tumurkala يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 03:07 PM
مەسىلە دىن ياكى مىللەت نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا شۇ ...
«ئۇيغۇرلار ناھايىتى رەزىل»؟!!!!!!؟!!!!!!!
مۇشۇ سۆزنى قىلىشتىن ئاۋۋال مەدەنىيەت ئىنقلابىدا ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس ،خەنزۇ ،قازاق،ئۆزبەك بولامدۇ شۇ دەۋر كۈلپىتىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىللەتتە بۇنداق ھالەتنىڭ بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسسز!!!!ئىشنىمەن شۇ دەۋەر تۈزۈلمىسىگە،« كاللا يۇيۇش» ھەرىكىتىگە ئۇيغۇر ئەمەس باشقا ئەرەب ،پارسلارنى قاتناشتۇرسىمۇ شۇنداق «رەزىللىشىپ »كېتىدۇ !!!.....
ئېتىقادنىڭ سۇس بولىشنى مىللىي ئاڭنىڭ كۈچلۇك بولىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ دېيش پۈتۈنلەي بىتەرەپلىمىلىك !!!! ،مىللىي كىملىك بىلەن دىنى كىملىك ئىككسى ئىككى ئۇقۇم ،بۇ ئىككى ئۇقۇم لوگىگىدا ئۆز ئارا يېرىم كېسسش مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ ،يەنى بىر دىنىدىكلەرنىڭ ھەممىسى بىر مىللەت ئەمەس يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر مىللەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر دىندا ئەمەس ،بۇ نوقۇل ئۇيغۇردىلا ئەمەس دۇنيا بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھادىسە !!!! مىللەت ئۇقۇمىنىڭ ئېنقلىمىسى شۇكى ئۇ مەلۇم تېرىتورىيە، ئۆرپ -ئادەت ، تىل -يېزىق ۋە گېن -قانداشلىق مۇناسىۋىتى بويىچە شەكىللەنگەن كىشىلەر توپىدىن ئىبارەت ، ئۇنى ئوبىكىتپ جەھەتتىن كۆزىتىپ پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ ،دىن كاتوگىرىيسى بويىچە ئېيتقاندا مەلۇم ئېدولۇگىيە بىرلىكى بويىچە بىرلەشكەن نۇرغۇن مىللەت ۋە ئېرىق توپىدىن ئىبارەت ،"دىن "ۋە" مىللەت " بۇ ئىككى ئۇقۇم ئېنىقلىمىسى ۋە ئۆز ئىچىگە ئېلىش دائىرىسى ئوخشىمايدىغان ،بىر بىرىگە چېتىشتا تۈرلۈك ئامىللارنى تەڭ ئويلىششىنى شەرت قىلىدىغان دائىرە لېكىن ئىككىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىر بىرىنى ئىنكار قىلىشنى شەرت قىلمايدۇ!! ......
ئۇيغۇر تارىخىدا مىللىي كىملىك ئۈچۈن كۈرەشكەنلەر سان ساناقىسز !!!بۇلارنىڭ يىراقى ئەلىشر نەۋائى ،يېقىنىقىسى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ،«مىللەتچى»دېگەنبۇ كەمستىش خاراكتىرىنى ئالغان نامنىڭ تارىخىنى سۆزلىسەك يەنە دەل شۇ " قىزىللاشقان" دەۋرلەردىكى ماۋزېدۇنىڭ يوليۇرۇقى «چوڭ خەنزۇچلىققا قارشى تۇرۇش»شامىلى بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش »بورىنى دەۋرلىردىن كېلىپ چىققان ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hazniqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-21 03:36 PM