|
|
|
|
كىيىم كىچەك سودىسى توغرىسىدا ياردەم سورايمەن ئەسسالام ،تورداشلار
مەن ئىچكىرىدىكى ئۆزۈم تۇرۇشلۇق بىر زاۋۇتتىكى مەلۇم بىر كىيىم كىچەك زاۋۇتى بىلەن كۆرۈشۈپ ، شىنجاڭغا كالتە يەڭ مايكا كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان ، ئەمما يۇرتىمىزدا بۇنداق مايكىلارنىڭ باھاسى قانچە پۇلدىن سېتىلدۇ ، دۇكاندارلار قانچە پۇلدىن توپ كىرگۈزىدۇ بۇنىسى ماڭا تازا ئېنىق ئەمەس ، شۇڭا تورداشلارنىڭ ئۆز جايدىكى باھا ئەھۋالىنى تەمىنلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، ھازىر مەن بۇ مايكىلارنى 20كويدىن كىرگۈزسەم ماڭا ھەربىر مايكىدىن بىركويدىن ئارتۇقراق پايدا قالىدىكەن ، مايكىلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى ، ئۆزۈم كىيىپ سىناپ باقتىم ، ئەلۋەتتە باشقا زاۋۇتلاردا بۇنىڭدىن ئەرزانلىرىمۇ كۆپكەن ، لىكىن رەختىنىڭ سۈپىتى ماڭا يارىمىدى ، تۆۋەندە زاۋۇتنىڭ كومپىيوتېرىدىن چۈشۈرۋالغان بىر قانچە رەسىمنى تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇناي ، تورداشلار قاراپ بېقىپ ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى شەھەر ناھىيلىرىدە مۇشۇنداقراق مايكىلار قانچە پۇلدىن سېتىلىدۇ دەپ بەرگەن بولساڭلار، كىيىم كىچەك تىجارىتى قىلىدىغان دوسلار بولسا توپ كىرگۈزۈش باھاسىنى دەپ بەرسەڭلار تېخى ياخشى ، بۇ مايكىلارنىڭ ھەممىسى ھازىر ياشلار ياختۇرۇپ كىيىدىغان ئارامبەخىش مايكىلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-18 04:16 AM
|
|
|
|
|
|