شاھلالە يوللىغان ۋاقتى 2012-2-15 08:06 PM
ما ئىنكاسلارنى كۆرۈپ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدىم كۆ ...
ئەسلى مەن ئاياللاردىن مۇنازىر تەلەپ قىلمايدىغان بولغانتىم مۇنبەردە . ئەمما بۇ تېما شۇنىڭغا قىستاپ قويدىغۇ ئەدەمنى ...
شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئىنكاستىكىلەر ئاللاھنىڭ مۇنۇ قورغانى رەھمىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن بولدىمۇ ؟
ئۇلار ( يەنى يۈسۈفنىڭ ئاكىلىرى ) : ‹‹ سەن راستلا يۈسۈفمۇ ؟ ›› دېدى . ئۇ : ‹‹ مەن يۈسۈف ، بۇ مېنىڭ ئىنىم . ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى . كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن ، سەۋر قىلىدىكەن ( مانا شۇنىڭدەك ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ ) ، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ ›› دېدى ( 90 يۈسۈف )
ئاللاھقا ئىشىنىش ئۈچۈن ئاۋال ئۇنى چۈشىنىش كېرەك . ئاللاھنى چۈشىنىش ئۇنىڭ كىتابلىرىغا ، كىتابلىرىدىكى ۋەدىلىرىگە ، تەقدىرى قورغانلىرىغا چىن پۈتۈش كېرەك . بۇ خىل چىنلىقتا بولۇش ئۈچۈن شۇ خىل قورغانى قىسمەتلەردە ئەمەلىي ھەركەتتە بولۇپ بېقىش كېرەك . ئەمەلىي ھەركەتتە بولۇش ئۈچۈن دىنىي چۈشەنچىسى ۋە شۇ خىل قىممەتلىك تەپچىپ تۇرىدىغان ئىزدىنىش مەۋقەسى بولىشى كېرەك . بۇ خىل مەۋقەدە مۇنتىزىم بولۇش ئۈچۈن شۇ كىشى كۆپلەپ پىكىر قىلىشى ۋە باشقا شەيئىلەرنى كۈزىتىشى كېرەك بولىدۇ . بۇ خىل قىممەتكە يەتمەك ئۈچۈن ئەقىلگە يەتمەك بولىدۇ . ئەقىلنى توغرا يۆنىلىشكە ئېلىپ ماڭماق ئۈچۈن نەپسىنى ، روھىيەتنى پاكلاش توغرا كېلىدۇ . بۇ پاكلىققا پەقەت ئەخلاقتا نەمۇنىلىققا يەتكەن كىشىلەرلا قولغا كەلتۈرەلەيدۇ . بۇ نەمۇنىلىق ئىنسانىي قىممىتى تەرەپكە يول ئالغان كىشىلەردە ئاشالايدۇ . بۇ خىل ئېشىش شۇ خىل قىممەتتە شۇ كىشىنى ۋە شۇ كىشى ئۆزىنى تەربىيلىنىشتىن ھاسىل بولىدۇ .
ئىنسان تۇغۇلۇپ تاكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ، ھىدايىتىگە ، ئايەتتە ئېيتىلغاندەك تەقدىرى قىممىتى پەللىسىگە يەتمەكتە شۇنىڭدەك سىنىپىي مەيدانلىرى ، قىسمەتلىرى ئىچىدە توغرا يۆلىنىشتە ئۈزۈپ شۇ خىل قىممەتكە يەتمىكى كېرەك بولىدۇ .
نىكاھ ئىشىدا دىندا شۇنىڭدەك كەڭ مەيدانلىق ئاسايىشلىق بىرىلگەن . پەقەت ھاماقەتلەرلا ، نادانلارلا شۇ خىل مەۋقەدىن توغرا پايدىلىنىش قىلماي ئۆزلىرىگە زالىم بولىدۇ .
ئاق تاماكىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغانلار ۋە ئاستا - ئاستا شۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالغانلار نەپسىنىڭ قۇلى بولغانلار . ئەمەلىيەتتە بەزى كىشىلەرگە دۇرىلىق قىممىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىنىگە ئاشىق بولىۋېلىش بىلەن ئۆزىنىڭ تېنى ۋە روھىيىتىنى چىرىتىۋالدى .
سېھىر ئىلمىسىگە بىرىلىپ پال ، ئىسىتقۇلۇق ئىشلىرى بىلەن ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلەرگە بىرىلىپ كەتكەن ۋە جەمىيەتتە مۇشۇ خىل يامانلىقنى تارقاتقانلارمۇ يەنىلا نەپسىگە قۇل بولغانلار بولۇپ ، شۇ خىل ئىشلارنىڭ قىممىتىگە خۇمار بولۇپ قالغان ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭدىن تارتالمىغان . ئەمەلىيەتتە سېھىر ھارام ئەمەس ئىدى . ئەمما ئۇنى شۇنىڭدەك يامان يوللارغا ئىشلىتىش بىلەن ئىنسان ئۆزىگە زۇلۇم قىلىۋالدى . بۇلار ئەمەلىيەتتە بىر ئەقىدىلىك كىشىلەر .
نىكاھ ئىشىدىمۇ دىندا شۇ ئەرنىڭ ئېھتىياجىغا بېقىپ تۆت خوتۇنلۇق بولۇش قورغانى بىكىتىلگەن . ئەمما ھالىغا باقماي كۆپ خوتۇنلۇق ( بولۇپمۇ چىرايغا ، قىزغا ، مال - دۇنياسىغا ئېسىلىۋالغان ) بولىۋالغانلار شۇ خىل شەھۋانىي نەپسىگە قۇل بولغانلاردۇر . شۇنىڭدەك ھۇزۇرغا خۇمار بولۇپ قېلىش بىلەن ۋە ھېچ شۇ خىل ئامانەتنىڭ ھۆددىسىن چىقالماسلىقتەك ھالاكەتكە قىستىلىپ قېلىپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلاردۇر . ئەمەلىيەتتە بۇلارمۇ بىر ئەقىدىلىك كىشىلەر .
دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتى ، توي - تۆكۈن يىغىلىقلاردىكى كۈلكە - چوقانلىرى ، مەنمەنچىلىك ئىچىدىكى ئىسراپچىلىقلار ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ سېلىقىنى ئاشۇرىدىغانلار ..... ھەممە يەنىلا نەپسىگە قۇل بولغانلار . شۇ ۋەجىدىن نەپسىنىڭ خۇشلىقىغا خۇمار بولغانلار بولۇپ ، ئەنە شۇنىڭدەك پاساتچىلىقتا ئىشتىنى قالماي كۆرۈنۈپ قالسىمۇ يەنىلا ھېچ تەپتارتماستىن ئۆزىنى نوچى ھېسابلاپ ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان قىسمەتكە مەجبۇرلىنىپ قالغان . زاكات ئايرىمىغان ، ھارامدىن يانمىغان ، كىشىلەرنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ كۆپ پايدا ئېلىۋېلىشتا قارشى تەرەپنى بوزەك تاپقان ، كۆپ پايدا ئېلىشتا مېلىنى قەستەن ئۆرە قىلىۋالغان ۋە كىشىلەرنى شۇنىڭغا قىستاپ قويغان كىشىلەر گەرچە باي ھېسابلانسىمۇ ، ئىشتىنى پۈتۈندەك كۆرۈشسىمۇ يەنىلا ھەقىقەت تەرىپىدىن ئىشتانسىزلاردۇر . چۈنكى ئۇلار بۈگۈن قىلىۋالدىم ، ئىتىۋالدىم دىگەن بىلەن ، شۇ خىل كىشىلەرنى كۈزىتىڭلە ، بىر كۈنى ئىشتانسىز قالىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ يامان كۈنگە قېلىشىنى تىلىگەنلىك ياكى ئۈمىد قىلغانلىق ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى شۇنىڭدەك دەۋىرلىشىپ كەلگەنلىكتىن . بۇ قورغانى قىممەت ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس بەلكى زاماندىن يىراق ئىندىيانلارغىمۇ مەنسۈپتۇر !!! ھەممە يەنىلا بىر .
ھايالىقتا ئىنسان ئۆزىنى ئىسلاھ قىلماي تۇرۇپلا ‹‹ ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلمىدى ›› دېيىشتى . يۈزى قېلىنلار ھېچ تەپتارتماستىن بىر يۇقىرىلىق نەتىجىنى كۆرگەندە خۇددى يۈسۈفنىڭ ئاكىلىرىدەك ‹‹ ئاللاھ سېنى بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ ›› دىيىش بىلەن ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىشتى . ئەمما بۇ يۈزى داپتىن قېلىن ( داپيۈزلەر ) خۇددى ئۆردەككە مەسەل قىلىندىكى ، ئۇنىڭ مەۋقەدىكى تىلى شۇكى ‹‹ مېنىڭ مۇشۇ قۇڭاملا بولىدىكەن ، بارغانلىكى كۆلنى سېسىتماي قالمايمەن ›› دىيىشتىن ئىبارەت بولدى .
شۇنىڭ ئۈچۈن كىشى ئۆزىنى ‹‹ مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدەك ئەمەس ؟ ›› دېيىشتىن ئىلگىرى چوقۇمكى ‹‹ مەن كىم ؟ ئەگەر ماڭا شۇ نەرسىلەر بىرىلسە مەن ئۇنى قانداق ئىشلىتىشتە بولالايمەن ؟ شۇ نېمەت بىرىلسە شۈكرى ئېيتالامدىم ياكى كۇفرىلىق قىلامدىم ؟ مېنىڭ ھازىرقى ئىمتىيازىمدا قانداق قىممەتلەر بار ؟ مەن ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىۋاتىمەن ؟ مەن ئۇنىڭدىن نېمە ئىشلەرنى قىلىۋاتىمەن ؟ ئەمەلى مەۋقەيىم ئۆزەمگە ۋە باشقىلارغا ھەتتە كىيىنكى ئەۋلاتلارغا قانداق ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ ياكى قانداق يامانلىقلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ ؟ .... ›› دېگەندەك پىكىرلەرنى قىلىشمىز لازىم بولىدۇ . قېنى ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى ! مەن كىم ؟ مەن نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن ؟ نېمە ئىشلارنى قىلىشىم ئىكەن ؟
ئاللاھ بەزى شۇنداق بىر كىشىلەرنى ھەتتە ھايۋاندىنمۇ بەتتەر دەرىجىدە سانىدىكى ، ئۇلار ھەقنى ئاڭلىغاندا پاڭ بولىۋالىدۇ . ھەقنى سۆزلەيدىغان ۋاقىتتا گاچا بولىۋالىدۇ . توغرا يولنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ ، گۇمراھلىقنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ . ئەنە شۇلار شۇ خىل يامان ئەمەللەرنىڭ ئۈستىدىكى ۋاقتىدا ناگاھان قەلىب ، ئەقىل ، تېنى ئۆيىدىلا قېتىپ قالغانلار . ..........
ئۆزىمىزنى سوراپ باقامدۇق ؟
بۇ ئىنكاس قارغا ئالغان ئىنكاسنىڭ ئىگىسىگىلا ئەمەس ھە ، ھەممەلەرگە ئۇمۇمىيدۇر . ھەتتە ماڭىمۇ !!!