بۇنىڭغا ئوخشاش خەۋەرلەر كۆپ.
مەسىلەن، بۇرۇن ئامېركا ئاي شارىغا چىقماي تۇرۇپمۇ، ئاي شارىغا چىققانلىقنى دۇنيا ئەھلىگە تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن ساختا رەسىم چىقىرىپ، كېيىن ئاشكارلىنىپ قالغان. بۇ ساختا خەۋەرنىڭ تەپسىلاتى: ئامېركا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاش شارىدا تۇرغانلىق ھالىتى بىلەن ئامېركا بايرىقىنى ئاي شارىغا قويغانلىقى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ رەسىمدىن ھېچكىم گۇمان قىلمىغان، كېيىن دۇنيادىكى ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتچىلىرى بۇ رەسىمنىڭ ساختا رەسىم ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئاسانلە بايقىغان، رەسىمنىڭ ساخىلىقىنى ئاشكارىلىغان سەۋەپ نەدە: سەۋەپ: بايراقنىڭ لەپىلدەپ تۇرغان ھالىتى. ئەمەلىيەتتە ئاي شارىدا ھاۋا يوق، دېمەك شامال پەيدا بولمايدۇ دېگەنلىك، شامالسىز مۇھىتتتا بايراق قانداق لەپىلدىسۇن.
يەنە بىر ساختا خەۋەر: ئامېركا ئالەم ئۇچقۇچىسى بىر قېتىملىق ئالەم سەپىردە «جۇڭگودىكى سەددىچىن سېپىلىنى كۆردۈم» دېگەن، شۇ سەۋەپتىن بۇرۇن دەرسلىك كىتاپتا مۇشۇنداق بىر مەزمۇن كىرگۈزگەن، بىراق دۆلىتىمىز ئالەم ئۇچقۇچىسى ياڭ لىۋېي ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندا سەددىچىن سېپىلىنى كۆرمىگەنلىكىنى دەلىللىگەن، شۇنىڭدىن كېيىن دەسلەپكى خەۋەر ئۈستىدا قايتا مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ساختا خەۋەر ئىكەنلىكى بايقالغان. سەددىچىن سېپىلى ھەقىقەتەن ئاي شارىدا تۇرۇپ كورەلىگۈدەك غايەت زور قۇرۇلۇش ئەمەس. ئەگەر سەددىچىن سېپىلىنى ئاي شارىدا تۇرۇپ كۆرەلىدى دىيىلسە ئادەتتا رېلىستا كېتىپ بارغان پويىزنىمۇ كۆرۈش مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-28 07:25 PM