tumurkala يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 02:35 AM
سىز ئۇلاردىن كۆچلۈك مىللەت دەپسىز،قارىغاندا سىز بىزد ...
قالتىس! قالتىس!
3 ئاينىڭ ئالدىدا ‹‹ 2012 - يىلى قىيامەت قايىم بولامدۇ›› دىگەن تېمىدا قەشقەردىن بىرسى ئۆزىنى مەن ئەيسا پەيغەمبەر دەپ جاكارلىغان. مانا بۇگۈن ئۆزىڭىزنى پەيغەمبەر چاغلاپ قالغان ئوخشىمامسىز، باشقىلارنىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بېرىدىغان.
راست مەندەك كىشىگە دىنىي جەھەتتىن سۆز ئېچىش سالاھىيىتىڭىز يوق. چۈنكى سىزدەك مۇسۇلمان سىياقىغا كىرىۋالغان ئادىمىي شەيتانلارنىڭ دىننىي توغرا چۈشەندۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس .
ماڭا پەقەت ئالدىمدىكى ‹‹قۇرئان كەرىم››لا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. (ئۇيغۇرلار باشقىلاردىن ئۈگەنمىسىمۇ چىقىش يولىنى تاپالايدۇ ) دەپسىز، ئەلۋەتتە تاپالايدۇ. ئەمما سىزدەك ساختا موللاملارنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئەمەس بەلكى ‹‹ قۇرئان كەرىم›› يولى، ئىلم - پەن ئۈگىنىش، ئىزدىنىش ئارقىلىقلا چىقىش يولىنى تاپالايدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ 2000 يىلدىن بۇيان سەرسانلىقتا يۈرۈپ بۈگۈنكىدەك زورىيىشى دەل ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىكى، ئىزدىنىش روھىدىن كەلگەن. بۇ يەردە ھېچقاچان يەھۇدىيلارنىڭ دىنسىزلىقىنى ئۈگىنىلى دىگەن گەپ يوق .
ئاخىرقى سۆز : سىزدەك ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى، تارىخنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، ‹‹ قۇرئان كەرىم›› توغرا يول ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئادەمگە گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق . ئۆز يۇلىڭىزدا ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ شانلىق تارىخىنى كۈشەپ ياشاۋېرىڭ. بەلكىم ناھايىتى گۈزەل كۈنلەر سىزنى كۈتۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sirlik+ot تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-6 02:04 PM