fatima يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 03:29 PM
ناھايىتى توغرا دەيسىز...ئىسلامى يول تۇتقان ئادەم دېگە ...
ماڭا شۇنداق ئىشلار بەك چېلىقىپ قالىدۇ ھەم نىرۋامنى ئۆلىتىدۇ ، ھاممامنىڭ بىر خوشنىسى شۇنداق بىر نىمە ھاجىم دەيدىغان ئايال ، ھاممام بىر نەچچە قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە تويدا ئېلىپ كەلگەن ، مۇشۇنداق كىيىملەرنى كىيىپ ھازېرقى ياش باللار تاقايدىغان قارا كۆزئەينەكنى تاقاپ يۈرۈيدۇ ، مەن تېخى بۇ ئايالنىڭ كۆزىدە بىرەر ئەيىۋى بولسا شۇنداق قىلغان ئوخشايدۇ دىسەم ئارلىشىدىغانلار ھالى ئۈستۈنلۈك قىلىپ تاقىۋالىدۇ دەيدۇ ، مىڭ توۋا دىدىم . دادامغۇ شۇنداقلارنى تىرىك تۇرۇپ كىپەنگە كىرىۋېلىپ غەيۋەت قىلىدىغان ئاخىرەتنىڭ قاۋاندىللىرى دەپلا ئەدىۋىنى بىرىدۇ . شۇنڭغا قاراپ نۇرغۇن كىشىلەر تاشقى جەھەتتە ئىسىل كىيىنىۋېلىپ يۈرگگن بىلەن ئىسلامنى بىلمەيدىكەن دەپ خۇلاسە چىقىرىمەن .