ئومىقىم يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 10:18 PM
مۇشۇ تاماق لەغمەنمۇ؟ لەغمەن دىگەن قانداق تاماق؟ بەزىل ...
سىز ھازىر قەيەردە تۇرۇپ بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىسىز ؟
ئەجىبا سىز قىستۇرما قىلىپ ئەۋەتكەن رەڭلىك لەغمەننى باشقىلار يەپ باقمىغانمىدۇ ؟ ئەجىبا ئۇنىڭ لەغمەننى باشقىلار بىلمەمدىغاندۇ ؟
بىز ھەممىمىز لەغمەننى يەپ باققان كىشىلەر ، سىز ئۇ رەسىمنى ئەۋەتىپ سېلىشتۇرما قىلمىسىڭىزمۇ بىلىمىز .
مەن نىمە ئۈچۈن رەڭلىك لەغمەن يوللىماي ئاشۇ سىز دىگەندەك بىر قارىسا چۆپكە ، بىر قارىسا سۈيۇقئاشقا ئوخشايدىغان ئاپ.ئاق لەغمەننى ئەۋەتتىم ؟
بەلىكىم سىزگە لەغمەن بىلىنمەسلىكىدىكى سەۋەپ قاچىدىكى تاماق ئەمەس بەلكى تاماق ئەتكۈچىنىڭ كىيىنىشى تاماق ئەتكەن شارائىت بولغان بولىشى مومكىن .
ساپ سەھرا لەغمىنى دىيىشىمىدىكى سەۋەپ ، 1 - خىمىرغا سۇ بىلەن تۇزدىن باشقا ھىچقانداق تەركىپ قوشۇلمايدۇ ، ھەتتا مايمۇ قېتىلمايدۇ ، خىمىرغا ئۇن چېچىپ تۇرۇپ ئاش تاشلايدۇ .
2 - سېيىگە باش چامغۇر بىلەن تۇخۇمدىن باشقىنى سالمايدۇ ، شۇڭا رەڭگىمۇ شۇنداق ئاپئاق چىقىدۇ .
چوقۇم كۆرۈڭ دىيىشىمدىكى سەۋەپ : رىئاللىقتا سىز دىگەندەك( ئىسىل ) لەغمەننى يىيىشكە قادىر بولالمايدىغان ياكى يىسىمۇ ئەنە شۇنداق ناچار شارائىتتا تۇرۇپ يەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش .