foormat يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 11:01 PM
رەھمەت قېرىندىشىم ، مەن تېخى بۇ ئىشنى يېڭىدىن باشلىما ...
تەييارلىق بەك پۇختا بولمىسىمۇ مۇۋاپىق بولسا يېتەرلىك ، ئىككىلىنىپ قالماڭ ! بەزى ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق مۇرەككەپ بولماسلىقى مۇمكىن . تەۋەككۇل دەرياسىغا
كېمىڭىزنى سالسىڭىز ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بېرىدۇ . مېھرىبان ئاللاھ ھېچقاچان
بەندىللىرىنىڭ تېرىشچانلىقىنى يەردە قويغان ئەمەس .
باھا مەسلىسىگە كەلسەك : ھەر يەرنىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتى ، دۇكان ئورننىڭ
جايلاشقان ئورنىغا قاراش كېرەك . شۇ كىيىملەرنى شەھەرنىڭ داڭلىق كىيىملەر ساتدىغان پۈكەيلىرىدە ئاز دېگەندىمۇ نەچچە يۈز يۈەن باھادا ساتىدۇ .
ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام : تۇنجى سودىغا كىرىشكەندە ئەرزان باھالىق ئاياللار سومكىسىنى ئۈرۈمچى بازىرىدا
بىرنىمۇ ساتالماي كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ ئۆزۈمنى سودىغا ماس كەلمەيدىغاندەك
ھىس قىلغان ئىدىم . ئەمما تۇرپانغا ئاپرىپ كۈندە نەچچە يۇزنى ساتقان ئىدىم .
سىزگە يېتەرلىك مەسلىھەت بېرەلمىگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن .
قېنى بۇ تەكلىۋىمنى ئويلىشىپ بېقىڭ ! ئەرلەرگە قارىغاندا ، ئاياللار كىيىمگە
ئامراق ، ياسنىشقا ئامراق . ئاياللىرىنىڭ كىيىملىرىنى تۇتۇپ باقامسىز يا ؟
سورايدىغان قانداق گەپلىرىڭىز بولسا سوراۋېرىڭ ! قۇلۇم كۆكسۈمدە...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-19 12:47 AM