىز بۇ خىل قىممەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىنەلمىگەن ۋە چىن ئىشىنىش بىلەن قۇبۇلمۇ قىلالمىغان . ئاقىۋەت جەمىيىتىمىز مانا مۇشىنىڭدەك نىكاھتا ئۇنىڭ - بۇنىڭ تۇرمىشىغا قاراپ ئۆزىنى بېقىنداشنى ، ناۋادا ئاجىرىشىپ كىتىپ قالسام قۇرۇق قالماي دىگەننى ئۈمىد قىلماققا ئۆتكەن ۋە كۆپلىگەن ئاتا - ئانىلارمۇ مۇشۇ خىل تىلەكلەردە بولۇشنى ئىختىيار قىلغان . بۇۋەدىكى بۇ خىل پاسات نېمە ئۈچۈن كۆتىرىلىدۇ ؟ دىگەندە ، ئاللاھقا ئىشەنمەسلىك ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەسلىكتىن ئاللاھنىڭ ۋەدىسى قورغانىدىن ئۈمىدتى ئۈزۈشتەك خاھىشى تەبىئى يىتىلىپ كەتكەن . ئەنە شۇ خىل باتىل ئەقىدىلەر بىلەن نىكاھقا مۇلاقات بولغانلىقتىن ، ئۇنىڭمۇ ئاقىۋېتى ئەنە شۇنىڭدەك ئاخىرلاشقان . چۈنكى سۇنىڭ بېشى لاي بولسا ئاخىرىمۇ لاي بولماي قانداق بولىدۇ ؟! ھازىر ئەمدى بىر ئەركەك خوتۇن ئالدىممىكى  دېسە ، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن تەڭ ئېلىپ قېلىۋاتقان ۋە ئۇرۇغ - تۇققانلىرى بىلەن تەڭ بىر مۇنچە كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنىپ قالغان . بۇنىڭ ئەينىكى ئېنىقكى ، خوتۇننى ئالغان ئادەم شۇلارنىڭ ھەققە قارشى چات كېرىۋېلىشى بىلەن ياكى توغرا يولغا باشلىيالماي قالغان ۋە ئازراق كۆڭۈل ئاغرىقى بولسا خوتۇن بولغان كىشىمۇ ياكى دەردىنى ئاللاھنى تۇنىمىغاندىكىن ئاللاھقا ئېيتالماي ، ئۇنىڭ دەرت تۆككەن كىشىلىرى ؛ بولۇپمۇ ئانىسى ياكى ھەقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئاساستا ھايۋانىي قىممەت بۇيىچە يەنىلا ئۆز دېپىغا ئۇسۇلغا سالماقنى تىلىگەن . ئىككى كىشىنىڭ نىكاھىغا بىر مۇنچە كىشىلەرنى قېتىلىۋېلىشى بىلەن ئاقىۋەتتە ئاجىرىشىشتىن باشقا يول قالمىغان . مانا بۇ خىل نىكاھ ئارىدا قالغانلىقنىڭ ھەممىسى شۇ ئائىلىلەردە ئاياللار ھوقوقدار بولىۋالغاننىڭ ۋە ئەرلەرمۇ ئاياللىق  خۇسۇسىيەت چاپىنىغا ئورىنىۋالغانلىقتىن بولىۋاتىدۇ . ‹‹ دۇنيا ئەر ! دەپ ۋاقىراۋاتىدۇ !!! ›› دەيمىزۇ ، شۇ خىل شۇئارنى توۋلاۋاتقانلار يېقىنىدىكى شۇ خىل ئەرسىزلىككە ئېلىپ ماڭىدىغان تۇرمۇشتىن ، قورغاندىن قۇتۇلاي دېسە ، بىر - ئىككى بالاڭ بولغاندىكىن ئۆيۈڭنى تۇت دېگەن . چىداپ تۇرالماي بالىنى يىتىم قىلىپ بولسىمۇ شۇ قورغاندىن چىقسا نامەرت ئاتالغان . شۇ خىل نامەرت بولماي ئەمىسە دېسە ،- ئەر بولۇشمامسەنۋا ھېجىقىزلار - دىيىشكەن . بۇنىڭدەك ئاھانەتكە تېخى يولۇقمىغانلار بولسا مۇشۇ خىل توي سېلىقىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ‹‹ بوپتۇ ›› دەپ ئۆي تۇتۇشقا مەجبۇر بولغان . چۈنكى ئۇنى قويىۋەتسە كىم ئەرزان تىگىدۇ ئۇنىڭغا ؟ بۈگۈنكى بۇ جەمىيەتتە بىر بۆلىكىدىن قۇتۇلسا يەنە بىر بۆلىكىگە تۇتۇلغان . ئادەم بولغانغا تويدۇرۇشتۇڭ جۇمۇ ۋە جەمىيەت !!!
داۋامى بار !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6624
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 03:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ خالىسا مەن ياخشى كۆ رسەم ھەم ئۇمۇ ياخشى كۆرسە ،مەن ھەرگىز تويلۇقنى جىق سالمايمەن ،،،،،خا...خا  :qiray126

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6624
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 03:50:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھلالە يوللىغان ۋاقتى  2012-2-12 07:40 PM
قانداق قىلمە گەپ قىلمىسا يۈزى قىلنلىق قىلىپ قىز بالغى ...

دىگىنىڭىز توغرا ،بار گۇناھنى  قىزلاغىلا قۇيماي ئوغۇللادىمۇ كۆرۇش كېرەك ..،بەزى ئوغۇللا رۋە شۇ ئوغۇلنىڭ ئاتا ئانىسى قىز بالىنىڭ خىزمىتى بارمۇ يوقمۇ ؟ كەسپى نىمە ؟شۇنىڭغا قارايدىكەن ،خىزمىتى بولمىسا شۇنى بانا قىلىپ ئايرىۋېتىدىكەن ،ئەسلى ئەلمۇساقتىن تارتىپ  ئايال كىشى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يولدىشىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى ،ھازىر نىم بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ،قىزلاغىمۇ خىزمىتى بۇلىشى تەلەپ قىلنىۋاتىدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74916
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-2-6
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 04:05:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ قىزلاردا ئەمەس باققان ئاتا ئانىدا ....ئاتا -ئانا قىزىغا نەسىھەت قىلىپ تۇرسا  مۇشۇنداق ،ئىشلارمۇ بولمايدۇ.

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 04:42:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتتە ئاجىرىشىش ئۇنچە بەك قورقۇنۇچلۇق ئىشمۇ ئەمەس . مۇشۇ خىل مەۋقەدىن مەردانە قەلىب ئەركەكلىرىنى توسۇش ئۇلارنى تەتۈر قىينىغان بىلەن ئوخشاشتۇر . چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھاللاردا ئاجىرىشالايدۇ . ئاللاھتائالا مۆئمىنلەرنى ئىددىتىگە لايىق پەيتتە تالاق قىىلىشقا بۇيرىغان . ئاللاھنىڭ بۇ خىل بۇيرىشى مۇنداقلا بىر ئاچچىق بىلەن ئەمەس بەلكى ئاجىرىشىشقا ھەقىقىي چىن پۈتۈشكەن ھاللاردا ئاجىرىشىشنى كۆزدە تۇتقان . چۈنكى مۆئمىنلەر ئانداق ئاسان خوتۇن تالاق قىلمايدۇ . تالاق قىلىش چېكىگە يەتسە ئامال يوق ، ئاجىراشمىسا بولمايدۇ . ئاندىن بۇ ۋاقىتتا ئايالىنىڭ ئىددىتىگە قاراپ بېقىپ ئۇنىڭ بويىدا بولمىسا چىرايلىقچە ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلماي قويىۋېتىدۇ . بۇ خىل ئاجىرىشىشنىڭ خىيرىيىتى كۆپ بولىدۇ ۋە ئايالغا چاپسانلا ئەلچى كىرىدۇ . ئانداق بولماي جەڭگى - جېدەل بىلەن ئاجىرىشىپ سەتلىشىپ يۈزلىرىنى تۆكۈشۈپ ئاجىراشسا نەدىكەن ئۇنىڭغا ياخشى ئايال ۋە ياخشى ئەر ؟! نىكاھ ئىشى خۇددى ئافرىقى يايلىقىدىكى ھايۋانلارغا ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ . ھەر بىر جانىۋار ئۆزىنىڭ خىلى بىلەن ئۆتكۈسىدۇر . بۇنى ھەممە بىلىدۇ . ئى ئىنسانلار نىمە ئۆزەڭلەرنى ۋە باشقىلارنى ئىقتىسادقا قىستاپ قىينايسىلەر ؟ ھەممە ئۆزىنىڭ خىلىنى تاپسا ھەممىگە پايدا ئەمەسمۇ . نىكاھتا مەجبۇرلىنىدىغان كىشىلەر شۇنداق كىشىلەركى ، ھېچ بىر مەيدانى ، توغرا قارارى يوق كىشىلەر . ئۇلار ئادەم تاللىمايدۇ ، بەلكى نېمىنى خۇش كۆرسە شۇنى تاللايدۇ . ئۇلارغا بەخىت كېرەك ئەمەس بەلكى پەقەت تۇرمۇش كېرەك . ئۇلاردا باشقىلارنى سۈيۈش يوق ، شۇڭىلاشقا ئۇلارغا سۈيىلىشمۇ يوق . بۇنىڭدەك كىشىلەرنى نىكاھتىن ئاجىرىشىشتىن قەتئى تۇسۇيمىز . چۈنكى بۇلار قەيەرگىلا بارسا يەنىلا ئوخشاش ياخشىنىمۇ ياماننىڭ ئورنىدا قاتار تىزىۋېتىدۇ . ئەمما ، ئى ئىنسانىيەت ! ئەھۋال شۇنىڭدەك تۇرۇپ ئەرلىك قىممىتى بارلارنىڭ مەيدانىنى يوقۇتۇشقا تىرىشمايلى ! ئۇلارنى بولسا ئۈلگىلىك قىممەتكە سىلجىتايلى ! بالا ئەرنىڭ بولىدۇ ، ئايالنىڭ بولمايدۇ . ئاياللارمۇ بالىنى تالاشماي ئەرگە بىرىۋېتىلى . بۇ خىل قىممەت ھېچ بىر ۋاپاسىزلىقتىن ، ئىمانسىزلىقتىن بولمايدۇ . بەلكى ھەر ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن بولىدۇ . پەقەت ئەر تەرەپ ھېچ ئەرلىك قىممىتى بولمىسىلا ئاندىن ئايال تەرەپنىڭ ئېلىشىغا بولىدۇ . ئەمما ئاياللار بالىنى تالىشىپ ئېلىۋېلىپ يەنىلا ئەرلەرنى راسخوتتىن تەتۈر قىيناپ جاپا سالىدۇ . مۇشۇ ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى بىر پوقلا بولدىغۇ ھازىر . ئەرلەرنى پەقەت ھالاكەتكە قىستاشتىن باشقىنى تىلىمەستىن . ئەمەلىيەتتە ئاياللارغا بالا كېرەك ئەمەس بەلكى بالىلىق ئائىلە كېرەك بولىدۇ . ئۇلار ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرۈشتىن چەكلىگەن نەرسىلەرگە بىرىلىپ كەتكەن ۋە ياخشى كۆرۈش قىممىتى باشقا شەيئىلەرگە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكتىن ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۆچ بولۇپ قالدى ۋە ھېچ قايتقۇسى كەملەي قالدى . ئۇلارمۇ مۇشىنىڭدەك بىر ھالاكەت مەۋقەسىگە كېلىپ قالدى . مانا بۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر قەۋمى جەمىيىتىنىڭ ئەقىدە - ئېتىقادىنىڭ ۋە نۇرغۇن يىللار ئىشلىگەن نەتىجىسىنىڭ مەھسۇلى !!! قېنى ئەمدى بۇ ئۆزەڭ خالىغان ۋە ئۆزەڭ تىلىگەن قورغانلاردىن قانداق چىقىسەنكى كۈرۈپ باقايلى !!!
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ، ئەرنى يەر قىلغانمۇ يەنىلا شۇ خوتۇن !
خوتۇن نوچى بولسا ، ياخشى ، سالىھ بولسا ئۇنىڭ ئىرى بولغان كىشى چوقۇمكى نەتىجىلىك ، قىممەتلىك پەللىسىگە يەتكۈسىدۇر . ئەمما ئۇنداق بولماي ھوقوقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي ھوقوق تالىشىدىغان ، ئامانەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن ئامانەتنى كۆتىرىۋالىدىغان خوتۇن بولسا ئاقىۋەتتە شۇ ئەرنى يەرگە چىشلەتمەي قالمايدۇ . ‹‹ ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە تاپشۇرۇلمىغاندا ، قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ ›› دىگەنكى تەقدىرى قىسمەتتىن شۇنىڭدەك ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كۈتمەكتىن باشقا يول يوق . گەپ ئاڭلىمىدىڭ . ۋەز - نەسىھەتتىن قاچتىڭ . نېمىنى خۇش كۆرسەڭ شۇنى قىلدىڭ . ئەمدى تىلىگىنىڭگە يەتتىڭ . ئەمەلىيەتتە سەن نېمىلەرنى تىلەشنى بىلمەيتتىڭ . تولىمۇ ئەپسۇس ، ئەھۋالىڭ مارجان بۈۋى بولۇپ كىتىپمۇ يەنىلا ئۆزەڭنىڭكىنى توغرا تاپتىڭ . ئېرىڭنىڭ ئەرلىكى ئېرىڭنىڭ شۇنى تىلىگەنلىكى ۋە سېنىڭ شۇنى تىلىشىڭگە پۇرسەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى يەر قىلدىڭ، ئەمدى ئوغلۇڭ قالدى ۋە تەبىئى يىتىشىپ چىقتى . ئىيۇلدىن كىيىن كۆردۈققۇ ، ئەر - ئوغۇللىرىڭنىڭ چىرايىدا قان قالمىدى . مەنمۇ ئانامنىڭ تىلىگىنى بويىچە ماڭسام ئىدىم ، مەنمۇ سېنىڭ ئېرىڭگە ، بالاڭغا ئوخشاش تولاپ تىتىرەپ كەتكەن بولاتتىم . ھالا بۇ كۈنگە يەتكەندە قېنى كىملەر بۇ خىل ئەسەبىي يىرتقۇچلۇق قورغانىدىن بۆسۈپ چىقالايدۇ ؟ بۇ ئەسەبىي يىرتقۇچلۇقنى خالايدىكەن ، بۇنىڭدىن كىيىن ياكى ئۆزىنى تالايدۇ ياكى باشقىلارغا ئۆزىنى تالاتقۇزىدۇ . شۇنىڭغىچە پۇرسەت بار . قېنى كىم بۇ زىيانكارلىق ئۈستىدە ئوبدان پىكىر قىلىپ توغرا ھۆكۈم ئالالايدۇ ؟ ۋە ئۆزلىرىنى توغرىققا ئېلىپ چىقالايدۇ ؟ ئختىيار تاللاش ئۆز قولىدا . چۈنكى ھەر كىم قايسى ئېتىقادتا چۈشەنسۇن ، ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى ! تۆمۈچى نېمىنى خالىسا شۇنى سوقىدۇ . ئەمما لېكىن ، تۆمۈرچىنىڭ نىيىتى ياراتقۇچىسىنىڭ قولىدىدۇر . قېنى كىم ياراتقۇچىسىنى رازى قىلىدۇ ۋە توغرا نەرسىلەرنى تىلىيەلەيدۇ ؟
داۋامى بار !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63350
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1729
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1336 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 05:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تويلۇقنىڭ ئېغىرلاپ كىتىشى،ئاتا-ئانىلاردىكى ئابرويپەرەسلىك،قىز-يىگىتلەردىكى ۋاپاسىزلىق،نىكاھ كۆڭۈلسىزلىكى قاتارلىقلارنى پەقەت بىر تەرەپتىنلا كۆرۈشكە بولمايدۇ،بۇنىڭدا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار،قىزلار ئوغۇللارنى ئوغۇللار قىزلارنى تىللىغانغا ئىش ھەل بولمايدۇ،بەش قول تەڭ بولمىغاندەك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
مەن يىقىندا بىر نىكاھ مۇراسىمىغا قاتناشتىم،نىكاھ قىلغۇچى نىكاھ قىلىشتىن بۇرۇن تويلۇق بىرىش ۋە ئەر-ئايالنىڭ ھوقوقى مەجبۇرىيتى توغرىلىق سۆزلەپ تويلۇق توغرىسىدا «تويلۇق مەھرى ئۈچۈن ئايال كىشىگە تويلۇق بىرىش كىرەك،ھەر كىشى ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاز تاپالىسا ئاز،جىق تاپالىسا جىق بەرسە بولىدۇ»دىگەن گەپلەرنى قىلدى.
ئويلاپ باقسام بۇگەپلەرنىڭ داۋلىسى بار،ھەممەيلەن ئويلىنىشقا تىگىشلىككەن،ئىككى تەرەپ كىلىشىپ مۇۋاپىق ھەل قىلسىلا بولامدىكىن دەيمەن،تويلۇققا 5000كوي بىرەمدۇ ياكى 50000نى بىرەمدۇ بۇنى قىز-يىگىت ۋە قۇدا- باجىلار ئۆزلىرى ئەمىلى ئەھۋالغا ئاساسەن مەسلىھەت بىلەن كىلىشىپ توينى قىلسا(لىكىن يىگىت قانداق كەسپ بولسۇن ھالال پۇل تاپالىشى،ھورۇن ئاقنانچى بولماسلىقى كىرەك)تويدىن كىيىن تۇرمۇشى بەختلىك بولسىلا كەمنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەمدى تويدىن بۇرۇنقى چاقىرىش قاتارلىق ئادىمىگەرچىلىك ئىشلىرىغا كەلسەك قەشقەر تەرەپتە(يەكەن ناھىيە ئىچىدە) تويدىن بۇرۇن سۆز سىلىش(قىز-يىگىت پۈتۈشكەن بولسا بەزىلەر قالدۇرۋىتىدۇ)،ھەشقاللىسى ،نانلىق(تويلۇق پۇلنى بىرىپ توي ۋاقتىنى بىكىتىدىغان ئىش)،مەسلىھەت چاي،ئوغۇل تەرەپ چاقىرىش (كۆپىنچە تويدىن كىيىن چاقىرىدۇ) قاتارلىق بىر مۇنچە رەسمىيەتلىرى بار،ئەمدى بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر كىلىدىغىنى نانلىق قىلىش .
نانلىق قىلىدىغان ۋاقىتتا قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپتىن قانچە ئادەم كىلىدىغانلىقىنى ئۇقىۋىلىپ ئادەم سانىغا ئاساسەن تەييارلىق قىلىدۇ(5-45)،ئوغۇل تەرەپ ئۇرۇق-تۇققان،يىقىن خۇلۇم-خوشنا،دوست-بۇرادەر،خىزمەتداش قاتارلىق ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان(بەزى جايلاردا ئەرلەرمۇ كىلىدىكەن)تويلۇق ئاپىرىش گورپىسى قىزنىڭ ئۆيىدە چۈشتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكىچە مىھمان بولۇپ،يەپ بولالمىغانلىرىنى داستىخاندىكى ھۆل قۇرۇق يىمىشتىن تارتىپ ھىچنىمىنى قويماي زەللە قىلىپ ئالىدىكەن،ئىتىلىدىغان تاماق تۈرى 7-22خىلغىچە(مىنىڭ كۆرگىنىم)،زەللە ئىلىشقا 2دىن نان بىردىن سولياۋ خالتا ۋە كىچىك داستىخان،ئەلۋەتتە قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئاشپەز بولسىمۇ بۇنچە كۆپ تاماقنى ئىتىپ بولالمايدۇ-دە،شۇنىڭ بىلەن كەلگەن مىھمانلارنى كۈتۈشكە،بىللە ئولتۇرۇشۇپ بىرىشكە چاقىرىلغانلاردىن ئۆزى خالاپ بىرەردىن تاماقنى يىقىن بولسا ئۆيىدە ئىتىش ياكى بازاردىن ئەكىلىشكە مەسئۇل بولىدۇ،قىز تەرەپ بۇ كۈنى پايپىتەك بولۇپ مىھمان كۈتىدۇ،ئوغۇل تەرەپ ئاخىرىدا تويلۇقنى بىرىپ زەللىلىرىنى كۆتۈرۈپ كۆتۈرەلمىسە ماشىنا ئەكىلىپ ئىلىپ كىتىدۇ.
كەلەەن مىھمانغا تاماق قىلىش مىھماننىڭ ئۆرمىتى ساھىپخاننىڭ يۈزى لىكىن مۈشۈنچىلىك ئىسراپخورلۇق قىلغۇدەك بىز قانچىلىك ھاللىق سەۋىيەگە يىتىپ كەتتۇق،ئەڭ بولمىغاندا7-8 خىل تاماق ئەتسىمۇ بولىدىغۇ،بىزنىڭ ئادىمىگەرچىلىكىمىز مۇشۇمۇ؟
تويلۇقنىڭمۇ مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى،توينى قەرز ئىلىپ يۈرۈپ ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈپ،تويدىن كىيىن قەرزگە بوغۇلۇپ باشقىلارغا موھتاج بولغاننىڭ نىمە پايدىسى؟ھەممە ئىشنىڭ نورمال بولغىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟
شىمال تەرەپلەردە ھەممە رەسمىيەتنى ئاساسەن رىستۇراندىلا قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان نانلىقنى قانداق قىلىدىغاننى بىلمەيدىكەنمەن لىكىن مۇشۇ ئىسراپخورلۇق ئابرويپەرەسلىك تۈگىتىلسە بولاتتى(بەزى قىزلارنىڭ ئىغىزىدىن مۇشۇ نانلىقنى قىلماي 5000نى ئاز بەرسىمۇ مەيلى دەپ تىگەتتىم دىگەننىمۇ ئاڭلىدىم). بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ferdawishan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-14 05:25 PM  


سىنىڭ شاتلىغىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزاق،
مىنىڭ قايغۇلىرىم چەكسىزدۇر بىراق.
ھەم ئۇنىڭغا ھەم بۇنىڭغا تايانما چۈنكى،         ھەممىنى بۇپەلەك قىلۇر ئويۇنچۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42659
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1455
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 889 سائەت
تىزىم: 2011-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 05:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzumtal يوللىغان ۋاقتى  2012-2-12 09:38 PM
تولا يالۋۇرۇپمۇ ھاردۇق كۆزنەكجان !
  بىر قىسىم لاتا ب ...

ظصچصثصزنص تازا بوشصتصؤاپسصزغذ !

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9247
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 07:02:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىن داشلىرىم ناھايىتى ياخشى تىمايوللاپ سىلەر ھەم ياخشى ئىنكاس قايتۇرۇپ سىلەررەخمەت سىلەرگە

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 07:05:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-14 03:18 PM
ھازىرقى ئاتىلار خوتۇندىن قورقىدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھى ...

توغرا دەيسىز ،قوللايمەن !

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش