ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،ئىسلام ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئويلاپ بۇ ساھەگە قول تىققانلىقىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندىم،شۇڭا مەنمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئىسلام نوقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشنىن لايىق تاپتىم
سوئال: نېمە ئۇچۇن قىز-خانىملار چېچىنى يۆگەيدۇ؟ چاچنى يۆگەشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئەگەر ئاياللار چېچىنى يۆگىمىسىچۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاپ: بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا بولسۇن.
ئاياللارنىڭ چېچىنى يۆگىشى ئاللاھنىڭ ئەمرى بولۇپ، ئاللاھنىڭ سۆزىگە خىلاپلىق ۋە ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلىش، مۇسلىمە ئاياللار ئۇچۇن دۇرۇس بولمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئاياللارغا ھىجابنى پەرز قىلىشى ناھايىتى كاتتا بىر ھېكمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ئىپپىتى ۋە شان-شەرىپىنى ئىنسانىي بۆرىلەرنىڭ مەززىلىك بىر لوقما غىزاسىغا ئايلىنىپ قىلىشىدىن مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈندۇر.
بۇ ئىلاھى ھېكمەت ئوچۇق يۈرگەن ئاياللاردا يوق بولۇپ، ئۇلار شەيتانى بۆرىلەرنى ئۆز ئاغزى بىلەن خالىغانچە ئۆزىدىن بەھرىلىنىشكە چاقىرغانلىق بولىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزلىرى بۇنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ: «بۇنداق قىلغاندا (يەنى ھىجابلانغاندا) ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 59-ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنىڭ بىر قىسمى].
ئەگەر قىز-خانىملار ھىجابلانسا پاسىق-پاجىرلار ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوۋ نىشانى ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ئۇلارنى بولسا ئاللاھ ئۆز ھىمايىسىگە ئالىدۇ ۋە ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ.
ھىجابسىز ۋە يىرىم-يالىڭاچ يۈرگەن ئاياللار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن ناھايىتى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىشى كېرەك.
بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئادەم بار، بىرى: قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشىلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر، يەنە بىرى: كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللار (يەنى كىيىمنىڭ ئاستىدىن بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلار)، يول يۈرگەندە باشقىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن نورمالسىز ماڭىدىغان (يەنى ئىپپەت ۋە ھايانى لازىم تۇتمايدىغانلار)، چاچلىرىنى چوققىسىغا تۆگىنىڭ لوككىسىدەك قىلىپ تۈگۈۋالغانلاردىن ئىبارەت ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ. ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقى شۇنچىلىك-شۇنچىلىك يىراق جايلاردىن ھېدلىنىغان تۇرۇقلۇق ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2128-نومۇرلۇق ھەدىس].
مۇسلىمە قىز-خانىملار بارلىق ئىشلىرىدا شەرىئەتنىڭ ھۆكمىگە ئۇيغۇن ياشىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئاياللار ئۇستىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتلەردە ئۆزى ۋە ئائىلىسى، جەمئىيىتى قاتارلىقلارغا ياخشىلىق ۋە بەخت-سائادەت بارلىقىنى بىلىشى كېرەك.
شۇنىسى ئېنىقكى ئاياللارنىڭ چېچىنى ئوچۇق قويۇشى، ئەرلەر ئۇچۇن پىتنە بولۇپ، بەزى قارا نىيەت تاماخورلارنىڭ چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسلام بولسا پىتنە-پاسات، تاجاۋۇزچىلىق ۋە شەيتانى شەھۋەتلەرنىڭ تەسىرىدىن خالى پاك-پاكىز جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خالايدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن قىز-خانىملارنىڭ چاچلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرۇشى، پىتنىگە سەۋەپ بولۇپ، يامان غەرەزلىكلەر ئۇچۇن يول ئىچىپ بېرىدۇ.
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىمىزكى؛ ئىسلام بولسا ئاللاھقا تولۇق بويسۇنۇش بولۇپ، مۆمىن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بىلمىسىمۇ، ھەمدە ئەقلى قانائەت ھاسىل قىلمىسىمۇ ئىجرا قىلىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، بويسۇنۇش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىنى ھەرقانداق شەخسى مەنپەئەتنىڭ ئۇستىگە قويۇش كېرەك. ئىبادەت ئىتائەت ۋە بويسۇنۇش ئۇستىگە قۇرۇلغاندۇر.
يۇقارقى ھەدىس شەرىفتە تىلغا ئېلىنغان " كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللار (يەنى كىيىمنىڭ ئاستىدىن بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلار)"
بۇ بىر ئېغىز گەپ كىيىمنىڭ بەكلا تار،بەدەنگە يېپىشىپ تۇرۇپ بەدەن شەكلىنى(بەدەننىڭ ئىگىز-پەس ئورۇنلىرىنى) نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان،ياكى بەكلا نىپىزلىكىگە قارىتىلغان،شۇڭا كىيىمنىڭ كەڭ-تارلىقىغا ئازراق دىققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالادىن ھەقىقەتنى ھەق كۆرسىتىپ بېرىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشىمىزنى، باتىلنى باتىل كۆرسىتىپ بېرىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى تارتىشىمىزنى نېسىپ قىلىشىنى تىلەيمىز.
ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.
بۇ بىر ئېغىز گەپ كىيىمنىڭ بەكلا تار،بەدەنگە يېپىشىپ تۇرۇپ بەدەن شەكلىنى(بەدەننىڭ ئىگىز-پەس ئورۇنلىرىنى) نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان،ياكى بەكلا نىپىزلىكىگە قارىتىلغان