مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: arzuumut

ھەق يۇلىمىز قۇرئان كەرىمدۇر . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75511
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 03:19:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmat  sezga

ئۇمۇتلىك بول بۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28124
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3394
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 2371 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 03:38:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىمىكى قورئانغا ئەگىشىدىكەن ، كىمىكى رەسۇلىللانىڭ سۇننىتىنى قىلدىكەن،
مانا شۇ كىشىلەر مۇممىندۇر مۇسۇلماندۇر ، بۇلارنىڭ ئورنى جەننەتتۇر.

ئايال بولساڭ دىنايەتلىك ياشا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 534
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 03:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمئىيىتىمىزدە تۈزىتىشكە تىگىشلىك ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ!

ئۈرگىنەي دەپ قارغا كەكلىك مىڭىشىن. ئۈرگىنەلمەي ئۇنتۇدى ئۆز مىڭىشىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54927
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 762
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 918 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 05:24:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ  مىنى ۋە بىز ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىغايسەن.

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 05:43:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ تېمىنى بايا تېخى يازغان ئىدىم . مۇنۇ يەرگە ھەم چاپلاپ قۇياي . تېمىنى تېخىمۇ كۈچەيتكۈسى !


جىمى ھەمدۇسانالار ئاللاھتائالاغا خاستۇركى ، ۋە مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا دۇرۇت سالاملار يوللايمىزكى ، ئاللاھ بارلىق ئامانەتكار ئىنسانلار ۋە باشقا جانلىق - جانسىز بولغان شەيئىلەر ئۈچۈن ئۆزلىرىگە خاس شەكىل ئاتا قىلدىكى ھەممىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەسلى ياراتقان ۋە ئىرادە قىلغان توغرا مەۋقەيى تىلى باردۇر . توغرىلىقلارغا قۇرئاندا ھەممىگە جاۋاب قىلىپ ئەسلى قىممىتى بايان قىلىنغاندۇر . ئەمما دىنىي قورغان ئەڭ زىل ۋە ئەڭ سەزگۈرلۈك ئىچىدىكى قىممەت بولغاچ كۆپىنچە كىشىلەر گەرچە تىلىدا تۇتىي ھالىتىدە ئاللاھنى مەدھىيلىگەن ۋە سانالارنىڭ پەقەت ئاللاھقا خاس ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا دۇرت ئېيتقاندەك قىلغان بىلەن ئاللاھنىڭ ئەسلى ئىرادە قىلغان توغرا شەيئىلىرى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ خىيالىغا كەلگىنى بويىچە گۇمانىغا كەلگىنىنى بايان قىلىش بىلەن دىنىي جەمىيەت ئىچىدە ھەر خىل مەسىلىلەرگە قارىتا تىل ئىشتىپ ئۆزلىرىگە ۋە باشقىلارغا تولىمۇ زۇلۇم قىلىدۇ . ~UJ_Rr54  
بىز تارىختىن بۇيان قارىماققا سىياقتىكى قىممەتكە ئورانسىلا دىنىي قېرىنداش دەپلا تۇنىدۇق ۋە ئۇلارغا ئىشەندۇق . ئەمما ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىشەنچىمىزنى قالدۇرۇپ بىزنىڭ شۇ خىل ئىشەنچىمىزدىن پايدىلىنىپ بىزلەرگە تولىمۇ كۆپ زۇلمەتچىلىكلەرنى تىلىگەن بولدى ۋە ھەر ۋاقىت دىن توغرىسىدا پاساتچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئارىمىزدا كۆپلەپ ئاداۋەتلەرنى چىقىرىش بىلەن بىزلەرنىڭ دىنىي بۆلۈنۈشلىرىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتى . بۇ بۆلۈنۈشلەردە كۆپلىگەن ئاغرىق - ئاداۋەتلەر پەيدا بولۇشتى ۋە كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز شۇ خىل زىلزىلىلەردە ناگاھان نابۇت بولۇپ كەتتى ۋە ھېچ پايدىسى يوق تەرەپلەردىن قۇربانلىق بولۇشۇپ كەتتى . مانا بۇ پاساتلارغا پەقەت قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇيالايدىغان ۋە يادقا ئالغان تۇتىيلىق ھالىتىدە دىنىي تونىغا ئورىنىۋېلىپ دىن توغرىسىدا قۇرئاننى ئۆزى خالىغان رەۋىشتە ئوقۇش ۋە مەنە بېرىش بىلەن پەقەت ئۆزىنىڭ ھىسىياتىغا چۈشۈرۈپ تىلىغا نېمە كەلسە شۇنى بايان بېرىپ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەقىسىدىنى ئۆزىنىڭ قاياشىغا ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ھېچ ۋاستە تاللىماستىن توختاپ قالمىدى ۋە بۇ خىل پاساتلار تارىختىن بۇيان ھەم بولغان ھەم بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق بولىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ بۇ خىل قىممەتلەنى ، توغرا تۇنۇشلارنى قۇرئاندا شۇ خىل قەۋملەرنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئوخشۇتۇش قىلىپ بىزلەرگە چۈشەندۈرۈش قىلدى ۋە داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇلىشىمىزنى كۆزدە تۇتتى . ئۇلارنىڭ سۈپىتى ئاللاھنىڭ ھەق كالامىغا يەتمەستىن مەيدانغا چىقىۋېلىش بولۇپ ، ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىۋېلىش ، ھالال قىلمىغاننى ھالال قىلىۋېلىش بىلەن ئۆزىمۇ ۋە ئۆزىگە ئەگەشكەن ئۆزگىلەرنىمۇ قايمۇقتۇرۇپ كەلدى ۋە ھەقتىن توسۇش قىلدى . ئاللاھ دىننى بۇندىن ئىلگىرى 1400 يىلنىڭ ئالدىدىلا پۈتتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئاشكارا جاكارلىغان . ئاللاھنىڭ بۇ پۈتۈشى قانداق جەۋىر - جاپالار بىلەن ، سىناق - سىنىلىش بىلەن ، قايسى ئەمەللەرنى قىلىش - قىلماسلىقتەك يوللار ، ئەقىدىلەر بىلەن  قۇرئاننىڭ يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك بىر ۋاقىتتا نازىل قىلىنىش ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن كىيىنكىلەرگە ئۇنىڭ شۇنىڭدەك نازىلى قىممىتىنى تۇنىشى ۋە شۇ خىل قىممەتتە كىشىلەرنى يىتەكلىشىنى تىلىگەن ئىدى . ئەمما كۆپلىگەن ھاماقەتلەر ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ھەممىسىنى نادان ، ئاخماق كۆرۈپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر ، دىنسىز شەكىلگە قىستاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش بىلەن شەكىلنى ئاساس قىلىپ دىننى ئاساس قىلغانلارقا قارشى پاسات تارقىتىپ جەمىيەتتە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى ھەم ئېشىۋاتىدۇ . ئاللاھ ئۇلار دىننىڭ ئەسلى قىممىتىنى چۈشەنمەستىن مەيدانغا چىقىۋېلىشقان قۇرئاننىڭ ئەسلى ھېكمىتىگە ئىگى بولمىغان بىر كۆزلۈك ئىلىمدارلارغا قارىتا ئېيتىدۇكى : ‹ ئۇلار قۇرئاننى ( قۇرئاننى بايان قىلغۇچىلارنى شۇ كىشىلەر ) ئۆزى ئىجاد قىلغان دېيىشەمدۇ ؟ ئېيتقىنكى ، ‹‹ ( بۇ قارىشىڭلاردا ) راستچىل بولساڭلار ، ئاللاھدىن غەيرىي چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى ( ياردەمگە ) چاقىرىپ ، قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۈرىنى ئىجاد قىلىپ بېقىڭلار ›› ( ( 13 ) ( بۇ مۇمكىن ئەمەس ، ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان ۋە ئىلىم بايان قىلىشقا ۋە كىشىلەرنى توغرا يولغا چاقىرىق قىلىشقا ئىزنى بەرمىگەن كىشىلەردىن باشقا ھېچ بىر كىشى ئاللاھنىڭ كالامىدىن ئون سۈرىنى تەپسىر قىلىپ ئىچكى مەنالىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرغا قويۇپ ، ئايەتلەرنىڭ ئەسلى قىممىتىنى بايان قىلىپ ۋە ھېچ بىر مەنالارنى بىر - بىرىگە قارشى قىلىپ قويماستىن مەنە بىرىشتىن ئاجىزلىق كېلىدۇ . ئەگەر بۇنى سىناپ باقىدىغانلار بولسا مەرھەمەت قىلسا بولىدۇ . بۇ پۈتۈن دۇنياغا ۋە پۈتۈن ئىنسانلار ۋە جىنلارغا ئۇمۇمىيدۇر ! قېنى كىملەر سىناپ باقىدۇ ؟ - مەن تەپەككۇر قىلىپ ئون سۈرىنى توغرا رەۋىشتە بايان قىلدىم ۋە تەپسىر قىلدىم دىگەن بولسا ، قورئان ھېچ بىر مەنا - مەنالىرى بىر - بىرىگە قارشى چىقمايدۇ . قۇرئاننىڭ ئەسلى ، ئۇمۇمىي قىممىتىگە سېلىشتۇرۇش قىلىنىدۇ )  ئەگەر ئۇلار ( بۇ چاقىرىقلارغا ) ئاۋاز قوشمىسا ، بىلىڭلاركى ، قۇرئان ئاللاھنىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن نازىل قىلىنغان . ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر ، سىلەر ( ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ خىل ۋەھىيسى قىممىتىگە ) بويسۇنامسىلەر ؟( 14 )
ئاللاھتائالا قۇرئاننى باشقا ۋە ئۇنىڭ نۇرىنى باشقا قىلىپ تۈزۈپ چىققان ۋە ئۇنى زېمىغا قويىۋەتكەن . كىملەركى ئاللاھنىڭ قۇرئاننى چۈشىنەلەيدىغان نۇرىغا يەتمەي تۇرۇپ قۇرئاندىن مەنا ئېلىپ كىشىلەرنى ھىدايەتكە چاقىرىق قىلىمەن ۋە قۇرئان بويىچە يول تۇتىمەن دىيىشى ئۆزىنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرگەن بولىدۇ . چۈنكى ئىنسان تەپەككۇر قىلىپ بۇ قىممەتنىڭ ئەسلى ۋەسلىگە يىتەلمەيدۇ ۋە بەزى مەنالارغا يىتەلىگەن بىلەن مەنىسى ئېنىق بولمىغان كۆپلىگەن ئايەتلەر بار . ئەنە شۇ قىممەتتە ئۆزىنى تۈگەشتۈرىۋالىدۇ ، خاتا ئەقىدە - ئېتىقادلارغا سىڭىشىپ قالىدۇ . مانا شۇ قىممەت ئىچىدە كۆپلىگەن كىشىلەر دىنىي جەھەتتە نۇرغۇنلىغان كۆز قاراشتا پىرقىلەر بولۇپ ئايرىلىشقان . ئەرەب دۇنياسىنىڭ بىرلىككە كىلەلمەسلىكى ئەنە شۇ قىسمەتلەردىندۇر . قۇرئان پۈتۈن شەيئىلەرنى توغرا رەۋىشتە بايان قىلغان كىتاب . ئەمما بىر قىسمەتكە قارىتا كۆپلىگەن كىشىلەر قۇرئاننى ۋە ھەدىسنى ئۆزىنىڭ چۈشەنگىنى بويىچە كۆز قاراشتا بولۇپ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئەمەللەردە بولۇش بىلەن ئىسلامدا بۇرادەرچىلىك قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن قېرىنداشلىق قىممىتىدىن ۋاز كەچكەن بولدى ۋە ئاقىۋەتتە بىر - بىرلىرى بىلەن قارشىلاشتى ھەتتە قېنى قىززىقلار ، ئەڭ ئاسىيلارنىڭ تىلىنى بۇزىشى بىلەن ئاشكارا دۈشمەنلەشتى . دۈشمەنلىشىشتە ھەتتە بىر - بىرلىرىنىڭ مەسجىدلىرىنى پارتىلتىشلار بارلىققا كەلدى . مانا بۇلار قۇرئانغا بولغان قۇرئاننىڭ ئەسلى مەۋقەسىنى چۈشەنمەستىن ئۆزىگىچە يول تۇتۇش ئىچىدە يول ھازىرلىغان ، دىننى ئۇيۇن قىلىۋالغان ۋە ئۇنى خىيالى ھىسىياتلار بىلەن ئېلىپ بارماقنى تىلىگەن كىشىلەرنىڭ تىل ئىشتىشى بىلەن بولدى . بۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ كالامى توغرىسىدا تارىختىن بۇيان خاتا ، ئىنسانىي ھىسىيات ئىچىدە قارار ماقۇللاپ مەنا ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ بارغانچە كۆپلەپ چىقىشى بىلەن ئاقىۋەتتە تالاي تارتىشىشلار قىلىشقان ، ئاقىۋەتتە ئويلىمىغان يەردىن كۈچلۈك ۋەز ئېيتقۇچىلار ، ئاگاھلاندۇرغۇچىلار بارلىققا كەلگەن ۋە ئاقىۋەتتە شۇ زېمىندا كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر يۈز بېرىپ زالىملار ۋە كاپىرلار تىگىشلىك جازاسىنى تېتىغان . بۇلارنى ئاللاھ قۇرئاندا 1400 يىلنىڭ ئالدىدىلا بايان بىرىپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ ، ھېچ بىر ئۇمۇملۇق بولمىدى . چۈنكى ئاللاھقا چىن ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلمىغۇچىلار ۋە شەھۋەتكە چۆككۈچىلەر ھەر ۋاقىت ئۇلار قايەتدە بولمىسۇن پەقەت ئىختىلاپقىلا ئارلىشىپ قېلىشتى ۋە تولىمۇ زىيانكارلىقتا بولۇشتى . شۇ خىل زىيانكارلىققا دۇچار بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا قارىتا مەلۇم ۋاقىت بېرىلدى ۋە ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى ئۈمىد قىلغان ، تىلىگەن بولسا شۇ شەيئىلەرگە يېقىنلاشتۇرۇلدى . چۈنكى بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى ئاللاھقا توغرا رەۋىشتە ئىبادەتتە بولغان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ھەم بولۇپ ، شۇ خىل دەججاللارغا مۇسەللەت بولغاندا ئۇلارغا دۇنيانىڭ زىبۇ - زىننىتى ، بايلىقلار بىرىلدى . چۈنكى ئۇلار ئاقىۋەتتە دۇنيالىقنى تىلەشكە ئۆتتى . ئاللاھ بۇلار توغرىسىدا ئالدىنقى ئايەتكە ئۇلاپلا ئېيتىدۇكى : [ ( ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت ) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى ( يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى ) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز ، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ ( 15 ) بۇنداق كىشىلەرگە ( يەنى ئىلگىرى ھەق دىنغا كىرگەن ، ھەق يولدا ماڭغان ئااندىن دۇنيالىققا بىرىلىپ پاسات تېرىغان ۋە ئاخىرەتلىكىنى دۇنيالىققا تېگىشىشكە رازى بولغانلارغا ) ئاخىرەتتە دوھاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ ، قىلغان ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ ( يەنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ تۇرۇپ پۈتۈن دۇنيانىڭ قىممىتىنى ھەتتە فىدىيە قىلىپ بېرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلىمەيدۇ ھەم ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى خەيرىيەتلەرگە مۇلاقات قىلمايدۇ ) ( 16 ) ( ئاللاھ ئۇلاپلا ئېيتىدۇكى ) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ( يەنى قۇرئانغا ۋە قۇرئاننىڭ قىممىتىگە يەتكۈزگۈچى نۇرغا ) ئاساسلانغان ئادەم ( ھاياتىي دۇنيانى كۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ ؟ ھەرگىز ئوخشاش ئەمەس ) ] :
دىندا بىر ھۆكۈمگە ئالاقىدار مەسىلە چىقىدىكەن ، ئۇنىڭ ئەسلى قىممىتى جاۋابى بولىدۇ . ئەمما كىملەركى بۇ خىل قىممەتسىز شۇ خىل تەرەپكە تىل ، ئەقىل ئىشتىدىكەن ، ئۇ بەزى قاراشلىرى توغرىدەك قىلغان بىلەن كۆپلىگەن تەرەپلەردىن خاتالىققا سىڭىشىپ قالىدۇ . چۈنكى ئۇلار پەقەت گۇمانغا ئاساسلىنىدۇ . گۇمان ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ . پەقەت دەتتىكام قىلىنىدۇكى ، دەتتىكامنىڭمۇ ئۇتىدىغان ۋاقتى بولغىنىدەك ، بۇ خىل دەتتىكام كۆز قاراشلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ . ئاللاھ بۇ توغرىسىدا خاتالىقتا تىل ئىشتكۈچىلەر توغرىسىدا ئېيتىدۇكى : [ ( ئاللاھنىڭ ئەسلى ھۆكمىسىدە خىيالى نەپسىگە بىرىلىپ ئاللاھنىڭ ئەسلى ھەقىقىتىدىن چەتنەپ ) ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ ؟ ئەنە شۇلار ( ئاخىرەت كۈنىدە ) پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ ، گۇۋاھچىلار : ‹‹ بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر ›› دەيدۇ . راستلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ ( يەنى ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ) ( 18 ) ئۇلار ( ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرۈپ باشقىلارنى ) ئاللاھنىڭ ( ئەسلى پۈتكەن توغرا ) يولىدىن توسۇيدۇ ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ ، ئۇلار ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر ( 19 ) ھود ]
ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ ھەق كالامىنى ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ، نۇرى ، ھىدايىتىگە يەتكەن ئاساستا  توغرا رەۋىشتە بايان قىلغۇچىلار باردۇر . ئۇلار ئۆز قەۋمىنى ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ ھەق كالامىغا ئاساسلىنىپ ئاللاھنىڭ دىنىي قورغانىنى بايان قىلىپ ، كىملەركى قورغانى مەيدانىدىن چىقىپ كېتىدىكەن ، ئۇلارنى ھەق كالامنى بايان قىلىش بىلەن كالامنىڭ ھېكمىتى بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش قىلىدۇ . ئەمما زالىملارنىڭ نەپسىگە ئۇلارنىڭ قورغانىي مەيدانى خوپ كەلمىگەنلىكتىن ھامان ئۇلارنى يالغانچى تۇنۇيدۇ ۋە ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلمەكنى ئۈمىد قىلىدۇ ، تىلەيدۇ . ئۇلارنىڭ تىلىگىنى شۇكى ، قۇرئان ئايەتلىرىنى ھېچ ھېكمەتسىزلا ئۇدۇللا قەيەردىن كۆڭلىگە ياققۇدەك ئىبارىلەر تېپىلسا شۇ يەرنى تۇتقا قىلىۋېلىپ ‹‹ ئاللاھ مۇنداق دېگەن تۇرسا ›› دەپ قۇرئاننى ‹‹ بۇت ›› قىلىۋالىدۇ . ئەمەلىيەتتە قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامىدۇركى ، ئۇنىڭ تىگىشلىك ئورنى قىممىتى بولىدۇكى ، ئاللاھنىڭ قۇرئانغا قارىتا ھېچ ھېكمىتىگە يەتمىگەنلەر بولسا ھەر بىر ئىشلاردا ئۆزى خالىغان يەردىن مەنا ئېلىش بىلەن كۆڭلىنى خۇش ئىتىدۇ . ئەمەلىيەتتە قۇرئاننىڭ قانداق شارائىتتا قانداق يول تۇتۇشلارنى تەپسىلى بايان قىلغاندۇر . ئەمما ئۇلار ھېچ ھېكمەتسىزلا موللىلىق قىلىپ كىشىلەر ئارىسىدا ئۆز مەۋقەسىنى ئىشتىدۇ . ئاقىۋەتتە ئۇلار ئاللاھنىڭ شۇ خىل ھېكمەت ئىچىدە بايان  قىلغان قىممىتىنى ئىنكار قىلىپ سالىدۇ ۋە ئۆزىگە ئايرىم بىر دىنىي قورغان ، دىنىي ئەقىدىلىك مەيدان راستلايدۇ . ئاندىن شۇ مەيدانى ئىچىدە يورغىلايدۇ ۋە باشقىلارنى شۇ خىل قورغانغا باشلايدۇ ۋە ھەر خىل تەرەپتىن ۋەسۋەسە قىلىدۇ . ئەمما جاھاننىڭ ئىگىسى باردۇركى ، ئۇ ئاللاھدۇر ! كىمكى قانچىلىك يامانلىق قىلسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تىگىشلىك نېسىۋىسىنى كۆرگۈسىدۇر . ئاللاھ ئۇلار توغرىسىدا ئېيتىدۇكى : [ ئەنە شۇلار زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ، ئۇلارغا ئاللاھدىن باشقا ( ئىگە بولىدىغان ) ياردەمچىلىرى بولمايدۇ ( پۈتۈن ياخشىلىقنىڭ خەزىنىسى ئاللاھنىڭ قولىدا تۇرسا ، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ، ئەسلى قىممەتلىك قورغانىدىن چىقىۋالغان تۇرسا قاندقمۇ بىرەر شاپائەتچىلەرنى تاپالىسۇن ؟ يامانلىقلاردىن قۇتۇلالىسۇن ؟ ) ئۇلار ( ئازابنىڭ ئۈستىگە ئازاب قېتىلغان ) قاتمۇقات ئازابقا دۇچار بولىدۇ ، ئۇلار ( شۇ ھالەتلىرىدە ئاللاھنىڭ ھەق كالامىنى ، ئۆزلىرىگە ئەڭ پايدىلىق ۋەز - نەسىھەتلەرنى ) ئاڭلاشقا ۋە ( ھەقتىن ئىبارەت توغرىلىقنى ) كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ ( چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ لەنىتىگە قالدى . ئاللاھنىڭ لەنىتىگە قېلىش نېمىدىگەن خارابلىق ئۇ ؟ 20 ) ئەنە شۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر . ئۇلارنىڭ ( ئاللاھنىڭ كالامىغا قارشى ئۆزلىرى توقۇپ ) ئويدۇرۇپ چىققان بۇتلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى ( چۈنكى ئاللاھ ئۇلاردىن رەھمىتىنى كۆتىرىۋەتكەن ئىكەن ، ھەتتە قولىدىكى قىممەتلەرمۇ ئۆز خاسلىقىنى يوقۇتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىگە ئۆزى ئىگىمۇ بولالمايدۇ . پەقەت بۇتلۇق ئورنىغا كېلىپو قالىدۇ 21 ) شەك يوقكى ، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر ( 22 ھود ) ]
ئاللاھ دىندىكى كىشىلەر توغرىسىدا توختۇلۇپ ئېيتىدۇكى : [ ( كاپىرلار ۋە مۆئمىنلەردىن ئىبارەت ) ئىككى پىرقە بار ، ( بىر پىرقە ئاللاھنىڭ ھەق كالامىنى ، ھېكمىتىنى چۈشەنمەسلىكتە ) ئەماغا ۋە گاسقا ئوخشايدۇ ، ( يەنە بىر پىرقە بولسا ) كۆزى كۆرىدىغان ، قۇلىقى ئاڭلايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىر - بىرىگە ئوخشامدۇ ؟ ئىبرەت ئالمامسىلەر ؟ ( 24 ) ھود ]
ئىنسان دىندا بولغانغىلا ھېساب ئەمەس بەلكى دىندىكى قىممەتنى ئۆزىگە مۇقۇملاشتۇرالىسا ۋە ئاللاھقا خاس چىنلىق ئىچىدە ئىبادەتتە بولالىسا بولىدۇ . نەپسىگە ئەگەشكەن ۋە روھىيىتىنى بۇلغىۋالغان كىشى ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ قورغانىدىن چەتنەپ چىقىپ كېتىدۇ . دەلىلگە ئاساسلانغان ۋە ھەقىقەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ۋە روھىيىتىنى پاكلىغان  كىشىلەر بولسا ئاقىۋەتتە نىجاتلىققا ئېرىشكۈسىدۇر ! ئاللاھتائالا بۇ يەردە نۇھ پەيغەمبەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرىدۇكى : [ شۈبھىسىزكى ، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق ، ئۇ : ‹‹ مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن ( 25 ) بىر ئاللاھدىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار ، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن ›› دېدى ( 26 ) ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ( ئاللاھنىڭ ھەق دىنىدىن چەتنەپ چىقىپ كەتكەن ) كاپىر كاتتىلىرى : ‹‹ بىزنىڭچە ، سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن ، بىزنىڭچە ، ئارىمىزدىكى پەس كىشىلەر يەڭگىللىك بىلەن ساڭا ئەگەشكەن ، بىزنىڭچە ، سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقڭلار يوق ، بەلكى بىز سىلەرنى يالغانچى دەپ ئويلايمىز ›› دېدى ( 27 )  ( چۈنكى نۇھمۇ باشقىلارغا ئوخشاش تەپەككۇر قىلاتتى . باشقىلارغا ئوخشاش ۋەز نەسىھەت قىلاتتى . ئۇمۇ ئاللاھنىڭ ئىلگىركى كالامىنى بايان قىلاتتى ، تىلاۋەت قىلاتتى . شۇ سەۋەبتىن ھەقىقەتتىن چىقىپ كەتكەن زالىملارمۇ ئۇنىڭ ئىچكى دۇنيادىسىن خەۋەرسىز ئۇنى ئادەتتىكى كىشىلەردىن دەپ سانىدى ) نۇھ ئېيتتى : ‹‹ ئى قەۋمىم ، ئېيتىڭلارچۇ ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ( دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ) ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولغان بولسام ، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا ، سىلەر ئۇنى يامان كۆرسەڭلەر ، ئۇنى قۇبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق ؟ ( 28 ) ]  ئاللاھ قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغۇچىلارغا بۇ مىسال ئارقىلىق ئىلھام بىرىدۇكى : [ ياكى ئۇلار ( يەنى شۇنىڭدەك قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغۇچىلارغا قارشى چىققۇچىلار ) قۇرئان ( دىكى مەنالار ، ھېكمەتلەر ) نى ئۇ ئۆزى ئىجاد قىلغان دېيىشەمدۇ ؟ ‹‹ ئەگەر ئۇنى مەن ( ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ، نۇرىغا يەتمەستىن ئۆزەم توقۇپ ) ئىجاد قىلغان بولسام ، ئۆز گۇناھىمغا ئۆزەم مەسئۇل ، مەن سىلەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ ھەق كالامىغا قارشى ھۆكۈم بەرگەنكى ) گۇناھىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن ( يەنى دىندا ئايرىمىچىلىق قىلىپ ئاللاھنىڭ كالامىنى نەپسىڭلەرگە ئېلىپ مېڭىپ ئەسلى ئاللاھنىڭ ھىكمىتىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار ئۆزەڭلەر ئۈچۈن ۋە مېنىڭمۇ ئەمەلىم ئۆزەم ئۈچۈن بولىشى ئۈچۈن سىلەردىن ئايرىلىمەن . سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئەمەلىنى قىلىۋېرىڭلار ، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئەمەللىرىنى قىلىۋېرىمەن  )  ›› دېگىن ( 35 ) نۇھقا ۋەھىي قىلىندى : ‹‹ قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن ( 36 ) بىزنىڭ كۆز ئوڭۇمىزدا ۋەھىيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن ، ( مەيلى ئۇ كىم بولمىسۇن ئۆزلىرىگە ) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن ( يەنى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت تەلەپ قىلمىغىن ) ، ئۇلار چوقۇم ( توپان بالىسىغا ) غەرق قىلىنىدۇ ›› ( 37 )
شۇنىڭدەك ھەر بىر ئاگاھلاندۇرۇلغان بىر قەۋمنىڭ تەۋبىسى قۇبۇل قىلىنمايدىغان ۋە ھېچ تەۋبىگە تىلى كەلمەيدىغان ، ھەققە قارىتا يۆتكىلىشتىن توختۇتۇلىدىغان بىر مەزگىلى بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا تەۋبە قىلغاننىڭ پايدىسى بولمايدۇ ۋە قۇبۇل قىلىنمايدۇ . پەقەت ئاللاھنىڭ ئاخىرقى ھۆكمىسىنى كۈتۈشتىن ئىبارەت زىلزىلە شۇ قەۋم ئىچىنى قاپلايدۇ . چۈنكى دەتالاش شۇ دەرىجىگە بېرىپ تاقىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر پەقەت ئىككى خىلغا بۆلىنىش قىلىنىپ بىرى ئاگااھلاندۇرغۇچى تەرەپ ، يەنە بىرى بولسا ئاگاھلاندۇرۇلغۇچى تەرەپتۇر ! ئەنە شۇ ۋاقىتتا پەقەت دىندا راستچىللارغىلا شۇ قىممەت توغرا كۆرسىتىلىدۇ .
بىز ئىلگىرىدىن تاكى بۈگۈنگىچە ئىسلام دەپ ئاغزىغا كەلىمە سالسىلا ، شاھادەتنى تىلىغا ئالسىلا ئۇنى دىنىي قېرىنداش دەپ تۇنۇپ كەلدۇق ۋە ئۇلارغا ئىشىنىپ كەلدۇق . ئەمما ئۇلارنىڭ .ئارىسىدىمۇ ھەر ۋاقىت بىزگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلار بولدى ۋە بىزنى ھەر ۋاقىت ياتلارغا سېتىش بىلەن ئۆز ھاياتىنى قامداپ كەلدى ۋە پاسات تارقىتىپ ئارىمىزغا بۆلگۈچىلىك سېلىپ كەلدى . كۆپلىگەن كىشىلەر ناماز ئوقۇمايدىغان ۋە ئۇيغۇر بولمىغان كىشىلەر كاپىر بولىدۇ ، ئۇيغۇرلار ۋە ناماز ئوقۇيدىغانلار مۇسۇلمان بولىدۇ دەپلا ئىشىنىشتە بولغان ئىدى . ئەمما ھەر ۋاقىت ھەقىقەت شۇ خىل ئىشىنىشتە بولماي چىقتى . تەكشۈرۈپ كۆرسەك ، ئاللاھ كالامىدا شۇنىڭدەك ئېيتقان ئىكەن  : [ ئاللاھ مۇنۇ ئايىتىدە ھۆكۈم قىلىپ ئېيتىدۇكى : ‹‹ ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى ، ( قىلمىشلىرىدا ) ھەددىدىن ئاشقۇچى ، ( دىنغا ) شەك كەلتۈرگۈچى ، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار ، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار ! ››( 24 - 26 قاف )  ]  ئاللاھ بۇ ئايىتى بىلەن قايسى بىر قەۋم ، قايسى بىر كىشى مانا مۇشۇ تۆت سۈپەتكە نەقلا چۈشسە ئۇنى شەكسىز كاپىر دەپ تۇنىساڭ بولىدۇ دېگەن ئىدى . تولىمۇ ئەپسۇسكى ، بىز بۇ قىممەتتىن خالى باشقا بىر سۈپەتلەرنى كاپىر دەپ تونۇپ كەلدۇق . بۇ سۈپەتكە گىرىپتار بولغان ھەر بىر ساقاللىق ، ھىجابلىق بولسۇن ، موللا - بۈۋى بولسۇن ھەممىلەرنى يەنىلا كاپىر دەپ تونۇشىمىزغا بۇيرۇلدۇق . ئەمما كۆپىنچە يات مىللەت ، يات دىندىكىلەرنى كاپىر دەپ كۆنۈپ كەتكەن نادانلار ئىچىمىزدىكى شۇ خىل سۈپەتكە ئالاقىدارلارنى ھەر ۋاقىت قوغداپ چاپان يېپىپ كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ دىندا تېخىمۇ پاسات تارقىتىپ يۈرىشىنى ئۈمىد قىلدى ۋە شۇنى تىلىدى . كىيىنكى پاساتچىلىقلارنى بولسا ئۇلاردىن ئەمەس بەلكقى شۇلارنىڭ دولقۇنىغا دۇچار بولغان ئەگەشكۈچىلەردىن كۆرۈپ كۈچلۈكلەرنىڭ ئۇنۋانىغا قاراپ تىل ئىشتالماي ، ئاجىزلارنى ھامان دۇمبالاپ كەلدى ۋە يامانلىقنى ئەنە شۇ ئاجىزلاردىن كۆرۈشتى . ئاللاھتائالا بۇ خىل ھاماقەتلەرچە تونۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىپ ئالدىنلا بۇ خىل يامانلىقلارغا قارىتا بەزى ئايەتلەرنى بايان قىلغان ئىدى .
[ نۇھ ئېيتتى : ‹‹ كېمىگە چىقىڭلار ، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر ، شۈبھىسىزكى ، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ، ( مۆئمىنلەرگە ) ناھايتتى مېھرىباندۇر ›› ( 41 ) كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ باراتتى ، نۇھ كېمە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىنى : ‹‹ ئى ئوغلۇم ، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن ، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن ›› دەپ توۋلىدى ( 42 ) ئۇ : ‹‹ مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن ›› دېدى . نۇھ : ‹‹ بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچ ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ ›› دېدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى - دە ، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى ( 43 ) نۇھ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ : ‹‹ پەرۋەردىگارىم ! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى ، ( نۇھ شۇ ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن ۋە ئۆزى ئۆز ئاغزىغا ئېيتقان ئاللاھنىڭ ھۆكمىسىنى ئېسىگە ئالدى ۋە ئېيتتى ) ، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر ، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن ›› دېدى ( 45 ) ]
بۇ يەردە شۇ ئېنىقكى ، نۇھنىڭ ئوغلى نۇھنىڭ دىنىي قورغانى ئىچىدە بولغانلىقى ئەمما ئېتىقاد جەھەتتىن باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كاپىرلار تەرەپدارى بولغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . چۈنكى بىر پەيغەمبەر گەرچە ئۆز ئوغلى بولسىمۇ ئاشكارا كاپىر بولغان ئىكەن ، ئۇنىڭغا شاپائەت تەلەپ قىلمىقى دۇرۇس ئەمەس ھەم بۇ خىل سۈپەتمۇ ئۇلارنىڭ ئورنى ئەمەس . نۇھ ئوغلىنىڭ تاشقى سۈپىتىدىن ئۆز يېقىنى دەپ تۇنىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ توغرىسىدا ئېغىز ئاچقان ئىدى . ئەمما ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەقنى ئېيتتى : [ ئاللاھ ئېيتتى : ‹‹ ئى نۇھ ! ئۇ ( مەن نىجات تېپىشنى ۋەدە قىلغان ) ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ياماندۇر ، سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن ، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن ›› ( 46 )  نۇھ ئېيتتى : ‹‹ پەرۋەردىگارىم ! مەن بىلمىگەن بەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن ، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن ( بۇ ئايەتتىن ئېنىقكى ، نۇھمۇ ئىلگىرى كاپىر دېگەن ئاشكارا كاپىرلىقتا بولغانلار دەپلا تۇنۇيتتى ۋە باشقىلارغا شۇنىڭدەك تەسىيە قىلاتتى . ئەمما ئىش ئۇنىڭدەك بولماي ئەمەلىيەتتە شۇلارنىڭ سۈپىتىگە ئورانغۇچى ھەر بىر كىشى ھەم كاپىرلار ھۆكمىسىدە بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندىن كىيىن ئۇ قاتتىق تەۋبە قىلدى ) ›› ( 47 ) ئېيتىلدى : ‹‹ ئى نۇھ ! ساڭا ، سەن بىلەن ( مەيلى ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ) بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەركەتلەر بىلەن چۈشكىن ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى ( ھاياتىي دۇنيادا ) بەھرىمەن قىلىمىز ، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ ›› ( 48 ) ئەنە شۇ غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر ، ساڭا ئۇنى ۋەھىي قىلدۇق ، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار ، ( ئىچىڭلاردىكى شۇنىڭدەك يۇشۇرۇن كاپىرلارنىڭ قىلمىشلىرىغا )سەۋر قىلغىن ، شۈبھىسىزكى ، ياخشى ئاقىۋەت ( ئايەتلەردە بايان قىلىنغاندەك ) تەقۋادارلارغا مەنسۈپتۇر ( 49 ) ھود ]
تارىختىن بۇيان شۇنىڭدەك ھەر بىر دىن توغرىسىدا تازا ئىختىلاپقا تولغان بىر ۋاقىتلاردا شۇ جەمىيەتنى ، شۇ يۇرت ئاھالىسىنى ھەر خىل رەۋىشتە جازالارغا دۇچار قىلىنىپ كەلدى . چۈنكى ھەر بىر ئىختىلاپ دولقۇنى كۆتۈرىلگەندە كۆپچىلىك كىشىلەر ھەقنى ئىنكار قىلىپ قويىدۇ ۋە قىلمىشلىرىدا تولىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ . بۇ ئېشىپ كېتىشلەردە ئۆزىنىڭ ئاتا- ئانىسىنى ، ئەھلى ئۆلىمالارنى ، توغرا يولدىكى مۆئمىنلەرنى ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ قويۇش ۋە ئۇلارغا ئازار يەتكۈزۈپ قويۇشتەك ۋە جەمىيەتتە ئەسلى ئاللاھ شۇ جەمىيەتتىكى كىشىلەرگە ھالال قىلغان ياكى ھارام قىلغان شەيئىلەرنى ئۆزلىرىگە ۋە باشقىلارغا خاتا مەزمۇندا چۈشەندۈرۈش قىلىپ تولىمۇ پاسات تېرىپ قويىدۇ . بۇنىڭ ۋابالى ئۇنىڭغا چوقۇم يېتىدۇ . ياكى جاھىللىق قىلىش بىلەن ئاخىرقى پەللىگە يەتسە ھالاك قىلىنىدۇ ياكى يېرىم يولدا تەۋبە قىلىۋالسا بەدەل تۆلەش بىلەن بىرلىكتە قايتا سىنىلىش قىلىنىدۇ . بۇلار قۇرئاننىڭ ھۆكمى ئاگاھلاندۇرىشى خالاس ! كىم قايسىلىرىنى تاللايدۇ ئۇ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا باغلىقتۇر ! ]

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7728
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 5067 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 07:08:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ،مۇنداقلا سوراپ باقاي دەپ بۇ ئىنكاسنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،خاتا گەپ قىلىپ سالغان يەرلىرىم بولسا ئاللا مەغفىرەت قىلسۇن ،ئۆزەمگە كەلسەم مەن 33ياشقا كىرىپتىمەن ،بالاممۇ 10 ياشقا كىرىپ قاپتۇ ،بۇ ياشقا كەلگەنگە قەدەر چالا پۇچۇقنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئاساسى جەھەتتىن ئىبادەتنى تەرك ئىتىپلا كەپتىمەن ‹ئاللاھ گۇناھلىرىمنى كەچۇرسۇن ›بۇنىڭغا ئائىلە شارائىتىممۇ سەۋەپ دىسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ .ئاللاھ ئاتا ئانىلىرىمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلسۇن،مەن شىمالنىڭ خەنزۇ ئەڭ كۆپ ياشايدىغان يېرىدە چوڭ بولدۇم ،ئەتراپىمدىكى شارائىتىممۇ ماڭا تەسىر قىلغان بولىشى مۇمكىن ،2ئاي بۇرۇن قېينى ئىنىم تۇيۇقسىز  تۇگەپ كىتىپ گاڭگىراش ئىچىدە ئۆتتۇق ،ئەسلى 2 يىل بۇرۇنلا  ئىدىيەمدە ئۆزۇمنىڭ ھەم بالامنىڭ قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىش نىيىتىن بار ئىدى ،لىكىن ئەنە مۇنە دەپ يۇرۇپ ۋاقىت ئۇتۇپ كىتىۋەردى ،بۇ قىتىمقى ئۇلۇم ھەممىمىزنى چۇچۇتتى ،شۇنىڭ بىلەن تەتىل كىرىشى بىلەنلا يولدىشىم بالام ئۇچىمىز يىراقتىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ساۋادىمىزنى چىقارغاچ نامىزىمىزنى باشلىۋالدۇق ،نامازدىكى مۇھىم سۇرىلەرنى بىلەتتۇق ،لىكىن قائىدە ھەرىكەت ۋە بەزى چالا يەرلىرىنى پۇختىلاپ ئاللانىڭ رەھمىتى بىلەن ئىبادىتىمىزنى باشلىۋالدۇق ،ھەر ناماز ۋاقتى جەينامازنىڭ ئۇسىتىگە چىقساملا ئىختىيارسىز كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ،تەرك ئەتكەن نامازلىرىم ھەم بىىلىپ بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت تىلەپ يىغلايمەن ،ناماز باشلىماستا كۇنلىرىم ئەندىشىچىلىك قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۇتۇپ كىتەتتى ،نىمىشقا دەمسىز ؟نىمىشقا بولاتتى ،،،،ئىمانسىز ،نامازسىز  كىتىپ قالامەنمىكىن دەپ ئارامىمدىمۇ ئۇخلىيالمايتىم ،ھە دىسىلا قارا بىسىپ چۇچۇپ يىغلاپ دىگەندەك ئويغىنىپ كىتەتتىم ،،،،، ئەمدىچۇ ،ۇخلىساممۇ شۇنداق لەززەت ھىس قىلىمەن ،ئەمدى ئۇلۇپ قەلساممۇ ئارمىنىم يوق دەپ ئويلايمەن ،بەلكى سىز ئازراق ئىبادەتنى قىلىپ قويۇپلا شۇنداق خاتىرجەم بولۇپ كەتتىڭىزما دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن ،بىراق مەن ئۇنداە ئويلىمايمەن ،بىر كۇن بولسىمۇ ئاللاھقا سەجدە قىلىۋالغىنىمغا خوش دەڭە ،بىر ۋاق ناماز ئوقۇغاننىڭ ھوزۇرىمۇ شۇنچىلىك لەززەتكەن ،ئاللا شۇنچىلىك مىھىربان ھەم شەپقەتلىك ئىكەن ماڭا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ھوزۇر ھالاۋەت تۇيغۇسىنى ھىس قىلدۇردى ،قىنى ئەمىسە قاراپ تۇرماڭ ،بىلمىگىنىڭىزنى سوراپ ئۇگىنىڭ سىزمۇ ئىبادىتىڭىزنى باشلاپ ئاللاھنى ياد ئىتىڭە ئاللاھمۇ سىزنى يالغۇز قويمايدىكەن ،ئەلھەمدۇلىللا ،،شۇنداق قىلىپ گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كىلەيلى ،بۇگۇن تۇققانلارنىڭ ئۆيىدىن ئۆيگە قەيتاي دەپ تۇرسام بىر شىرەم تۇققىنىمىز كىرىپ قالدى ،بىرەر قۇر ئەھۋاللىشىپ تۇگەپ كەتكەن قىينى ئىنىمنىڭ ئىشلىرىنى سوراپ دىگەندەك سەل ئوتۇرۇپ قالدىم ،مەن ماڭاي دەپ ئۇرنىمدىن تۇرسام بىزنىڭكىگە كىرىپ كىتىڭ دىۋىدى ،مەن خوش بولدى كىلەر قىتىمدا كىرەمەن ،پىشىنغىچە بېرىۋالمىسام نامازغا ۋاق قالماي دىدىم ،ئۇ ئايالمۇ ۋاي مۇبارەك بولسۇن نامىزىڭىزنى باشلىۋاپسىز دىدى ،ئاڭغىچە ھىلىقى تۇققىنىمىز ‹مىنىڭ ئۇستام ›ۋاي خەلپەم كۇلمەپتۇ كۇلسە تىلىقىپ قاپتۇ دىگەندەك ، بۇ ناماز ئوقۇسا ئالدىرماي بىرمۇ بىر ئەستايىدىل ئوقۇيدىكەن دىۋىدى، ھىلىقى ئايال قۇپۇپلا ئاخىرقى زاماننىڭ ئالامەتلىرى دەپ قۇيۇپ ئولتۇردى ،مەنمۇ ىوش ئاللاھقا ئامانەت دەپ يولغا چىقتىم ،ئۆيگە كەلگۇچە ،توۋا ئەجەپ گەپ قىلدى ما ئايال دەپ قىلغان گىپى كاللامغا كىرىۋېلىپ بۇ مۇنبەرگە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،بۇ ئايالنىڭ گىپى بىلەنغۇ ئاخىرقى زامان بوپ كەتمەس ،لىكىن ئاڭلىشىمدە قىيامەتكە ئاز قالغاندا قىلغان ئىبادەت قۇبۇل بولماسمىش ،قاملاشمىغان گەپ سۆزلىرىمنى ئاللاھ مەغفىرەت قىلسۇن ،،،،يەنە شۇ ئايالنىڭ گىپى كاللامدا ،،،،،،ھەي كاللا ھەي كاللا ..........بۇ ئنكاسنى يازسام مىنى دۆتكەنسىز پۆتكەنسىز شۇ  گەپكە ئىشىنىو نامىزىڭىزنى تاشلاي دەمسىز دەپ ئويلاپ قالماڭ ،ئاللا  روھىمنى تىنىمدىلا قىلسا ئىبادىتىمنى تاشلاش نىيىتم يوق،،،،،،ئى ئۇلۇغ ئاللا ماڭا ھەم قىرىنداشلىرىمغا ساغلام ئىمان ۋە ئوچۇق زېھىن ئاتا قىلغايسىز ،ئەقلىمدىن ئازدۇرمىغايسىز ..........

بەخىت ئمان ئاستىدا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11721
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5653
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 08:08:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلىف لام مىم. بۇكىتاپ يەنى قۇرئاندا ھېچ شەك يوق، ئۇ تەقۋادارلارغا يىتەكچىدۇر. ئۇلار غەيىپكە ئىشىنىدۇ . نامازنى ئادا قىلىدۇ.ئۇلار بىزبەرگن مال- مۈلۈكتىن خۇدا يولىغا سەرىپ قىلىدۇ. ئۇلار ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتاپقا ئىشىنىدۇ ، ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ.


سۈرە بەقەر 1~7 ئايەت




تىما ئىگىسى سىزگە «ئاللاھ»نىڭ سالىمى ۋە رەھمىتى بولسۇن.

قورقۇنچاقلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتالمايدۇ،
باتۇرلۇق ئۆمۈرنى قىسقار تالمايدۇ.

ئۇمۇتلىك بول بۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28124
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3394
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 2371 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 09:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilgiya يوللىغان ۋاقتى  2012-2-19 07:08 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ،مۇنداقلا سوراپ باقا ...

ۋەلەيكوم ئەسسالام ھەمشىرىم !
مۇبارەك بولسۇن ! ئۇلۇغ ئاللا سىزگە مۇستەكەم ئىمان ئاتا قىلسۇن،
شەيتاننىڭ تۇزىقىقا چۇشۇپ قالماڭ..........

ئايال بولساڭ دىنايەتلىك ياشا

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2159
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 09:13:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلىف،لام ،مىم(1).
بۇكىتاپتا(يەنى قۇرئاندا)
ھېچ شەك يوق،(ئۇ)
تەقۋادارلارغا يىتەكچىدۇر(2)


رۈرە بەقەر؛ 1-2 ئايەتلىرى

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69733
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 10:03:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن !
بىزدىكى ئىللەتلەر راستىنلا ئاز ئەمەس ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئەمما ھەرقانداق ئىنسان ئۆزىمىزدىن باشلىساق ئاڭلىغان كۆرگىنىمىزگە ئەمەل قىلساق نىمىدىگەن ياخشى ھە!
ھازىر جەمىيەتتە پەتىۋا دىسە قۇيىۋىتىمىز ،سوزلەڭ دىسە شەھەر ئالىمىز ،سالاپەتتە بەسلىشىمىز ئەمما ئەمەلدە ئىبادەتتە چۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئاللا ھەممىمىزگە ھىدايەت ئىنساپ ئاتا قىلغاي!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش