ئۇن سىپىشنى پوخۇنلاش دەيمىز خوتەن تەرەپتە.
ماي يۇقۇتماي لەغمەن ئەتمەيدىغاندۇ يەكەندە؟
مىنىڭچە سىنىڭ دىگىنىڭ بويىچە لەغمەن ئەتسە، بۇ لەغمەن ئىتىشنىڭ ئۇسۇلى بولالماسلىقى مۇمكىن.
ــــــــــــــــــــــ
شۇنداقتىمۇ ئۇخشاشلا لەغمەن بولىدۇ.
مىنى قىزىقتۇرۇدىغىنى بۇ تاماقنىڭ قەدىمقى نامى نىمە بولغىيدى؟.ئەجداتلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا بۇ تاماقنى كەشىپ قىلىپ ئىستىمال قىلغانلىغى ھەققىدە ئارخىلوگىيىلىك بايقاشلار بار ئىكەن.شۇ ۋاقىتلاردا نىمە دەپ ئاتىغان بولغىيدى،«سۇزما»دىگەندەك بىر ئىسىم قۇيغان بۇلغىيمىدى؟.
شۇ ئارخىلوگىيىلىك بايقاش پۇت تىرەپ تۇرالىسا لەغمەننى خۇيزۇلار كەشىپ قىلغان دىگەن گەپ ئۇڭايلا رەت قىلىنىدۇ.چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا تىخى خۇيزۇلار شەكىللەنمىگەن!.
ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ تارىخى
بۇغداي جۇڭگۇغا قاچان كىرگەن؟
小麦是什么时候引进到中国的
我国栽培小麦,从考古学提供的材料来看,大约有四千年以上的历史。60年代初,新疆天山东部的巴里坤县石子乡土墩遗址(属新疆新石器时代三种文化类型之一的 “含彩陶类型”)里曾发现过已经碳化的小麦粒(1)。1979年,塔里木盆地东端的罗布泊西北约70公里的孔雀河下游北岸,一个原始社会的墓葬的随葬草篓内又发现了保存完好的小麦粒(2
بۇغداي ئۇنىدا ئىتىلىدىغان لەغمەننىڭ تارىخى ئەلۋەتتە بۇ دىياردا بۇغداي پەيدا بولغاندىن كىيىنكى ۋاقىتلارغا توغرا كىلىدۇ.قارىغاندا شىنجاڭدا بۇغداينىڭ دۆلىتىمىزدىكى باشقا جايلارغا نىسبەتەن ئىلگىرى پەيدا بولغانلىغىنىڭ ماددى ئىسپاتى تۇلۇق ئىكەن.
بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە لەغمەن سۇزۇش ياكى كىسىش تىخنىكىسىنىڭ شىنجاڭدا قاچان پەيدا بولغانلىغىنى ئېنىقلىۋىلىشتىن ئىبارەت.مەن كۆرگەن(باياتىن ئىزدەپ تاپالمىدىم)ئارخىلوگىيە خەۋىرىدە بايان قىلىنغان لەغمەن باشقا بىر زىرائەت ئۇنىدا ئىتىلگەن ئىكەن.بۇلارغا قارىغاندا "لەغمەن»ئەجداتلىرىمىز ناھايتى قەدىمقى زامانلاردىن باشلاپلا ئىستىمال قىلغان ۋە ھازىرلاش تىخنىكىسىنى ياراتقان تائام تۈرلىرىنىڭ بىرى.بۇ تېمىدا تۇنۇشتۇرۇلغان «سەھرا لەغمىنى» بۇلسا"لەغمەن ئائىلىسى»دىكى لەغمەنلەرنىڭ بىر تۈرى.قۇرۇما تۆرلىرنىڭ ھەرخىل بۇلۇشى "لەغمەن»نى تائاملار دۇنياسىدائۇرۇق-جەمەتى كۆپ ،رەڭدار بىر ئىمپىرىيەگە ئايلاندۇرغان.مۇقىملىق ،ئىتىپاقلىق ،باراۋەرلىك تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۆنكى كۆندەياسانچۆق،داغۋاز شەھەر لەغمەنلىرىنىڭ ؛نازىنىن،ئەۋرىشىم،مىشچان لەغمەنلەنلەرنىڭ ئاقكۆڭۆل،ساددا ۋەئۇپا-ئەڭلىكنى ئانچە قۇغلۇشۇپ كەتمەيدىغان سەھرا لەغمەنلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىغى دۇرۇس ئەمەس. سەۋەپ ئۇلارنىڭ كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان يەرلىرى ئۇخشاش .ئۇلار مۇشۇ تەكەببۇرلۇقلىرى سەۋەبىدىن ئۇتتۇز ئىككى تېغلىق جادۇغا بۇرۇن بىسىلىپ كىتىدىغانلىغىنى ئۇيلىمامدىغاندۇ؟.ھەممىسى بىر قىرىنداش تۇرۇپ شۇنداقمۇ قىلغان بارمۇ؟.ھەممىسىنىڭ ئۇرتاق بىر ئالاھىدىلىگى ـــــــــــ سۇزۇلىدۇ ياكى ئۇزۇن چۆپ قىلىپ كىسىلىدۇ. مانا بۇ لەغمەن.مانا بۇ مىنىڭ نەزىرىمدىكى لەغمەننىڭ تەبىرى ۋە ھىكايىسى.
لەغمەن يىگىڭلار كىلىۋاتامدۇ،دۇسىتلار؟!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-24 01:51 AM