koznak يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 07:26 PM
مەن سىزگە ئوخشاش ئادەملەرگە مەڭگۈ ساراڭ .
سىزنىڭ تىلى ...
مېنىڭ تىلىم سىزنىڭ باشتىكى ئىنكاسىڭىزدىكى دەلىل كەلتۈرگەن قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندىن كىيىن يۇمشىدى، ھەم شۇنىڭغا قاراپ سىزنى ئەمدى ساقايغىلى تۇرغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، مەن شۇنداق ئادەممەن، باشقىلار سۆزلىگەن سۆز ھەق بولىدىكەن ئۇنى قوبۇل قىلىمەن، ئەگەر ئۇ سۆز مېنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلۇمغا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن ئەلۋەتتە ئىنكار قىلىمەن. قۇرئان ئايەتلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈلگەن ئىكەن، ئەلۋەتتە سەللەمنا دەل قوبۇل قىلىمەن، لېكىن قۇرئان ئايەتلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئۆز خىيالىدىكى ھىسسى تۇيغۇلارنى قوشۇۋىلىپ غەيپتىن سۆزلەپ ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بىلەن بىر ئورۇندا قويىۋالىدىكەن ،ۋە ئۇ سۆزلەر قۇرئان ۋە ھەدىستىكى باشقا مەنالار بىلەن توقۇنىشىدىكەن ئەلۋەتتە ،ئۇنداق كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىمەن.
سىزگە تەكلىپىم سۆزلىرىڭىزنى يازغاندا جۈملىلەرنىڭ باغلىنىشى، ئۇيغۇر تىلىىدىكى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ،تەڭداش جۈملە، ئاددى جۈملە، مۇرەككەپ جۈملىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت، ئالدىنقى ئابزاس بىلەن كىيىنكى ئابزاس ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش قاتارلىقلارغا دېققەت قىلىپ يازغان بولسىڭىز، بەلكىم سۆزلىرىڭىزنى چۈشىنەلىشىممۇ مۇمكىن ئوخشايدۇ، پىكىر قىلغاندا خېلى چۇڭقۇر پىكىر قىلىدىكەنسىز، لېكىن بەزىدە رىلىستىن چىقىپ كېتىپ قالىدىكەن. سۆزلىرىڭىزنىڭ تەپەككۇر ئىزچىللىقى كەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەمگە چۈشۈنۈكسىز ۋە بىر تۇتام مەجھۇل ئۇقۇملارنى ئوقۇغاندەك ،كىيىنكى جۈملىڭىز باشىتىكى جۈملىڭىزنى ئىنكار قىلغاندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن.