شۇ چاغدىكى ئادەملەرنىڭ يەنى ھېلىقى قىزىل قوغدىغۇچى دىگەن ساراڭلارنىڭ بېشىغا راستىنلا سۇ ئەمەس، يۇندا كىرىپ كەتكەن بولغىيدىمىكىن دەيمەن، بىر نۇرمال ئادەم قىلمايدۇ ئۇ خەقلەرنىڭ قىلىقىنى، پۈتۈن جۇڭگۇدىكى كۆپ ساندىكى ئادەمنى ساراڭ قىلىۋەتكەن زادى نىمىدۇ ھە!
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ھەققىدە رومان ھېكايە ئوقۇسام شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، بىكارلا ئاچچىق يۈتىۋالمەن دىسە!
شۇڭا خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن، ئەينى ۋاقىتتا قىزىل قوغدىغۇچى بولۇپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالماي، كىيىن بىر ئۆرۈلۈپلا پارتىيە تەرەپكە ئۆتۈۋىلىپ، تېخى ھوقۇق تۇتۇپ ئارامغا چىققان بىر قانچە ئادەمنى بىلگەندىن كىيىن، يېنىمغا ئىش بىجىرىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ كەلگەندە، شۇنداق قوپال مۇئامىلە بىلەن يولغا سېلىپ قويغان ئىدىم. ھازىرمۇ بىرى بار، 49- يىلدىن بۇرۇن خىزمەتكە قاتناشقان دەپ دەم ئېلىشقا چىققان كادىر 离休 دەپ تاس قالىدۇ ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئورنىغا دورا يىگىلى ھەممىسى بىكارلىق بولغاندىكىن، ....بولدىلا ئىچىمنى ئاچچىق قىلماييا!